ئاخىرقى قار
چىن ئاپتاپ چاچمىغاچ باھار قۇياشى،
تىك قارغاي ئەتراپى يەنە قۇپ- قۇرۇق.
ئۇزۇندىن بېرى باھارنى كۈتۈپ،
زېرىكتى بەلكىم يەردىكى ئۇرۇق.
بۇلۇتلار توسۇپتۇ ئىللىق قۇياشنى،
نومۇستىن خىجىل بوپ توختىدى شامال.
چۈشمەكتە لەپىلدەپ ئاق قار ئۈنچىسى،
نورۇزلۇق زېمىندا كۆرگىن نېمە ھال.
زېمىنمۇ سېخىكەن قۇچاق ئېچىپ كەڭ،
باغرىغا باستى مۇزلۇق قارنى تەڭ ،
ۋاقىتسىز ياققان باھاردىكى قار. يىغلاتتى كۆل بويىدا كىچىك بىر ئۆستەڭ.
قۇچاقلاپ كەڭ زېمىن ئاخىرقى بۇ قار ،
كەتكۈسى كەلمىگەچ تەغدىرگە باقماي.
لەپىلدەپ چۈشمەكتە باھارنى توسۇپ،
قۇچاقلار كەڭ زېمىن جممىدە تىنماي.
مەنبە:قەلىمىم 2011.3.21 |