- تىزىملاتقان
- 2013-12-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5763
- نادىر
- 0
- يازما
- 400
ئۆسۈش
  15.26%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nayip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-23 11:35
cooloff يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 23:20 
سىلەرمۇ پۇل تېپىپ چىقىپ كىتىڭلار نوچاڭلار بولساڭلار.... ...
چىن دىلىمدىكى گەپنى قىلسام: مەن باي بولسام ھەرگىز كۆچمەن بولمايمەن.بەزىدە چىقىپ ئارام ئالغىلى بەلكىم مۇھىتى ياخشى، ئىچكى قىسمى مۇقىم بىرەر دۆلەتتىن ئۆي ئېلىپ قويۇشۇم مۇمكىن، ئەمما كۈندە زاغرا يىسەممۇ مۇشۇ ماكاننى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئۇرۇق تۇققانلار مۇشۇ يەردە،دوستلار مۇشۇ يەردە،ئەجدات ئىزلىرى مۇشۇ يەردە،كىندىك قېنىم مۇشۇ يەردە، مەن كۆنگەن مەدەنىيەت مۇشۇ يەردە، ماڭا سىڭىدىغان تاماق مۇشۇ يەردە، ماڭا تونۇش تەبىئەت مۇشۇ يەردە،قوينىغا ئالىدىغان زىمىن مۇشۇ يەردە....‹‹كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول››. ئادەتتە ئۈرۈمچىگە بېرىپ قالساممۇ، بىرەر سائەت ئارتۇق تۇرغۇم كەلمەيدۇ.
شەخسەن مېنىڭ ئۇنداق نوچى بولغۇم يوق. چەتكە كۆچمەن بولۇپ نوچى بولالىشى ناتايىن.‹‹كۆڭىل توق،غېمىم يوق››.شۇ يەردە خەقنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ياشىماق ئاسان ئەمەستۇ. نەگە بارسا قازاننىڭ قۇلىقى تۆت! بۇلار ئەجداتلاردىن قالغان ساۋاق! |
|