- تىزىملاتقان
- 2011-1-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1936
- نادىر
- 0
- يازما
- 58
ئۆسۈش
  93.6%
|
دوستلار، مۇشۇ دىيارىمىز قۇمۇلدا بىر نەچچە جايدا ئېلىكرونلۇق ئويۇنچۇقخانا بارلىقىنى كۆردۈم، ئېلگىرى 动漫城 دېسە نېمە قىلىدىغان جايكىن دەپتىمەن، ئەسلىدە ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇقخانا ئىكەن، مەن ئىككى جايدىكى ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇقخانىغا كىرىپ باقتىم، ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇقخانىلار ئەسلىدە كۆڭۈل ئېچىش سورىنى ئىدى، لېكىن مەن بۇنداق بىر خىل ئەھۋاللارنىمۇ كۆردۈم، بۇ ئويۇنچۇقخانىلار شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارخانىغا ئايلىنىپ قالاي دەپتۇ، نۇرغۇن ياشلىرىمىز مۇشۇنىڭغا خۇمار بولۇپ، ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپتۇ، ھەتتا يىغقان بارلىق پۇللىرىنى ئۇتتۇرۋەتكەنلەرمۇ بار ئىكەن، مەن بۇ جايدا ئۆزۈمدىن كىچىك بىر نەچچە تونوشۇمغىمۇ ئۇچراپ قالدىم، ئۇلاردىن بىرى يېنىمغۇ كېلىپ، پۇللىرىنى ئوتتۇرۋەتكەنلىكىنى، مېنىڭ ئازراق پۇل ئارىيەت بېرىپ تۇرۇشۇمنى سورىدى، مەن شۇ جايدىلا ئۇلارغا قاتتىق تەربىيە قىلدىم، لېكىن ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ئىلىك ئالىدىغاندەك قىلمايتتى.
ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئەتراپىمىزدا مۇشۇنداق ئويۇنغا خۇمار بولۇپ قالغان دوستلىرىمىز، ئاكا-ئىنىلىرىمىز بولسا تەربىيە قىلىپ قويايلى، ئۇلار ياشلىق باھارىنى ھەرگىز بۇ ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن خورىتۋەتمىسۇن!
مۇشۇنداق ئىشلارنى باشقۇرىدىغان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان دوستلىىرىمىز بولسا بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|