- تىزىملاتقان
- 2015-12-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1074
- نادىر
- 0
- يازما
- 30
ئۆسۈش
  7.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aralche تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-5 21:59
شەيئىلەرگە يېڭى نام بەرمەكچى بولساق، مۇشۇنداق نام بەرسەك بولامدۇ-يوق؟ دەپ مۇزاكىرىگە، مۇنازىرىگە قويساق بولىدۇ. بىراق بۇرۇندىنلا نامى قېلىپلىشىپ بولغان، ئىزاھلىنىپ بولغان ناملارنىڭ ئورنىغا يوقلا بىر ناملارنى قويۇپلا گەپ باشلاپ كەتسەك، «مېنىڭچە»بىلەن بىر نەرسىلەرنى مۇتلەقلەشتۈرىۋەتسەك، بۇنى ئىلمى پوزىتسىيە دېمەيمىز.
1.قاشتاش دېگەننىڭ مەنىسى-يورۇڭقاش، قاراقاش دەريالىرىدىن چىققان تاش دېگەن مەنىدە. «مېنىڭچە»بىلەنلا قاشتاش دېگەن ئەتىۋارلىق تاشنىڭ نامىنى «قۇرۇم»غا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
2.ئۇيغۇرنىڭ ھېچبىر ماتېرىيالىدا قارا قۇرۇمتاغنى يولداش جىمسارى ئاتىغاندەك «قورامتاغ» دەپ ئاتىمىغان. بىراق ئىنگىلىزچە مەنبەلەردە بولسا راستىنلا Karakoram(قاراقورام)دەپ ئېلىنغان، ئۇيغۇرچە مەنبەلەر بىلەن ئىنگىلىزچە مەنبەلەردىكى ئۇشبۇ تاغنىڭ نامى نېمىشقا ئوخشىمايدۇ؟ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
3.«تىبەش»دېگەن نام پەقەت ۋە پەقەت يولداش جىمسارى نىڭ ئىجادىيىتى بولغان ئىكەن، ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشتىلا«مەن ئىجاد قىلغان نام»دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك ئىدى. |
|