- تىزىملاتقان
- 2015-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3263
- نادىر
- 0
- يازما
- 250
ئۆسۈش
42.1%
|
putin يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 18:00
ھازىر قانداق ئۇسۇل ئەسقاتىدۇ ؟
مۇشۇ مۇنبەردە بىرسى يېزىپ قويۇپتىكەن ئىنكاس قىلىپ شۇ گەپ ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغاتقان ئادەم ھامان ئۇخلاۋاتقاننىڭ غەزىپىگە ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئۇيقا تاتلىق ئەمەسمۇ. رىئاللىقتىن يىراق.
بىر كۈنى مېنىڭ بىر يېقىن ئاغىنەم ماڭا ئۈندىداردا سېنىڭ روسپەرەسلىكىڭنى چۈشىنەلمىدىم. دەپ سۆزلەپلا كەتتى. ئۇ چەتئەلدە بىلىم ئېلىۋاتقان بىرسى ئىدى. نېمە دېيىشنىمۇ بىلمىدىم. چۈشەندۈرۈپ ھېرىپ قالغان ئىدىم. بىرلا جاۋاب قىلدىم. مەن روسپەرەس ئەمەس. مەن ئىنسانپەرەس! بىلمىدىم ئۇ چۈشەندىمۇ چۈشەنمىدىمۇ. كەينىدىن ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولمىدى. بەكلا ھېرىدىم مەن. يالغان بىلىملىك، يالغان بىلەرمەنلەردىن بەكلا زېرىكتىم. مەقسەتلىك ئىنكاس يازىدىغانلارنى كۆرسەم كۆڭلۈم ئىلىشىدىغان بولدى. بۇنىڭدىمۇ بىر ھېكمەت بار دەپ ئويلايدىغان بولدۇم.
بىر فىلىم باركەن. بىر ئىگىز يەردىن بىر تاش دومىلاپ پەسكە چۈشىۋاتىپتۇ. پەستە كىشىلەرنىڭ ئولتۇرىدىغان ئۆيى بار ئىكەن. تۇيۇقسىز كۈچتۈڭگۈر بىر گىگانت پالۋان پەيدا بولۇپ ئۇ تاشنىڭ دومىلاپ پەسكە چۈشىشىنى بار كۈچى بىلەن توسۇپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ تاش ئۇ ئادەمنى پەسكە ئازىراق سىيىلدۇرۇپ چۈشۈرۈپتۇ. ئۇ گېگانت ئادەمنىڭ بىر پۇتى پەستە ياشاۋاتقان بىر ئۆينىڭ لەمپىسىگە تېگىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەھەللىدىكىلەر بۇ ئادەمنى بىزنىڭ ئۆينىڭ لەمپىسىگە تېگىپ ئۇنى بۇزىۋەتتى دەپ بولىشىغا ئۇ پالىۋانغا ئوق يا، تاش ئېتىپتۇ. پالىۋاننىڭ باشتا كارى بولماي تاشنى توسۇشقا تىرىشىپتۇ. ھېلىقى مەھەللىدىكىلەر تاش ئېتىشنى يەنە توختاتماپتۇ. پالىۋاننىڭ ئىچى راسلام پۇشۇپتۇ. مانا ئەمىسە دەپ توسىۋاتقان تاشنى توسماي يان تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ھېلىقى يوغان قورام تاش پەسكە چۈشۈپ مەھەللىنى چايلاپ يوق قىلىۋېتىپتۇ.
رەھمەت سىزگە. |
|