- تىزىملاتقان
- 2014-8-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 338
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
ئۆسۈش
  19%
|
سالام دەڭ
(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)
يەلپۈنۈپ ئۆتكەن شاماللار،قۇلاق سېلىڭ سۆزۈمگە،
قولغا ئېلىپ روماللار تۇتۇڭ ياشلىق كۆزۈمگە.
ئېشىپ تاغلار ئۈستىدىن بېرىپ يېتىڭ يۇرتۇمغا،
ياش يۈرەكتىن سېغىنىشلىق سالام ئېيتىڭ يۇرتۇمغا.
باغقا بېرىپ يەتكەندە،گۈللەرنى ئۆپۈپ ئۆتۈڭ،
ەۈل تۈۋىدە ئولتۇرغان دىلبەرنى سۆيۈپ ئۆتۈڭ.
تاغلار ئېشىپ ئۆتكەندە چېچەكلەرگە سالام دەڭ،
دەرد-ئەلەمدە ئۆرتەنگەن يۈرۈكلەرگە سالام دەڭ.
زۇلۇم بىلەن ياردىن جۇدا مەھبۇبلاغا سالام دەڭ،
قاراڭغۇ زىنداندىكى مەھبۇسلارغا سالام دەڭ.
ھېچ نەرسىدىن غېمى يوق بېگىملەرگە سالام دەڭ،
ئاتىسى زىنداندا ئۆلگەن يېتىملەرگە سالام دەڭ.
ئېتىزدىكى ئەمگەكلىك دېھقانلارغا سالام دەڭ،
باغدا قان-قان يىغلىغان باغۋەنلەرگە سالام دەڭ.
يېتىم ئوغۇل،تۇل خۇتۇن،بىچارەمگە سالام دەڭ،
پارچە نانغا قۇل بولغان دىۋانەمگە سالام دەڭ.
يات قوللىرىدا خارلانغان چىمەنگۈلگە سالام دەڭ،
نومۇس ئۈچۈن جان بەرگەن رەيھانگۈلگە سالام دەڭ.
زۆھرەسىدىن ئايرىلغان تاھىرلارغا سالام دەڭ،
تىلى باغلىق،دىلى داغلىق شائىرلارغا سالام دەڭ.
ھەر جايدا خار،ھەر نەگە زار زەئىپلەرگە سالام دەڭ،
ئۆزى مىسكىن،دىلى غەمكىن ئەدىبلەرگە سالام دەڭ!
1945-يىلى ئىيۇن،لەنجۇ
|
|