- تىزىملاتقان
- 2011-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-25
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 22583
- نادىر
- 0
- يازما
- 958
  
ئۆسۈش
  100%
|
ئىچكىردىكى شەھەرلەردىمۇ بار بۇنداق ئويۇنچۇقخانىلار تېخى خېلى كۆلەملەشكەن ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىردىكى ئويۇنچۇقلار كۆپ ، مەسىلەن ئۇسول ئويناش ماشىنىسى ، مۇزىكا چېلىش ماشىنىسى دىگەندەك . ئۇلارنىڭ قىمار ماشىنىلىرى يوشۇرۇن جايغا قويۇلىدۇ . ئۈلۈشكۈن سىڭلىم بىلەن بازار ئايلىنىپ سىڭلىمنىڭ شۇيەرگە كىرىپ ئوينۇغۇسى كەلدى كىرمە دىيەيدىسەم ئۇنىڭ مېنى خاتا چۈشۈنۈپ ئورۇنسىز خاپا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ مەيلى بىللە كىرىپ كۆرسۈتۈپ قوياي ئۇيەرنىڭ قانداق يەر ئىكەنلىكىنى بىلگەندى كېيىن كىرمە دىسەممۇ ئاندىن ئۆزى چۈشۈنەر دەپ بىللە ئېلىپ كىردىم . ئاقىۋەت 20تەڭگىنى ئاران تۈگۈتۈپ ئۆزىلا بۇ نەدىمۇ ئويۇنچۇقخانە بولسۇن قىمارخانىنىڭ ئۆزىكەنغۇ دەپ يېنپ چىقتى.
دەر ھەقىقەت ئۇيەردىكى ماشىنا ئويۇنى قاتارلىق ئويۇنلانىڭ ھەممىسى ئۆچۈك ، قىمار ماشىنىلىرى بولسا ھەممىسى ئىشلەۋاتاتتى ، تېخى بىرقانچە قىز ئىزا تارتماي ئوغۇللارنىڭ ئىتىكىدە ئولتۇرۇپ ئويناشلىرىچۇ تېخى !
مەن يەنە بىر ئەھۋالغىمۇ ئۇچۇرىدىم ، بىر نەچچە ئاتا -ئانىمۇ ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئېلىپ ئۇيەرگە ئويناتقىلى ئېلىپ كىرىپتۇ ، ھېلىقى كىچىك بالىلارمۇ ئۆزىگە ماس كىلىدىغان ئويۇنلارنى تاپالماي مەيۈس ھالدا چىقىپ كەتتى . مېنىڭچە كىچىك بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ نازارىتى ، ھەم يىتەكلىشى ئاستىدا ئۇنداق جايلاردىكى ساغلام ئويۇن تۈرلىىرىنى ئوينۇشى ياخشى ئەھۋال بىراق ئاشۇ ئاتا - ئانىلار ئۆز پەرزەنتتىگە تەربىيەقىلىشنى ھەرۋاقىت بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن. |
|