- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8621
- نادىر
- 1
- يازما
- 436
ئۆسۈش
72.42%
|
بۇ مەزمۇن 24قەۋەتتىكى nixanدە2013-01-09 18:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قايسڭلار بىلسىلەر جۇڭگۇ شنجاڭغا يۈز كىللەمسەن تىمدىكى مۇلاھىزە نىمە سەۋەپتىن ئۆچۈرۈلگەندۇ مەن ساقلۋالغان ئىدىم ئەمما بەت ئىچلمايۋاتىدۇ بولسا باغداش ئەپەنىدىم قايتا يوللاپ بەرگەن بولسڭىز
ئۇ تېما دېسەم دېمىسەم مەجبۇرى ئۆچۈرۈلدى، تېمىنىڭ ئۆچۈرۈلىشىنى باغداشتىن كۆرگىلى بولمايدۇ،باغداشمۇ نادىر تېمىلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇنى باشقا مۇنبەرلەر بىلەن سېلىشتۇرساقلا ھىس قىلالايمىز.
ئىلگىرى شەبنەم،دىيارىم مۇنبەرلىرى تاقالغاندا بەك ئازاپلانغان ئىدىم.تور ئېچىلغاندىن كېيىن بوزقىرنىڭ ئىسىل تەرجىمىلىرى ۋە تېتىملىق ئىنكاسلىرى ،گۈلەننىڭ ،ئۇيغۇرزادىنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېمىلىرى مېنى باغداشقا باشلاپ كەلگەنتى .
ماۋۇ تېما مەن خېلى ئىلگىرى مۇنبەرگە يوللىغان تېمام ئىدى ،بۈگۈن تورداشلارنىڭ ئىنكاس يېزىشى بىلەن مۇنبەر يۈزىگە چىقىپ قاپتۇ ،مۇشۇ تېمىنى يوللىغان چاغلىرىم مېنىڭ تېما يوللاش قىزغىنلىقىم خېلى يۇقۇرى چاغلار ئىدى.كونىراق تورداشلارنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك ،مەن 5-6-ئاي ئەتراپلىرىدا"ئاقسۇلۇق بىر دېھقاننىڭ ئەرزى "دېگەن تېمىدا بىر تېما يوللىغان ئىدىم ،ئۇ تېما شۇچاغدا خېلى زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ،زىيارەت قېتىم سانى ۋە ئىنكاسلار تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلەۋاتقان بىر پەيتتە تېما ئۈچۈرۈلدى.نۇرغۇن تورداشلار بەك غەزەپلەندى ،مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.باغداش باشقۇرغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم قىزغىن تورداشلار قىسقا ئۇچۇر قىلىپ چۈشەنچە ۋە تەسەللى بەرگەندىن توغرا چۈشەندىم،ئەمما شۇ چاغدا توردىن ،مۇنبەر كۆرۈشتىن كۆڭلۈم قاتتىق قالدى(ئەمما ھەرگىزمۇ باغداشتىن ئەمەس). شۇندىن كېيىن 3ئايدەك تۈزۈكرەك تورغىمۇ كىرمىدىم ،كىرسەممۇ ئىنكاس يازغۇم كەلمىدى.2ئايدەك بولدى بوزقىرنىڭ ،دولان ئەپەندىنىڭ ، گۈلەننىڭ ،توختىتۇرنىڭ تېمىلىرى بارماقلىرىمنى كونۇپكا تاختىسىغا يەنە باشلاپ كەلگەن ئىدى .
بوزقىر ئەپەندىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن بىزدەك قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىنى تاشلىۋەتمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن.مۇنبەردە بوزقىر بولمىسا بولمايدۇ !بوزقىر بولمىسا بىزنىڭ يەنە بۇ يەرگە كىرىشكە بانىمىز قالمايدۇ .باغداشنىڭ قىزىقىمۇ قالمايدۇ! |
|