- تىزىملاتقان
- 2016-7-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 443
- نادىر
- 0
- يازما
- 28
ئۆسۈش
71.5%
|
ئەسسالام ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار، كەمىنە تور دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق مۇنبەر باغداش ئارقىلىق، ئۆزۈمنىڭ كىچىككىنە تەكلىپىنى ئەيخۇا مەكتىپىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىغا سۇنماقچىمەن، ئەگەر باغداشداشلىقلاردىن ئەيخۇا مەكتىپى مەسئۇللىرىنى تونۇيدىغانلار بولسا مالال كۆرمەي مەكتەپ مەسئۇللىرىنى بۇ تەكلىپتىن ۋاقىپلاندۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەقسەتكە كەلسەك، ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئەيخۇا مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئەيخۇا مەكتىپى دەپ ئېلىنىدۇ)ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان مەخسۇس ئالىي مەكتەپكە قايتا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەيدىغان مەكتەپلەر ئىچىدە سۈپەت، سان، سىتاژ جەھەتتىن ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەرنىڭ بىرى. شۇ ۋەجىدىن ھەر يىلى ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن قايتا ئوقۇشنى تاللىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىسى ئەيخۇا مەكتىپى قاتارلىق بىرنەچچە مەكتەپنى ئالدىن ئويلىشىدۇ.
شۇلارنىڭ قاتارىدا بۇيىل مېنىڭ بىر جىيەنىممۇ ئەيخۇا مەكتىپىگە قايتا ئوقۇشقا كەلگەنىدى. ھالبۇكى نەچچە ھەپتە بۇرۇن جىيەنىمنى يوقلاپ ياتىقىغا بېرىپ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە ئەھۋالنى بىلدىم. (ئەسلى نەچچە ھەپتە بۇرۇنلا بۇ ئەھۋاللارنى تور يۈزىدە مەكتەپ مەسئۇللىرىغا يەتكۈزەي دېگەنىدىم، ئەمما ئۇچاغدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق رايونى تېخى يۇقىرىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغاچقا، مەكتەپكە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، ھەم سەل ساقلاپ باقسام ياخشىلىنىپ قالا دېگەن ئۈمىدتە تەخىر قىلغانىدىم)
بىرىنچى ياتاق پەقەتلا ئىسسىمايۋېتىپتۇ، ئاساسلىق سەۋەب پارنىڭ ياخشى ئىسسىماسلىقىدىنكەن.
ئىككىنچى، ياتاق رايونىدا قايناقسۇ ئېغىر دەرىجىدە قىس ئىكەن. سەۋەبى ئۈچ قەۋەتلىك ئوغۇللار ياتاق رايونىدا پەقەت ۋە پەقەت بىر تاللا سۇ قايناتقۇچ بار بولۇپ، ھەر قېتىمدا پەقەت يېرىم چايدانلا سۇ قايناتقىلى بولىدىكەن. ھالبۇكى ئۈچ قەۋەتنىڭ ھەربىرىدە 15 ياتاق بار دەپ ھېسابلىغاندا، جەمئىي 45 ياتاق، بۇنىڭغا ھەر ياتاقتىكى ئون ئادەمنى كۆپەيتكەندە 450 نەپەر ئوقۇغۇچى شۇ بىرلا سۇ قايناتقۇچقا قاراشلىق ئىكەن. شۇ ۋەجىدىن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەندە چايمۇ ئىچەلمەي، ئوقۇشقا چىقىدىكەن، ئىچەلىگەنلىرىمۇ يېرىم كېچىدە بىر ئويغىنىپ ئۆچرەت يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قىممەتلىك يېرىم چايدان قايناقسۇنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن يەنە ئۇخلاپ، ئەتىگەندە شۇ قايناقسۇ بىلەن ناشتا قىلىدىكەن. كىر قات ۋە باشقىلارغا قايناقسۇ ئاساسەن يوقكەن.
بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك تەلەپ تەكلىپىم بار:
بىرىنچى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش بەلگىلىمىسىدە ئېنىق قىلىپ، پار بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر تەمىنلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنىڭ 20 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بۇ ئۆلچەمگە يەتمىسە، تەمىنلەنگۈچى تەمىنلىگۈچىدىن بۇ ئەھۋالنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ياخشىلانمىسا پاش قىلسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق ئوقۇغۇچىلار ياتاق رايونى بۇ ئۆلچەمگە قەتئىي توشماپتۇ، ھالبۇكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىشى ئەپسىز، شۇڭا مەكتەپ بۇ ئەھۋالنى تېزدىن ھەل قىلىپ بەرسە.
ئىككىنچى، مۇۋاپىق مەبلەغ ئاجرىتىپ، سىغىمى چوڭراق سۇ قايناتقۇچتىن ھەر قەۋەتكە ئاز دېگەندە بەشنى سەپلەپ بەرسە. چۈنكى ھەر بىر ئوقۇغۇچى 20 كىۋادرات مېتىرلىق ياتاق ئۈچۈن 2000 يۈەن ياتاق ھەققى تاپشۇرىدىكەن، دېمەك بىر ياتاق جەمئىي 20000 كوي بولىدۇ. ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى شارائىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۆي ئىجارىسىنى چىقىرىۋەتكەندە، تەلەپتىكىدەك سۇ قايناتقۇ سەپلەشكە ئىقتىساد تامامەن يېتىدۇ.
ئاخىرىدا دېمەكچىمەنكى، ئەيخۇا دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى جۇڭخۇانى سۆيۈش دېمەكتۇر. كەمىنە جۇڭخۇانى سۆيۈشنىڭ ئەمەلى ھەرىكەت بىلەن يەنى جۇڭخۇانىڭ، ۋەتەننىڭ، ھەر ئائىلىنىڭ كەلگۈسى بولغان شۇ ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈشتىن باشلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن
بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تاغىسىدىن
2016/11/4 ئۈرۈمچى |
|