- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2367
- نادىر
- 0
- يازما
- 96
ئۆسۈش
  12.23%
|
باشقا ئاياللار بىلەن قوغداش خىزمىتىدە بىللە تۇرۇپ باققان ئەرلەر،ياكى باشقائەرلەر بىلەن بىللە قوغداشتا تۇرىدىغان ئاياللار،بۇ ئىشقا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلايلى،خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى دەپلا قاراپ تۇرساق بىر قىسىم سەلبىي تەرەپلەرگە ئاينىش پۇرسىتى چىقىپ قالامدۇ قانداق؟ئادەتتە ھەممە ئايالىنى شۇنداقلا ھەممە ئەرنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك بولمايدۇ،لېكىن ھەر بىرىمىز بۇ تەرەپتە ئەل شائېرى مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا ئېيىتقاندەك«باتۇرغا بارچىدىن سەگەكلىك مۇھىم،كۈندۈزمۇ ياقارغا چىرىقىڭ بولسۇن» دېگەندەك ھۇشيار تۇرمىساق بولمايدۇ،بىز دىيانەتلىك بولساق بىز بىلەن بىللە تۇرۋاتقان ئەر ياكى ئايال ئۇنداق بولمىسا ئۇ ھالدا قارشى تەرەپ كۆڭلىدە نىمە خىياللارنى قىلمايدۇ،ئاندىن ئىش نەگە بارىدۇ.نۆۋەتتىكى ئائىلە ۋە نىكاھ نىڭ ئۇلى بوشاپ قېلىۋاتقان ئەھۋالدا ئالدى بىلەن ئەرلەر يالىقىنى قورۇيدىغان ئىتچىلىك ۋىجدانى مەسئۇلىيەتنى ساقلاپ قېلىشىمىز زۆرۈر.قېنى ئېيىتىپ باقايلى:خىزمەت ئورنىمىزدا قايسى بىر ئەر ياكى باشقۇرغۇچى بىلەن يەنە بىر سۇيۇق خىزمەتدېشىمىزنىڭ قالايمىقان ئىشلىرى يوق دەپ قايسىمىز كىسپ ئېيتالايمىز؟ئەرلەر ئاياللارغا،ئاياللار ئەرلىرىمىزگە،ئائىلىمىزگە ئوبدان ھېزى بولايلى! |
|