- تىزىملاتقان
- 2014-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8743
- نادىر
- 0
- يازما
- 815
ئۆسۈش
74.86%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا obzorqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-15 17:10
putin يوللىغان ۋاقتى 2016-3-15 11:40
بىر ئائىلىدىن ئوخشاش خاتالىقنى ئۆتكۈزگەن ئىككى بال ...
putin سىزنىڭ 24 - قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزدىكى : « مەن ئىسلام دىىنىغا باشقىچە قارىمىدىم ، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىش ئۇسۇلىغا باشقىچە قارايمەن » دېگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق . بىراق : « ئىسلام دىنى يىپىق ھالەتتە تۇرۇپ كەلمەكتە . ئۆزىنى ئىجدىمائى تەرەققىيات ۋە رىئال تۇرمۇشتىن قاچۇرماقتا » - دېگىنىڭىز ، ئىسلام دىنىغا باشقىچە قارىغىنىز بولماي نېمە ؟ ئىسلام دىنى ئۆزىنى ئىجدىمائى تەرەققىيات ۋە رىئال تۇرمۇشتىن قانداق قاچۇرماقتا ؟ چۈشەنچە بەرگەيسىز .
سىزنىڭ : « دىن ۋە دىنىي كىتاب بىر تۇراقلىق قىلىپ » - دېگىنىڭىزدەك ، اللەنىڭ كىتابى ۋە مۇھەممەد مۇستافا سۇەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى نۇقۇل ھالدىكى بىر تۇراقلىق قېلىپ بولماستىن ، بەلكى ھاياتلىقنىڭ ئىككى ئالەملىك ، ئالەمدەك چوڭ ياخشى - يامان ئىشلىرىدىن تارتىپ ، تاكى زەررىچىلىك ئىشلىرىنىمۇ روشەن كۆرسىتىپ بەرگەن ھىكمەتتۇر . بىراق ، سىز ئېيتقاندەك ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز نەپسى ئۈچۈن ،ئۆز ئىدىيىسىگە ئاساسەن يول بەلگىلىگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىش تەرەپتارى بولساق بولىدۇ .
25 - قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزدا : « بىر مىللەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى تاللىغاندا ھىچقانداق ئىتىقاد ئۇ مىللەتنىڭ يولىنى توسالمايدۇ .ئىسلام تىخىمۇ توسالمايدۇ » - دەپسىز . ئەمەلىيەتتە ، ئىسلام دىنى بىر مىللەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى تاللىغاندا ئۇ مىللەتنىڭ يولىنى توسالمايدۇ - ئەمەس ، بەلكى توسىمايدۇ . توسىمالا قالماستىن ، بەلكى تەرەققىيات يولىنى داغدا ، روشەن كۆرسىرىپ ، توغرا يېتەكلەيدۇ .
يەنە : « مىللەتكە ھەرقانداق دىنىي ئىتىقاد كىرەك ئەمەس » - دەپسىز . بەلكىم ، سىزگە ئوخشاش تامنىڭ تۆشىكىدىن شۇنداقلا يارىلىپ قالغانمەن - دەپ بىلگۈچىلەرگە اللەقا ئېتىقاد قىلىش كېرەك ئەمەس بولسا كەرەك . ئۆزىنىڭ كىم تەرىپىدىن ، قانداق يارىتىلىپ ، كېين نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ، دىنى ئېتىقان ھەممىدىن بەك كېرەك .
27 - قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزدا : « ... كەربالا ۋەقەسى ،ئەرەب باھارى ھەرىكىتى ،ئوسمانىيلار ۋە ئىسلام ۋە ئەرەبلەر ،1-2--3قىتىلىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى كۆپلىگەن رايونلۇق توقۇنۇشلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى ئىسلامىيەتنىڭ باشقا چوڭ دىنلارغا نىسبەتەن ئىدىيە كونتىرولچانلىق ھايات كۈچى ئاجىزلىغان » - دەپسىز . بۇ يەردە « ئىسلامىيەتنىڭ ئىدىيە كونتىرولچانلىق ھايات كۈچى ئاجىزلىغان » - دەپ ، سەھۋەنلىكنى يەنىلا ئىسلامغا يۈكلەپسىز . ئەمەلىيەتتە سەھۋەنلىك ئىسلام دىنىدا ئەمەس ، بەلكى مۇسۇلمان بەندىلەردە .
ئاخىرىدا سىز ئېنىقلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىنى كۆرسىتەي . ئۇ بولسىمۇ :
مۇسۇلمانلاردا سادىر بولغان ، بولىۋاتقان كەمچىللىك ، خاتالىقلارنى ئىلمىي ئاساستا پاش قىلىپ ، ئېچىپ تاشلاپ ، بار كۈچىڭىز بىلەن قاتتىق تەنقىد قىلسىڭىز ، سىزنى قوللايمىز . لېكىن ئىسلام دىنىدىن قۇسۇر ئىزدىسىڭىز قەتئى بولمايدۇ . مەسلىھىتىمنى توغرا چۈشىنەرسىز . اللەقا ئامانەت . |
|