- تىزىملاتقان
- 2011-10-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 270
- نادىر
- 0
- يازما
- 47
ئۆسۈش
  90%
|

ئەرلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدىكى ئايالىڭىزغا قاراپ بېقىڭ!
ئەي ئەر،ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدىكى ئايالىڭىزغا قاراپ بېقىڭ!ئۇ خاتىرجەم ئۇخلاۋېتىپتىمۇ،يۈزىدە بەخت شولىسى جۇلالىنىپ تۇرۇپتىمۇ،ياكى قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ،كۆز جىيەكلىرى نەملىشىپ قاپتىمۇ؟بەلكىم سىزنىڭ مۇشۇ بىر قارىشىڭىز بەزى ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن.
ئەگەر ئايالىڭىز سىزگە دۈمبىسىنى قىلىپ ياتقان بولسا،ئۇنى ئۆزىڭىزگە قارىتىپ،تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرىنى تۈزلەپ قويۇڭ.سىز پەرۋاسىزلىق بىلەن ئۇخلاپ قالسىڭىز بەلكىم ئايالىڭىز بىر كېچە ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزىشى ، ياشلىرى ياستۇقنى نەملىشى مۇمكىن.بەلكىم ئۇ بىر كېچە قالايمىقان خىيال قىلىپ،ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى ئويلاپ ياتقاندۇر.سىز ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا،بەلكىم ئۇنىڭ قەلبى ئاللىقاچان مۇزلاپ كەتكەندۇر.
ئاياللار گۇمانخور كېلىدۇ،سىزدىن سەللا ئىللىقلىق ھېس قىلالمىسا، كېچىلەرنى ئەنسىزلىكتە ئۆتكۈزىدۇ.
ئايالىڭىز ھەرۋاقىت سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزگە مۇھتاج،بەلكىم ھارغىنلىق ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن،ئەمما بۇ ئۇنىڭ سىزنى سۆيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.ئۇنىڭغا ھەرگىز بىزار بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەڭ،ئۇنداقتا ئۇنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ قالىدۇ.
ئاياللار ئاجىز كېلىدۇ،ئۇلار ئەنسىزلىك ئىچىدىلا يۈرىدۇ،ئۇنىڭغا مېھىرلىك قولىڭىزنى سۇنسىڭىز ئۇ ئۆزىنى جەنەتتە تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ،ئىتتىرىۋەتسىڭىزلا دوۋزاققا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.
ئەي ئەر، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدا ياتقان ئايالىڭىزغا يەنە بىر قېتىم قاراپ بېقىڭ!
ئۇيقىڭىزغا قېنىپ ئويغانغىنىڭىزدىمۇ يېنىڭىزدىكى جىمغۇرلىشىپ قالغان ئايالىڭىزغا سىنچىلاپ قاراپ بېقىڭ،سىز بەلكىم ئۇنىڭ بۈگۈن ئادەتتىكىدىن قىېنىقراق گىرىم قىلىۋالغان بولسىمۇ،ئىششىپ ساڭگىلاپ قالغان قاپاقلىرىنى يوشۇرالمىغانلىقىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن،مۇنداق چاغدا گومۇشلارچە،‹قىلغان گىرىمىڭىز ياراشماپتۇ› دېمەڭ،ئۇنى چوڭقۇر مىھرىڭىز بىلەن قۇچاغلاڭ،بۇنداق قىلسىڭىز ئۇنىڭ مۇزلەپ كېتەي دەپ قالغان يۈرۈگى قايتىدىن
ئىللىشى مۇمكىن،سىزدىن ھىچنىمە كەتمەيدۇ،پەقەت بىر قۇچاغلاشلا كۇپايە.
مەنبە:تەرجىمە ئەسەر، ئاھۇ تەرجىمىسى
|
|