مۇنازىرە جەريانىدا يېزىلغان تارتىش كۈچى نەزەريىلىرى ھەققىدىكى ساپايە قوشاقلىرى
يالغاننى راسىت قىلماق تەس، ئاللا،ۋاي ئاللا،
تاللار بولساڭ راستىنى تاللا!
ئاقىۋەتتە باسار نەس،ئاللا ۋاي ئاللاھ،
ئىشلىمىسە ياش تۇرۇپ كاللا!
ئېينىشتېيىنكام سېرىكچى،ئاللا ۋاي ئاللا،
گەپنى قىلساق قىلايلى لىللا.
ھەقنى كۆردۇق «خالىس» تا، ئاللا ۋاي ئاللا، چوڭ بولسىلا ھېساپمۇ،سەللا؟!
سەللاسىغا ئىشىنىپ،ئاللا ۋاي ئاللا،
يىراقلاشمايلى ھەقتىن باللا.
ئىشىنەيلى چۈشىنىپ،ئاللا ۋاي ئاللا،
كىيىن قالمايلى خەقتىن باللا!
قوللىمىسىمۇ پاكىت،ئاللا ۋاي ئاللا،
دەۋەرمەڭلا بىر گەپنى باللا.
تارتىش كۈچى قۇرۇلماس ،ئاللا ۋاي ئاللا،
قېيىپ كەتسىمۇ ئالما سەللا!
تېزلىنىشچان ھەركەتتە ئاللا ،ۋاي ئاللا ،
چۈشكەن جايى بىر چەتتە، يا دوسىت!
قالدى يەرنىڭ مەركىزى، ئاللا ۋاي ئاللا،
بۇيۇن قىسىپ ئۇچەتتە،يا دوسىت!
كاللا نەچچە قاشلاندى،توۋا.
يەنە قارماق تاشلاندى،توۋا.