قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 18120|ئىنكاس: 56
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىكى مىللىي ئىتتۈرگۈچ كۈچ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

1

دوست

2034

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43591
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 654
توردىكى ۋاقتى: 168
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-22
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 00:01:38 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Poirot تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-11 11:58  

ئاساسىي مىللەتنى بېسىش نارازىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

ئەسلى ئاپتور:زو فېڭرۇڭ

بودەك رازۋېتچىك تەرجىمىسى


   سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى . 1922 - سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا  تۆت ئەزانى بار ئىدى . 1936 - يىلى ستالىن تاشقى كاۋكاز فېدېراتسىيىسىنى ئۈچكە ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى بەش بۆلەككە بۆلۈۋەتكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن يەنە يېڭى يۇتۇۋالغان بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئۈچ جۇمھۇرىيەتنى ۋە مولداۋىيەنى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ سوۋىت 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاقداش دۆلەت بوپقالدى . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ 15 ئىتتىپاق جۇمھۇرىيەتىنىڭ ھەممىسى ئاساسلىق مىللەت نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى چېگرا رايوندا بولۇپ،ئۇلارنىڭ زېمىنى ، نوپۇس , ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ پەرقى ناھايىتى چوڭ .
   سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىلىنىش شەكلى بولسا بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ 15 مۇستەقىل مىللى دۆلەتكە بولۈنۈشى بولدى . رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئوخشىمايدىغىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ئۇرۇش بولمىغان ۋە سىرتتىن كەلگەن بېسىم بولمىغان ئەھۋالدا يۈز بەرگەن . مىللىي مۇستەقىللىق خاھىشىنىڭ كۈچىيىشى ۋە مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ  ئاجىزلىشىشى، دۆلەتنى ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنىڭ كەمچىللىكى  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى  بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقاردى . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىش مەسىلىسىدە ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي سىياسىتى شۈبىھسىز. ئىنتايىن زور رول ئوينىغان.


ئازسانلىق مىللەتلەرگە يول بېرىش
   ھەممىمىزگە ئايان , كېڭەيمىچىلىك تاجاۋۇزچىلىقى چارروسىيەنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى. رۇس مىللىتى ئەمدىلا بىرلىككە كەلگەندە زېمىنى ئاران 2 مىليون 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىىغان  بىرلا مىللەتلىك دۆلەت ئىدى. تارىختا ئۆتكەن چار پادىشاھلارنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ئارقىسىدا 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چار روسىيە ئىمپېرىيە زېمىنى ياۋرو-ئاسىيا قىتئەسىگە سوزۇلۇپ ئۈچ ئوكيانغا تۇتاشتى. ئۇنىڭ زېمىنى كېڭىيىپ 20 مىليون كۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى . ئۆكتەبىر ئىنقىلابى مەزگىلىدە روسىيە چېگرىسى ئىچىدە چوڭ- كىچىك بولۇپ  190 نەچچە مىللەت بارئىدى . چار پادىشاھنىڭ بۆلۈپ ئىدارە قىلىش سىياسىتى نەتىجىسىدە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 43 ىنى ئىگىلىگەن رۇسلار تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇپ ، كەڭ غەيرى روس مىللىتى « يات ئادەم » دەپ قارىلىپ ، سىياسى جەھەتتە ھوقۇقسىز ئورۇندا تۇرىۋەردى . ئىقتىسادىي جەھەتتە ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى رۇسىيەنىڭ خام ئەشيا بازىسى ۋە سېتىش بازارلىغا ئايلىنىپ قالدى . چارروسىيە  مەجبۇرىي ھالدا مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ « بىر مىللەت ، بىر دۆلەت , بىر پادىشاھ ، بىر دىن ، بىر خىل تىل » دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلنى چەكلەپ ، ئۇلارنى پىراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلىغان ئىدى .
    لېنىن رۇسىيەنى « ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈرمىسى» دەپ ئاتىغان ۋە يەنە مۇنداق دەپ قارىغان : « نۇرغۇن يىللاردىن بېرى بۈيۈك رۇسلار پومېشچىك ۋە كاپىتالىستلار تەسىرىگە ئۇچراپ بىر خىل رەزىل شەرمەندە بۈيۈك رۇسىيە شوۋىنىزمنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك قارىشىنى يېتىلدۈرىۋالدى » دېدى . شۇڭىلاشقا ، لېنىن مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە رۇس مىللىتىنىڭ  ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تولۇقلىما بېرىشنى ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلدى . ئۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: « مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى دەل مىللەتلەرنىڭ مىللىي كوللېكتىپنىڭ دۆلىتىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل مىللى دۆلەت قۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ." . »
   ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىپ روسىيە ئىمپىرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن ، ھوقۇقدار  سۈپىتىدە لېنىن روسىيەنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە پارچىلىنىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلمايتتى. ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ، ئۇكرائىنا , بېلورۇسىيە , گرۇزىيە , ئەزەربەيجان , ئەرمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئەمەلىيەتتە  باراۋەر بولغان سوۋېت دۆلىتى بولۇپ،ھەممىسىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈمى يەنى سوۋېت قۇرۇلتىيى ، مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە خەلق كومىتېتلىرى، ئۆز ئارمىيىسى ۋە پۇلى بار ئىدى . ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىدە  بولشېۋىكلار پارتىيە تەشكىلىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە  ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىككى تەرەپلىك شەرتنامە ئىمزالاش شەكلى ئارقىلىق ، ئىتتىپاق تۈزۈپ بىردەك ماسلاشقان ھەرىكەت قوللىنىپ ، روسىيە فېدراتسىيەسى خەلق كومىتېتىنىڭ ئاستىدا  بىرلەشمە خەلق كومىسسارىياتىنىڭ قۇردى.( ھەربى ئىشلار، مالىيە ئەمگەڭ, قاتناش , پوچتا - تېلېگراف قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بۇ كومىسسارىياتىنىڭ ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بار . بۇ ئارقا كۆرۈنۈش نەتىجىسىدە لېنىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ، فېدېراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى .
    ئىتتىپاقداش دۆلەت قۇرۇش مەسىلىسىدە  ستالىننىڭ باشقا مىللىي دۆلىتىنىڭ ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى سالاھىيىتى بىلەن روسىيە فىدىراتسىيەسىگە قوشۇلۇش تەلىپى بېلورۇسىيە ، ئۇكرائىنا , گىرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى . لېنىن ستالىننىڭ مەمۇرىي بېسش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا قارشى تۇردى. ئۇ ئىختىيار قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا يېڭى ئىتتىپاق قۇرۇشنى تەكىتلىدى. كونكىرىت  ئۇسۇلى ،بولسا رۇس مىللىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە  يول بېرىش ئىدى . لېنىن يەنە ستالىننىڭ ئىتتىپاقنى ھوقۇق مەركەزگە يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن بىرلىك تۈزۈمدىكى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىغا قارشى تۇرۇپ ، ئالدى بىلەن بۈيۈك روسىيە شوۋىنىزىم ئەنئەنىسىدىن ئادا-جۇدا بولۇپ ئىسمى جىسمىغا لايىق فېدېراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت قۇرۇشنى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىك  ھوقۇقى بولۇشنى تەكىتلىدى . لېنىن ئۇ مۇنۇلارنى دىگەنىدى: « بىزنىڭ ئىتتىپاققا كىرگەن باشقا مىللەتلەرنىڭ جۇمھۇرىيىتىدە مىللىي تىلنى ئىشلىتىش كېرەك ۋە بۇ جەھەتتە ئىنتايىن قاتتىق قائىدە تۈزۈپ چىقىشى كېرەك . » « بۇ يەردە بىر تەپسىلىي قانۇن كودېكسى بولۇشى لازىم . بۇنى پەقەت مەزكۇر جۇمھۇريەتتە ئولتۇراقلاشقان ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى   ئىختىساسلىقلارلا  بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۈزۈپ چىقالايدۇ ." « پەقەت ھەربىي ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىلا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش ، لېكىن باشقا جەھەتتە ھەر قايسى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم . » شۇ چاغدىكى« يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت » دەۋرىدە ، لېنىننىڭ  سىياسىتى يەرلىككە تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى ، ئۇلارنى دادىل ھالدا شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئاساسىدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى  تەشەببۇس قىلاتتى .
    1922-يىلى12-ئاينىڭ30-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلدى  ھەمدە ھەر مىللەت قوبۇل قىلىش ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى :گەرچە شۇ چاغدا مۇستەقىل مىللىي دۆلەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىگە بولشېۋىكلەر رەھبەرلىك قىلغان ، بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ؛ ئۇكرائىنا قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر چوڭ مىللىي بىرلەشمە ئىتتىپاقتا روسلارغا ئوخشاش تەڭ ھوقۇققا ئىگە بولغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان ؛ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق ھالدا كاپىتالىزىم تەرەپتىن كېلىۋاتقان تاشقى بېسىمغا دۇچ كەلگەن . سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغان چاغدا  سىتالىن  تەكلىۋىگە بىنائەن « ئاپتونومىيە لايىھەسى »نى يىغىشتۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن لېنىننىڭ تەسەۋۋۇرىنى پۈتۈنلەي رېئاللىققا ئايلانمىدى . ئەمەلىي قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا ، ستالىن يەنىلا ئۆزىنىڭ  خايىشى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ گرۇزىيە ، ئەزەربەيجان , ئەرمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى باراۋەر ئەزا سۈپىتىدە  ئىتتىپاققا كىرگۈزمىدى.( ئۇلار تاشقى كاۋكاز فېدېراتسىيە نامى بىلەن كىرگەن. 1936 – يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىنئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولالىغان.) رۇسىيە فېدېراتسىيەسى گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ  باشقا جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئاپپاراتى بولمىغان ، ئەمەلىيەتتە بىر پۈتۈن ئىتتىپاقنىڭ ئاپپاراتنىڭ ۋەكىلى بوپقالغان .


پەرقنى كۈچەيتىش
    لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى لېنىننىڭ مىللى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا  نۇرغۇن پەرقلەر پەيدا بولۇپ، بىر تەرەپتىن  نەزەرىيە جەھەتتىن مىللىي ئاپتونومىيەنى تەشۋىق قىلىپ ،  شەكىل جەھەتتە رەڭگارەڭ بولغان مىللىي دائىرە  بويىچە مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزۈش گەۋدىسى قۇردى . سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخىردا 15 ئىتتىپاق جۇمھۇرىيەت، 20 ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ، سەككىز ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئون مىللىي رايون بولۇپ جەمئىي 53 كە يەتكەنىدى . بىراق بارلىق مىللەت نامى بىلەن ئاتالغان رايون ياكى دۆلەتتە مەزكۇر مىللەت  كۆپ ساننى ئىگىلىگەن ئەمەس ئىدى. مەسىلەن قازاقىستاندا ئەمەلىيەتتە رۇس مىللىتى كۆپ ساننى  ئىگىلەيتتى.1981-يىلىغا كەلگەندە قازاقىستاننىڭ 15مىليون530مىڭ نوپۇسى ئىچىدە قازاقلار نوپۇسىنىڭ ئىگىلىگەن سانى 5مىليون289مىڭ بولسا ،روسلارنىڭ 5مىليون 991مىڭ ئىدى.
    رۇسىيە فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىدە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەتتىن 16 سى ، 5 مىللىي ئاپتونوم ئوبلاست ۋە 10 مىللىي ئاپتونوم رايون بار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتىسىدە ئىككى مىللەتئورتاق ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزىدۇ. 1989 – يىلىدىكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيسىدىكى 16 مىللىي ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتنىڭ كۆپىنچىسىدە جۇمھۇرىيەت نامىدىكى  مىللەتلەر كۆپ ساننى ئىگىلىمەيدۇ. مەسىلەن ، باشقىرت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە  باشقىرتلار ئاران21.9%نى ئىگىلىگەن بولسا،روسلار 30.3%نى ئىگىلەيدۇ؛7.321.9 % ئاشقان ، رۇس مىللىتى % 13.6 % ئازايغان ؛ بۇريات ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە بۇرياتلار پەقەت % 24 نى،رۇس مىللىتى % 70 نى ئىگىلەيتتى؛ كارېلىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتىدە، رايوندىكى كارلېيانلار ئاران % 10 نى، رۇس مىللىتى % 73.9 نى ئىگىلەيتتى؛ كومى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە،كومىلار ئاران % 23.3 نى، رۇسلار % 57.7 نى ئىگىلىگەن ئىدى.
   مىللىيلارنىڭ سانى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئاپتۇنومىيە جۇمھۇرىيەتلىرىدىن پەقەت شىمالىي سېۋېرنىيە سوۋىت سوتسىيالىستىك ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيىتىدە سېرۋېنىيانلار53.0%نى، تاتارىستان سوۋىت سوتسىيالىستىك ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيىتىدە تاتارلار 48.5%نى،روسلار 43.3%نى ئىگىلەيتتى؛قالماق ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيىتىدە قالماقلار 45.4%نى،روسلار 37.7%نى ئىگىلىگەن؛تۇۋا سوۋىت سوتسىيالىستىك ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيىتىدە تۇۋالار 64.3%نى؛چۇۋاش سوۋىت سوتسىيالىستىك ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيىتىدە چۇۋاشلار 67.8%نى ئىگىلىگەن ئىدى.
  ئىككى مىللەتنىڭ ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان  ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەردىمۇ  كۈچ تەكشى ئەمەس ئىدى: چېچىن-ئىنگۇش سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە چېچىنىيانلار 57.8%نى ، ئىنگۇشلار ئاران % 12.9 % ، رۇسلاربولسا % 26.7 نى ئىگىلىگەن ؛  كاباردىنو-بالقار سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە كاباردىنولار % 48.2 % نى ئىگىلىگەن بولسا، بالقارلار ئاران % 9.4 ، رۇس مىللىتى % 32 نى ئىگىلەيتتى . بەش مىللىي ئاپتونوم ئوبلاسىت ئىچىدە  بىرەرسىدىمۇ مىللىيلار كۆپ ساننى ئىگىلىگەن ئەمەس ئىدى. مەسىلەن يەھۇدىي ئاپتۇنۇم ئوبلاستىدا يەھۇدىيلار پەقەت % 4.2 نى ، رۇس مىللىتى نىسبىتى % 83.2 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن ئىدى.
   ئون مىللىي ئاپتۇنوم رايۇن ئىچىدە پەقەت ئاگابۇريات ئاپتۇنۇم رايونى ۋە كومى-بىلمىياك ئاپتۇنۇم رايۇنىدىلا مىللىيلار كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە روسلارجىق ھەتتا يېرىمدىن كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلىگەن.
    بۇنداق مىللىي مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىيدىغان تۈزۈلمە ئاستىدا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىنمىغان ، مىللىي نامى تەكىتلەنمىگەن مىللەتلەر ئەمەلىيەتتە باراۋەرسىزلىك ھېس قىلغان .ئۇنىڭ ئۈستىگە نېمە ئۈچۈن بەزى مىللەتلەرنىڭ قۇرغىنى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ، بىراق  بەزىلىرىنىڭ بولسا ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ياكى ئاپتونوم ئوبلاست . بەزىلىرى تېخى ئۆز مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئورگان بەرپا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس ئىدى . بەزىسى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلدى.كېيىن يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بۇلۇپ ئېنىق ئۆلچىمى يوق ئىدى .
   يەنە بىر تەرەپتىن , دۆلەت تۈزۈلمىسى جەھەتتە  سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتتىپاق تۈزۈمى پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغىنى يوق. ئەمەلىيەتتە سوۋىت ئىتتىپاقى  ھوقۇق يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بىرلا تۈزۈملۈك دۆلەت ئىدى . سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا ،پۈتۈن  بىرلەشمە ۋە ئىتتىپاقى قوشۇمچە جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئورگانلىرى پەقەت 10لا بولۇپ، 1947 - يىلىغا كەلگەندە مىنىستىرلار سوۋېتى قارىمىقىدىكى بۆلۈمى 58 گە يەتتى . 1982 - يىلى ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا 33 پۈتۈن ئىتتىپاقنىڭ بۆلۈمى ۋە 31 ئىتتىپاقى قوشۇمچە جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بۆلۈمى ، ئالتە سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىك كومىتېتى ۋە 14 ئىتتىپاقى قوشۇمچە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت كومىتېتى بولۇپ جەمئىي 84  ئورگان بار بولدى . بۇنىڭغا باشقا مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق  26 ئورگانلار بولۇپ ، ئومۇمىي سانى 110 غا كۆپەيدى . بۇنداق چوڭ مەمۇرىي ئاپپارات ئاستىدا ، ھەرقايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى ئەسلا يوق ئىدى.ئۇلارنىڭ سانائەت مەھسۇلاتى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ % 10 يەتمەيتتى.
    نەزەرىيىۋى جەھەتتىن , ستالىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى رەھبەرلەر  مىللىي مەسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مەنبەلەرنى ئاددىي ھالدا ئېكىسپىلاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا يىغىنچاقلىۋالدى . 1936 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا سوتسىيالىزىم قۇرۇلغانلىقى  جاكارللانغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا مىللىي مەسىلىنىڭ  مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە  ماھىيەتتىكى  مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ، رۇس تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش  ، يات مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا نىكاھلىنىشغا ئىلھام بېرىش ، ئىنتېرناتسىئونالىزملىقنى تەشەببۇس قىلىش دېگەنگە ئوخشاش سىياسەتلەرنى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى . خەلىقنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىكە ئەگىشىپ  مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنى تونۇش ئېڭى كۈچەيدى . بۇنىڭغا قارىتا ، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھۆرمەت قىلىش ۋە يېتەكلەش پوزىتسىيىسى بىلەن  ئەمەس ، بەلكى چوڭ مەسلەك(چوڭ روسچىلىق) بىلەن بېسىپ تاشلىماقچى بولدى . ستالىن ھەتتا ئاشكارا مۇنداق جاكارلىدى :" رۇس مىللىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاتناشقان بارلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭئىلغار مىللەت » ، « سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مىللەتلەرنىڭ رەھبەرلىك كۈچى ."
تالمىش دۆلەت مەنپەئىتى ئۈچۈن ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ھەمىشە مىللىي رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە سەل قارىدى . 20-ئەسىزنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئاخىرى 30- يىللىرىنىڭ باشلىرى ، ستالىن مىللەتلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە قارىماستىن ، زورلۇق بىلەن يېزا ئىگىلىكنى ئومۇميۈزلۈك كوللېكتىپلاشتۇرۇپ  ئۇكرائىنا ۋە قازاقىستان قاتارلىق مىللىي رايونلارغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى . ئۇكرائىنادىن ئىبارەت بۇ "ئاشلىق ئامبىرى"دا 3مىليوندىن4مىليونغىچە ئادەم ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى ( ھازىر ئۇكرائىنا تەرەپ نەچچە ئون مىليون ئادەمنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ ) . قازاقىستاندا بولسا 2 مىليون 300 مىڭ ئادەم قازا قىلغان ، بۇ ئارقىدا قالغان كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلار مەجبۇرىي ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، 900 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چىداپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن  باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا بۇنى قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇپ ، ئېغىر مىللىي ھېسسىياتقا ئازار بەرگەنىدى.
    30 - يىللاردىكى چوڭ تازىلاش جەريانىدا ، نۇرغۇن كىشىلەرگە« بۇرژۇئا مىللەتچىلىرى » دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلگەن ، زور تۈركۈمدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىر زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن .2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ، ستالىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىشەنمەسلىك ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى 30 مىڭ پولشالىقلار ، يىراق شەرق رايوندا ئولتۇراقلاشقان 100 مىڭدىن ئارتۇق ئولتۇراقلاشقان چاۋشيەنلەر ، ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىكى 1 مىليون نېمىسلار قاتارلىقنى جايىدىن مەجبۇرىي كۆچۈپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيە رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشتۇرغان . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ، سىتالىن يەنە بىلەن گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش نامى بىلەن قاراچايىفلار ، قالماقلار , چېچىنلار ، ئىنگۇشلار , ئاھىسكا تۈركلەرى قاتارلىق مىللەتلەرنى ئوتتۇرا ئاسىياغا قوغلىدى. نۇرغۇن كىشىلەر كۆچۈرۈش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتتى. يېڭى ئولتۇراق جاي ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئېلىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى بولۇپ قالدى . بۇ دۇنيا تارىخىدا كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان بىر تارىخى ۋەقە بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا  تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر ئامىل بولۇپ قالدى . 1939 - يىلى , ستالىن گىتلېر بىلەن مەخپىي كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئۈچ دۆلەت ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە  كىرگۈزىۋالدى ۋە 1940 - يىلى ، زورلۇق بىلەن ئۈچ دۆلەتنى ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋالغاندىن كېيىن  يەنە نەچچە يۈز مىڭ ئادەمنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئۆلكىلىرىگە كۆچۈپ كەلگەن شۇنداقلا نۇرغۇن رۇسلارنى  بۇ رايونلارغا كۆچۈرۈپ كەلگەن.
    سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي سىياسىتىڭ ئەمەلىيتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، مىللەت بويىچە رايونلارغا ئايرىپ ئاتالمىش ئاپتۇنومىيەنى يولغا قويۇش مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا يېقىنلىشىشى ۋە بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كېتىشىدەك مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. ئەكسىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى ۋە مىللەتچىلىكنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . بۇنداق ئۇسۇل سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئاھالىلەرنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مىللىي تەۋەلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا   يەنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇكرائىن، رۇس , ياكى گروزىن ئاندىن سوۋېتلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىغا تۈرتكە بولدى . مىللىي  رايونلىرىدا ، ئاساسلىق مىللەتتىن  باشقا ئاز سانلىق مىللەت  بىر خىل باراۋەر بولمىغان ئورۇندا تۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئىدى. خرۇششىيوف مەزگىلىدىن باشلاپ ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ1 - قول باشلىقى ئاساسلىق مىللەتنىڭ كەلگەن بولۇشى( مەيلى بۇ ئادەم شۇنداقمۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسۇن چىقالمىسۇن) شەرت قىلىنىپ ،كىشىلەرنىڭ ئالدى بىلەن مىللىي تەۋەلىكىنى  تونۇۋېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشكە سەۋەپ بولدى.1986 - گورباچيوف  قازاقىستان پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى قۇنايىقنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاپ ،روس مىللىتىدىن بولغان كوربىننى  ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇپ ،ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئېتىزار بىلدۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
    ئۇزاق مۇددەت بىر تەرەپلىك بىلەن  لېنىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەزگۈچى مىللەت ، يەنى چوڭ مىللەتنىڭ  تەڭسىز ئورۇندا تۇرۇش، بۇ ئارقىلىق تۇرمۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئەمەلىيەتتىكى تەڭسىزلىكنى تولۇقلاش ئۇسۇلى يېڭى مىللىي باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر بەھرىمەن بولىدۇ ، مەسىلەن ، مائارىپ جەھەتتە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ھەقىقەتەن ناھايىتى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى ، ئەمما بۇ رۇسلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى . 1990 - يىلدىكى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا ، ھەر مىڭ ئادەم ئىچىدە ئالىي مائارىپ تەربىيەسىنى ئالغانلار سانى : مولدوۋالىقلار 125 ئادەم ، چېچىنلار 151 ئادەم ، ئۇكرائىنالىقلار 163ئادەم ، ئەزەربەيجانلار172 ئادەم،  لاتۋىيەلىكلەر 182 ئادەم ، قىرغىزلار188ئادەم ، رۇسلار 190 ئادەم، ئەرمەنلەر 207 ئادەم، لىتۋانلار 208ئادەم ، ئېستونلار 213ئادەم، قازاقلار 230ئادەم ، گرۇزىنلار274 ئادەم  بولۇپ،روسلارنىڭ تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس ئىدى . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى جەريانىدا ، روسىيەدە مىللەتچىلىك شۇقەدەر تېز تەرەققىي قىلىدىكى، جايلاردا  مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىندى . بۇنىڭدىكى  مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى ، ئۇلار ئىتتىپاق  ئۆز مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ دەپ قارىدى. بىر قىسىم رۇسلار سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆزىنىڭ مىللىي دۆلىتى دەپ قارىمىدى. لېكىن روسىيە مۇستەقىللىق بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ناۋادا  ئۆكتەبىر ئىقلابى غەلبە قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، لېنىننىڭ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش نەزەرىيەسى ۋە چوڭ مىللەت كىچىك مىللەتكە « تولۇقلىما بېرىش » نىڭ نەزەرىيەسى مەلۇم ئاساسى بار بولسا ، ئۇنداقتا سوۋېت ئىتتىپاقىدا سوتسىيالىزىم قۇرۇپ چىقىلغاندىن كىيىن ، ئاز - تولا ئۆزگىرىش ۋە تەڭشەش  ئېلىپ بېرىلىپ،مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى ۋە ئورتاق ئېڭىنى يېتىشتۈرۈلۈشىنى كۈچەيتىپ ،پەرقنى تەكىتلىمەسلىك ۋە كۈچەيتمەسلىك كېرەك ئىدى.


مەمۇرىي بۇيرۇققا تايىنىپ پۇت تىرەپ تۇرۇش قىيىن
   سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بىلەن ئەمەلىيتىدە ناھايىتى زور زىددىيەتلەر مەۋجۇت . ستالىن تۈزۈلمە ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ  سوۋېت ئىتتىپاقى ماھىيەتتىكى بىرلا تۈزۈملۈك دۆلەت ئايلاندى . لېكىن ئاساسىي قانۇنىدا بولسا فېدېراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ ، ھەربىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ئارمىيە ۋە دىپلوماتىيەنىڭ سىرتىدىكى باشقا بارلىق ئاپپاراتلىرى بار ئىدى . 1924 - ، 1936 - ، 1977 - يىللىرىدىكى ئاساسىي قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ  ئىتتىپاقىتىن چېكىنىپ چىقىش ھوقۇقى بار دەپ  بەلگىلەنگەن . لېكىن تەپسىلىي پىرىنسىپىنى بېكىتمىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەمەلىيەتتە پەقەت كۆرسىتىپ قويۇشنىلا مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيلەيتۈرۈشنى ئەسلا ئويلاشمىغان .بىراق  ئاساسىي قانۇندا ھەرقايسى مىللەتلەر دۆلەتىنىڭ ئىتتىپاقتىن چېكىنىش "ئەركىنلىكى" بار دەپ بەلگىلەنگەن بولغاچقا  بۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىپ چىقىشىنى قانۇنى ئاساس بىلەن تەمىن ئەتتى . شۇڭا ھەرقايسى مىللىي دۆلەتلەردە ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىغاندا  نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى خىلاپ ئەمەس دەپ قارىغان ئىدى. گورباچيوفمۇ  لېنىننىڭ  مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش نەزەرىيەسىدىن ۋاز كېچىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ئەۋج ئالغاندا ئۇ يەنىلا لېنىننىڭ مىللەتلەر تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى . بۇ ئەلۋەتتە  دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا پايدىسىز بولدى.
    ئەمەلىيەتتە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئالاھىدە تارىخىي شارائىتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ جەھەتتىكى تەلەپلەر بار بولۇشى كېرەك ئىدى. بولمىسا ئىتتىپاق قۇرۇپ چىقىش بەسى مۈشكۈل ئىدى. نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن  سوۋېت ئىتتىپاقى ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ مىللىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، « ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئوخشاش بولمىغان مىللەت كىشىلىرىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورتاق گەۋدىسى − سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقى »نى شەكىللەندۈرۈپ بولغان شۇڭا ئاساسىي قانۇندا دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى تەكىتلەپ، ئايرىم مۇستەقىللىقنى تەكىتلىمەسلىكى كېرەك ئىدى . سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلىيتى  شۇنى كۆرسەتتىكى ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى  بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىشلىتىلىشى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىرلىكىگە پايدىسىز.
    سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 70 يىل تۇتۇپ تۇرۇلۇشىدا قوللىنىلغان ئاساسلىق ۋاستە  سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ مەركەزلەشتۈرۈلگەن بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشى يەنى قۇدرەتلىك  مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈش تۈزۈلمىسى بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئورتاق ئىقتىسادىي مەنپەئەتى  يوق ئىدى، ئورتاق ئىقتىسادىي بوشلۇق بولسا ھەر قايسى مىللەتلەرنى زىچ باغلاپ تۇرالايتتى . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزاق مۇددەت بازار ئىگىلىكىنى چەتكە قېقىپ ، مەمۇرىي ۋاسىتە ئارقىلىق دۆلەتنى باشقۇرۇپ ، سۈنئىي ھالدا مەملىكەت بويىچە ئەمگەك قىلىشتەك ئىش تەقسىماتىنى قوللىنىپ، ھەمىشە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلدى. مەسىلەن ، ئۆزبېكىستان پاختا ئىشلەپچىقارغان بىلەن  ئۆزى پاختا رەخت ئىشلەپچىقىرالمايدۇ ؛ تۈركمەنىستان تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغان بىلەن ، بۇ يەردىكى % 90 ئاھالە تەبىئىي گازنى ئىشلىتەلمەيدۇ ؛ قازاقىستان چارۋىچىلىق بازىسى بولسىمۇ بىراق  گۆش بىلەن تەمىنلەش ناھايىتى قىس . مەركەز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا يەككە ئىقتىسادقا  تەرەققىي قىلدۇردى. قازاقىستاننىڭ كېۋەز تېرىشقا باب كېلىدىغان يېرىنى ئۆزبېكىستانغا ئايرىپ ، يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ ئاشلىق تېرىشقا باب كېلىدىغان يەرنى قازاقىستانغا ئايرىپ  بەردى ھەمدە  ئۆزبېكىستاننىڭ  چارۋا باقىشقا باب كېلىدىغان  يېرىنى  تاجىكىستانغا ئايرىپ بەردى .
    بۇ جۇمھۇرىيەتلەر باراۋەرلىك ئورنى يوقتەك ھېس قىلغان. ئۇلار پەقەت مەركىزىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىنى  ئىجرا قىلغۇچى بولۇپ ، ئۆز- ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىدىن ئەسلا سۆز ئاچقىلى بولمايتتى . سوۋېت ئىتتىپاقى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى «  تارتىپ تۈزلەش »نى تەكىتلەپ  ، « بايلارنى بۇلاپ نامراتلارغا بىرىش»ئۇسۇلىنى قوللاندى . روسلار ئۆزلىرىنى « سىغىن كالىسى » دەك ھېس قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ  ئۇزاق مۇددەت ئارقىدا قالغان رايونلارغا ياردەم بېرىپ تەڭسىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشتى .شۇنىڭ بىلەن  روس مىللەتچىلىك ئىدىيىسى  باش كۆتۈرۈپ ، ئۇلار" يۈكنى "تاشلىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى ؛ بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئۈچ جۇمھۇرىيەت ، ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەر ئىتتىپاق ئۆزلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى دەپ ، روسلاردىن نارازى بولدى ۋە  بىرلىككە كەلگەن دۆلەتكە بولغان تونۇشى ئاستا ئاجىزلىشىپ كەتتى . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىش جەريانىدا  بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئۈچ جۇمھۇرىيەت ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىغان بولسا  ، ئۆز مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىدى دەپ قاراپ مۇستەقىللىق تەلەپ ققىلغان  رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دېموكراتلىرى بولسا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.
     سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  مىللىي سىياسىتى نۇرغۇن چوڭ مەسىلىلەرنى دۆۋىلەپ قويدى. گورباچيوفنىڭ  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش فاڭجېنىدا سەۋەنلىكى مىللىي مەسىلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پارتلىشىنى ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلىدى . ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، گورباچيوف سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى . دېموكراتىيىلەشتۈرۈش ، ئاشكارا كەيپىياتى ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخى سەۋەنلىكلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ، مىللەتچىلىك مۇۋاپىق تەلەپ بولۇپ قالدى . سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھوقۇق ئاجىزلاشتۇرۇپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ساقلاش قالىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بەلباغنى ئۈزۈپ تاشلىدى .  مەركەزنىڭ نوپۇزى تۆۋەنلەپ ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىش خاھىشى مىسلىسىز تەرەققىي قىلىپ ، ھەرقايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر رەھبەرلىرى  ئۆزىنىڭ جۇمھۇرىيەتتىكى ئىناۋىتى ئۈچۈن مەركەزدىن زور كۈچ بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلدى . سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ  ئاجىزلىشىشى ۋە تارقىتىۋېتىلىشىگە  ئەگىشىپ ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە بېسىم قىلىدىغان  تەھدىت سېلىش كۈچى يوقىلىپ، ئىتتىپاق مەركىزىي قۇرۇقدىلىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر يىمىرىشكە يۈزلەندى.
ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا , سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقى , چوڭ مىللەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتكە « تۆلەم » بېرىشى قاتارلىق نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي تەرەپلەردىن مىللەتلەرنىڭ يېقىنلىشىشى ۋە قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرەلمەستىن، ئەكسىچە ئۇمۇميۈزلۈك نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بېرىپ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ كېتىشىدەك ئەھۋال ئاستىدا  بۇ خىل نارازىلىق كەيپىياتى مىللەتلەرنىڭ ئايرىلىپ چىقىشى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئىتتىپاقىتىن ئىبارەت بۇ ئىمارەتنىڭ  ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . قانداق قىلىپ كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىچىدە  ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى ,ۋەتەننى توغرا تونۇشى قاتارلىقلار تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ساۋىقىنى ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .

bagdax

0

تېما

1

دوست

2302

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55140
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 704
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 10:56:10 |ئايرىم كۆرۈش
سۇۋىت ئىتتىپاقى پاچىلانغان بىلەن رۇسىيە ھىلىھەم ئۇتتۇرا ئاسىيانى كۇنيتىرۇل قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ.

0

تېما

0

دوست

783

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57252
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-12
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 11:20:32 |ئايرىم كۆرۈش
سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ پارچىلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى مەن بىلىشكە قىزىقىدىغان ، لىكىن پايدىلىنىش مەنبەرلىرىنى تاپالمغان تېما ئىدى، بۇ تېما ماڭا ھەقىقەتەن چاڭقىغاندا سۇ بەرگەندەكلا تېما بوپتۇ، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت، ھارمىغايسىز

2

تېما

9

دوست

7174

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   43.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 2150
توردىكى ۋاقتى: 640
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 11:35:27 |ئايرىم كۆرۈش
1981-يىلىغا كەلگەندە قازاقىستاننىڭ 150مىليون530مىڭ نوپۇسى ئىچىدە قازاقلار نوپۇسىنىڭ ئىگىلىگەن سانى 52مىليون890مىڭ بولسا ،روسلارنىڭ 59مىليون 910مىڭ ئىدى.
ئازىراق خاتالىق باركەن ،ئۈستىدىكى  ھەممىسىدىن بىردىن نۆلنى ئېلىۋىتىڭ .
bagdax

0

تېما

0

دوست

783

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57252
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-12
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 11:47:43 |ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ دىمەكچىتىم ، لىكىن ئاقساقاللىق قىپ قويىدىغاندەك تۇيۇلۇپ دىمىگەن، ئومۇمى نوپۇس 15مىليون، قازاقلار 5مىليون 200مىڭ ئىدى

4

تېما

1

دوست

2034

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43591
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 654
توردىكى ۋاقتى: 168
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-22
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 12:12:04 |ئايرىم كۆرۈش
aqturk يوللىغان ۋاقتى  2016-3-11 11:35
1981-يىلىغا كەلگەندە قازاقىستاننىڭ 150مىليون530مىڭ نوپۇسى  ...

ئۆزگەرتىپ قويدۇم

0

تېما

0

دوست

783

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57252
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-12
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 12:14:42 |ئايرىم كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-3-11 11:58
تارىخ شۇنداق ساۋاقلارنى بىرىدۇ .قەدىمىي شانلىق تارىخ ...

پۇتىنكامنىڭ ماۋۇ پىكىرى خېلى ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ

0

تېما

6

دوست

2476

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43647
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 744
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-17
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 12:40:21 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qisas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-11 15:36  

تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )