- تىزىملاتقان
- 2016-3-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 51
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
17%
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى ،مىنىڭ بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئالىم بار ئىدى،بىلىدىغانلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ چۈشەنچە بېرىشنى چىن كۆڭلۈمدىم ئۈمىد قىلىمەن،چۈنكى ئۇزۇندىن بېرى بۇ سۇئال مىنى ھەرخىل زىدىيەتلىك خىياللارغا سېلىپ كىلىۋاتىدۇ،
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىلەن ھازىرقى بىزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتىمىز بار؟بۇنداق سۇرىسام بەزىلەر مىنى ئەيىپلەپ كېتىشى بەزىلەر بولسا ماڭا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تارىخ كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن،بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس،ئۈگەنمەسلىك ئەيىپ دەيدىغان گەپ بار،بىلىملىك كىشىلىرىمىز مىنى چوقۇم توغرا چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن ،
ئاڭلىسام ئۇيغۇرلارنىڭ شەجەرىسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخانغا تۇتىشىدىكەن ،سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بولسا چىڭگىزخانغا تۇتىشىدىكەن،بۇ راسمۇ؟دىمەكچى بولغىنىمنىڭ پوسكاللىسى شۇكى بىز ساپ قانلىق مىللەتكە كىرەمدۇق؟مەن بولسام بىر ئۇيغۇر دېھقان ،ھەرگىز مىللىتىمدىن قۇسۇر ئىزدىمەكچى ئەمەس،ھەم سالاھىتىممۇ ھەرگىز توشمايدۇ ،لىكىن مەن ھەرھالدا ساۋاتلىق ،بەزەن تارىخ كىتابلارنى ئوقۇسام بىزنىڭ تارىخىمىزدا شۇنداق قالتىس كىشىلىرىمىز بوپتىكەن،ھەم يەنە نۇرغۇن قېتىملىق ئىنقىلابلىرىمىز ئىچىمىزدىن چىققان مۇناپىقلارنىڭ سۈيقەستى بىلەن بەربات بوپتىكەن ،يەنە نۇرغۇن قالتىس كىشىلىرىمىز يەنى ئابدۇقادىر داموللامغا ئوخشاش كاتتا كىشىلىرىمىز يەنە شۇ مىللى مۇناپىقلارنىڭ زەھەرلىك قولى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىپتىكەن،مىنىڭ نادان كاللامدىكى خىيال شۇكى بىزنىڭ ئىچىمىزدىن مىجەز خارەكتىر جەھەتتىن ھەرخىل ئېقىمغا
ھەرخىل مىللەتكە ئوخشايدىغان ئادەملەر چىقىدىكەن ،ئاددىسى مانا مۇشۇ مۇنبەردىمۇ
ھەرخىل ئېقىمدىكىلەر ئۆزىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ،مەن يا ئۆزۈمچە خاتا ئويلىۋالغاندىمەن ،
بىلىدىغانلار بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ شەجەرىسى توغرىسىدىكى سۇئالىمغا چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ،توغرا چۈشەنگەيسىلەر، |
|