- تىزىملاتقان
- 2016-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2368
- نادىر
- 2
- يازما
- 143
ئۆسۈش
  12.27%
|
tengrikut يوللىغان ۋاقتى 2016-3-16 18:07 
«چۈنكى، بىر مىللەت كۈچىنى قانچە يوقاتقانسېرى، ئۆزىنىڭ ...
تەتقىق قىلىش باشقا، ئەجدادىدىن پەخىرلىنىپ ئوڭدا يېتىش باشقا. مەن تەتقىق قىلمايلى دەپ سۆزلىمىدىم. ئوڭدا يېتىپ قۇرۇق شوئار توۋلاپ پەخىرلىنىشنى ئەمەلىي ئويغىنىشقا ئايلاندۇرۇش ھەققىدە سۆزلىدىم.
مەن دېمىگەن گەپنى ماڭا سۇۋىماڭ. مەن قەدىمقىلەرنى قېزىش ھەققىدە گەپ قىلمىدىم ماقالىدە. مېنىڭ گېپىم ھازىرنىڭ ئۈستىدە. كونا خاماننى سورىۋەرسىڭىز سېسىق سامان بىلەن ئەسكى توپىدىن باشقا نەرسە چىقمايدۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېغىزىغا ئۆزىمىز ئەمزەك سېلىپ ئولتۇرىۋەرمەي، ھازىرىمىز بىلەن ماختىنالىغۇدەك مىللەت بولۇشقا تىرىشساق، دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرغا قويدۇم.
مەن ئەركىن سىدىقنىڭ توختىماي ئۆزىنى ماختىغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. چۈنكى ئۇ ماختاشلارغا تويۇنغان.
ئەمما مەن ھازىرى بۇرۇنقى ئۆزىدەك پارلاق ئەمەس، شۇڭا توختىماي باشقىلارنىڭ ئۆتمۈشىنى ماختاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان، خەق ماختىمىسا ئۆزى قوپۇپ ئۆزىنى ماختايدىغان نۇرغۇن ئادەملەرنى تونۇيمەن.
دىۋانۇلۇغاتىتتۈرك تە «تولۇنئاي قول بىلەن كۆرسىتىلمەس» دەيدىغان ماقال بار.
مەن ياپونلارنىڭ، گېرمانلارنىڭ توختىماي ئۆزىنى ماختاپ مۇنازىرە قوزغاپ كەتكىنىنى كۆرمىدىم. چۈنكى، ئۇلارنى خەق ماختىغاچقا ئۇلارنىڭ ماختىلىش ئېھتىياجى تويۇنۇپ بولغان.
ئۆزىمىزنى توختىماي ماختاش خۇددى « مەن باشلانغۇچتا سىنىپ باشلىقى ئىدىم، تەقدىرنامە بىلەن تاملارنى توشقۇزىۋەتتىم» دەپ پو ئاتىدىغان داشۆگىمۇ ئۆتەلمىگەن بىر قەرتۋازنىڭ ئىشىغا ئوخشاپ قالمامدۇ.
|
|