- تىزىملاتقان
- 2012-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2719
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
ئۆسۈش
  23.97%
|
«ئىزدىنىش» مۈنبىرىدە ، خوتەن ۋىلايىتىنى «خوتەن شەھرى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىكەن ، دېگەن خەۋەرنى كۆرۈپ ، كاللامدا ، ئۇنداقتا ھازىرقى «خوتەن شەھرى»نىڭ نامى نېمىگە ئۆزگىرەر؟دېگەن خىيال پەيدا بولدى.
ئەلبەتتە ، مەن بۇ تېما ئارقىلىق كەڭ سەگەك تورداشلار بىلەن ئۆز كۆز - قاراشلىرىمنى ئورتاقلاشماقچى ،خالاس ! قانداقتۇ ، « مېنىڭكىنى قۇبۇل قىل » خاھىشى مەندىن بىدار!
ھازىرقى خوتەن شەھرى 1984-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ،ئەينى ۋاقىتتا ئىلچى ، لاسكۇي ، شورباغ ۋە گۇجانباغ قاتارلىق يېزا - بازارلارنى ئاساسى بىرلىك قىلىپ قۇرۇلغان . 2000 - يىللاردىن كېيىن بولسا ، يەنە خوتەن ناھىيەسىگە قاراشلىق توساللا يېزىسى ۋە لوپ ناھىيەسىگە قاراشلىق يۇرۇڭقاش بازىرى ، جىيا يېزىسىنى قوشۇۋالدى ، ئەسلىدىكى ئارقاچال ئېچىش رايۇنى رەسمى ئارقاچال يېزىسى بولۇپ قۇرۇلدى (بۇ يەردە كۇچا باشقارمىلىرىنى تىلغا ئالمىدىم) . ئەمما ، بىز قۇرۇلغان چاغدىكى خوتەن شەھرى ۋە خوتەن شەھرىنىڭ ھازىرقى ئەڭ تەرەققى قىلغان ، نۇپۇسى ئەڭ زىچ ۋە كۆپ ئورۇنلىرىغا قارايدىغان بولساق ، بۇ يەرلەرنىڭ دەل ھازىرقى ئىلچى يېزىسىغا ئەسلىدىن مەنسۇپ زېمىنلار ئىكەنلىگىنى بايقايمىز . يەنە كېلىپ ، ھازىرقى ناۋاغ ، نۇرباغ ، گۈلباغ كۇچا باشقارمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىگى ھەم گۇجانباغ كۇچا باشقارمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىگىنىڭ بىر قىسىم زېمىنى ئەسلىدە ئىلچى يېزىسىنىڭ زېمىنلىرى ئىدى . ئەينى ۋاقىتتىمۇ خوتەن شەھرى ئىلچى يېزىسىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان ئىدى . ھازىرمۇ ئىلچى يېزىسىنىڭ زېمىن كۆلىمى ۋە نۇپۇسى خوتەن شەھرىنىڭ مۇھىم تەشكىلى قىسىملىرىدىندۇر . يەنە كېلىپ ، « ئىلچى » دېگەن بۇ نام ( مېنىڭچە ) دۇنيادا پەقەت بىرلا ! يەنى ، ئۆزگىچە بىر نام!
خۇلاسە كالام ، ناۋادا خوتەن ۋىلايىتى «خوتەن شەھرى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىلسا ، كەمىنە ھازىرقى «خوتەن شەھرى»نىڭ نامىنى « ئىلچى رايۇنى » دەپ ئاتالسىكەن ، دېگەن قاراشتا ! كەڭ تورداشلارنىڭ تارىخ ۋە ھازىرنى چىقىش قىلغان ئاساستا ، ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تىلەكداشمەن!!! |
|