- تىزىملاتقان
- 2012-9-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 850
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
ئۆسۈش
  70%
|
بۇمەريەم خانىمنىڭ مۇبارەك يازمىسىدا تىلغا ئېلىنغان باھالار تۈرك مىللەتچىلىرى ۋە بىلىم ئادەملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېرىدىغان دائىملىق باھالىرى. ئاخىرقى 6-7 يىللاردىن بېرى، تۈركىيەدە ياكى ياۋرۇپا تۇپراقلىرىدا بۇ خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرى كۈچىيىپ باردى. يەنى، ئۇيغۇرلارنى ئەجدادى بىلەن تونۇش، ئەۋلادىنىڭ ھالىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە ياخشى بىر يۈزلىنىش بار.
بۇمەريەم خانىمغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن. ئاللاھ بۈيۈك نەتىجىلەر ئاتا قىلسۇن!
"مىللەت دېدى، مۇسۇلمان دېمىدى" توغرىسىدىكى تالاش - تارتىشلارنى ئاز قىلغان ياخشى. مىللىتىنىڭ ھالىغا كۆڭۈل بۆلەلمىگەن ئادەمنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىغا كۆڭۈل بۆلەلىشى ناتايىن. تۈركىيە ۋە ياۋرۇپادا نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار بار، تۈركچىلىك بىلەن مىللەتچىلىكنى بىر گەۋدە قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىسلامدا يېتىشكەن موللىلىرىنىڭ تەبلىغلىرىنى ئاڭلىسا،مىللەتنى سۆيۈشنىڭ مۇسۇلماننى سۆيۈشتىن كەم يېرىنىڭ يوقلىقىنى ئەقىللەر قوبۇل قىلىدۇ. بىلگۈچى ئاللاھتۇر. كەم ئەقلىمىز بىلەن ئۆگىنىۋالغان يۈزەكى بىلىملىرىمىزگە تايىنىپ كەسكىن ھۆكۈملەر چىقىرىشتىن ساقلىنىشنىڭ پايدىسى ئۆزىمىزگە. |
|