- تىزىملاتقان
- 2016-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-10-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 431
- نادىر
- 0
- يازما
- 49
ئۆسۈش
65.5%
|
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم تورداشلار.
يېقىننىڭ بىرسىگە غەلىتىلا چۈشلەرنى كۆرىدىغان بوپ قالدىم،، قەبرىستانلىقلاردا ئۆزەم يالغۇز يۈرگىدەكمەن .10نەچچە يىللار ئىلگىرى تۈگەپ كەتكەن بوۋام -مومام قەبرىسىنىڭ ئىچىدىن ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ مىنى يېنىغا چاقىرۋاتقۇدەك، مىنى شەرەتلەپ يېنىغا ئىشارەت قىلۋاتقۇدەك، بەزىدە يەنى تولا ھاللاردا قەبرىستانلىقلاردا يۈرىمىشمەن، ئەتراپ شۇنچىلىك سۈرلۈك، بوران ھۇشقىيتۋاتقان،....
بىر نەچچە ئايلار ئىلگىرى چۈشۈمدە ئانامنى تۈگەپ كىتىپ چۈش كۆرگەنتىم، شۇ چۈشلەرنى كۆرۈپ بۇ چۈشۈم ئەمەس خۇددى ئوڭۇمدەكلا ھىس قىلىپ بەكلا ئۈمۈتسىزلىنىپ كەتكەنتىم، چۈشۈمدىن ئويغىنىپ ئاندىن بايامقى ئىشلارنىڭ رىئاللىقتا بولغان ئىشلار ئەمەس بەلكى، چۈشۈم ئىكەنلىكىنى ئويلاپ كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشكەندەك بولغانتى.يەنە 4-5 كۈنلەر ئىلگىرى دادام تۈگەپ كىتىپ، دادامنىڭ يېنىدا ئۆيدىكىلەر بىلەن دۇئا ئوقۇپ ئولتۇرغۇدەكمەن، توساتتىن بىر تۇغققىنىمىز (ياشتا چوڭراق ئايال تۇغققىنىمىز) بالام دادىڭىز ئۇسساپ ئاشقازانلىرى قۇرۇپ كەتتى، ئاغىزىغا ئازراق سۇ تېمىتىپ قويۇڭ دىۋىدى، يۈرەك باغرىم ئىزىلىپ،يىغلاپ دېگۈدەك چىنىدە سۇ ئېلىپ دادامنىڭ ئېغىزىنى ئاران ئېچىپ دىگۈدەك يېرىم پىيالە سۇ قۇيۇپتىمەن،،دادام سۇنى غورتىلدىتىپ ئىچىپ كۆزىنى ئېچىپ ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بىزگە ئاچچىق بىلەن تىكىلىپ قاراپ، -نىمىشقا ماڭا سۇ بەرمەيسىلەر؟ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلتۈرەي دېگەنمۇ دېگۈدەك...خۇددى بۇ چۈشۈمنىمۇ راست دەپ ئويلىۋېلىپ شۇنچىلىك كۆڭلۈم يېرىم بولغانتى، چۈشتىن ئويغىنىپ ئاندىن بۇ ئىشلارنىڭ چۈشۈم ئىكەنلىكىنى بىلدىم..
بەزى ۋاقىتلاردا مىنى قار بېسىپ قالىدۇ، ئۆزۈم يالغۇز بىر قاراڭغۇ كوچىدا كېتىۋاتقىدەكمەن،ئەتراپ بەكلا جىمجىت،شۇنچىلىك سۈرلۈك، مېڭىپ كىتىۋېتىپ مىنىمۇ قورقۇنۇش باسقۇدەك، توساتتىنلا يول بويىدىكى بىر ئۆينىڭ چىرىقى يۇرىغىدەك، مەن شۇ چىراق يۇرىغان دېرىزىگە تىكىلىپلا قاراپ قالغۇدەكمەن، دېرىزىدىن ئاۋۋال خىرە -شىرە،ئاندىن روشەن ھالدا بىر بىر ئايال مەخلۇقنىڭ بېشى كۆرۈنگۈدەك، چاچلىرى پاخپاق، ھىڭگاڭ چىش، يۈزىنى قورۇق باسقان، قول تىرناقلىرى بەكلا ئۇزۇن بىر مەخلۇقكەن ، قورقۇپ جان ئىمانىم چىقىپ كەتتى، لىكىن چۈشۈمدىن ئويغىنالمىدىم، ئۇ مەخلۇق تەلەتىنى شۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق بەتبەشىرە تۈسكە كىرگۈزۈپ خۇددى مىنىڭ قېنىمنى ئىچىدىغاندەك، دەرىزىدىن مەن تەرەپكە ياۋۇز قوللىرىنى سوزۇپ كەلدى، ۋە ماڭا ئېتىلدى، چىڭ چاپلىشۋالدى، شۇنچە قىلىپمۇ پۇت قولۇمنى مىدىرلىتالمىدىم،،خۇددى باغلاپ قويۇلغاندەك شۇنچىلىك چىڭ ئىدى، مەن چۈشۈمدە، ئانا ،،،ئانا،،،،،،،،ئانااااااااااااااااااااااا،،دەپ شۇنچىلىك زەئىپ ئېڭرىدىم،، ئۇ مەخلۇق مەندىن ھېش يىراقلىشىدىغاندەك ئەمەس، كاللامغا ئايەت ئوقۇش ئەقلى كەلدى،، ۋە توختىماستىن «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» دىگەننى تەكرارلاۋەردىم، ۋە ئۇ مەخلۇقمۇ مەندىن ئاستا-ئاستا ئۆزىنى ئاجراتتى، ئاندىن پۇت-قولۇمنىمۇ مىدىرلىتالىدىم.ئاندىن چۈشۈمدىن ئويغىنالىدىم، كارۋىتىمدا دېرىزىنىڭ يېنىدا يېتىۋېتىپتىمەن، دېرىزىدىن ئاينى كۆرگىلى بولاتتى، ئىككى چېكەمدىن تەر چىقىپ، ئۆپكەم قېپىدىن چىكتىدىغاندەكلا ھاسىراپ كىتىپتىمەن، ھاپىلا شاپىلا لامپۇچكىنى ياندۇرۇپ قورقۇنۇش ئىچىدە ئولتۇردۇم،، قورقۇنۇش ئىچىدە خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئىسىمگە كىلەلمىدىم ...دائىم مۇشۇنداق قار باسقاچقا كېچىسى ياتقاندا لامپۇچكىنى ئۆچۈرمەيلا ئۇخلايدىغان بولدۇم،لىكىن بۇنداق قىلىش ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن..تورداشلار سىلەر دەپ باقساڭلارچۇ ئادەمنى زادى نىمىشقا قار باسىدۇ؟ مەن ئەمدى قانداق قىلسام بولار؟ئۇخلايدىغان كارۋىتىممۇ پاكىزە، ئۆزۈممۇ تىنىمنى پاك تۇتىمەن بولمىسا، شۇنداقتىمۇ مىنى دائىم دېگۈدەك قار باسىدۇ ۋە قالايمىقان قورقۇنۇشلۇق چۈشلەرنى كۆرىمەن...
|
|