ئەخمەت مۆمىن تارىمى (نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەرىرى)
تەخمىنەن مىلادىيە 745 -يىلىدىن 840-يىلىغىچە ھازىرقى موڭغۇلىيە تەۋەسىدىكى ئۆتۈكەن تېغى باغرىنى مەركەز قىلىپ سەلتەنەت سۈرگەن ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىنى بىلىشتە، ئورقۇن ۋە يېنىسەي دەريالىرى بويلىرىدىن تېپىلغان تاش ئابىدىلەر ، يەنى مەڭگۈ تاشلار شۈبھىسىزكى بىرىنچى قول تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ﺑﯘلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ۋە ﺋﯘلارﻏﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاش ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪر ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ پۈتۈلگەن بولۇپ، ﺋﯘلاردىكى ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮلەر ئورقۇن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﺴﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدى،ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، باشقا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ﺋﻪﮬﯟاﻟﻠﯩﺮىنى ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ، جۈملىدىن ﺋﻪﻳﻨﻰ دەۋردﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار تارىخىنىڭ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻟﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺑﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎشلار دەۋرداش ۋە ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ دەۋرداش ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﮬﻪم ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘلاردﯨﻜﻰ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلارﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗلاﺷﺘﺎ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. بولۇپمۇ بولارنىڭ ئىچىدە «توققۇز ئۇيغۇر قاغانى تۆھپە مەڭگۈ تېشى» ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
ﺑﯘ مەڭگۈ تاشنىڭ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ «ﺗﻮﻗﻘﯘز ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎي ﺗﻪﯕﺮﯨﺪە ﻗﯘت ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﺋﺎﻟﭗ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎن ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ»دۇر. ﺋﯘنى رۇسىيە ئارخېئولوگى يادرىنتىسېف(N. M. Yadrintsev) 1889 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪدﯨﻜﻰ ﺋﻮرقۇن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﺎرا ﺑﺎﻟﻐﺎﺳﯘن ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﺮام ﻛﯚﻟﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن، «ﻗﺎرا ﺑﺎﻟﻐﺎﺳﯘن ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ» دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. بۇ مەڭگۈ تاش گىرانىت تاشتىن ياسالغان بولۇپ ، بايقالغان چېغىدا چېقىلىپ پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن، ئۇلى شىر شەكلىدە. پەرەز قىلىنىشچە، ئەسلىدىكى مەڭگۈ تاشنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3.38 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 1.77 مېتىر، قېلىنلىقى تەخمىنەن 0.97 مېتىر بولۇپ، ئۈستۈنكى تەرىپى ئىككى ئەجدىھا يۆگىشىپ تۇرغان بەش بۇرجەك قالقان شەكلىدە، ئۈستىدە بىر يۇمىلاق بېشى بار. مەڭگۈ تاشنىڭ تۆت تەرىپى سىلىقلانغان بولۇپ، بىر تەرىپىگە ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜرﻛﭽﻪ، يەنە بىر تەرىپىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ﺳﻮﻏﺪﯨﭽﻪ (31 قۇر)، سول تەرىپىگە ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ(19 قۇر) ﺧﻪت ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎن. سوغدىچە ۋە خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئېشىپ قالغان قىسمى سىلىقلانغان قىرىغا ۋە يان تەرىپىگە ئويۇلغان(ئوڭ يېنىغا سوغدىچە خەت ئويۇلغان بولۇپ ، قۇرسانى ئېنىق ئەمەس، سول يېنىغا خەنزۇچە خەت ئويۇلغان بولۇپ، تۆت قۇر كېلىدۇ، شۇنداق قىلىپ خەنزۇچە خەت جەمئىي 23 قۇر ئويۇلغان).بۇلارنىڭ ئىچىدە ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜرﻛﭽﻪ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ دەرﯨﺠﯩﺪە ﺑﯘزﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن، ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎز ﻗﯩﺴﻤﯩلا ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن، ﺳﻮﻏﺪﯨﭽﻪ تېكىستىمۇ ﺑﯘزﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎن، ﭘﻪﻗﻪت ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ تېكىستىلا ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﺮەك ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪن 1600 ﺧﻪت ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ (1).
بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ تېكىستىگە ﺋﺎﺳﺎﺳلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ئۇ ﺋﻮرقۇن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎنلىقىنىڭ 8-ئەۋلاد قاغانى بولغان ﺋﺎي ﺗﻪﯕﺮﯨﺪە ﻗﯘت ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ئالىپ بىلگە قاغان (مىلادىيە 808-821-يىللار تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدىكى تۆھپە ئابىدىسى بولۇپ، ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪن ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 814 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮرﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎن ، ئۇنى تىكلىگۈچى ﺋﻮرقۇن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا ﺑﺎش ۋەزﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎن ئىلﺋﯜﮔﻪﺳﻰ،خەنزۇچە تېكىستنى پۈتكۈچى ئىنانچۇ باغا تارقان دېگەن كىشى ئىكەن (2). خەنزۇچە تېكىستنىڭ پاساھىتىدىن قارىغاندا، ئۇنى پۈتكۈچىنىڭ شۇ زاماندىكى خەنزۇ ئەدەبىي تىلىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئەينى زاماندا ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلىدىن ھۆكۈمران قاتلامدىكىلەرنىڭ ياكى ئۇقۇمۇشلۇقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئانا تىل-يېزىقى ۋە سوغدى تىل-يېزىقىدىن باشقا خەنزۇ تىل-يېزىقىنىمۇ ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغانلىقى، بۇ تىل-يېزىقنىڭ خانلىقتا مۇئەييەن ئورۇن تۇتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ تېكىستلىرىنى دەسلەپتە رۇسىيەلىك رادلوف(W. W. Radloff)، فىنلاندىيەلىك شىلگېل(G. Schlegel)، گېرمانىيەلىك مۈللېر(F.W. K. Müller) ، خانسېن(O. Hansen) ، فىرانسىيەلىك شاۋان( E. Chavannes)، پېللىئۇت(P. Pelliot ) ، ياپونىيەلىك ئابې تاكېئو(安部健夫)، خانېدا تورو(羽田亨)، تۈركىيەلىك ھۈسەيىن نامىق ئورقۇن، جۇڭگودىن شېن زېڭجى، لى ۋېنتيەن لو جېنيۈ، ۋاڭ گوۋېي قاتارلىقلار يېشىپ ئوقۇغان بولۇپ، كېيىن ئامېرىكىلىق خامىلتون (J.R.Hamilton) ،ياپونىيەلىك مورىياسۇ تاكائو(森安孝夫)قاتارلىقلار تېكىستلەرنى ئومۇمىيۈزلۈك رەتلەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سىستېمىلىق تەتقىق قىلغان. تېكىستلەرنىڭ قەدىمكى تۈركچە ۋە سوغدىچە قىسىملىرىنى ئابلەت نۇردۇن ئەپەندى قاتارلىقلار لىن گەن، گاۋ زىخۇ يازغان «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى» ناملىق كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغاندا شۇ كىتابتا بېرىلگەن خەنزۇچە تەرجىمىسى ئاساسىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان(3). ئەمما خەنزۇچە تېكىستى ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، بۇ قەدىمكى تۈركچە ، سوغدىچە ۋە خەنزۇچە تېكىستلەرنىڭ مەزمۇنىنى سېلىشتۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ بېقىشتىكى بىر بوشلۇق ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ مەن ئەسلى خەنزۇچە تېكىستكە ئاساسلىنىپ ئۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.
«توققۇز ئۇيغۇر قاغانى تۆھپە مەڭگۈ تېشى»نىڭ خەنزۇچە تېكىستىنىڭ مەزمۇنى(جەمئىي 23 قۇر):
1. توققۇز (قەبىلىلىك)ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي تەڭرىدىن بولمىش ئالپ بىلگە قاغانىنىڭ مۇقەددەس تۆھپىلىرى ئابىدىسىنىڭ بېغىشلىمىسى . ئىنانچۇ باغا تارقان پۈتكەن
2. باغا تارقان ئىل ئۈگەسى
3. ئىشتىشىمىزچە، ئاسمان-زېمىن يارىتىلىپ، كۈن ۋە ئاي زېمىننى يورۇتقاندا، تەڭرى يارلىقى بىلەن ئەل قۇرغان ئەلباشىمىز جاھانغا ئىگە بولغانىكەن. ئۇ ئۆز پەزىلىتى بىلەن تۆت ئەتراپتىكى بۇدۇننى خۇددى ھارۋا چاقىنىڭ ئوقىنى چۆرىدىگەن شادىلىرىدەك ئەتراپىغا ئويۇشتۇرغان،... قاتتىق جازا-ياسىقى بىلەن تۆت ئەتراپتىكى خەلقنى ئۆزىگە بېقىندۇرغانىكەن.... (ئەل)ئىچى ئەمىن بولغاندىن كېيىن، تاغ-دەريالارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوردۇ قۇرۇپتۇ. بۇرۇن، كۆل بويلانىڭ ئاتىسى قۇشۇۋ
4. شىمالدىكى چەت-يىراق جايدا ئەلباشى بولۇپ، ئون كۈن(ئورقۇن) دالاسىدا ئوردۇ قۇرۇپ، دانالىق بىلەن ئۇزۇن يىل ئەل تۇتقان. ئوغلى كۆل بويلا قاغانلىققا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، تەبىئىتىدىن دانا ۋە كەسكىن بولغاچقا، بارچە بۇدۇنلارنى مايىل قىلغان.....قاغان تەختتىكى چېغىدا، خۇددى مىكيان چۈجىلىرىنى قوغدىغاندەك بۇدۇنىنى ئاسراپ- قوغدىغان. باسمىللارنىڭ قاغانى
5. ئاشىنانىڭ ئىسيانىدىن كېيىن ، نەچچە يىل ئىچىدە يەنە كونا زېمىنىمىزنى قولىغا ئالغان. بۇ چاغدا، توققۇز ئۇيغۇرلار، قىرىق باسمىللار، ئۈچ قارلۇقلار ۋە باشقا قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى:«ئىلگىرىكى قاغانىمىزنى يەنە تاپتۇق...» دېيىشكەن.ئىلىك قاغان كۆل بىلگە قاغان ... ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى تەڭرىدىن
6. بولمىش ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان تەختكە چىقىتى.ئۇ دانا-ئاقىللىقى ۋە باتۇر-ئالپلىقى بىلەن بارچە ئەللەرگە ئۆرنەك بولدى.ئۇنىڭ ئوغلى ئاي تەڭرىدىن بولمىش ئەل تۇتمىش ئالىپ كۈلۈگ قاغان تەختكە چىققاندا، پەۋقۇلئاددە دانا-ئالپلىقى بىلەن جىمى ئەللەرنى قايىل ۋە مايىل قىلدى. بۈيۈك تاڭ ئېلىدە ئىسيان كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۈەنزۇڭ خان ئوردىدىن قاچتى. شى سىمىڭنىڭ ئوغلى شى چاۋيى
7. نۇرغۇن سوۋغا –سالاملار بىلەن (قاغانغا) ئەلچى ئەۋەتىپ ، شېرىن –شىكەر سۆزلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ ئۆزى بىللەن بىللە تاڭ ئېلىنىڭ سەلتەنەتىنى يوق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.قاغان ئۇنىڭ بۈيۈك تاڭ خانىنىڭ شاپائىتىگە تۇزكۇرلۇق قىلىپ ، مۇقەددەس سەلتەنەتنى ئىگىلىمەكچى بولغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ ، ئۆزى شەخسەن بەھەيۋەت ئالىپ قوشۇنىنى باشلاپ بۈيۈك تاڭ ئېلىنىڭ قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ قىسىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي ئاستانە چاڭئەن ۋە شەرقىي ئاستانە لوياڭنى ئالدى. بۈيۈك تاڭ خانى بىلەن ئۇيغۇرلار«ئەبەدىي تۇغقان بولۇپ مەڭگۈ قېرىنداش ئەل بولۇش» ھەققىدە ئەھدىلەشتى. شۇنىڭ بىلەن قاغان تاڭ ئېلىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كۆزىتىپ بىلىشنى ئىستەپ قۇشۇنىنى لوياڭدا تۇرغۇزدى. قايتىدىغاندا،
8. رۇي شى قاتارلىق تۆت مانى(دىنى) ئۇستازىنى ئېلىگە بىللە ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار يۇرۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق، ئۈچ ئالەم تەلىماتىنى شەرھىيلەپ تارقاتتى. بۇ ئۇستازلار ھىدايەت يولىغا كامىل، دىنى ئىلىمگە پىششىق بولۇپ، يەتتە دەستۇرنى ئوبدان بىلەتتى. بىلىمى دېڭىزدەك چۇڭقۇر، ۋەزلىرى ئېقىندەك راۋان ئىدى. بۇ ۋەجىدىن بۇ ھەق دىننى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، «گۆش يەپ قىمىزنى مەنئىي قىلىش»نى بەلگىلەپ، كاتتا ئەجىر كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا «پىرئۇستاز» دەپ نام بېرىلدى.بۇ ۋاقىتتا، تۇتۇق، چىگشى، ئىچكى-تاشقى بۇيرۇقلار، شادلار:
9. «بىز بۇرۇنقى گۇناھلىرىمىزغا تۆۋە قىلىمىز، ھەق دىننىڭ يولىنى تۇتىمىز» دېيىشتى...«بۇ دىن زىل دىن، بۇ دىننىڭ يولىنى تۇتماق قىيىن »دەپ ئۇقتۇردى. ئۇلار تەكرار ھالدا:«بۇرۇن كۆزىمىز ئېچىلمىغاچقا جىننى ئىلاھ دەپ يۈرۈپتىكەنمىز، ئەمدى ئەقلىمىزنى تېپىپ ھەقىقىي ئىلاھنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلدۇق، ئەمدى ھەرگىز جىنغا تېۋىنمايمىز»دېيىشتى....«ئىرادەڭلار ۋە سەمىمىيىتىڭلار بولغانىكەن ، ئۇنداقتا ئېتىقاد قىلىڭلار. بارلىق جىنلارنىڭ ھەيكەللىرىنى كۆيدۈرۈپ ، جىنلارغا ئېتىقاد قىلىشتىن قايتىپ.
10. ھەق دىننى قۇبۇل قىلىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن گۆش يەيدىغان ئادەت پىشقان غىزا يەيدىغان ئادەتكە، سوقۇشىدىغان ئەل مېھىر-شەپقەتلىك ئەلگە ئايلاندى.بۇ ۋەجىدىن ...ئەلدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولغا قۇيۇلدى. مانى دىنىنىڭ پىرىكالانى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق دىننى قۇبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئىخلاسىدىن بەكمۇ رازى بولدى... مانى راھىب-راھىبەلەرنى باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ دىنىي ئەقىدىلەرنى تەرغىپ قىلىشنى ئىستىدى.شۇنىڭدىن كېيىن مانى ئۇستازلىرىغا ئىخلاس قىلىدىغان مۇرتلار ۋە ئىخلاسمەنلەر كۈنچىقىش –كۈنپېتىش ئارىسىدا يۈرۈپ دىننى تاكاممۇللاشتۇردى.
11. تون باغا قاغان تەختتە ئولتۇرغاندا ئاجايىپ قابىلىيىتى ۋە شىجائىتى بىلەن ئەل ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى ئىشلارنى ئۆزيولىغا سالدى. ئۇنىڭ ئوغلى تەڭرىدە بولمىش كۈلۈگ بىلگە قاغان تەختكە چىققاندا ئەلنى ئوبدان باشقۇرۇپ، ئاۋامنى ياخشى ئادەتكە يېتەكلەپ، ئەلدە تەرتىپ ئورناتتى. ئۇنىڭ ئوغلى قۇتلۇق بىلگە قاغان تەختكە چىققاندا جاھان ئەمىنلىك-ئاسايىشلىققا تولدى.ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش ئالىپ قۇتلۇق ئۇلۇغ بىلگە قاغان تەختكە چىقتى.
12. ئالىپ بىلگە قاغان تەختكە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئۇ تېگىنلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ئىدى. تۇتۇق، چىگشى، ئىچكى-تاشقى بۇيرۇقلار، شادلار پۈتۈك سۇنۇپ:«تەڭرى قاغان ئەل سورىغاندا ئاقىللارنى ياردەملەشتۈرمىكى زۆرۈردۇر. ھازىر ئالىپ قاغاننىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشتا ئاجايىپ قابىلىيىتى، تاغ-دېڭىزلاردىنمۇ يۈكسەك سالاپىتى بار، ئەلنىڭ چوڭ ئىشلىرىدا بۇيرۇق-يارلىق چۈشۈرۈشتە چۇقۇم ئېنىق ۋە ئېھتىياتچان بولماق لازىم. قاغاننىڭ بۇيرۇقلارنىڭ ئىلتىماسلىرىنى ئىجابەت قىلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمىز»دېيىشتى.
13. قاغان بۇيرۇق بولغان ۋاقتىدا ، باشقا بۇيرۇقلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، تۇغۇلغاندىلا ئاجايىپ قۇت بېشارىتى كۆرۈلگەنىدى. گۆدەكلىكتىن قىرانىغا يەتكۈچە باتۇر ۋە غەيرەتلىك بولۇپ، چېدىرىدا ئولتۇرۇپ تەدبىر تۈزۈپ، مىڭ چاقىرىم نېرىدىكى سوقۇش غەلىبىلىرىنى بەلگىلىيەلەيتتى.ئىللىق –مۇلايىم بولۇپ، مېھرىۋانلىقى بىلەن بۇدۇننى تەسىرلەندۈرۈپ ، ئۇلارنى قوغداپ-ئاسرايتتى. ھەرئىشتا ئەلنىڭ رايىغا بېقىپ قائىدە-نىزام بېكىتىپ ئەلنى ئىدارە قىلاتتى.ئۇنىڭ تۆھپىلىرى ھېسابسىزدۇر.دەسلىپىدە، شىمالدىكى قىرغىز ئېلىنىڭ قىرىق تۈمەندىن ئارتۇق ئوقياچى جەڭچىسى بار ئىدى. ئۇ ئەلنىڭ قاغانى
14. كىچىكىدىن باتۇرلۇقتا ۋە پاراسەتتە تەڭ يېتىشكەن بولۇپ، ئاجايىپ كارامىتى ۋە ھەيۋىسى بار ئىدى ، ئاتقان ئوقى دەل تېگەتتى. قىرغىز قاغانى ئوق تېگىش بىلەنلا ئېتىدىن دومىلاپ ئۆلدى. قىرغىزلارنىڭ يىلقا-ئۇيلىرى كۆپلۈكىدىن جىلغا بۇيىچە سانالدى، قورال-ياراغلىرى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتتى، مال-بىساتلىرى تامام قۇرۇتۇلدى،زېمىنىدا ياشىغۇدەك ئادەم قالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن قارلۇقلار ۋە تۈبۈتلەر ئۇدا زېمىنىمىزغا بېسىپ كىردى.ئەدىز (؟)بىرقىسم قۇشۇنىنى باشلاپ قالتىس دانا پىلان تۈزۈپ ئۇلار بىلەن سوقۇشتى...
15. بېشبالىقنىڭ يېرىمى قايتۇرۇۋېلىنپ، قالغان يېرىمى قورشاۋغا ئېلىنغاندا، تەڭرى قاغان ئۆزى زور قۇشۇننى باشلاپ كېلىپ رەزىل دۈشمەننى يوقىتىپ، شەھەرنى قولىغا ئالدى، بۇيەردىكى خەلققىمۇ جان كىردى.ئۇلارنىڭ ياخشىلىرىغا شاپائەت قىلىنىپ، بۇيۇنتاۋلىق قىلغانلىرى ھەيدىۋېتىلدى. قۇملۇق- چۆللەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەنلەرگە گەپ ئەۋەتىلىپ ئىلتىپات قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.(ئۇ) ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تەڭرىدە ئالىپ كۈلۈگ بىلگە قاغان تەختكە چىقتى
16....ۋاز كەچكەندىن كېيىن ، تۈبۈتلەرنىڭ زورقۇشۇنى كۈسەنگە ھۇجۇم قىلدى، تەڭرى قاغان قۇشۇن باشلاپ ياردەمگە بارغاندا، تۈبۈتلەر ھۇدۇقۇپ قېچىپ بىر چوڭ كوچىغا بارغاندا تۆت تەرەپتىن قورشاۋغا چۈشۈپ قالدى ، بىردەمدىلا ھەممىسى يوقىتىلىپ، جەسەتلەردىن چىققان سېسىق پۇراق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتتى. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ جەسەتلىرى دۆۋىلىنىپ ، ئەتراپى تام بىلەن ئىتىۋېتىلدى.قېلىپ قالغان ئاز ساندىكىلىرىمۇ يۇقىتىلدى. (ئۇ) ۋاپات بولغاندىن كېيىن،تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغان تەختكە چىقتى.
17. .... بۇدۇن بىلەن قاراقچىلار بىرلىشىۋېلىپ تارتۇق يوللاشنى ئۈزۈپ قويدى، تەڭرى قاغان ئۆزى زور قۇشۇن باشلاپ قاراقچىلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى يىنچۇ دەرياسىغىچە قوغلاپ بېرىپ، ھېسابسىز ئادىمىنى ۋە تۆگە، ئات، مال-چارۋا،ھارۋىلىرىنى ئولجا ئالدى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى كېلىپ ئىتائەت قىلدى. ....
18.....ئۆزىنىڭ گۇناھىنى تونۇپ يالۋۇرۇپ ئەپۇ قىلىشنى ئۆتۈندى. تەڭرى قاغان ئۇنىڭ تۆۋە قىلغانلىقىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنىڭ گۇناھىنى خالاس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئەسىرلەر، ئىتائەت قىلغانلار ۋە مال-چارۋىلارنى بەگكە قايتۇرۇپ بېرىپ، بۇدۇنىنىڭ ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن مەشغۇل بولۇشىنى بۇيرۇدى . شۇنىڭدىن كېيىن بەگ ئۆزى ئوردىغا سالامغا بېرىپ، ئۆز يېرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تارتۇق قىلىپ ، ئوڭ ۋە سول
19. تاشىلىك..... (ئۇ) ۋاپات بولغاندىن كېيىن،تەڭرىدە قۇت بولمىش كۈچلۈك بىلگە قاغان تەختكە چىقتى.... سانغۇنلار، ئەمەلدارلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئۇ دۈشمەننىڭ چېگراسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئۆزى بىرنەچچە چەۋەندازنى باشلاپ ئۇران توۋلاپ ، قەتئىي غەلىبە قىلىدىغان نىيەت بىلەن كۈچلۈك دۈشمەننى تارمار قىلدى. مەغلۇپ بولۇپ قاچقانلىرىنى تاكى چوڭ قۇملۇققىچە قوغلاپ ، بىرتۈمەندىن ئارتۇقىنى ئۆلتۈردى.
20. .... قارلۇقلار ، تۈبۈتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، تۇغلىرىنى سۇندۇرۇپ، باشلىرىنى كەستى، قاچقانلىرىنى تاكى پەرغانە ئېلىگىچە قوغلاپ بېرىپ، بۇدۇنى ۋە مال-چارۋىلىرىنى غەنىيمەت ئالدى. يابغۇ ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىماي، ئۇنىڭ يېرىدىن كەتتى.
21..... توققۇز (قەبىلىلىك ) بىلگە قاغان كېيىن ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان قارلۇقلارغا يىنچۇ پاراسەتلىك يابغۇ دېگەن نامنى بېرىپ ھۆكۈمدار قىلدى. يەنە بىر ئوق ئۈچ
22. ...... ئىچىدە ، راھىبلار ۋە مۇخلىسلار تىنىچ – ئەمىنلىككە ئېرىشىتى، ھەق دىننىڭ مىزانى يولغا قويۇلغاندىن ئېتىبارەن... زادىلا پەسكۇيغا چۈشۈپ قالمىدى.
23.........بار......لارنىڭ ئىچىدە، چەت ئەل ........تاپشۇرۇپ..... (4)
«توققۇز ئۇيغۇر قاغانى تۆھپە مەڭگۈ تېشى» ﺋﻮرقۇن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ داﺋﯩﺮ ﻳﺎدﯨﻜﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻪزﻛﯩﺮە ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ يادنامە ﺑﻮﻟﯘپ، قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪا ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚل ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎن دەۋرﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ(مىلادىيە 745-يىلىدىن تارتىپ) ﺗﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﭗ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎن دەۋرﯨﮕﯩﭽﻪ (مىلادىيە 814-يىلىغىچە )ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻮرقۇن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﻰ، ﺋﺎﻟﭗ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ۋە زېمىنىنى ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﻪش ﻳﻮﻟﯩﺪا ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮى، ﺑﯚﮔﯜ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﻰ دﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﭗ 755-763 - ﻳﯩﻠلاردﯨﻜﻰ ﺋﯚﯕﻠﯜك - ﺳﯚﻳﮕﯜن ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺟﯘﯕﻐﺎر ۋە ﺗﺎرﯨﻢ ۋادﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯜرۈش ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ، ﻛﯘﭼﺎ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳلارﻧﻰ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇۋاﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪدﮬﯩﻴﻪﻟﻪﻧﮕﻪن.
ئومۇمەن، بۇ مەڭگۈ تاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى مۇھىم شەخىسلىرىنىڭ شەۋكەتلىك ھاياتى ۋە زور تۆھپىلىرى توغرىسىدىكى جانلىق خاتىرە بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ دەۋردىكى تارىخىنى جانلىق تەسۋىرلىگەن تارىخىي داستاندۇر.يەنە كېلىپ ئۇنىڭدا ئەكىس ئەتكەن تارىخى ۋەقەلەرنى ئىنچىكە تەھلىل قىلغاندىلا، خەنزۇچە تارىخنامىلەر ۋە ئەرەب، پارس ھەم غەرب تارىخنامىلىرىدىكى مۇشۇ دەۋرگە ئائىت خاتىرىلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى دەل جايىدا تولۇقلاپ، مۇشۇ دەۋردىكى شىمالىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي، تارىخ، جۇغراپىيە، دىن ، مىللەت مەسىلىلىرىنى ئۇمۇمىي نۇقتىدىن تەتقىق قىلىش يۇلىنى ئاچقىلى بولىدۇ.
پايدىلانمىلار ۋە ئىزاھ:
(1) (2) لىن گەن، گاۋ زىخۇ:«قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى»، ئابلەت نۇردۇن قاتارلىقلار تەرجىمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى 12-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى، 650-651-بەتلەر.
程溯洛:《从“九姓回鹘毗伽可汗碑”汉文部分看唐代回鹘民族和祖国的关系》,载《中央民族学院学报》1978年第2期。
(3) لىن گەن، گاۋ زىخۇ: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى»، ئابلەت نۇردۇن قاتارلىقلار تەرجىمىسى،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى 12-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى، 652-658-بەتلەر.
(4) بۇ يەردىكى كۆپ چېكىت قويۇلغان جايلار مەڭگۈ تاشنىڭ ئەسلى خەنزۇچە تېكىستىدىكى بۇزۇلۇپ كەتكەن ياكى ئۆچۈپ كەتكەن خەتلەرنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ، تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەر تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن تەخمىنىي قويۇلغان سۆزلەردۇر.تىرناق ئىچىدىكى سوئال بەلگىسى ئالدىدىكى سۆزنىڭ نائېنىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
(ئەسكەرتىش : بۇ ماقالىنى ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا ھەرقانداق تور ، ئۈندىدار ۋە شۇ قاتارلىق تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدا تارقىتىشقا بولمايدۇ، بولمىسا مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ!)
|