- تىزىملاتقان
- 2016-2-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 686
- نادىر
- 0
- يازما
- 52
ئۆسۈش
  37.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ezizheytkun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-15 16:45
شەخسىيەتچىلىكتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، يەنى ئۆزىنى گېپىنى بازارغا سېلىۋېرىشتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ يۈكسەكلىككە -يەنى ھەممە ئادەم ئېتراپ قىلىدىغان ئومۇملۇق نەزەرىگە ئىگە بولغىلى بولمايدۇ.
بىز بۇ بولىدۇ،ئۇ بولمايدۇ، ئۇ بولمايدۇ دېگەن ئاخىرى چىقمايدىغان تالاش -تارتىشتىن نېمىشقا توختاپ قالمايمىز.؟
بەزىلەر نورۇزنى ئېتراپ قىلمايدىكەن. بەزىلەر ئىسلام دىننى ئېتراپ قىلمايدىكەن.
مۇشۇ تەبىئەتتە ،دۇنيادا جەمىئىيەتتە ھەممە بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئوت بىلەن سۇنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇشىدىن دۇنيا رەڭدارلىققا تولغان.
بىزگە زۈرۈر بولغىنى ئۆزىمىز بىلگەنچە بىلجىرلاشلا ئەمەس ئومۇمىي -پۈتۈن نەزەردە تەپەككۈر قىلىش ۋە نەزەر سېلىشنى بىلىش. قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا، كۆز قارىشىدا تۇرۇپ پىكىر قىلالىساق دىن تەرەپدارلىرى بىلەن پەن تەرەپدارلىرى،زامانىۋىلىق تەرەپدارلىرى بىلەن ئەنئەنە تەرەپدارلىرى بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان ،ئېتراپ قىلىدىغان، ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇ بىر نەتىجە .بولۇپ باقمىغان ئەھۋال . بىز پەقەت قانۇن نىڭ قاتتىق چەكلەش كۈچىدىلا ئىناق قىياپەتتە تۇرۇپ كېلىۋاتىمىز.ئەگەر بىز باشقىلارنىڭ يولى،كەسپى،قارىشى ،مەيدانىدا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلالىساق ،نەزەر سالالىساق ئادىمىيلىك ۋە ئەخلاق جەھەتتىمۇ ھەقىقىي ئىناق ھالەتنى قەلب جەھەتتىن مەيدانغا كەلتۈرگەن بولاتتۇق. قاچانمۇ ئومۇممىي نەزەردە ،نەچچە مىليۇن قېرىندىشىمىزنى بىر گەۋدە دەپ تونۇپ،شۇ نۇقتىدىن پىكىر قىلىدىغان بولارمىز؟ |
|