- تىزىملاتقان
- 2014-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12808
- نادىر
- 0
- يازما
- 1514
ئۆسۈش
  7.02%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sawda571 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-4 13:57
كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە مەزكۇر مەكتەپنىڭ ، بۇ ئىشقا تېز ئىنكاس قايتۇرغانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇق .
كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە مەزكۇر مەكتەپ رەھبەرلىكى مۇشۇ ئىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ساپاسىنى ئىسپاتلىدى ، ئۇلارغا ئىشىنىشكە ۋە بۇندىن كېيىن داۋاملىق خىزمەتلىرىنى قوللاشقا بولۇدىكەن دىگەن تۇيغۇدا بولدۇق ، سىلەرگە رەھمەت .
بىراق بىر نوقتىنى تەكىتلىگۈم كەلدى ، مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك ئوقۇتقۇچىلارنى كالتەكلەش پۇرسىتى قىلىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز !
شۇ مەكتەپتىن بىرەر ئوقۇتقۇچى مۇشۇ ئىشنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانىنى تەپسىلى تۇنۇشتۇرىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن ، چۈنكى ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار جازالانغان بولسا ئەلۋەتتە مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرى ، ۋە ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ، قاتارلىقلاردىمۇ مەسئۇلىيەت بولۇشقا تىگىشلىك ، ئەگەر ئۇلار جازالانغۇچىلارنى تەنقىدلەيدىغان ، جازا بىرىدىغان فونكىسسىيەسىنى كۈچەپ يۈرگۈزۈپ قويۇش بىلەن تاماششىبىنغا ئايلانغان بولسا ، ھېچ ئىش قىلالمىساقمۇ بىلىپ قالايلى .
يەنە كىلىپ شۇ سۇئالنى چىقارغان ئوقۇتقۇچى ، قوش تىل مائارىپىنىڭ مەھسۇلاتى بولسا ئۇنىمۇ بىلىپ قالايلى ، چۈنكى شۇنداق بولسا ئۇنى يۇقۇرى تۆۋەن ھەممىز كەچۈرمىسەك بولماس........... |
|