يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ چارۋىچىلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
(«قۇتادغۇبىلىك»، 919-، 921- بەتلەر)
4439
بۇلاردىن كېلەر سوڭ بۇ چارۋىچىلار،
پۈتۈن يىلقىلارغا بۇلۇش باشچىلار.
4440
بۇلار بەك ئاق كۆڭۈل، چىن راستچىل ئېرۇر،
كىشىگە يۈكىنى يۈكلىمەس بولۇر.
4441
يىمەك- كىيمەك، ئۇلاغ- ئات، ئايغىر ۋە يۈك،
توشۇچى بۇلاردىن چىقار بەلگۈلۈك.
4442
قىمىز، سۈت، يا يۇڭ، ياغ، قېتىق يا قۇرۇت،
بىسات يا كىگىز ھەم ھوزۇر ئۆيگە تۇت.
4443
بۇلاردۇر پايدىلىق كىشىلەر تامام،
تولا ياخشى كۆرگىن ئۇلارنى بۇتام.
4444
قېتىلغىن، قوشۇلغىن، يىدۈر ھەم ئىچۈر،
دۇرۇسلۇق ئىچىندە تىرىكلىك كەچۈر.
4445
نىمە سورىسا بەرگىن، كېرەك بولسا ئال،
ئۇلار ھېلە بىلمەس، كۆردۈم ئۇشبۇ ھال.
4446
بۇلاردىن تىلىمە بىلىم يا يوسۇن،
مىجەزى ئېرۇر تۈز، ئەي خۇلقى پوزۇن.
4447
ئۇلارغا قوشۇلساڭ، ئۆزۈڭنى تۇتۇپ ئال،
بۇلاردۇر يوسۇنسىز، ئۇسۇلسىز قوپال.
4448
سۆزۈڭنى ياخشى قىل، ئاداش بولماغىل،
بۇ ئاددى كىشىلەر بىلىمسىز جاھىل.
4449
تولا ياخشى دەپتۇ قانۇن تۈزگۈچى،
خەلققە قوشۇلۇپ سىناپ بىلگۈچى.
4450
بىلىمسىزنى ئارتۇق يېقىن تۇتماغىل،
قىلۇر قىلماس ئىشىنى يېقىن تۇتسا، بىل.
4451
بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئېيتمىشتۇر بىلىك،
بىلىم بىرلە ئىشقا تەككۈزگىن ئىلىگ:
4452
تۇت ئۆزنى، بىلىمسىزگە بولما يېقىن،
ياشار بەخت ئىچىدە تۇتسا ئەر ئۆزىن.
4453
قوپالدۇر بىلىمسىز سۆزى، خۇلقى ھەم،
يىراق تۇر، تېزىپ يۈر بىلىمسىزلىدىن.
4454
شۇ ياڭلىغ بولۇرلەر بۇ چارۋىچىلار،
قوشۇلساڭ، سۆزۈم ساڭا يولۇچى بۇلار.
4455
ياشاپ قانداق، ھەسسە ئېلىشنى نىچۈك-
بايان قىلدىم، ساڭا بۇنى بەلگۈلۈك. |