- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5420
- نادىر
- 0
- يازما
- 494
ئۆسۈش
  8.4%
|
karez يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 01:12 
ئۇدۇن دىگەن نامنى ئىشلىتىشى مۇمىكىن ، چۈنكى يېقىندا تۇ ...
ناھايىتى توغرا دېدىڭىز دۇدۇن دېگەن قەدىمكى نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تارىخنى تامامەن بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك . ئەمىسە بۇ ئۇدۇن دېگەن نامنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرا كەلسە ئۇنداقتا يەنە قوردان دېگەن نامنىمۇ تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ . پەرھات ئابىت جىلان يازغان تارىخي رومان ‹‹ ئورخۇن شەجەرىسى ›› دېگەن كىتابتا خوتەننى قوردان دەپ ئالغان ، شۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ خوتەن دېگەن ئاتالغۇ قورداندىن كەلگەنلىكى ئېنىق ، چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ق ھەرىپىنىڭ ئاجىزلىشىپ خ غا نۆۋەتلىشىپ قېلىشى ، يەنە تېخى قەدىم تۈكىي تىلىدا د ت ھەرىپلىرىنىڭ بەزىدە ئالمىشىپ ھەتتا پەرقلەندۈاەلمەي ئىشلىتىلگەنلىكى بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت . مەسىلەن : ئورقۇن ئاتالغۇسىدىكى ق ھەرىپى خ غا نۆۋەتلىشىپ ئورخۇن دەپ ئاتالغان ، يەنە ۋولگا دەرياسىنىڭ ئەسلىدىكى تۈرك تىلىدىكى ئاتىلىشى بەزىدە ئېتىل ، بەزىدە ئېدىل دەپ ئېلىنغان ، يەنە قومۇل قارادۆۋىنىڭ نامىنى يەرلىكلەر قاراتۆۋە دەپ ئاتايدۇ ، . يەنە بىزدە ر ھەرىپىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىمۇ ، ئا ھەرىپىنىڭ ئە ھەرىپىگە ئۆزگىرىشىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ . شۇنىڭدىن قاراپلا بۇ خوتەن ئاتالغۇسىنىڭ قوردان ئاتالغۇسىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكىنى بىلىۋېلىش قىلچە قيىن ئەمەس . يەنە مەسىلەن : قومۇلنىڭ ئەڭ قەدىمكى نامى ئىۋېرغول( يەنى ئۇيغۇر غول مەنىسىدە ) ، لېكىن قومۇل دېگەن ئاتالغۇ بولسا قەۋمىمولدىن ئۆزگەرگەن ، شۇنىڭدىن قاراپ ھەرئىككى نامنى ، يەنى ، ئۇدۇن بىلەن قوردان دېگەن ئاتالغۇنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن . |
|