- تىزىملاتقان
- 2016-6-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-10-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2941
- نادىر
- 1
- يازما
- 222
ئۆسۈش
31.37%
|
ئالىملارنىڭ قارىشچە يامان چۈش شەكىللىنىشنىڭ مۇنداق سەۋەپلىرى بار ئىكەن.
1. ئەندىشە قىلىش ۋە بېسىمغا ئۇچىراش
تۇرمۇشتا ، ئازابلىق ، ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلار ئادەمدە ھەمىشە ئەندىشە قىلىش ۋە بېسىمغا ئۇچىراش كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەزىدە ، بۇنداق ئىشلار ئادەمنىڭ قارا بېسىپ يامان چۈش كۆرۈشگە سەۋەپ بولىدۇ .
2. ئاچچىق يېمەكلىكلەر
ئاچچىق يېمەكلىكلەر ئادەمنىڭ بەدەن تىمپېراتۇرسىنى ئۆرلىتىپ ، شۇ ئارقىلىق ئۇيقىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ بۇمۇ بەزىلەرنىڭ ئۇخلىشنىڭ ئالدىدا بىر نەرسە يىگەنتىم ، ئۇخلىغاندا قارا بېسىپ قاپتۇ دېيىشنىڭ سەۋەبى بۇلىشى مۇمكىن . گەرچە بۇ ھەقتە ئالاقىدار تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا بىر نەرسە يېسە بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرىشى ۋە مېڭىنىڭ ھەركىتى تېزلىشىپ ، ئادەمنى ئاسان قارا باسىدۇ .
3. مايلىق يىمەكلىكلەر
تەتقىقات ئارقىلىق ، كۈندۈزى مايلىق يېمەكلىكلەرنى قانچىكى كۆپ يېسە ، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ شۇنچە ناچارلىشىدىغانلىقى بايقالغان . مايلىق يېمەكلىكلەر ئۇيقىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ ، ئادەمنى ئاسانلا قارا بېسىشقا سەۋەپ بۇلىشى مۇمكىن .
4. ئىسپىرت
ئىسپىرت ئادەمنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇخلىتىدىغان تىنىچلاندۇرغۇچى رېئاكتىپ بولسىمۇ ، لېكىن بەدەن ئىسپىرتنى زىيادە كۆپ قۇبۇل قىلسا ، يامان چۈش كۆرۈش ۋە قارا بېسىشقا سەۋەپ بۇلىشى مۇمكىن .
5. دورا
خامۇشلۇققا قارشى تۇرغۇچى دورىلار ، باربىتال تۈرىدىكى تىنچلاندۇرغۇچى دورىلار ۋە ناركوز دورىلىرى قاتارلىقلارنىڭ قۇشۇمچە تەسىرى بار بۇلۇپ ، ئادەمنىڭ يامان چۈش كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۇمكىن .
6. كېسەللىك
تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق قىزىتما پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكلەر يامان چۈش كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . نەپەسلىنىشنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قېلىشى ۋە ئۇيقۇسىراش كېسىلى قاتارلىقلارمۇ قارا بېسىش ۋە يامان چۈش كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . |
|