- تىزىملاتقان
- 2014-12-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11989
- نادىر
- 0
- يازما
- 571
ئۆسۈش
  4.97%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jimsary تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-7 15:57
ئاقسۇ يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 14:47 
جىمسارى ئەپەندى، ماقالىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم، سى ...
ئاقسۇ بۇرادەر، ئەسەرلەرىمنى ئوقۇغانىڭىزغا ھەم ئىنكاس يازغانىڭىزغا كۆپ رەھمەت. مەقسەتكە كەلسەك، مەن ماتىرىياللاردا ھەم بەزى ئۇچراشقان تىبەشلەردىن، تىبەتتە 6-7 دەك مىللەتنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىلگەن. مەسىلەن، تىبەتتە ياشايدىغان ئاساسلىق مىللەت «تىبەش» (藏族زاڭزۇ) لەردىن باشقا يەنە، «مىنبا » مىللىتى (门巴族)، «مىشمى » مىللىتى(僜人)، «لۇبا» مىللىتى (珞巴族)، «شېرپا» مىللىتى (夏尔巴人)، «خەن» مىللىتى (汉族)، «تۇڭگان» مىللىتى (回族) دىگەندەك مىللەتلەر ياشايدىكەن. مەن بۇ مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، خەنزۇچە ئاتالغان «زاڭزۇ» دىگەن ئىسىمنى ئۇيغۇرچە «تىبەش»لەر دەپ ئاتاپ قويدۇم. تىبەش دىگەن سۆزمۇ يامان ئىسىم ئەمەسقۇ. تىبەت دىگەن سۆز، شىنجاڭ، خېبى، جىياڭسۇ دىگەندەك يەر نامىنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارايمەن. شىنجاڭ مىللىتى، جىياڭسۇ مىللىتى دىگەندەك مىللەت يوققۇ دەيمەن.
خەرىتىدىكى ئۇيغۇرچە «كوئىنلۇن» دىگەن ئىسىمنى، مەن «قاراقۇرۇم» دەپ ئاتىدىم. يەنە بىر «قاراقۇرۇم » دىگەن ئىسىمنى ، مەن ئەسلىسى، توغرىسى بۇيىچە، «قاراقورام» دەپ ئاتىدىم. بۇلارغا قىسقىچە ئىزاھات بەردىم. قارىسىغا، قوڭنى شاپىلاقلاپ تاپقان ئىسىم ئەمەس. بىزدىكى خەرىتىلەر قاچان ئىشلەندى، ئۇ ئىسىملارنى كىم يازدى، بۇنى كۆزدە تۇتمىساق بولمايدۇ. شۇڭا، «ئەزەلدىن شۇنداق» دىيىشىمىزگە ئاساسىمىز كەمچىل. مەن دىگەن ئىسىملارغا قىسقا بولسىمۇ چۈشەنچە بەردىم. ئەمدى بۇ سۆزلەرنى قۇبۇل قىلىش-قىلماسلىق بۇ باشقا گەپ. |
|