رۇسىيەدە مائاش جۇڭگودىن تۆۋەن بولۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى
خاڭ يىۋېي
نۇرجاھان تەرجىمىسى
2000-يىلى، پۇتىن رۇسىيەگە «ماڭا 20 يىل ۋاقىت بەرسەڭلار، مەن سىلەرگە قۇدرەتلىك رۇسىيەنى بېرىمەن!» دېگەن ھەيۋەتلىك ۋەدىسى شۇنچىلىك ئۇلۇغۋار، شۇنچىلىك جاراڭلىق ئىدىكى، بۇ ئۇلۇغ جەڭگىۋار مىللەتنى بىردىنلا مەس قىلىپ قويدى. گەرچە ئۇ 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى بولغان بولسىمۇ، ئەمما بىر كۈن نېمىگە ھېساب بولسۇن، شۇڭا رۇسىيەنىڭ پۇتىن دەۋرى 2000-يىلدىن باشلىنىشى كېرەك. كېيىن، رەسىمىي پرېزىدېنتى، باش مىنىستىر (باش مىنىستىر بولغاندا مېدىۋىدېۋنى قورچاق قىلدى) ، يەنە پرېزىدېنت بولدى. پۇتىن رۇسىيەنى قاتتىق كونترول قىلدى ھەمدە ئەمەلىيەتتە «پۇتىن ئىمپېرىيەسى»گە ئۆزگەرتتى.
يىللار يىللارنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋەردى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا 2016-يىلى كېلىپ قالدى، ئېمپراتور پۇتىن ۋەدە قىلغان 20 يىلغا يەنە 4 يىل قالدى، رۇسىيە 2014-يىلدىن بۇيان ئالدى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ قىرىمنى يۇتۇۋالدى، يەنە 2015-يىلى سۇرىيەگە ئەسكەر چىقاردى، كىشىگە رۇسىيەنىڭ چار پادىشاھ دەۋرى راستىنلا قايتىپ كەلگەندەك تۇيغۇ بەردى. بىراق پەيدىنپەي ھالدا، كىشىلەر توغرا بولمايۋاتقانلىقىنى بايقىدى. تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەندە پۇتىن سۈكۈت قىلىشنى تاللىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارا نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى، پۇتىن ئالدىن مۆلچەرلىگەندەك ئۇنداق ناھايىتى تېزلا ئۆسمىدى. تېخىمۇ ئەجەللىك بولغىنى، رۇسىيە ئىقتىسادى ئەپتى-بەشىرسىنى كۆرسەتتى.
2015-يىلى رۇسىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP تۆۋەنلەپ 7800 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مائاش 33 مىڭ رۇبلى (تەخمىنەن 3200 يۈەن) بولدى. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرما بولغىنى، 2015-يىلى جۇڭگونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP تۆۋەنلەپ 8400 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى، ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاش ھەققىدە توغرا سانلىق مەلۇمات يوق، ئەمما جۇڭگو شەھەرلىرىدە ئەڭ تۆۋەن بولغىنى جاڭجوۋ بولۇپ 3060 يۈەن، ئىككىنچى تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغىنى چۈەنجوۋ بولۇپ 3321 يۈەن، ئەڭ يۇقىرى بولغىنى شاڭخەي، شېنجىن، توڭلىياۋ، بېيجىڭ، گەنزى قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق شەھەر بولۇپ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، بۇنىڭدا شاڭخەينىڭ 7214 يۈەنگە يەتكەن. ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتتىكى بىر قىسىم تالاش-تارتىشلارنى ۋاقتىنچە مۇنازىرە قىلمايمىز، پۈتكۈل جەھەتتىن ئېيتقاندا، مېدىيەلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇر بولسا 2015-يىلى جۇڭگونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مائاش بىردەك رۇسىيەدىن ئېشىپ كەتكەن. 20 نەچچە يىل ئىلگىرى، رۇسىيەنىڭ بۇ سانلىق قىممەتلىرى جۇڭگونىڭكىدىن 10 ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى ئىدى.
سانلىق مەلۇمات ھېسىياتسىز، كىشىلەرگە بىۋاسىتە تەسىر قىلالمايدۇ. رۇسىيەدە تاللا بازىرى، كوچا قاتارلىق جايلاردا سالاپەتلىك كىيىنگەن قېرىلارنىڭ تىلەمچىلىك قىلىش ئەھۋالى بارغانسېرى كۆپەيدى. بىر پارچە رۇس بولكىسى تەخمىنەن 0.97 يۈەندىن 1.94 يۈەنگىچە، بولكا رۇسلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى، ئەمما نۇرغۇن ئادەملەر سېتىۋالالمايدىغان بولۇپ قالدى. 2016-يىلىنىڭ بېشىغىچە، رۇسىيەدە %39 ئامما تاماق يېيەلمەيدىغان بولدى، ئەقەللىي تويۇنۇش مەسىلىسى كۆرۈلدى. رۇسىيەنىڭ نامراتلىق سىزىقى ھەر ئايلىق كىرىمى 815 يۈەندىن. رۇسىيەدىكى 143 مىليون نوپۇستا 2015-يىلى نامراتلار 21 مىليونغا يەتتى، 2016-يىلى 70 مىليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. رۇسىيە ئىقتىسادى خەلقئارا نېفىت باھاسى ۋە ئېمپراتور پۇتىننىڭ ئۇرۇشخۇمارلىقى سەۋەبلىك تېزلىكتە يامانلاشتى. ئەزەلدىن رۇسىيەنى قاتتىق باشقۇرۇۋاتقان پۇتىن رۇسىيەدىكى ئاشكارا ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق باستۇردى. بۇ يىللاردا گەرچە بىر قىسىم ھۆكۈمەتكە قارشى كوچا نامايىشلىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، كۆلىمى ناھايىتى كىچىك بولدى. ئەمما 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، موسكۋانىڭ مەركىزىي رايونىدا بورس نېمتسوۋ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 1 يىللىقىنى خاتىرىلەش باھانىسىدا كۆلىمى 14 مىڭ ئادەمگە يەتكەن چوڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى يۈز بەردى.
رۇسىيە بۈگۈنكى دۇنيادا باي-نامراتلىق پەرقى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى، 110 نەپەر باي پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %35 بايلىقىنى كونترول قىلماقتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى %93.7 قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئائىلىسىنىڭ كىرىمى 10 ئامېرىكغا دوللىرىغا يەتمەيدۇ. بۇ رۇسىيەنىڭ ئېغىر چىرىكلىكى بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك. ئېمپراتور پۇتىن بىر قىسىم جۇڭگولۇقلارنىڭ خىيالىدىكى «ئەزىمەت»، ئۇ رۇسىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغىلى 16 يىل بولدى ھەمدە چىرىكلىكنى ماھىيەتلىك تۈزۈمىدى. پۇتىن مىخائىل كودوركوۋسكىي (رۇسىيەدىكى سابىق بىرىنچى باي) قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن، ئەمما چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەمەس بەلكى ئۇلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈندۇر. ئۆزى بىلەن سىياسىي قارىشى كېلىشمىگەن بايلارنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىنى، قوشنىلىرىنى يېڭى بايلارغا ئايلاندۇردى. پۇتىن ئۆزىمۇ ئىنتايىن ئاچكۆز، شەخسىي راھەت-پاراغىتىنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ. بەزىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، پۇتىننىڭ شەخسىي بايلىقى 40 مىلياردتىن 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. بۇ سەل كۆپتۈرۈۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما پۇتىن ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتقان داچا، مەخسۇس ئايروپىلان، مەخسۇس ماشىنا، ساياھەت كېمىسى، داڭلىق سائەت قاتارلىقلار دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك، ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ھەممىسى قىممەتلىك تىكتۈرۈلگەن كىيىملەر، باشقىنى دېمەيلا قويايلى، بىر كۈزلۈك ئىشتىنىلا 10 نەچچە مىڭ يۈەن كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىغا ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار قاتارلىق دۆلەتلەردىكى باي خان جەمەتلىرىمۇ يەتمەيدۇ. چىرىكلىك رۇسىيەنىڭ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنىشىنى ئېغىرلاشتۇردى. رۇسىيەدىكى ئادەتتىكى ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىقتىسادنىڭ يامانلىشىشىنىڭ ئاقىۋىتى ئاساسىي كىرىمنىڭ تۈز سىزىق بويىچە چۈشۈپ كېتىشىدۇر.
رۇسىيە ئىقتىسادى قورال-ياراق ۋە نېفىتى ھەمدە باشقا تەبىئىي بايلىق خاراكتېرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشقا تايىنىدۇ. قورال-ياراق نېمىلا بولمىسۇن چەكلىك ھەمدە رۇسىيەنىڭ قورال-ياراقلىرى ئاساسلىقى 1980-يىلدىن ئىلگىرىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونا قوراللىرى. ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كىرىمى نېفىتتۇر. نېفىت باھاسى ئۆسمىسە، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى ئىلاجىسىز ئەھۋالدا قالىدۇ. قىرىمنى يۇتۇۋالغانلىقتىن، رۇسىيە يەنە ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچرىدى. بىر دۆلەت راستىنلا نورمال ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسا، ئەمەلىيەتتە 8-10 يىل يېتەرلىك بولىدۇ. ئەمما پۇتىن رۇسىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقىلى 16 يىل بولدى، ئاساسىي سانائەت مەسىلەن ئېلېكترون سانائىتى، ماشىنسازلىق سانائىتى، يېنىك سانائەت قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتى يا توختاپ قالدى، ياكى بولمىسا چېكىندى. رۇسىيە ئاۋىياتسىيەسى ئېھتىياجلىق ئېلېكترون زاپچاسلار ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچراشتىن ئىلگىرى ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ تەمىنلىشىگە تايىناتتى، جۇڭگو مېلىغا قاراپ قويمايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرى جازالاۋاتقان پەيتتە، رۇسىيە جۇگگودىن سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى، تېخى پىكىرى ناھايىتى كۆپ، جۇڭگونىڭ باھاسى يۇقىرى، قەستەن رۇسىيەنىڭ گېلىنى سىغىۋاتىدۇ، دەيدۇ. ھازىر ھەربىي ئايروپىلان، سۇ ئاستى پاراخوتى قاتارلىق ئېغىر قوراللار چوقۇم ئېلېكترونلاشقاندا ئاندىن ھەقىقىي ئىلغارلىشالايدۇ. رۇسىيەنىڭ ئېلېكترون سانائىتى ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك ئارقىدا قالدى، كونا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى رۇسىيەدە ياسالغان ھەربىي ھازىرلىقلارنىڭ يەنە قانچىلىك ھەقىقىي ئۈستۈنلىكى بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئەمما رۇسىيە كۆز بويايدۇ، ئالدايدۇ، ئەخمەق قىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى. رۇسىيەنىڭ ئاساسىي سانائىتى پەيدىنپەي چېكىنمەكتە، ئەمەلىيەتتە ئېمپراتور پۇتىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سىياسىي خاتالىق. نېفىت باھاسى يۇقىرى چاغدا ئەۋلىيادەك كۈن كەچۈرگىلى بولىدۇ، پۇتىن بۇ ئارقىلىق رۇسىيەلىكلەرنى ئەخمەق قىلدى، ئاقىۋەت ماي باھاسى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىۋىدى، ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارا بولۇپ چىقتى.
بىر دۆلەت ئەسلا ھەقىقىي دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى يوق ئادەمنى 16 يىلدىن كۆپرەك ئۆزىگە رەھبەر قىلدى، شۇڭا بۇنداق ئاقىۋەتكە قېلىشى كىشىنى ئەجەبلەندۈرمەيدۇ. پۇتىن بىلەن يېقىن ئۆتۈپ باققان ھەمدە پۇتىننى چۈشىنىپ يەتكەن ئادەمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پۇتىننىڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئۇزۇن مەزگىللىك تەسەۋۋۇرى ۋە پىلانى ئەسلا يوق ئىكەن. ئۇ پەقەت پاسسىپ ھالدا بىر قىسىم ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان بولۇپ، بېشى ئاغرىسا بېشىنى داۋالايدىغان، پۇتى ئاغرىسا پۇتىنى داۋالايدىغان سىياسىي ئەربابلارغا تەۋە ئىكەن. ئۇنىڭ بىردىنبىر قىزىقىدىغىنى سىياسىي ئويۇن ئويناش، يەنى ئالدامچىلىق بولۇپ، ئۆزىنى قوللاش نىسبىتىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ھەمدە، ئۇ ئىنتايىن جاھىل ۋە تەرسا بولۇپ، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قەتئىي ئاڭلىمايدۇ. شۇڭا، ئۇ پەقەت زالىم بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەنتەكلىكى ۋە ئۆز بېشىمچىلىقى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىدۇ. دۆلەتتە نېفىتكە ئوخشاش ئاسان غايەت زور كىرىم قىلىدىغان نەرسىلەر بولسا ياخشى، نېفىت بولمايدىغان بولسا ئۇ گال پىچاقنىڭ ئۆزى بولۇپ قالاتتى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ پەقەتلا داۋاملىق ئويۇن ئويناپ، قاتتىق قوللۇق قىلىپ، داۋاملىق قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى قارشى سادالارنى باستۇرىدۇ. بۇ يەنە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەننەرخىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تاشلاپ، رۇسىيە ئىقتىسادىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تۇنجۇقتۇرىدۇ. پۇتىندەك ئويۇنچىنىڭ يەنە قانچىلىك ئوينىيالايدىغانلىقىغا بىر نېمە دېيىش تەس. ئەمما بىر نۇقتىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، رۇسىيە بۇنداق ئەخمەق قىلىنىۋەرسە، پەقەت بارغانسېرى مالىمانلىشىپ كېتىدۇ.
مەنبە: سۇمرۇغ بلوگىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى باغداش تورىدىن نۇرجاھان. باغداش مۇنبىرىدىن باشقا تور بەت ۋە سالونلارنىڭ كۆچۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
|