ئەڭ يىڭى بايقاش تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريىسىنى كۈچلۈك ماددى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى
تىما يوللىغۇچى: ھايا.جان

يېقىندا تەتقىقادچىلار تايلانىتنىڭ شىمالى قىسىمىدىكىغار ئىچىدىن غارنىڭ تىمىغا چاپلىشىپ ئۆمىلەپ ماڭالايدىغان بىر خىل بىلىقنى بايقىغان بولۇپ، بۇ خىل بىلىقنىڭ تۆت سۇ ئۈزگۈچ پالقى خۇددى ئۆمىلگۈچى ھايۋانلارنىڭ تۆت پۇتىغا ئوخشاش ماسلىشىپ ھەركەت قىلىپ، ئۆمىلەپ مىڭىش، ياكى تامغاچاپلىشىپ يۇقىرىغا ئۆرلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىكەن.
بۇ خىل بىلىقنىڭ تۆت پالقى بىلەن ئۆمىلەپ ماڭالىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ ئۇستىخان قۇرۇلمىسى باشقا تۈردىكى بىلىقلارغا قارغاندا بىر قەدەم ئىلگىرلەپ تەرەققى قىلىپ، بەدىنىگە تېخىمۇ كۆپ مۇسكۇلنىڭ جايلىشىشىنى يىتەرلىك بوشلۇق بىلەن تەمىنلىگەن.
جانلىقلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريىسىنى چۈشەندۈرۈشتە، دىڭىزداياشىغۇچى سۇ ئۈزگۈچى بىلىق تۈردىكى جانلىقلارنىڭ قۇرۇقلۇققا قانداق يامىشىپ چىققانلىقى بىر ھەل قىلغۇچ تۈگۈن ھىسابلىنىدۇ. بۇ خىل بىلىق بىلەن ئۆمىلگۈچى ھايۋانلارنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان "ئۆمۈلگۈچى بىلىق"نىڭ بايقىلىشى، پەۋقۇلاددە بولۇپ، نەسلى تېخى قۇرۇپ كەتمەي ئۆڭگۈر ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان بۇ خىل بىلىق تۈرىنىڭ بايقىلىشىجانلىقلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى نەزەريىسىنى تېپىلغۇسىز تىرىك ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەن.
دىۋونىيان ئىراسىغا (Devonian Period) مۇناسىۋەتلىك، يەنى بۇنىڭدىن تۆت يۈز مىليون يىل ئىلگىرىكى ئۇشبۇ بۆسۈش خارەكتىرلىك تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك تاش قاتمىلاردىن بايقىلىشىچە، مەزكۇر بىلىقنىڭ ھەركەت قىلىش ئۇسۇلى، شۇ دەۋىردىكى تۆتپۇتلۇق (ياكى تۆت قانانلىق) جانلىقلارنىڭ سۇ ئاستىدا قالدۇرغان ئۆمىلەش قاتما ئىزلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك قىياسلارنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن. تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز،
مەنبە:
1. خەلىقئارالىق پەن-تەتقىقاد خەۋەرلەر تورى:
http://serve.3ezy.com/phys.org/n ... overy-thailand.html
2. سىن ئۇلىنىشىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، سۇمرۇغ تورىدىن كۆرۈڭ:
http://v.ifeng.com/news/society/201603/01387a5b-52d9-4afe-a4cb-bc21ccf50375.shtml
|