- تىزىملاتقان
- 2015-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1498
- نادىر
- 0
- يازما
- 93
ئۆسۈش
  49.8%
|
iznur1990 يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 13:23 
ئېتقادلىق مۇسۇلمان بۇلۇش سۇپىتى بىلەن رەھمەتلىك شائى ...
2010- يىلى يولغا توغرا كېلىپ قېلىپ كۆچۈرۈلگەم قەبرىلەر خېلى كۆپ بولدى ، شۇ قېتىملىق قەبرە كۆچۈرۈشتە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى ۋە باشقا بىر قانچە يۈزلىگەن قەبرىلەرلا كۆچۈرۈلمەي ساقلاپ قېلىندى ،
ھازىر شەھەر ئۆزلۈكسىز كېڭىيىپ يالقۇنتاغقىچە تۇتاشتى ،شائىرنىڭ قەبرىسى ئاللىبۇرۇن شەھەرنىڭ ئاۋات مەركىزى كوچىلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالدى ،
شۇڭلاشقا شائىرنىڭ قەبرىسىنىڭ ئەسلى ئورۇندا قېلىشى ئۈچۈن چوقۇم قايتىدىن رېمونت قىلىپ شەھەر ئاھالىسىگە كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋەتسە دېمەكچىمەن ، بىراق نۇرغۇن ئادەمنىڭ كېلىپ كىتىپ قەبرىنى زىيارەت قىلىشىغا ئەلۋەتتە ھازىرقى توپىلىق قەبرە بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى ھەم شەھەر مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن ،شۇڭلاشقا كېڭەيتىش ، مۇقۇملاشتۇرۇش يېشىللاشتۇرۇش ئەڭ مۇھىمى قەبرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئابىدە خاراكتېرلىك خاتېرە سارىيى قۇرۇش كېرەك ، بۇ قانداقتۇر ئىسراپچىلىق ئەمەس بەلكى مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ غورۇرى ۋىجدانى ئۈچۈن قان تۆككەن شائىرنىڭ جەڭگىۋار سىماسىنى بۈگۈنكى كۈندە ھەركۈن ھەرمىنۇت خەلقىمىزنىڭ كۆزئالدىدا نامايەن قىلىدىغان تەشۋىقات قىممىتى ، تەسىر كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئىنتايىن جايىدا سېلىنغان مەبلەغدۇر . |
|