- تىزىملاتقان
- 2015-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1498
- نادىر
- 0
- يازما
- 93
ئۆسۈش
  49.8%
|
xamxad2 يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 00:38 
مەرھۇمنىڭ قەبرىسىنى رىمونتلاش ،سىز ۋە بىزنىڭ قولىمىزد ...
توغرا دەيسىز ئاسان ئەمەس ، لېكىن مەرھۇمنىڭ قەبرىسىنىڭ تاغقا يۆتكىلىپ كىتىشىگە ، ئاستا - ئاستا كىتاپلاردىلا نامى ساقلىنىپ قالىدىغان يۈزلىنىشكە قاراپ تۇرساق بولماس !
سىز ۋە بىزدىن ئىبارەت نۇرغۇنلىغان خەلق مەرھۇمنىڭ قەبرىسى يېنىدىن كوچا ئاپتۇبوسى بىلەن ئۆتكەندە ھەرقېتىم توختىماي دۇئا قىلىشىپ ئۆتىدۇ ، بىراق دۇئا قىلىش بىلەن تەڭ ئەمىلىي ئىش قىلىشنىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن سۆزلىشىپ خاتىرە سارىيى قۇرۇپ چىقىشنى تەس ئىش دەپلا بەل قويۋەتسەك بولمايدۇ ،
چۈنكى توردىكى مۇنازىرە سورۇنىغا سىز ۋە بىزدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئەدىب يازغۇچى ئالىملىرىمىزمۇ كىرىدۇ ، كۆپنىڭ كۈچى كۆپ بولىدۇ . ھەرھالدا تەس ، مۈشكۈل دەپلا قاراپ تۇرساق بولماس !
مېنىڭچە بۇ ئىشنى پىشقەدەم دۆلەت رەھبىرى ، شائىر ، 12 مۇقام رەتلەش ئىشلىرىغا زور كۈچ چىقارغان تۆمۈر داۋامەت ئاكمىزدەك ، مىجىت ناسىر ئاكىمىزدەك خەلقپەرۋەر رەھبەرلەرگە دەپ بېقىش كېرەك .
ئاڭلىشىمچە تۆمۈر داۋامەت ئاكىمىز بۇرۇن تۇرپان ئاستانىدىكى مۇھىتىلار جەمەتىنىڭ سوۋېت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان قوروسىنى چېقىش ئىشىغا بىۋاستە ئارلىشىپ قوغداپ قاپتىكەن . |
|