- تىزىملاتقان
- 2015-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5457
- نادىر
- 1
- يازما
- 298
ئۆسۈش
  9.14%
|
جۇڭگونى تاشلاپ، چەتكە كۆچۈپ كېتىۋاتقان بايلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئوخشاشمايدىغان سەۋەپ ۋە ئارزۇلىرى بولىشى مۇمكىن. كۆچۈپ كېتىۋاتقانلار پەقەت پۇل تاپقان بايلارلام بولغان بولسىتى، قىلغان يامان ئىشلىرىنىڭ بىر كۈنلەردە ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىخەتەر جايغا قاچتى- دېسەكمۇ بىر گەپ. بىراق چەتكە چىقىپ كېتىشكە ئىنتىلىدىغانلار ھەممە ساھەدە ئاز ئامانسىز بارلىقىنى يوشۇرۇپ بولالمايدۇ. جۇسەي ، ( كۈدە ) پالەك، سامساق تېرىپ جان باقىدىغان كۆكتاتچى جۇڭگولۇقلار دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا پۇتلىشىپ يۈرىدۇ. شىمالدا سىبرىيە، جەنۇپتا ئاۇسترالىيە، ئىشقىلىپ جان ساقلىغىلى بولغىدەكلا يەر بولسا، جۇڭگولۇق كامبىغەللەر قىمىلداپ كەتكەن. ئەگەر پاسپورت بېجىرىش ئاسان بولۇپ، جۇڭگو پاسپورتىغا ۋىزا ھەل قىلىش ئاسان بولۇپ قالىدىغان بولسا، دۇنيانى جۇڭگولۇقلار كەلكۈنى باساتتىكەن- دەپ قالىدۇ كىشى.
|
|