- تىزىملاتقان
- 2016-11-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
4.33%
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئوقۇ ئەپەندىم!
تەكلىپىڭىزنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم. ناھايىتى ئورۇنلۇق تەكلىپلەرنى، مەسلىھەتلەرنى بېرىپسىز.
سىز دەپ ئۆتكەندەك، ئەيخۇا مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزىمىز ئۆتكەن ئون نەچچە يىل مابەينىدە، ئۆزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جەمىئەتتىكى تەسىرىمۇ شۇنداق ياخشى بولدى. بۇنى يىللاردىن بۇيانقى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى، ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
بۇ يىلمۇ مەكتىپىمىز شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە يەنە بىر يىللىق جاپالىق ئۆگىنىش مۇساپىسىنى باشلىدى.
ئەمدى سىز دېگەن مەسىلىلەرگە كەلسەك، پار ئىسسىماسلىق مەسىلىسىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىنكاس قىلدۇق. ئۇلارنىڭ بەرگەن چۈشەنچىسى، ياتاق بىناسىنىڭ ئورنى ئېگىز جايغا(سۇ ئامبىرى تەرەپتىكى دۆڭگە) جايلاشقاچقا، پارنىڭ بېسىمى يېتىشىپ بولمايدىكەن. يېقىندا بىزگە بىر بېسىم ئاشۇرغۇچ قوشۇپ ھەل قىلىپ بېرىدىغان بولدى.
قايناقسۇ مەسىلىسى: مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇھىت، بىخەتەرلىك تەلىپى سەۋەبىدىن كۆمۈر قالايدىغان پارقازان ئىشلىتىشنى قوللاپ كەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، مەۋسۇم باشلانغاندا ھەربىر قەۋەتكە بىردىن توك بىلەن قاينىتىغان سۇ قايناتقۇ قويغان ئىدۇق. توك بېسىمى تۇراقسىز بولۇش، ئېھتىياج ئېشىپ كېتىش سەۋەبلىك، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆتى كۆيۈپ كەتكەنلىك، ھازىر ئىككىسىلا نورمال خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىمۇ بىر نەچچە كۈنگە قالمايلا ھەل بولىدۇ.
مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قويغان تەلىپى ئەزەلدىن قاتتىق. ياتاقتا-ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ، بايقالغانلار شەرتسىز قوغلىنىدۇ. ياتاق بىناسىدا 3 نەپەر ئەر ئوقۇتقۇچى، 3 نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش، بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل.سىز ئاڭلىغان ئىشلارنى بىز تېخى بايقىمىدۇق. لېكىن بۇندىىن كېيىنكى خىزمەت جەريانىدا، تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ سالامەتلىك، تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
كەڭ تورداشلارغا يەنە بىر سەمىمىي ئەسكەرتىدىغىنىم: شەخسىي مەكتەپلەرنىڭ ياتاق ئېچىش ھوقۇقى بولمايدۇ. بىزنىڭ ياتىقىمىزمۇ ئۈچىنچى تەرەپتىن ئىجارىگە ئېلىنغان، ياتاق ھەققى 1400 يۈەن. 2000 يۈەن ئەمەس.
كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ پۇرسەت بولسا ياتىقىمىزغا كېلىپ، كۆرۈپ بېقىشىنى، دوستىمىز ئوقۇ ئەپەندىگە ئوخشاش سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
|
|