- تىزىملاتقان
- 2015-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2437
- نادىر
- 0
- يازما
- 284
ئۆسۈش
  14.57%
|
Qisas يوللىغان ۋاقتى 2016-3-31 12:19 
تەدرىجىي تەرەققىي قىلسا پەقەت بېلىقلا تەرەققىي قىلامد ...
1-سوئالىڭىزنى نىمە ئۈچۈن ماڭا قاراتقانلىقىڭىزنى چۈشەنمىدىم. بۇ يەردە پەقەت بىلىقلا تەدرىجى تەرەققى قىلىدۇ دىگەن گەپ يوق، بىراق مۇشۇ بىلىقتا شۇنىڭ ئىسپاتى تىپىلدى دىگەن گەپ.
2- سوئالىڭىزنىڭ ئۆزىدىنلا پاكىت ئالدىدا ئىككى كۆزىڭىزنى قولىڭىز بىلەن چىڭ ئىتىۋىلىپ، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن زورۇقۇپ تۇرۇپ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريىسىنى رەت قىلىشتىن باشقا مەقسىتىڭىز يوقلۇقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئۆزىڭىز تەنقىد قىلىۋاتقان نەزەريە ھەققىدە ھىچبىر چۈشەنچە يوق ئىكەن. ئالدى بىلەن سىز تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريىسىنى نىمە دەپ چۈشىنىسىز، ماڭا ئۆزىڭىزنىڭ بىلىشىچە ھىسى چۈشەنچىلىرىڭىزنى بولىسىمۇ يىتەرلىك دەپ بىرىڭ، ئاندىن پاراڭلىشايلى بولامدۇ؟ چۈنكى بىر نەرسە ھەققىدە ھىچنىمە بىلمەيدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىچنىمە بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى ئۆچ كۆرىدىغان ھالەتتە تۇرۇپ مۇنازىرە ئىلىپ بارغىلى بولمايدۇ.
|
|