- تىزىملاتقان
- 2015-6-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7128
- نادىر
- 0
- يازما
- 219
ئۆسۈش
42.56%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا SANHON تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-4 05:14
4446
بۇلاردىن تىلىمە بىلىم يا يوسۇن،
مىجەزى ئېرۇر تۈز، ئەي خۇلقى پوزۇن.
4447
ئۇلارغا قوشۇلساڭ، ئۆزۈڭنى تۇتۇپ ئال،
بۇلاردۇر يوسۇنسىز، ئۇسۇلسىز قوپال.
4448
سۆزۈڭنى ياخشى قىل، ئاداش بولماغىل،
بۇ ئاددى كىشىلەر بىلىمسىز جاھىل.
4449
تولا ياخشى دەپتۇ قانۇن تۈزگۈچى،
خەلققە قوشۇلۇپ سىناپ بىلگۈچى.
4450
بىلىمسىزنى ئارتۇق يېقىن تۇتماغىل،
قىلۇر قىلماس ئىشىنى يېقىن تۇتسا، بىل.
4451
بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئېيتمىشتۇر بىلىك،
بىلىم بىرلە ئىشقا تەككۈزگىن ئىلىگ:
4452
تۇت ئۆزنى، بىلىمسىزگە بولما يېقىن،
ياشار بەخت ئىچىدە تۇتسا ئەر ئۆزىن.
4453
قوپالدۇر بىلىمسىز سۆزى، خۇلقى ھەم،
يىراق تۇر، تېزىپ يۈر بىلىمسىزلىدىن.
4454
شۇ ياڭلىغ بولۇرلەر بۇ چارۋىچىلار،
قوشۇلساڭ، سۆزۈم ساڭا يولۇچى بۇلار
يۇقارق شىئېرلاردىن ئەقلى خۇلاسە چىقارغاندا : يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىز مۇتلەق چارۋىچى تائىپىسىدىن ئەمەس!
دىمەك يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنىڭ مۇتلەق قىرغىز ئەمەسلىكىدىكى پولاتتەك پاكىتلارنىڭ بىرسى بولۇشقا مۇناسىپكەن !چۈنكى يۇقارقى ئىسپات بوۋىمىزنىڭ‹‹قۇتادغۇ بىلىك ››قامۇسىدىن ئېلىنغان پارچە !
دۇنيادا ھىچ كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىسى قىلغان كەسپىدىن يىرگىنىپ ،تەنقىت قىلمايدۇ !مۇشۇ ئىسپات يىتەرلىك !
ئۇلار مىلادى 1018-يىلى تەۋەللۇت (تۇغۇلغان ) قىلغان زاتى مۇبارەك يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىز نى 2018-يىلى ۋاقتى توشقاندا تەبرىكلىمەي مۇددەتتىن بۇرۇن ھەركەت قىلىپ ،‹‹مېنىڭ ››ئىتۋالماقچى !
مىلادى 15-ئەسىرنىڭ ئاخىردا قىرغىزلار جەنۇبى سىبىريىدىكى يىنسەي ۋادىسىدىن 3000نەچچە يۇز كىلومىتىر يول يۈرۈپ ئوتتۇرائاسىياغا كەلگەن!
قىرغىزلارنىڭ بىر قىسمى مىلادى 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ،ئانا ماكانى جەنۇبى سىبىريىدىكى يىنسەي دەريا بويلىرىدىن ئويرات موڭغۇللار (قالماقلار) نىڭ زۇلىمىغا چىدىماي تەدرىجى ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كەلدى ۋە چاغاتاي جەمەتىدىكى موغۇلىستان خانى يۈنۈسخان (سەئىدخان ۋە ئابدىرىشىت خانلارنىڭ ئاتا -بوۋىسى) ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىسسىق كۆلدىن ئالاي تاغلىرى ۋادىسى ئارسىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلىندى ۋە يۈنىسخاننىڭ ئوغلى خەلىل سۇلتاننى قىرغىزلارغا باش قىلىپ ،بەگلىك مەنسىپى بەردى ...
‹‹تارىخي رەشىدى ››دىدىكى تارىخي دەلىل -پاكىتقا ئاساسلانغاندا
مىلادى 1521-يىلى سەئىدخان قوشۇن تەشكىللەپ ئۆزبىكلەر بىلەن بىرلىشىپ قىرغىزلارغا قورشاپ زەربە بەردى ...
بۇ جەڭگە ‹‹تارىخي رەشىدى ››نىڭ ئاپتۇرى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگانمۇ قاتناشقان بولۇپ ،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بايانىچە ‹‹.......سەئىدخان بىلەن ئۆزبىكلەر كونا دۈشمەن بولسىمۇ ،ئەمما قىرغىزلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئازار ۋە كۈلپەت يەتكۈزگەنلىكى خانغا بەك ئېغىر كىلەتتى ....قىرغىزلار ئىمان ئەركانلىرىنىڭ سىرتىدادۇر!....يەنى موغۇللار ۋە ئۆزبىكلەرلەر مۇسۇلمان بولۇپ، قىرغىزلار بولسا ئىمانسىز كۇپپار ئىدى !››
‹‹تارىخي رەشىدى ››786-دىن 798- بەتلەرگە قارالسۇن ! |
|