- تىزىملاتقان
- 2012-9-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 808
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
ئۆسۈش
  61.6%
|
بۈيۈك ئىمپىرىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىي قىلىش، ئاخىرى زاۋال تېپىش تارىخىنى كۆرگەندە، ئۆزىنى ئاجىز ساناپ يۈرگەن، كەلگۈسىگە ئىشەنمىگەن مىللەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ بىر كۈنلىرى ئامەت قۇشىنىڭ قونىدىغانلىقىدىن ئىنسان گۇمانلانمايدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشتىن 6 – 7 يىل ئىلگىرى، غەرب ئەللىرى ئارىسىدا „قۇدرەتلىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىش ئىھتىماللىقى“ ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن. بولۇپمۇ 1984 - يىلى بۇ ھەقتىكى تەتقىقات دوكلاتى 40 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يەتكۈزۈلگەن. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىۋىدىكى ھازىر مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن دۆلەتلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇ „مۈمكىن بولمايدىغان ئىش“ بولغاچ، ئۇلار ھىچقانداق ھازىرلىقسىزلا مۇستەقىللىقنى كۈتىۋالغان. نەتىجىدە، بۈگۈڭە قەدەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونا دۆلەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى بويىچە روۋۇك ھالەتتە، مۇستەبىت تۈزۈمدە ياشاپ كەلمەكتە.
ئەكسىچە، گېرمانىيە فېدىرال جۇمھۇرىيىتى 1954 – يىلىدىن باشلاپلا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېمىرىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ تەييارلىقلار قىلىشقا باشلىغان. ھەر يىلى بۇ تۈزگەن پىلانلىرىنى يېڭىلاپ تۇرغان. „ئەگەر سوۋېت پارچىلىنىپ، دېموكراتىك گېرمانىيە ئازات بولۇپ، ئىككى گېرمانىيە بىرلىشىپ قالسا، قانداق تەدبىرلەر بىلەن بۇ بىرلىشىشنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؟“ دېگەن تېما ئاستىدىكى تەييارلىقنى تاكى بۇ مەقسەد ئەمەلگە ئاشقۇچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بۇ سەۋەپتىنمۇ، ئىككى گېرمانىيەنىڭ بىرلىشىشى، ئاقىۋەتتە ئېغىر بىر باش ئاغرىقى يارىتالمىدى.
گەندى ئۆز ۋاقتىدا، „ئەگەر ھىندىستان ئېنگىلىزلەرنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ قالسا، قانداق سىستېمىدىكى دۆلەت قۇرۇش كېرەك؟“ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بىر پىلان تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ پىلان تاكى ھىندىستان مۇستەقىل بولغانغا قەدەر تولۇقلىنىپ ئىشلىنىپ تۇرغان. ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندا، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى مۇشۇ پىلان ئۈستىگە قۇرۇلۇپ، ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
شەرقى تېمۇر مۇستەقىللىق پىلانىنى 20 يىللار ئىلگىرى تۈزگەن. شەرقى تېمۇرنىڭ مۇستەقىل بولۇپ قېلىشىنى نۇرغۇن كىشىلەر خىيال قىلمىغان. بىراق، مۇستەقىل بولغاندا، قانداق سىستېمىدىكى دۆلەت قۇرۇشنىڭ تالاش – تارتىشى بولمايلا، ئۆز ۋاقتىدا تەييارلىۋالغان پىلان بويىچە دېموكراتىك بىر دۆلەت سىستىمىسىنى بەرپا قىلىپ چىققان.
بىرمالىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاڭساڭ سۇكى تۇرمىغا كىرىشتىن ئىلگىرىلا ئۇنىڭ „دېموكراتىك بىرما قۇرۇش“ ھەققىدە بىر پىلانى بولغان. بۇ پىلان ئۇزۇن يىللار رولىنى كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، ھازىر بىرمىنىڭ ئەسكىرىي تۈزۈمدىكى دۆلەتتىن دېموكراتىك بىر دۆلەتكە ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دالايلاما سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭمۇ جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەركىۋىدە „ئالىي ئاپتونۇمىيە قۇرۇش“ پىلانىنىڭ تۈزۈلگىنىگە 30 يىللار بولاي دەپ قالغان. |
|