قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 10462|ئىنكاس: 27
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

م.ئوغۇز : تۈركىيە تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

12

دوست

4695

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 1562
توردىكى ۋاقتى: 315
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 10:24:11 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

تۈركىيە تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار(2)

مۇستافا ئوغۇز


   ئىلاۋە: ئالدىنقى ساندىكى " تۈركىيە تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار (1)" ناملىق ماقالەم باغداش، مىسرانىم ۋە بوزقىر مۇنبەرلىرىدە ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزدىن ئىلھام بەرگۈچى ئىنكاسلىرى چۈشتى. داۋامىنى كۈتكەنلەر ھەم بولدى. ئويلاپ قالدىم، بىزنىڭ شەخس ۋە مىللەت سۈپىتىدە قىلىشقا تىگىشلىك، ئەمما قىلىنمىغان مەيلى كىچىك، مەيلى بۈيۈك بولسۇن نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار ئىكەن. مەسىلە شۇكى، بىر قىسىم كىشىلەر ئىجدىمائىي مۇھىتىمىزدا "شىكايەت" "ھەسەت" " ئۆسەك" ۋىرۇسلىرىنى تارقىتىپ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى "چۈشكۈنلۈك" خەستىسى قىلىدىكەن. قىلىنىشقا تىگىشلىك ئىشلار كېچىكىدىكەن. "ئۈمىدسىز مىللەت ئۆلۈك پۇرايدۇ" دىگەن يازمام ئارقىلىق شۇ " ئىجدىمائىي ۋىرۇس ئىلىپ يۈرگۈچىلەر"نىڭ مىللەت ئۈستىدىن ئىلىپ بارغان ناتوغرا "دىئاگنۇز"لىرىغا رەددىيە بەرگەن ئىدىم.
   بۈگۈنكى پەۋقۇلاددە ۋەزىيەتتە مىللەتنىڭ ئىلھام ھەم رىغبەتكە نە قەدەر مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىپادە ئەتتىم. چۈشكەن كۆپچىلىك ئىنكاسلاردىن ئۈمىد ھەم روھ ھىدلىغان بولدۇم. ماڭا شۇ نۇقتا تولۇنئايدەك ئايدىڭكى، بۇ مىللەت پايدىسىز "رەددىيە"دىن بەكرەك پايدىلىق "رىغبەت"كە، ئۈنۈمسىز "شوئار"دىن بەكرەك ئۈنۈملۈك "ھەرىكەت"كە، قۇتۇپلىشىشتىن بەكرەك بىرلىشىشكە، پۇتلاشتىن بەكرەك قوللاشقا مۇھتاج. يىقىنقى بىر ۋەقىيەنى قىستۇرۇپ ئۆتسەم ئارتۇقچە ئەمەس بەلكىم. ئا. ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ياخشى نىيەتتە يىزىلغان، تەۋسىيە خاراكتىرىدىكى "تۈركىيەمۇ، مىسىرمۇ" ناملىق ماقالىسى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن، مىسىردىكى بىرنەچچە ئوقۇغۇچى ئارقا-ئارقىدىن رەددىيە يازدى. ئۇلارنىڭ تۇتقا قىلىۋالغىنى ئا.ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدىكى تەۋسىيە خاراكتىرىگە زىت بولغان تىل ئىشلىتىش، سىلىشتۇرما ۋە مەنتىقە جەھەتلىرىدىكى قىسمەن قېيىپ كىتىشلەر ئىدى. بىراق، ئۇلار ئورنىدا تەنقىد قىلالماي، مىسىر مائارىپى ۋە ھاكىمىيىتىگە زىيادە چاپان يىپىپ، تىخىمۇ قېيىپ كەتتى. ئۇستاز ئەركىن سىددىقنىڭ مۇرەسسەسى ۋە ئەزھەردىكى دوكتۇر ھەبىبۇللا توختىنىڭ يازمىسى بىلەن يەنە بىر بالداققا كۆتۈرۈلدى. بۇ جەرياندا، ئىنكاسچىلار قۇتۇپلاشتى. قارشى پىكىردىكىلەرگە ھاقارەت ياغدۇرۇلدى. ئا.ئايۇپ ئەپەندى ۋە ھەبىبۇللا توختى ئەپەندى ئىككىسىمۇ ھاقارەتلەر سىرتىدا قالمىدى. كومپىيۇتىر كۇنۇپكا تاختىسدا خەت بىسىشتىن باشقا ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس بىر قىسىم تەپەككۇرسىز ئاشقۇن تەرەپدارلار ئۆزلىرى ھىس قىلماي، قارشى تەرەپكە ئەمەس، بەلكى مىللەتكە ھەم دىنىمىزغا ھاقارەت كەلتۈرىۋاتقان ئىدى. بۇنى ئۇلار ھىس قىلالمىدى. بەزىلەر ھەتتا ئاشكارە ھاقارەت كەلتۈرۈش پۇرسىتىنىمۇ قولدىن بەرمىدى.
      بۇ قىتىمقى مۇنازىرىدىن بىز زادى نىمىگە ئىرىشتۇق، نىمىنى بىلىۋالدۇق؟ بەزى پايدىلىق مەلۇماتلارغىمۇ ئىرىشتۇق، ئەلۋەتتە. ئۇنى پەقەت بىر قىسىم ئىھتىياجى بارلار پايدىلىنىدۇ. ئەمما ئىھتىياجى يوق نۇرغۇنلىرىمىزچۇ؟ قۇتۇپلىشىشقا ئىرىشتۇق. شۇ قۇتۇپلىشىشنىڭ سەۋەبى پەقەت ۋە پەقەت جاھىللىق ئىكەنلىكىنى قايتا بىر قىتىم بىلىۋالدۇق. گەرچە مۇنبەرلەردىكى بىرنەچچە يۈز ئىنكاسچىنى بىر پۈتۈن مىللەتكە نەقىل قىلغىلى بولمىسىمۇ، مەن ئۆزۈمگە شۇنداق ساۋاق ئالدىمكى، قەلەم تەۋرىتىشتىن بۇرۇن ھىسياتقا ۋە يۈزەكى پاكىتقا تايانماسلىقىم كىرەكلىكىنى، ھاقارەتكە ياكى ئاشقۇن تەرەپۋازلىققا ياتىدىغان مەنتىقىدىن يىراق تۇرۇپ، ئويلىنىپ يىزىشىم كىرەكلىكىنى تىخىمۇ قارار ئالدىم. ئەمدى "تۈركىيە تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار" تىمىسى ئاستىدىكى ماقالىلىرىمغا كەلسەك، يىزىلىش مۇددىئاسى تارىخىمىزنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق "چۈشكۈنلۈك"تىن قۇتۇلۇپ، بىر پۈتۈنلۈكىمىزنى ساقلاش ھەم كۈچلەندۇرۇشكە قىسمەن دەستەك بەرپا قىلىشتۇر. تارىخىي مەلۇماتى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان مەشھۇر شەخسلەرنى ئالدىن يىزىشنى توغرا كۆردۈم. شۇ سەۋەبتىن، مەشھۇر شەخسلەر ياشىغان تارىخىي دەۋىر تەرتىپى بويىچە يىزىلمايدۇ. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ! ئىسلامدىن بۇرۇن، ھەتتا مىلادىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ (ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ) ئانادولۇغا كىرگەنلىكى تىلغا ئىلىنسىمۇ، بىراق ئۇ توغۇرلۇق مەلۇماتلار يىتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ھەم مەلۇم تارىخىي مەشھۇر شەخس ھاياتى تەپسىلىي خاتىرىسى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئىسلامدىن بۇرۇنقى تارىخىي شەخىسلەر توغرىسىدا قەلەم تەۋرىتىشكە ئاجىزلىق قىلدىم. ئانادولۇغا تۈركلەرنىڭ كىرگەن تارىخى ۋە 13- ئەسىردىن تا بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇتلىقىنى يوقاتمىغان تۈركىيە ئاماسيا رايۇنىدىكى "ئۇيغۇر يىزىسى" غا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ ئوقۇشىغا سۇنىمەن.

   ئانادولۇ، يەنە بىر ئىسمى "كىچىك ئاسيا" بولسا قارا دىڭىز، ئاق دىڭىز ۋە ئەگە دىڭىزىنىڭ ئارىسىدىكى تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر تارىخىي بۆلىكىدۇر. گەرچە تۈركلەرنىڭ بۇ رايۇنغا مىلادىدىن بۇرۇن 2000-1000- يىللىرى كەلگەنلىكى قەيت قىلىنسىمۇ، نۇرغۇن تارىخچىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان. پەقەت 4- ئەسىردىن كىيىن غەربىي ھونلارنىڭ كاپكازدىن ئۆتۈپ ئانادولۇغا كىرگەنلىكى قەلەمگە ئىلىنىدۇ. قۇتلۇق بىلگە قاغان قۇرغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يىقىلىشى ۋە مۇڭغۇللارنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىدىن كىيىنكى بۈيۈك كۆچۈشى ۋە سەلجۇقىيلارنىڭ قوشۇن ئەۋەتىشى، ئەڭ ئاخىرىدا 1071- يىلى مالازگىرت ئۇرۇشى نەتىجىسىدە مۇسۇلمان تۈركلەر ئانادولۇغا رەسمىي تۈركۈملەپ كۆچۈشكە باشلايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك شەخسى سۈپىتىدە سۇلتان ئالاھىددىن ئاراتنانى تىلغا ئىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئۇ ئانادولۇ زىمىنىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن بۇرۇن دۆلەت قۇرغان ئۇيغۇردۇر. ( turan1001 توردىشىمىز تۈركىيە يازغۇچىسى كامال گۆدەنىڭ "سۇلتان ئالاھىددىن ئەرەتنا" دىگەن كىتاپچىسىنىڭ  2009-يىلى مىللەتلەر خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بولغانلىقىنى ماڭا ئىيتىپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇزۇن توختالمايمەن. قىزىققۇچىلارنىڭ ئوقۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! )

   سۇلتان ئالاھىددىن ئاراتنا (1327-1352) - سەلجۇقىي دۆلىتى يىمىرىلىپ، ئانادولۇ مۇڭغۇل ئېلىخانلىلارنىڭ ئېستىلاسىغا دۇچ كەلگەندىن كىيىن، ئالاھىددىن ئاراتنا ئېلىخان دۆلىتىنىڭ ئانادولۇدىكى ئۇيغۇر ۋالىيسى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ، ۋە كىيىن مۇستەقىللىق ئىلان قىلىپ باشتا سىۋاسنى، كىيىن قەيسەرىنى پايتەخت قىلىپ 1327-يىلى " ئاراتنا دۆلىتى" ياكى بەگلىكىنى قۇرىدۇ. ئۆزى ئۇيغۇر بولغاچ، ئەتراپىغا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى يىغىپ، ئانادولۇغا يەرلەشتۇرىدۇ. ئاراتنا دۆلىتىنىڭ ئىگەللىگەن زىمىن تەۋەلىكى سىۋاس، قەيسەرى، ئاماسيا، توكات، چورۇم، دەۋەلى، قاراھىسار، ئەنقەرە، زىلە، جانىق، ئۈرگۈپ، نىدە، ئاق ساراي، ئەرزىنجان، نىكسار، خارپۇت، كىرشەھەر، نەۋشەھەر، سامسۇن، ئەرزۇرۇم، مەرزىفۇن، شەرقىي قاراھىسار ۋە دارەندە قاتارلىق شەھەرلەردۇر. ئانادولۇدا ئۆز ۋاقتىدا باشقا بەگلىكلەرمۇ تەڭ مەۋجۇد بولۇپ، كۆپ ۋاقىتلاردا تىنچلىق ئىچىدە ياشىغان. ئۆز دەۋرىدە ناھايىتى ئادىل ۋە شەپقەتلىك ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، خەلقى تەرىپىدىن "ياخشىلىق سۆيەر سۇلتان" دەپ تەرىپلەنگەن. ئۆز نامىدا پۇل بىسىپ تارقاتقان. ئۇ 1352- يىلى ۋابا كىسىلى بىلەن ۋاپات بولىدۇ ھەم قەيسەرى شەھىرىگە دەپنە قىلىنىدۇ. ھازىرمۇ قەبرىسى قەيسەرى شەھىرىدە مەۋجۇدتۇر. ئالاھىددىندىن كىيىن ئوغلى غىياسىدىن مەھمەت (1352-1354) تەخت ۋارىسى بولدى، ئۇنىڭدىن كىيىن نۆۋەتلىشىپ ئىززەتتىن جافەر باي (1354-1355)، غىياسىدىن مەھمەت-2 (1355-1365)، ئالاھىددىن ئەلى (1365-1380) لەر تەختكە چىقتى. نىھايەت، ئاخىرقى پادىشاھى مەھمەت-2 (1380-1381) بىلەن " ئاراتنا بەگلىكى"نىڭ  يىرىم ئەسىرلىك ھۆكۈمدارلىقى ئاخىرلاشتى.
image.jpg

14-ئەسىردىكى ئاراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ خەرىتىسى

image.jpg

ئالاھىددىن ئاراتنا، ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ قەبرىسى (قەيسەرى شەھىرى)


   ئەبۇ غازى باھادىرخان (1603-1663)- 1603-يىلى (ئۆزبىكىستان) ئۆرگەنچ شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆز دەۋرىدىكى ھىيۋە خانلىقىنىڭ سۇلتانى مەھمەت باينىڭ ئوغلىدۇر. ھاياتىدا سۇلتان ھەم داڭلىق يازغۇچى بولۇپ ئۆتكەن زاتتۇر. بۇ كىشى توغرىسىدا بەزى تارىخىي مەنبەلەردە ئۇيغۇر تۈرك دىسە، بەزى مەنبەلەردە ئۆزبىك دىيىلگەن. مەيلى قانداقلا بولسۇن مەن يازماقچى بولغان ئاماسيادىكى " ئۇيغۇر يىزىسى" غا قىسمەن باغلىنىشى بولغانلىقى ئۈچۈن تونۇشتۇردۇم. باھادىرخان 1641-يىلى ھىيۋە خاندانلىقىنىڭ سۇلتانى بولۇپ 21 يىل ھۆكۆمرانلىق سۈردى. ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇخارا ئۆزبىكلىرى، سەفەۋى شاھلىرى، قالماق خانلىرى ۋە روسلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان. تۈرك تارىخىنى قىتىرقىنىپ ئۆگەنگەن بولۇپ، ھاياتىدا چاغاتاي تىلىدا ئىككى ئەسەر يازغان. ئىسىملىرى : " شەجەرى تۈرفىكىمە" ۋە " شەجەرى تۈرك". باھادىرخان ئانادولۇنىڭ ئاماسيا رايۇنىدىكى " ئۇيغۇر يىزىسى" غا قىشلىق ئوردىسىنى قۇرغان. دىمەككى، سۇلتان بولغان 21 يىللىق ھاياتىدا قىش پەسلىنى شۇ يىزىدا ئۆتكۈزگەن.

   ئاماسيادىكى ئۇيغۇر يىزىسى- 13- ئەسىرلەردە بۇ يىزىغا ئەڭ دەسلەپ ئاياق باسقانلار ئۇيغۇر تۈركلەردۇر. ئاراتنا دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن بۇ يەردە ئۇيغۇرلار يەرلىشىشكە باشلىغان. شۇ سەۋەبتىن، تارىختىن بۇيان بۇ يىزىنىڭ ئىسمى پەقەت بىرلا ئىسىم بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن، ئۇ بولسىمۇ " ئۇيغۇر يىزىسى"دۇر. ئۇيغۇر يىزىسىغا ئەڭ دەسلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن "جافەر بوۋا " ئىسىملىك كىشى تا بۈگۈنگە قەدەر ئەۋلىيا دەپ تىلغا ئىلىنىپ كەلمەكتە. قەبرىسى يىزىدا ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىۋاتقان قەبرىدۇر. ئۇنىڭدىن سىرت، دەسلەپ كىلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلاردىن ۋەيىس ئوغۇللىرى ۋە ۋىرىكچى ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرى تا بۈگۈنگە قەدەر ياشىماقتا. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇقتا شۇكى، ئاماسيا بولسا رىم دەۋرى، ئاراتنا دۆلىتى دەۋرى، ئوسمانلى دەۋرى ۋە ھەتتا ئاتاتۈرك دەۋرىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم مەركەزلىك سىياسىي رايۇن بولۇپ كەلگەن. ئاماسيا تارىخىنى مىلادىدىن بۇرۇن 5500 يىللاردىن ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ. شۇ چاغلاردىن تارتىپ " ئاماسيا " ئىسمى بار ئىدى. رىم ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە سىياسىي ھەم مەدەنىيەت مەركىزى ئىدى. ئوسمانلى دەۋرىدە " شاھزادىلەر شەھىرى" دەپ ئاتالدى. ئوسمانلى سۇلتانلىرىدىن ئىككىنجى مۇرات ۋە ياۋۇز سۇلتان سەلىم خان ئاماسيادا تۇغۇلغان. فاتىھ سۇلتان مەھمەد خان 8 يىشىدا ئاماسياغا ۋالىي بولغان. سۇلتان سۇلايمان خان داۋاملىق ئاماسياغا كىلىپ تۇرغان. ئىككىنجى بەيازىد شاھزادىلىكىنى بۇ يەردە كەچۈرگەن ئىدى. مۇستافا كامالنىڭ ئىلىپ بارغان " ئازادلىق ئۇرۇشى" سامسۇندا باشلانغان، بىراق ئاماسيادا داۋام قىلىپ كۈچەيگەن ئىدى. دىمەككى، ئاماسيا تارىختىن بۇيان ئىنتايىن داڭلىق شەھەر بولۇپ كەلگەن، 13- ئەسىردە ئەقىللىق ئۇيغۇرلار بۇنى بايقىغان، ھەم بۇ يەرگە بىر يىزا قۇرغان. يىزىنىڭ ئىسمى تارىختىن بۇيان " ئۇيغۇر يىزىسى" بولۇپ كەلگەن. كىيىنكى دەۋىرلەردە بۇ زىمىنغا تۈرك، تۈركمەن ۋە ئەزھەر بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر كۆچۈپ كەلگەن. بۇ يىزىنىڭ جامائىتى ئاستا ئاستا ئالاۋى مەزھىپىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. ھازىر بۇ يىزا نوپۇسىنىڭ كۆپچىلىكى ئالاۋى مەزھىپىدىدۇر. ئۇيغۇر يىزىسىدا ياشاۋاتقان نوپۇس 2000 ئەتراپىدا بولۇپ، يىزا نوپۇسىنىڭ 5 ھەسسىگە توغرا كىلىدىغان نوپۇسى ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ئىزمىرلارغا ئىشلەش ئۈچۈن كەتكەن ئىكەن. ئۇيغۇر تۈرك نوپۇسى ئاسمىلاتسىيىلىشىپ ئىنتايىن ئازلاپ كەتكەن. ئۆز تىلى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇنۇتقان. مىنىڭچە " ئۇيغۇرشۇناس" ئۇيغۇرلىرىمىز سىرىق ئۇيغۇرلار ۋە خۇنەن ئۇيغۇرلىرىغا قانچىلىك قىممەت ۋە ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، ۋەتەن سىرتىدىكى مۇشۇنداق ئۇيغۇرلارغىمۇ ئەھمىيەت بىرىشى ۋە ئىزدىنىشى كىرەك دەپ قارايمەن.  

image.jpg

ئاماسيادىكى ئۇيغۇر يىزىسى


image.jpg

ئاماسيادىكى ئۇيغۇر يىزىسى قىزلىرى ۋە كىيىملىرى


image.jpg

ئاماسيادىكى ئۇيغۇر يىزىسىنىڭ نانلىرى


image.jpg

ئاماسيادىكى ئۇيغۇر يىزىسىدىكى جافەر بۇۋا قەبرىسى

bagdax

2

تېما

52

دوست

9641

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   92.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 3017
توردىكى ۋاقتى: 684
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-22
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 11:35:17 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەتتىگەندە بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇرسەنت بولدۇم، قەلەم تۇلپارىڭىز ھېرىپ قالمىغاي، جەنابىي ئاللاھ يولىڭىزنى راۋان، ئىشىڭىزنى ئاسان قىلغاي، ئامىن!

0

تېما

6

دوست

2477

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54442
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 760
توردىكى ۋاقتى: 300
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 11:42:12 |ئايرىم كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە ئاپىرىن قېرىندىشىم. مۈمكىن بولسا تۈركىيەدە ھازىر ھايات ياشاۋاتقان ،نەتىجىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان ئۇيغۇرلىرىمىزنىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆتۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

905

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33879
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 286
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-29
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 12:31:15 |ئايرىم كۆرۈش
نادىر تىما  ،ياخشى يىزىلپتۇ ھارمىغايسىز !
bagdax

2

تېما

17

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 4056
توردىكى ۋاقتى: 458
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 12:47:51 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت . تىمىڭىزنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

3

تېما

2

دوست

6218

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9612
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 509
تۆھپە : 1598
توردىكى ۋاقتى: 257
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 14:07:41 |ئايرىم كۆرۈش
......مىنىڭچە " ئۇيغۇرشۇناس" ئۇيغۇرلىرىمىز سىرىق ئۇيغۇرلار ۋە خۇنەن ئۇيغۇرلىرىغا قانچىلىك قىممەت ۋە ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، ۋەتەن سىرتىدىكى مۇشۇنداق ئۇيغۇرلارغىمۇ ئەھمىيەت بىرىشى ۋە ئىزدىنىشى كىرەك دەپ قارايمەن.  .......... ئاپتوردىن نەقىل

قەلىمىڭىز ھەرگىز ھارمىغاي! داۋاملىق ھە.... مۇشۇنداق تارىختىن باشلاۋېرىڭ. كېلىپ ئۇزۇن قالماي ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭكىنىمۇ ئاڭلاش نىسىپ بولغاي!

0

تېما

0

دوست

226

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   75.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56529
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 15:06:20 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم! قىرىندىشىم ، ۋاقىت چىقىرىپ بىزلەرگە مۇشۇنداق ياخشى يازما سۇنغىنىڭىزغا رەھمەت.

0

تېما

19

دوست

9617

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   92.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36733
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3116
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-7
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 15:23:43 |ئايرىم كۆرۈش
م.ئوغۇز ئۇستاز ،سۇلتان ئالاھىددىن ئاراتنا  ۋە ئاماسيادىكى ئۇيغۇر يىزىسى توغرىسىدا  مەلۇمات بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر !دىمەك تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىيات تارىخىدا ئۇيغۇر ئاتلىق بۇ باتۇر ،مەدەنىيەتلىك ،ئىلىملىك ...قەۋىمنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپە ۋە ھەسسىسى بارلىقىنى چۇڭقۇر ھىس قىلدىم !

يەنە بىر تۈزتىش ئىشنى ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتتىم !ئۇچۇر كۆزنىكىڭىزنى كۆرۈپ قويۇڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )