«كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا يېزىلغان ئوچۇق خەت» كە جاۋاب خەت
ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار:
تۆۋەندە بىزكورلا شەھىرى چەرچى باغۋەنچىلىك مەيدان ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تىل- ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالىدا كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقى توغرىسىدىكى «ئوچۇق خەت»نى كۆرگەندىن كېيىنكى ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىز ھەققىدە تور ئەھلىگە ئىزاھات بەرمەكچى:
بۇ ئىش يۈزبەرگەندىن كېيىن كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ،بىزنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىشكە بۇيرىدى. بۇ مەسىلىگە قارىتا بىز دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق ھەم تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى بېكىتتۇق. بىز ئالدى بىلەن بۇ مەسىلىنى بايقاپ ئىنكاس قىلغان ئائىلە باشلىقىنىڭ خىزمەتلىرىمىزگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋەكىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقىغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. تەكشۈرۈش نەتىجىمىز تۆۋەندىكىچە:
«ئوچۇق خەت»تە 8-يىللىقنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالىنى «كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىر تۇتاش تارقاتتى» دېيىلگەن. نورمال خىزمەت تەرتىپىدە، مائارىپ ئىدارىسى پەقەتبىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھان سوئالىنىلا تەمىنلەيدۇ. بۇ قېتىمقى 8-يىللىقتىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانى بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان پەن تۈرى ئەمەس، شۇڭا بۇ ئىمتىھان مائارىپ ئىدارىسى تارقاتقان سوئال بولماستىن، مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمى تەرىپىدىن سوئال چىقىرىلىپ ئېلىنغان ئىمتىھان.
ئىملاخاتالىقى ئىمتىھان سوئالى چىقارغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، مەكتەپ ئىلمىي باشقارمىسىدىكى مەسئۇل خادىمىنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرمىگەنلىكى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان.
بۇ ئىشقاقارىتا مەكتىپىمىز مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى دەرھال تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن،مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تېپىپ چىقىپ تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى بېكىتتۇق:
1. ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلەباشلىقى بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىپ، سوئالنى مائارىپ ئىدارىسى بىر تۇتاش تارقاتقان بولماستىن بەلكى مەكتىپىمىزدىكى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى چىقارغانلىقىنى،يۇقىرىقى ئىملا خاتالىقىنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەستايىدىل بولماسلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردۇق.
2. 8- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا يىغىن ئېچىپ، بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئاشكارە ئېلان قىلدۇق، چۈشەنچە بېرىپ ئۇلاردىن ئەپۇ سورىدۇق ھەم چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈردۇق.
3. ئىمتىھان سوئالىنى چىقىرىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش جەريانىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ئوقۇتقۇچى ھەم خىزمەتچىلەرنى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ھېچقانداق خىزمەت تۈرىدە ئىلغار باھالىماسلىقنى قارار قىلدۇق.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىپى، بۇندىن كېيىن ئوقۇتۇش قائىدە-تۈزۈملىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوش تىل ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە،ئانا تىل ئوقۇتۇشنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، ئانا تىل ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق.
بىز بۇندىن كېيىنكى ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىمىزدە ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئومۇمىي ساپايىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خىزمەتتە سەمىمىي، ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە بولۇپ، يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىزھەمدە كۆپچىلىكنىڭ نازارىتىنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىمىز.
كورلا شەھەلىك چەرچى باغۋەنچىلىك مەيدان ئوتتۇرا مەكتىپى
2016- يىلى3-ئاينىڭ 3-كۈنى
|