- تىزىملاتقان
- 2012-8-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 709
- نادىر
- 0
- يازما
- 27
ئۆسۈش
  41.8%
|
بۇ مەزمۇنtamcheدە2011-12-11 13:00يوللىغان يازمىسى ئەرلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدىكى ئايالىڭىزغا قاراپ بېقىڭ! :
ئەرلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدىكى ئايالىڭىزغا قاراپ بېقىڭ!
ئەي ئەر،ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېنىڭىزدىكى ئايالىڭىزغا قاراپ بېقىڭ!ئۇ خاتىرجەم ئۇخلاۋېتىپتىمۇ،يۈزىدە بەخت شولىسى جۇلالىنىپ تۇرۇپتىمۇ،ياكى قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ،كۆز جىيەكلىرى نەملىشىپ قاپتىمۇ؟بەلكىم سىزنىڭ مۇشۇ بىر قارىشىڭىز بەزى ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن.
ئەگەر ئايالىڭىز سىزگە دۈمبىسىنى قىلىپ ياتقان بولسا،ئۇنى ئۆزىڭىزگە قارىتىپ،تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرىنى تۈزلەپ قويۇڭ.سىز پەرۋاسىزلىق بىلەن ئۇخلاپ قالسىڭىز بەلكىم ئايالىڭىز بىر كېچە ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزىشى ، ياشلىرى ياستۇقنى نەملىشى مۇمكىن.بەلكىم ئۇ بىر كېچە قالايمىقان خىيال قىلىپ،ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى ئويلاپ ياتقاندۇر.سىز ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا،بەلكىم ئۇنىڭ قەلبى ئاللىقاچان مۇزلاپ كەتكەندۇر.
ئاياللار گۇمانخور كېلىدۇ،سىزدىن سەللا ئىللىقلىق ھېس قىلالمىسا، كېچىلەرنى ئەنسىزلىكتە ئۆتكۈزىدۇ.
.......
بۇ دەل مەن ئۇزۇندىن بېرى يولدىشىمدىن ئۈمىت قىلىپ كەلگەن لېكىن بىرەر قېتىممۇ ئېغىزىمدىن چىقىرىپ دەپ باقمىغان ئىش ئىدى.
شۇنداق، مەنمۇ ھەركۈنى كەچتە بولمىسىمۇ، تالاي كېچىلەرنى يولدىشىمدىن ئەنە شۇنداق مۇھەببەتنى كۈتۈپ، كۆزۈم ياشلىنىپ ئۇخلاپ قالغانمەن،، يەنە تالاي كېچىلەرنى كۆڭلۈم ئازار يىگەن ھالەتتە يالغاندىن ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ تاڭ ئاتقۇزىۋەتكەنمەن.
ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بېغىشلايدىغان شۇ كىچىككىنە مېھرى _ مۇھەببىتىدىن باشقا يەنە ئارزۇلايدىغان باشقا تەلىپىمىزمۇ يوق_ بولمىسا. |
|