- تىزىملاتقان
- 2015-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5457
- نادىر
- 1
- يازما
- 298
ئۆسۈش
9.14%
|
تەرەققىياتنى يېزىققا باغلاشتۇرۇپ چۈشىنىۋالىدىغان كىشىلەرگە ھەيران قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر يېزىق ئامىلى سەۋەپلىك بىر مىللەت پەن- تېخنىك تەرەققىياتىغا ماسلىشالماي، پالاكەت بېسىپ قالىدىغان ئىش بولسا، جۇڭگولۇق ھەممىنىڭ ئارقىدا قالسا بولاتتى. ئۇلار ئاشۇ كۇئادراتلىق خەت بىلەنمۇ ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا خېلە زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ھازىرقى ئەھۋالىدا ئامېرىكا بىلەن پۇت تېپىشكىدەك دەرىجىگە يەتتى. بەزەنلەر ئۇيغۇرغا بەك كۆيۈنۈپ كېتىۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىچ ئىچىدىن ئۇىغۇرنىڭ ھەممە نەرسىسىگە زەھەرخەندىلىك قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەللىرىدىمۇ تاشلىنىپ كېتىۋاتقان سىلاۋيانچە يېزىقنى ئاغزىغا سېلىپ ناۋات شۇرىغاندەك شوراپ تۇرۇپ، - ئۇيغۇر سىلاۋيان يېزىقى - دەپ تامچىشلىرىدىنلا مەلۇمكى، ئۇنداقلارنىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئېشىپ قالىدىغان بولسا، يەنە بىر قېتىم مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى قوزغاپ، ئۇيغۇرنىڭ دىنىغا، ئۆرپ ئادەتلىرىگە، مەدەنىيەت سەنئەتلىرىگە، تىل- يېزىقلىرىغا، قىسقىسى ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئەجەللىك تىغ ئۇرماقچى.
ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قانداق يېرى تەرەققىياتقا تاقىشىپ قالدى؟ 1993 - يىللىرى ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچىگە تولۇق ئالماشتۇرۇش بورىنى چىقارغان بىر توپ گېزەندىلەر: ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقى كومپىتورغا چۈشمەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات، ئىلىم پەن كومپىتور ئارقىلىق ئەمەلىلىشىدۇ. ئەگەر بىز تەرەققىياتتىن بەھرىمەن بولۇشنى ئويلىساق جەزمەن يېزىق ئۆزگەرتىشىمىز شەرت- دەپ چوقان كۆتۈرۈشكەن ئىدى. ئۇيغۇر تېزىقى كومپىتورغا چۈشۈپ ئومۇملىشىپ بولغىلى 20 يىلدىن ئاشتى. ھەتتا بۇ يېزىق قول تېلېفونلىرىغىمۇ تاقىشىپ قالماي چۈشىۋاتىدۇ. ھېلىقىدەك گېزەندىلەرنىڭ شۇملىقى تېخىچە بېسىققىنى يوق. ئەمدى بولسا: مۇشۇ يېزىق تۈپەيلى تەرەققىياتتىن مەھرۇم قېلىۋاتىمىز- دەپ، جار سېلىشماقتا. پەن تەرەققىيات دېگەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ كومپىتوردا خەت يازسىلا بولۇپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ دۆلەتنىڭ رۇخسىتى، دۆلەتنىڭ سىياسىتى، دۆلەتنىڭ مەبلىغى بىلەن بولىدىغان نەرسە. ساڭا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۆلەت سېنىڭ تەرەققىياتىڭنى خالىمىسا، سېنىڭ ھەممە تىرىشچانلىقىڭ ئۇسرۇققا تەڭ. دۆلەتنىڭ رۇخسىتى بولمىغان ئەھۋالدا ئۈرۈمچىدىكى 《شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى 》نىڭ بىر فاكولتېتىنى خوتەنگە قۇرىمىز- دەپ باقە، قېنى ھالىڭ نېمە بولاركىن. ئاشۇ ئۇنىۋېرستېتنىڭ بىرەر فاكولتېتىدا ئوقۇشقا نومۇرى توشقان بالاڭ، خوتەندىن 2000 كىلومېتىر ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىشكە مەجبۇر. بەش يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن تاتمىغان جەۋرى مۇشەققەتلىرىڭ قالمايدۇ. بالاڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، قىلىدىغان ئىشنىڭ تاينىمۇ يوق. ئارتۇق گەپ باشقا بالا. سېنىڭ تەرەققى قىلىشىڭ خام خىيال. يېزىقنىلا ئەمەس، ئالدى بىلەن تۇمۇرىڭدىكى قاننى ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن گەپ قىل. بولمىسا سېنىڭ تاشلىنىپ قالغىنىڭ قالغان. |
|