- تىزىملاتقان
- 2013-1-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3040
- نادىر
- 0
- يازما
- 85
ئۆسۈش
  34.67%
|
مەرھۇم ئاتاقلىق يازغۇچىمىز تىلشۇناس ھەم شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى مۇنداق ئىدى :
ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپقالدى ئەنە نەۋرىمىز.
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق،قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشت-چۆلدە قەبرىسىز.
قەبرىسىز قالدى دېمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل-چېچەككە پۈركىنۇر تاڭنا باھاردا قەبرىمىز.
قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران، كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھېچبولمىسا بۇئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز،
يا ئەۋرىمىز...
سىزنىڭ يوللىغىنىڭىز:
ئىز
ياﺵ ﺋﯩﺪﯨﻖ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﮕﯜﺩﻩﻙ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﻧﻪ ﻧﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ.
ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺪﯨﻖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﻮﯓ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺰ.
ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺰ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﮔﺎﮬﻰ ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ،
ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻧﻰ-ﻧﻰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻼﺭ ﺩﻩﺷﺖ-ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﯩﺰ.
ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺩﯦﻤﻪﯓ ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻥ ﺩﺍﻟﯩﺪﺍ،
ﮔﯜﻝ ﭼﯧﭽﻪﻛﻜﻪ ﭘﯘﺭﻛﯩﻨﻪﺭ ﺗﺎﯕﻼ ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﻗﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ.
ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﻝ، ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ، ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ،
ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﻛﯚﭼﺴﻪ ﻗﯘﻣﻼﺭ ﮬﻪﭺ ﻛﯚﻣﯜﻟﻤﻪﺱ ﺋﯩﺰﯨﻤﯩﺰ.
ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺱ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺗﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﺋﻮﺭﯗﻕ،
ﺗﺎﭘﻘﯘﺳﻰ ﮬﯩﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻛﯘﻥ ﻧﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎ ﭼﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ.
نىمە ئۈچۈن شائىرنىڭ قەلىمىگە ھۆرمەت قىلمايسىز؟ نىمىشقا شائىرنىڭ ئىجادىيىتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىسىز؟
شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى توپلاپ يوللىغىنىڭىز ياخشى ئىش لېكىن توغرا يوللاش كېرەكتە. سىزگە سەمىمىي تەۋسىيە تېزراق تەھرىرلىۋېتىڭ.
|
|