قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 10262|ئىنكاس: 42
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەختۇم خانىم كانادادا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

391

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   45.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34154
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-30
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 15:25:13 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
مەختۇم خانىم ھەققىدە كۈندۈلۈك خاتىرە                  


2012-يىل 30-ئىيۇن.



    بۈگۈن مەختۇم خانىمنىڭ يىراق كانادادىكى كالگارىيغاكەلگىنىگە بەش كۈن بولدى.بەش كۈننىڭ گەپلىرىنى ھىكايە قىلايلىمۇياكى ئۇنىڭ نېرىسىدىكى ئىشلارنىمۇ؟نېرىسىدا بەك جېق ھىكايىلار قالدى،بەك جېق!جۇدالىق،سېغىنىش،ۋىسال ئىنتىلىشى،قىسىلىش-قورۇنۇش،ھەسرەت-نادامەت، ئۈمىت-تەلپۈنۈش.... ھەيھات،ئاللانىڭ ئىنايىتى بىلەن ،ئاخىرى بەش كۈن ئىلگىرى يىراق خوتەندىن يىراق كانادادىكى كالگارىينى نىشانلاپ، ئەشۇ ئۇزاق سەپەرگە قەدەم ئالدى.بەك ئۇزاق سەپەر!مەختۇمخانىمنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۈچۈنمۇ،يۇرتداش-قۇرداش،ئەل-يارانلىرى ئۈچۈنمۇ،تېخى ھېچكىم بېسىپ باقمىغان ئۇزۇن سەپەر،15000كىلومىتىر!پىيادە كۈنىگە30كىلومىتىردىن ماڭسا،500كۈندە تامام بولىدىغان سەپەر،ماشىنا-ئاۋتۇبۇس بىلەن كۈنىگە 500كىلومىتىردىن ماڭسا،بىر ئايدا تامام بولىدىغان سەپەر،بۇ تېخى تۈز ئارىلىق!دەريا-دېڭىزلار،تاغ-جىلغىلار،ئورمان-چاتقاللار يول توسۇپ تۇرۇپتۇ،نەچچە كۈندەبېسىپ بولغىلى بۇلار؟قانداق ئۆتكىلى بۇلار؟
   مەختۇم خانىم 2012-يىل25-ئىييۇن خوتەن تۇزلۇقساي ئايرىدىرومىدىن يولغا چىقتى،ئۇنىڭغا 35يىللىق ھەمراھى  سەپەرداش ئىدى،بالىلارنىڭ ھەممىسى-ھېچكىم قالماي ئايرىدىرومغا چىقىپ ئۇزۇتۇپ قويدى،تىنىچ،داغدۇغىسىز،ئەنسىرەش ئىچىدە ئۇزۇتۇپ قويدى.مەختۇم خانىم جەنۇپ ئاۋئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە مۇشۇ ئايرۇ پىلاننىڭ دەرىزىسىدىن قاراپ كۆردىكى؛بۈيۈك چۈل –تەكلىماكاننىڭ ئاسمىنىنى بۇلۇت قاپلاپتۇ،قۇم-بارخانلىرى كۈرۈنمەي قاپتۇ،ئۇ نىمىگىدۇرخاپىدەك كۈرۈنەتتى،يۇرتىدىن ئايرىلغان مەختۇم خانىمنىڭ كۆڭلىدەكلا خاپا كۈرۈنەتتى. مەختۇم خانىمنىڭ  كۆڭلىدە سەل ئەنسىزلىكمۇ،يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغائازىراق خاپىلىقمۇ بار ئىدى..
    ئايرۇپىلان بىر سائەت يىگىرمە مىنۇت ئۇچۇپ،ۋاخىت ئەتتىگەن سائەت 9دىن 50مىنۇت ئۈتكەندە ،ئۈرۈمچى دىياۋپۇ ئايرىدىرومىغاقوندى.ئۇيەردە بوۋاينىڭ ئاغىينىلىرى-ئىلھامجان بىلەن ئەكبەرجان ھاجىم ئۇلارنى كۈتۈپ تۇراتتى،يىراق شەرقى-شىمالدىكى شىنياڭ(مۇكىدىن)غا ئۇچۇدىغان ئايرۇپىلاننىڭ قوزغىلىشىغا يەنە تۈرت سائەتتەك ۋاخىت بارئىدى،شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىگەكىرىپ،تاماق يەپ ئاندىن مېڭىش تەكلىۋى قوبۇل كۈرۈلدى،ئەكبەرجان ھاجىمنىڭ ماشنىسىدا20كىلومىتىرچە يول يۈرۈپ،دۆڭكۆۋرۈك ئەتىراپىدا ئالدىراش تاماق يىيىلدى،ئەشۇ يەردەيىڭىلا تۈركىيە ساياھىتىدىن قايتىپ كەلگەن مەمىتىمىن قۇربان ھاجىم،ئابابەكرىھاجىملار بىلەن دىدارلىىشىش ،تاماققا ئالاھىدە تەم قوشقاندەك تەسىرات قالدۇردى،ئەمما دىدارلىشىىش بەكلا   قىسقا بولدى،مەختۇم خانىم ۋە ئۇنىڭ ئېرى دەرھال ئايرۇدىرومغا قايتمىسا بولمايىتتى،ئەندى ماشىنىنى قەييۇمجان ھەيدىدى، ئىلھامجان ھەمرا بولدى،ئەل-يارانلارنىڭ مېھرى قەلبلەرنى ئېللىتىپ تۇراتتى.
     ئۈرۈمچى ئايرۇدىرومىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدە-بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى دىگەن ئايرۇپىلانغا چىقىشتىن بىر-ئىككى سائەت بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان، سىرىتقى كىيىملەرنى،كەشنى سېلىپ،بەلدىكى كەمەرنى يىشىپ،ساقچىلارنىڭ پۈتۈن بەدەننى سىلاپ-سىپاپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغان،سومكىلارنى نازۇك تېخنىكىلار بىلەن تەكشۈرتىدىغان بىر خىل تەكشۈرۈش-ئازىراق چاتاق چىقتى.ئايرىدۇرۇم ساقچىلىرى ؛سومكاڭلاردا چاقماق بار ئىكەندەپ تۇرۇۋالدى،بوۋاي؛چاقماق يوق،تاماكا چەكمەيدىغان ئادەمدە چاقماق نىمەقىلىدۇ،دەپ تاكانلىشاتتى،ئەمما بۇ يەردە سەۋەپ كۆرسەتكەنگە ئىش ھەل بولمىدى،ساقچىلار قوللىرىنى سومكىغا تىقىپ تەكشۈردى،تاپالمىدى،تاپالمايتتى،خۇتەن ئايرۇدىرومىدىكى ئاجايىپ چىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدە تېپىلمىغان نىمە بۇيەردەتېپىلاتتىمۇ؟ئەمما ئۈرۈمچى ساقچىلىرى تەكشۈرۈشنى توختاتمىدى،ئەندى ئۇلار سومكىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش سۇپىسىغا تۆكتى،ياندابىللە ئېلىپ ماڭىدىغان سومكىدىكى بارلىق نەرسە ھاياسىزلىق بىلەن ئۈزىنى ئاشكارىلىدى،ئەشۇلار قاتارىدا بىردانە قىزىل رەڭلىك كىچىك چاقماقمۇ شەرمەندىلەرچە قىزىرىپ تۇراتتى...بوۋاي مات بولغان،ساقچىلار بۇ نىمە؟ دىگەن مەنىدە غالىپلارچە قاراپ تۇراتتى ۋە دەرھال ھېلىقى چاقماقنى مۇسادىرە قىلشتى...مەختۇم خانىمنىڭ ئىسىگە كەلدى؛ئىككى-ئۈچ كۈن ئىلگىرى،ئەندى ئون ئايلىق بولغان كىچىك نەۋرىنىڭ قولىدا ئەشۇ چاقماقنى كۆرگەنلىگى يادىدا،بالا مېيى-گازى يوق ئەسكى چاقماقنى يالاپ يۈرەتتى،تۈنۈگۈن گاز توختاپ قالغان ئۆيدە،ئۇچاققا ئوت ياقماق بۇلۇپ،چاقماق-سەرەڭگە ئىزدىگىنىدە،ئەشۇ چاقماقنى قولىغا ئېلىپ ،يانمايدىكەن دەپ تاشلىۋەتكەنلىگى ھەم يادىدا،ئەندى مانا نىمە بۇلۇپ سومكىغا كىرىپ قالدى؟كىم بۇئەسكى چاقماقنى سومكىغا سېلىپ قويدى؟خۇتەن ئايرۇدىرومىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدە نىمىشقا بايقالماي قالدى؟-بۇلارنى ھېچكىم بىلمەيتتى.بوۋايغا ساقچىلاردىن كەچۈرۈم سۇراشقا توغرا كەلدى،ئۇ توختىماي ھوزۇرخالىق ئېيتتى،دىمىسىمۇ راستىنلا بەك سەت ئىش بولغان ،ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدامات بولغان ئىدى.ساقچىلارنىڭ چاقماقنى مۇسادىرە قىلىش بىلەنلا بولدى قىلغانلىغىغا،ئادەمنى تۇتۇپ قالمىغانلىغىغا شۈكرى ئېيتماق  كىرەك ئىدى.ئەگەر چاقماق كۈتۈرۈپ ئايرۇپىلانغاچىققۇچى تۇتۇپ قېلىنغان بولسا....ئەلبەتتە بۇ يەردە ئۇلار شۇنداق قىلالايتتى،فاكىت-ھېلىقى چاقماق بار ئىدى ئەمەسمۇ،
   ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 14دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە دىيوپۇئايرۇدىرومىدىن ئۇچقان ئايرۇپىلان،لەنجۇ جۇڭچۇەن ئايرۇدىرومىدا 50 مىنۇتتەك  توختاپ،شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋاختى كەچ سائەت22دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە،جۇڭگۇنىڭ يىراق شەرقى شىمالىدىكى شىنياڭ ئايرۇدىرومىغا قوندى،ئايرۇپىلان تىلۋۇزۇرىدا،ئايرۇپىلاننىڭ 11200كىلومىتىر ئىگىزلىكتە،800كىلومىتىر –سائەت تىزلىكتەئۇچۇۋاتقانلىغى ئىلان قىلىنىپ تۇردى، مەختۇم خانىم 25- ئىييۇن مۇشۇ بىر كۈندە ئالتەيېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاخىت ئۇچقان بولدى،4800كىلومىتىردىن ئارتۇغراق مۇساپىنى باستى،بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاغا شۈكرى ئېيىتماق لازىم ئىدى،ئۇچۇش قانۇنىيەتلىرىنى ياراتقان،ئۇچقۇلارنى ياساشنى بىلدۈرگەن،ئۇچقۇلاردا ئۇچۇشقا مۇيەسسەر قىلغان ئاللاغا مىڭ قەتلە شۈكرى!ئاللانىڭ ئىنايىتى بولمىغان بولسا،مەختۇم خانىم ئەلبەتتەئۇچۇشقا ئىمكانسىز قالاتتى،بىر كۈندە 5000 كىلومىتىرچە يولنى بېسىپ بۇلالمايتتى،ئاللاغا مىڭ قەتلە شۈكرى!
   شىنياڭ-ھازىرقى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى،ئۆتكەنئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا تاشكەنت ۋە ئالمۇتادا بېسىلغان كىتاپلاردا،ئۇ «موكىدىن» دىيىلەتتى، شىنياڭ-خەنزۇچە گەپ بولغاندەك،«موكىدىن»مۇ روسچە گەپ بولىشى مۇمكىن،  ۋەبەلكىم بۇرۇنقى چاغلاردا مۇشۇ ئەتىراپتا ياشىغان قارا قىتان ۋە جورجىت(مانجۇ)لارنىڭ تىلىدا شۇنداق ئاتالغان بولىشى مۇمكىن،بۇ يەر شىمالى پايتەخىت(بېيجىڭ)دىنمۇ شىمالدا بولغاچ،بۇ يەرگە مەختۇم خانىمدەك يات يۇرتلۇقلارئاز كىلىدىغان بولىشى مۇمكىن،ئەندى مانا مەختۇم خانىملار كىلىپ قالدى،بۇنىڭ سەۋەبى؛22-ئىيۇندىن باشلاپ،بۇ يەردىن كانادادىكى ۋانكوۋېرغا بىۋاستە ئايرۇپىلان قاتنىغانلىقتا...
  مەختۇم خانىملار ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ،تۇشۇشقا ھاۋالەقىلغان سومكىلارنى ئالدى ۋەساقلاپ بىرىش ئورنىغا قۇيۇۋەتتى،ئۇلارنى بىرگە كۈتۈرۈپ يۈرۈش تۇلىمۇ قۇلايسىز ئىش ئىدى،ئۈچ خىل ھەجىم ۋە ئۈچ خىل ئېغىرلىقتىكى ئۈچ سومكائۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15يۇەن،30يۇەن،50يۇەن ئالدى، مەختۇم خانىملار باھاتالىشىدىغان ئورۇندا ئەمەس ئىدى،غىڭ قىلالمىدى.بىر كىچىلىك ساقلاش ئۈچۈن بۇنى ئەلبەتتە ئەرزان دىگىلى بولمايتتى،يا ئۇلار سومكىلارىن كىچىچە كۈتۈرۈپ يۈرمىسە....
    سومكىلارنىڭ ئىشى تۈگىشىگە تاكسى شوفىرلىرى يوپۇرلۇپ كەلدى،بۇنداق يېرىم كىچىدە مەختۇم خانىملار ئۇلار ئۈچۈن ئەلبەتتە راسا شىلىۋالغىلى بولىدىغان لوق گۆش ئىدى،ئۇلار؛«يېقىن ئەتىراپتا مىھمانخانا يوق،شەھەرگە كىرسەڭلارئەكىرىپ قويايلى»دەپ كوتۇلدىشاتتى .مەختۇم خانىمنىڭ خەنچە زۇۋاندىكى ئەشۇ گەپلەرنى ئۇققىچىلىگى، ئەشۇلارنىڭ مەخسەت-مۇددىئالىرىنى ھەم چۈشەنگۈچىلىگى بار ئىدى.بالىلارنىڭ توردىكى ئۇچۇرلاردىن ئىگەللەپ يەتكۈز ىشىچە،شىنياڭ ئايرۇدىرومى بىلەن شىنياڭ شەھرىنىڭ ئارىلىغى 20نەچچە كىلومىتىر كىلەتتى،بۇ يېرىم كىچىدە ئەشۇ ناتۇنۇش تاكسىچىلارغا ئەگىشىپ يىراققا بېرىش ئانچە بىخەتەر ئىش ئەمەس ئىدى،ئۇلار ھېلى ئايرۇدىروم خىزمەتچىلىرىدىن ،ئايرۇدىروم ئۇچۇش بىناسىنىڭ يېنىدىلا مېھمانخانابارلىغىنى ئاڭلىغان ئىدى،ئۇلار شۇ يەرگە قاراپ ماڭدى،تاكسى شوفىرلىرى ئەگەشتى،ئۇلار 100مىتىردەك مېڭىپلا مىھمانخانىنى تاپتى،لىكىن ئالدىدا كىرگەن تاكسى شوفىرلىرى مىھمانخاننىڭ باش مۇلازىمەت پوكىيىدىكى مۇلازىمغا ئاللىقاچان بىرنىمەلەرنى دەپ ئۈلگۈرگەن ئىدى،قارىغاندا ئۇلار تۇنۇشتەك قىلاتتى، بىرلىشىپ قىلتاققادەسسىتىشنىڭ كويىغا چۈشكەندەك قىلاتتى،باش پوكەيدىكى مۇلازىمەتچى ياتاق تەلەپ قىلغان مەختۇم خانىملارغا498يۇەنلىك بىرلا ياتاق بارلىغىنى ئېيىتتى،بۇ ئىنىقيالغان ئىدى،ھېلىقى تاكسى شوفىرلىرى بولسا؛«بۇ ياتاق بەك قىممەتكەن»دەپ ۋايسىغىلىتۇردى،مەختۇم خانىملار مۇلازىمەتچىگە ياتاق باھاسىنى بىر ئاز چۈشۈرۈپ بىرىشنى ئېيتىۋىدى؛ئۇ توڭ قاپاق خىنىم پىسەنتىگىمۇ ئېلىپ قويمىدى،تاكسى شوفىرلىرى بولسائۇلارنى شەھەرگە كىرىشكە ئۈندەپ تۇراتتى،مەختۇم خانىملار ئارىسالدا قالدى،ئەرزان ياتاق ئىزدىسە شەھەرگە كىرىشى كىرەك،ئەمما يەنىلا تاكسىغا پۇل خەجلەيدۇ،تاكسىغاپۇل خەجلەشتىن قاچسا،بۇ يەردە قىممەت ياتاقتا يېتىشى كىرەك،ئىككى تاشنىڭ ئارىلىغى دىگەن مانا مۇشۇ ئىدى،قارىغۇنى يار بويىدا قىستاش دىگەنمۇ شۇ ئىدى ،مەختۇم خانىم بولسا،ھەممىدىن بەكرەك بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچىراشتىن ئەنسىرەيىتتى،يات شەھەردەبۇنىڭدىن ئەنسىرىمەي بولمايىتتى،يېنىدا يىراق سەپەر ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغان نەخ پۇل ۋەيەنە ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرمۇ بار ئىدى،ئادەملەر رەزىللىشىپ كىتىۋاتاتتى،پۇل ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان بۇلۇپ كەتكەن ئىدى،ئەگەر پۇل-مال ئۈچۈن بۇلاڭچىلىق قىلىپ قالسا،ياكى قاتىللىق قىلىپ قالسا....ئەنسىرەش مانا شۇنىڭدىن ئىدى،ۋاھالەنكى؛بۇنداق ئەنسىرەشلەر تامامەن ئورۇنسىز بۇلىشى ھەم مۇمكىن،تاكسى شوفىرلىرى راستىنلاياخشى كۆڭلى بىلەن ياردەم قىلماقچى بولغان بولىشى مۇمكىن،مېھمانخانىدا راستىنلائەشۇ قىممەت ياتاقتىن باشقا ياتاق قالمىغان بولىشى مۇمكىن،ئەمما ھازىر بۇ يات ۋەناتۇنۇش شەھەرنىڭ ئايرۇپورتىدا ئۇلارنىڭ نىرىپلىرى بەكلا جىددىلىشىپ كەتكەن،ياخشى تەرەپلەرنى ئويلاشقا جۈرئىتى يوق ئىدى،تاكسى شوفىرلىرى ئالداپ ئاپىرىپ،يېرىم يولدا بۇلاپ كىتىدىغاندەكلا كۈرۈنۈۋاتاتتى،ئۇلار ئاخىرى چىداپ تۇرۇپ498 يۇەننى سانىدى،كاپالەت پۇلى بىلەن قوشۇپ 600يۇەننى سانىدى،سانىماي نىمە ئىلاجى بولسۇن؟شىنياڭدا ئېمىنجان يوق،پۇل ئالمايلا ئېسىل ياتاقتا ياتقۇزىدىغان ئېمىنجان ئۆرۈمچىدە قالغان،پۇل سانىماي ياتاق بىرىدىغانغا شىنياڭلىقلار ئۇلارنىڭ ئاغىينىسىمىدى؟....
    مەختۇم خانىمنىڭ ياتاقنىڭ قىممەتلىگىدىن سەل غەش بولغان كۆڭلى ياتاقنى كۈرۈپ بىزە ئېچىلدى،ياتاق ئىسىل،خۇددى ئېمىنجان «خاندىيار»دا دائىم تەييارلاپ قويىدىغان ياتاقتەكلا ئىسىل ئىدى،ئىچكىرىسى ياتاق،سىرتى مىھمانكۈتۈش ئۈيى،تازىلىق ئۆيلىرى ئازادە ۋە پاكىزە ئىدى،500يۇەنگە يارىغۇچىلىگى بارئىدى،4-5سائەت ئايرۇپىلاندا تىك ئولتۇرۇپ ھارغان-تالغان تەنلەرنى لۆم-لۆم كارۋاتقاتاشلىغاندا ھېلىقى غەشلىك پۈتۈنلەي يوق بۇلۇپ كەتتى،ئەندى خاتىرجەم بولساق بۇلاتتى،ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق ئىش يەنە چىقتى،بالىلار بىلەن ئالاقىلەشكىلى بولمىدى،مەختۇم خانىمنىڭ ئەرزان باھالىق تىلىفۇنى ئىشلىمەيۋاتاتتى،دىمىسىمۇكونىرىغان تىلىفۇن ئىدى،ئەندى ئۇمۇ قېرىغان ئىگىسىدەكلا ئىشقايارىمايۋاتاتتى،ئۇلارنىڭ ئىچى خېلىلا ئاچچىق بولدى،ھەتتا بوۋاي بولغۇلۇقنى يىراقتىكى خۇتەندە قالغان ئوغلىدىن كۆرگەنمۇ بولدى،ئۇلارنىڭ ئەنسىزلىگى پەسكەچۈشۈپ(4-قەۋەتتە ئىدى)باش مۇلازىمەت پوكىيىدىكى ئاممىۋى تىلىفۇننى ئىشلىتىشكە يول بەرمەيتتى ،ئەگەر قول تىلىفۇنىمىز يوقلىقىنى،تۇققانلىرىمىزغا نەدە ياتقانلىغىمىز توغىرىسىدا خەۋەر بىرەلمىگەنلىگمىزنى كىشىلەر بىلىپ قالسا....
    مەختۇم خانىم لارئاخىرى ئۇخلاپ قالدى،سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى 23دىن ئېشىپ 0گە يېقىنلاپ قالغان ئىدى،ئۇلارئىككى- ئۈچ سائەت ئۇخلىغان بۇلىشى مۇمكىن،شىنياڭدا سەھەر سائەت ئىككى يېرىمدىلا تاڭ ئاتىدىكەن،(بۇ مۇشۇيەرنىڭ ئۆز ۋاختى تۆرت يېرىم بولىشى مۇمكىن)،دەرىزىدىن شەرقى ئۇپۇقنىڭ ئاقارغانلىغى مانا مەن دەپلا تۇراتتى،قوپماي بولمايىتتى،ناماز بامداتنىڭ ۋاختى ئۈتۈپ كەتسە بولمايىتتى،مەختۇم خانىم بۇنداق ۋاخىتتا يېتىپ ئادەتلەنمىگەن ئىدى،بوۋاي نامازدىن كىيىن يەنە تىلىفۇن بىلەن ھەپىلىشىشكە كىرىشتى،تىلىفۇننىڭ كەينى قاپقىغىنى ئېچىپ كارتىسىنى قايتا جايلاشتۇردى،ماۋۇ كارامەتنى كۈرۈڭ؛تىلىفۇن ئىشلەپ قالدى،موماينىڭ بەزى-بەزىدە ئىشقا ياراپ قالغىنىغا ئوخشاشلا ئىشلەپ قالدى،دەرھال يىراق خۇتەندىكى ئوغولغا تىلىفۇن ئېلىندى،بالىلارمۇ ئەنسىرەپ،بىر كۆڭلى مىڭ پارچىلىنىپ تۇرغان ئىكەن،ئۇلارمۇ ئۇھ دىگەن بولدى...
2012-يىل 6-ئاينىڭ مۇشۇ قۇتلۇق 26-كۈنى،
  شىنياڭ ۋاختى ئەتتىگەن سائەت توققۇزدا (ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت يەتتە) مېھمانسارايدىن چىقىقان مەختۇم خانىم ساقلاش ئورنىدىن سومكىلىرىنى ئالدى ئۇ بوۋايغا ئەگىشىپ ئايرۇپورتتىكى جۇڭگۇ تاموژنىنى ئىزدەپ ماڭدى،تاموژنىنى ئىزدەش جەريانىدا مەختۇم خانىم يەنە تۇلا ئەنسىزلەندى،ئۇ پات-پات بىرەرسىدىن سورساق بۇلاتتى دەپ كوتۇلدايىتتى،بىر يەردەياپۇنىيەگە،كورىيەگە،سىنگاپۇرغا بارىدىغانلار ئۈچىرەت بۇلۇپ تۇرىشىۋاتاتتى،ئېلىكتىرونلۇق كۆرسەتكۈچ تاختىلاردا ،بارىدىغان ئورۇن،ئايرۇپىلان نۇمىرى،قوزغىلىش ۋاختى توختاۋسىز كۈرۈنۈپ-ئالمىشىپ تۇراتتى،مەختۇم خانىم ئۇتاختىلاردىكى ياپۇنچە،كورىيانچە،ئېنگىلىزچە خەتلەرنى ئوقالمايىتتى،خەنچە چاساخەتلەردىن بەزىلىرىنى تۇنۇسىمۇ،لىكىن بۇ يەردە نىمە مەنا بىرىدىغانلىغىنى تازاچۈشۈنۈپ بۇلالمايىتتى،شۇڭا ئەنسىزلىنىپ كوتۇلدايىتتى ھەيھات،سائەت ئون بولدى،ھېلىقى ئىلىكتىرونلۇق تاختىلاردا «شىنياڭ-ۋانكوۋېر» دىگەن ئېنگىلىزچەخەتلەرمۇ پەيدا بولدى،بۇ ئەندى بىزنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىمىزنىڭ بىجىرىلىشكە باشلايدىغانلىغىدىن دىرەك ئىدى،يولۇچىلار ھەش-پەش دىگۈچە ئۈچىرەت بۇلۇپ كىتىشتى،خەنلەر ئالدىرىسۇن-ئالدىرىمىسۇن بەرىبىر مۇشۇ ئايرۇپىلانغاچىقىدىغانلىغىنى راسا چۈشۈنۈپ كىتەلمىسە كىرەك،ئالدىغا ئۈتۈشكە ئۇرۇنۇشاتتى،ھەتتاقىستىشاتتى،4-5ئورۇندا ئىش بىجىرىلىۋاتاتتى،20-30مىنۇت ئۆتمەيلا نوۋەت مەختۇم خانىملارغىمۇ كىلىپ قالدى،يۈرەكلەر ئەنسىز دۈپۈلدەيىتتى،ئەڭ مۇھىم پەيىتلەر يىتىپ كىلىۋاتاتتى،مەختۇم خانىم ئاخىرى پاسپورتىنى ئىش بىجىرگۈچى ياش قىزغا ئۇزاتتى،سومكىلىرىنى جىڭلاش-تەكشۈرۈش تاسمىسىنىڭ ئۈستىگە قويدى،تاسما ئۆزلىگىدىن يۈرىشەتتى،تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن سومكىلار ئەشۇ تاسما ئۈستىدە ئېقىپ،ئايرۇپىلانغائېلىپ بارىدىغان ماشنىلار بار ئارقا تەرەپكە يۈرۈپ كىتىشەتتى،ياش ئىش بىجىرگۈچى خىنىم پاسپورتلارغا قاراۋاتقان،سومكىلارنى جىڭلاۋاتقان ئارىدا،بىر خەن ئىشبى جىرگۈچى بالا ئىھتىياتسىزلىقتىن تاسما ئۈستىگە يىقىلىپ كىتىپ،سومكىلار بىلەن بىللە ئېقىپ كەتتى،ئۇ تاسما ئۈستىدە قوپماقچى بۇلاتتى،يەنە يېقىلاتتى،يەنەقوپماقچى بۇلاتتى،يەنە يېقىلاتتى،ئاخىرى بىرخىزمەتدىشى ياردەم قىلغاندىلا ئاندىن ئورنىدىن تۇرالىدى....شۇ ئارىدا  ئىش  بىجىرىۋاتقان خىنىم بەلكىم سومكىلارنى ۋەپاسپورتلارنى تەكشۈرگەن بولىشى مۇمكىن،ھەممە ئۆلچەم ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن چىققان بولسا كىرەك؛  
    سومكىلارنى يۆتكەش ھاۋالىسى ئىسپاتى، ئايرۇپىلاندىكى ئورۇن نۇمىرىنى كۆرسىتىدىغان كارتا ھەم پاسپورت قايتۇرۇپ بىرىلدى،بۇ مەختۇم خانىمنىڭ بىرىنجى ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىگىنى كۆرسىتەتتى،خانىمنىڭ دۆپۈلدەۋاتقان يۈرىگى ئازىراق جايىغا چۈشتى،ئىش بىجىرگۈچى خېنىمغا قاراپ «شىېشىې» دىدى،بۇ خەن تىلىدا رەخمەت دىگەن گەپ ئىدى،ئەندى ئۇنىڭ يېنىدا دۇلىغا ئېسىۋالىدىغان،قولداكۈتۈرۈۋالىدىغان سومكىلارلا قالدى،ئەندى ماڭماق ئۇڭاي ئىدى، ،خانىم يەنە 80مىتىردەك مېڭىپ كارانتىن تەكشۈرۈش بۈلۈمچىسىدىن ئۆتتى،بۇيەردەھايال بولمىدى،قارىغاندا بۇ يەردىكى تەكشۈرۈش ئانچە چىڭ ئەمەستەك قىلاتتى،بۇئېغىزدىن ئۆتكەن مەختۇم خانىم جۇڭگۇ چىگرا مۇداپىئە ساقچى قىسمىنىڭ چىگىردىن چىقىش تەكشۈرۈش ئۆتكىلىگە يىتىپ كەلدى،پاسپورتلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان ساقچى ئەسكەرسوردى؛«شىنجاڭ رىن؟(شىنجاڭلىق؟)» «شى(ھەئە)»-جاۋاپ بەردى مەختۇم خانىم،ساقچى ئەسكەر نىمە قىلىشنى بىلەلمىگەندەك ،بىرەر چوڭ ئەۋارىچىلىققا دۈچ كەلگەندەك بېشىنى سىلىدى ۋە قولىنى كۈتۈرۈپ ئاللىقانداق بىر ئىشارەتنى ئۇرۇنلىدى،ئۇنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنىغا سەل سالاپەتلىگرەك يەنە بىر ساقچى ئەسكەر يىتىپ كەلدى،قارىغاندا يىڭى كەلگىنى ئىش بىجىرىۋاتقىنىنىڭ باشلىغىدەك قىلاتتى،ئىش بىجىرىۋاتقىنى «لىياڭگې شىنجاڭ رېن لەيلو(ئىككى شىنجاڭلىق كەپتۇ)»دەپ پاسپورتلارنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى،بۇگەپ «ئۆتكۈزەمدىم-ئۆتكۈزمەمدىم؟»دىگەن سۇئال مەنىسىگىمۇ ئىگە ئىدى،ئەڭ ھالقىلىقپەيت يىتىپ كەلگەن ئىدى،مەختۇم خانىم بۇنى ھېس قىلدى،تەقدىر ھازىرلا ھەل بۇلاتتى،ئەنسىزلىك بېسىپ كەلدى،مەختۇم خانىم ئىچىدە مۇسا ئەلەيھىسالام قەۋمىنى باشلاپ مېسىردىن چىقىۋاتقاندا ئوقۇغان ھېلىقى مەشھۇر دۇئانى ئوقۇشقا كىرىشتى،بۇچاغدا چېگىردىن چىقىرىش رەسمىيىتى ئورنىنىڭ دەرىجىسى نامەلۇم باشلىغىمۇسوئال-سورىقىنى باشلىغان ئىدى،
-ۋاڭنائېر چۈي؟(نەگە ماڭدىڭ؟)
-ۋانكوۋېر،
_ شىما؟(نىمە؟)
_ۋانكوۋېر چۈي(ۋانكوۋېرغا بارىمىز)،
_شىما-شىما؟(نىمە-نىمە)
باشلىقنىڭ مەختۇم خانىملار بارماقچى بولغان شەھەرنىڭ ئېنگىلىزچە نامىنى بىلمەيدىغانلىغى ئىنىق بولغان ئىدى،مەختۇم خانىمنىڭ ئېرى جاۋاپ بەردى؛
_ ۋىنگىخۇاچۈي:-ۋېنگىخۇا دىگىنى خەنچە ۋانكوۋېردىگىنى ئىدى،
_ ۋىنگىخۇا چۈي؟(ۋىنگىخۇاغا بارامسىلەر؟)
_ شى(ھەئە)،
_ گەنما چۈي نائېر؟(ئۇ يەرگە نىمىشقا بارىسلەر؟)
_ تەنچىن(تۇققان يوقلاشقا)
_ تەن شىما چىن؟(قانداق تۇققان؟)
-تەنۋاۋا(بالىلارنى يوقلايمىز)
_ شىما ۋاۋا؟نەن خەيشى نۈي؟(نىمە بالا؟ئوغۇلمۇ-قىزمۇ؟)
_ نۈيئېر(قىز)
    باشلىق سۇئاللىرىنى توختاتتى،ئىش بىجىرگۈچىگە قاراپ نىمىلەرنىدۇ دىدى،ئىش بىجىرگۈچى كومپىيوتىردىن بىر نەرسىلەرنى ئىزدەشكە كىرىشتى،قارىغاندا باشلىق مەختۇم خانىملارغا دائېر ماتىرىياللارنى ئىزدەپ كۈرۈشنى تاپىلىغان بولسا كىرەك،خېلىدىن كىيىن ئىككۈيلەن بىر ھازا كوتۇلداشتى ۋە باشلىق بېشىنى ئىغاڭلاتتى،بۇ  ئۆتكۈزۈۋېتىشكە قىلىنغان ئىشارەت بولىشى مۇمكىن،راستىنى ئېيىتقاندىمۇ،ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزمەسلىككە ھېچقانداق ئاساسى يوقئىدى،ئەمما ئاساس بولمىسىمۇ ئۆتكۈزمىسە ئۆتكۈزمەيۋىرەتتى،جۇڭگۇچە ھوقۇق دىگەن ماناشۇ ئىدى،خۇداغا شۈكرى،ئۇلار بىزگە قارىتا ئاساسقا تايانمايدىغان ھۇقۇق يۈرگۈزۈشنى بۇ قېتىم ئىشلەتمىدى،بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ نەپسانىيەتچى ئەمەسلىگىدىن بولغاندۇ،ۋەبەلكىم مۇشۇ بۇرۇنقى مانجۇرىيەدىكى موكىدىندا تۈنجى قېتىم ئىككى نەپەر يات شىنجىياڭلىقنىڭ چىگىردىن چىقىشى،ئۇلارنى گاڭگېرىتىپ قويغانلىغىدىن شۇنداق بولغاندۇ،ۋە بەلكىم خۇدا ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ سالغاندۇ،چۇقۇمكى،كىيىنكىسىنىڭ ئېھتىماللىغى چوڭ ئىدى،ئالدىنقىسىنى ئاساسلايدىغان سەۋەپ شۇكى، شىنياڭ(موكىدىن)دىنۋانكوۋېرغاتېخى ئەندىلا بىۋاستە ئايرۇپىلان قاتنىغان ئىدى،تۈنجى قاتناش تېخى تۆرت كۈن ئىلگىرى-22-ئىيۇندا باشلانغان ئىدى...خۇداغا شۈكرى،ئىش بىجىرگۈچى پاسپورتتىكى رەسىملەر بىلەن چىرايلارنى ئەستايدىل سېلىشتۇرغاندىن كىيىن(ئۇ مەختۇم خانىمنى ياغلىقىنى يەشتۈرۈپ،بوۋاينى شىلەپىسىنى ئالدۇرۇپ سېلىشتۇردى) پاسپورتلارغا تامغۇباستى،تامغۇلاردا «جۇڭگۇ چگرا تەكشۈرۈشى»دىگەن مەنادىكى خەنچە ئېرگىلوپ بارئىدى،يەنە ئېنگىلىزچە chinaدىگەن خەت،2012-06-26دىگەن چىسلا،شىنياڭدىن چىقتى دىگەن مەنادىكى ئېرگىلوپ بار ئىدى،تامغۇدىكى خەتلەر قىزىل رەڭدەئىدى،تامغۇنىڭ بېسىلىشى، چىگرادىن چىقىشقا روخسەت ئېلىنغانلىغىنى،ئۇلارنىڭ روخسەت بەرگەنلىگىنى بىلدۈرەتتى،ئەشۇ تامغا يەنە ھاكىمىيەتچىلىكنىڭ،ھوقۇقنىڭ،چەكلىمەنىڭ غايەت زور نۇپۇزىنى ئەسكەرتەتتى،پاسپورتلار قايتۇرۇپ بىرىلگەن ئەشۇ دەقىقىدە،مەختۇم خانىم بۇلارنى ئەشۇنداق چۈشەنمىگەن بۇلىشى مۇمكىن،ئەمما ئىش ئەشۇنداق ئىدى،خانىمنىڭ كۆكسىدىكى يۈرەكنىڭ دۆپۈلدىشى سەل جايىغا چۈشكەندەك بولدى،ئىشلارئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈۋاتاتتى،ئەندى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتسىلا،ئايرۇپىلانغاچىقسىلا ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشقان بۇلاتتى، لىكىن....لىكىن ئايرۇپىلان جۇڭگۇغاتەۋە،سىچۇەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ،ئايرۇپورت جۇڭگۇنىڭ،ئاياغلىشىش دىگەن نىمەئۇ؟ھۈكۈمەت خالىغان چاغدا قارارىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن،بۇ ئەنسىزلىك مەختۇم خانىمدايەنە 10-12 سائەت ھۈكۈم سۈرىشى مۇمكىن...بالىلارمۇ ئەنسىرىشىۋاتاتتى،مەختۇمخانىملار تاموژنىغا كىرگەن بىر سائەتتىن بىرى ،ئىككى قېتىم خۇتەندىن،ئىككى قېتىم كانادادىكى كالگارىيدىن تىلىفۇن كىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى،مەختۇم خانىملار بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزىدا تاشقى كىيىملىرىنى سېلىپ،ياغلىق،كەمەرلىرىنى يىشىپ،تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا،يىراق خوتەندىكى ئوغۇلدىن يەنە تىلىفۇن كەلدى...بۇ يەردىكى تەكشۈرۈش سەل يىنىك ئۆتتى،كەشلەرنى سالدۇرمىدى،سومكىلارغا قولتىقمىدى،بۇ نىمە دەپ سۈرۈشتۈرۈپمۇ يۈرۈشمىدى،ھېچنىمە تۇتۇپ قېلىنمىدى،مۇئامىلىلەرشىنجاڭ،بۇلۇپمۇ خوتەن ئايرۇپورتىدىكىگە قارىغاندا كۆپ سىپايە ئىدى.
مەختۇم خانىمغا شىنياڭ خەلىقئارا ئايرۇپورتىنىڭ2-قەۋەت غەربى تەرەپتىكى ئايرۇپىلان كۈتۈش زالىدا يەنە يېرىم سائەتلەر ساقلاشقاتوغرا كەلدى،بۇ تازىلىق ئۆيىگە بېرىپ بۇشۇنۇۋېلىش پۇرسىتى ئىدى،ئازىراق ئۇھ دىيىش پۇرسىتىمۇ ئىدى،ئىشلارنىڭ بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق بولىشى،ئۇھ دىيىشكە سەۋەپ بۇلىۋاتاتتى،مەختۇم خانىم ئاخىرى ،بېجىڭ ۋاختى چۈشتىن كىيىن سائەت 13تىن 30مىنۇت ئۆتكەندە،سىچۇەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە 300نەچچە كىشىلىك چوڭ ئايرۇبۇسقا قەدەم قويدى.بۇ مەختۇم خانىمنىڭ جۇڭگۇ كومپارتىيە ھۈكۈمىتى باشقۇرۇۋاتقان،ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقان زىمىن-تۇپراقتىن تۈنجى قېتىم قەدەم ئۈزىشى ئىدى،ياق،ھاۋا-ئاسمانمۇ ئىگىلىك ھۇقۇق دائىرىسىدە ھىساپلىنىدىغان بۈگۈنكى زاماندا،بۇنى تېخى چىگرىدىن ئۆتكەنلىك ھىساپلىغىلى بولمايىتتى،پەقەت زىمىندىن قەدەم ئۈزگەنلىكلا ئىدى،خالاس.
    ئايرۇپىلان تاق لىنىيەلىك ئوچۇش يولىدائاستا-ئاستا چېپىپ ، تىزلىگى بەلگىلىك سۈرئەتكە يەتكەن چاغدا،ئايرۇپىلاننىڭ قانات قىسمىدا ئازىراق ئۆزگۈرۈش بولدى ، قاناتنىڭ ئارقا يېرىمى ئاۋتۇماتىك ھالدا تۈۋەنگە– يەرگە قاراپ ئىگىلدى،بۇ،يوقىرى تىزلىكتە چېپىۋاتقان ئايرۇپىلان قانىتىغائۇرۇلىدىغان ھاۋانىڭ كۈپىيىشىدىن دىرەك بىرەتتى،ئوڭ-سول ئىككى قاناتقا ئورۇلغان ھاۋانىڭ يۈنۈلىشى ھەم ئارقىغا ھەم يوقىرغا ئىدى ، ئايرۇبۇس ئاستا-ئاستا كۆككەكۆتىرىلدى.
   مەختۇم خانىم ئۇزاق ئۇچتى،بەك ئۇزاق ئۇچتى،ئالاھىزەل ئون سائەتتەك ئۇچتى،ئايرۇپىلان ئاۋال شىمالغا ئۇچۇپ،روسىيەباشقۇرۇۋاتقان ۋىلادىۋوستۇك شەھرىنىڭ يېنىدىن،ياپۇن دېڭىزىدىن،سوسمابوغىزىدىن،كامچاتكا يېرىم ئارىلىنىڭ قىرغاقلىرىدىن ،بېرىنگى بوغىزىنىڭ جەنۇبىدىن ئۈتۈپ،ئالياسكا يېرىم ئارىلىغا يەتتى،ئالياسكىدىن جەنۇپقا بۇرۇلۇپ،كانادانىڭ غەربى قىرغىقىنى-تىنىچ ئوكيان قىرغاقلىرىنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتى،بوۋاي ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ كەينى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىلۋىزور ئىكرانىدىن ئەشۇ يۈنۈلۈشنى كۈزىتىپ ئولتۇراتتى،بەزى-بەزى مەختۇم خانىمغىمۇ چۈشەندۈرەتتى.ھاۋا يولى شۇنداق ئېچىلغان بولىشى مۇمكىن ،ياكى تىنىچ ئوكياننى كىسىپ ئۆتكەنگە قارىغاندا،قۇتۇپ ئارقىلىق ئېشىپ چۈشسە يېقىن بولىشى مۇمكىن:-دەيىتتى ئو.بۇيەردە بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ بولىشى مۇمكىن ئىدى،قۇرۇقلۇقنى بويلاپ ئۇچۇش،دېڭىزنى كىسىپ ئۆتكەنگەقارىغاندا ئەلۋەتتە بىخەتەر ئىدى،
ئون سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇشنىڭ ئازابى ئون سائەت پىيادە مېڭىشنىڭ ھارغىنلىغىغا تەڭ دىسە،بۇ ھەرگىز ئاشۇرۇۋەتكەنلىك ئەمەس،پۇتلار تېلىپ-چۇچۇپ ئارام بەرمىدى،ئۇيقۇ بېسىپ كۆزلەر يۇمۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ راھەت بىرەلمىدى،ئوي- خىياللار ئولتۇرۇش ئازابىنى يەڭگىللىتەلمىدى، «ئۈرەتۇرغۇدەك ماغدۇرۇڭ بولسا ،ئولتۇرۇۋال»دىيىشكەنلىرى قورۇق گەپ ئىكەن،شۇ تاپتامەختۇم خانىمنىڭ شۇنداق ماڭغۇسى كىلىپ كىتىۋاتاتتىكى؛ۋانكوۋېردا قونغاندا پۈتۈن بىر كۈن ئولتۇرماي  مېڭىپ  يۈرۈيمەن دىگۈسى كىلەتتى،شۇ تاپتا مەختۇمخانىمنىڭ شۇنداق ياتقۇسى كىلىپ كىتىۋاتاتتىكى؛ھەي،سۇزالىپ يېتىشنىڭ ،پۇت-قۇلۇڭنى خالىغانچە سۇزۇپ يېتىشنىڭ راھىتىگە نىمە يەتسۇن؟خىياللار،ئەسلىمىلەر سەلدەك بېسىپ كىلەتتى،ئەمما شىرىن خىياللارمۇ،تاتلىق ئەسلىمىلەرمۇ سەپەر مۇساپىسىنى قىسقارتالمايۋاتاتتى،ھىكايە- چۆچەك سەپەر مۇساپىسىنى قىسقارتىدۇ،دىيىشكەنلىرى بارئەمەسمۇ؟ ئەمما ئۇنى كىم ئېيتىدۇ؟ بوۋاي شۇ تاپتا ئالدىدىكى ئىكرانغا مىختەك قادىلىپ،قانداقتۇ بىر تېتىقسىز كىنونى كۈرۈۋاتاتتى،ھىكايە- چۆچەك سۆزلەشكەھەپسىلىسى بولسۇنمۇ؟ ھەرقانداق ھالەت ئوزۇنغا سۇزۇلۇپ كەتسە زىركىشنى،بىزارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،نارازىلىقنى ئاۋۇتىۋىتدۇ،ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئولتۇرۇش مەختۇمخانىمنى قاقشىغۇدەك بىزار قىلىۋاتاتتى.
    ئىچىدىكىلەرنىڭ سىرتقا چىققۇسى كىلىدۇ،سىرىتتىكىلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈسى كىلىدۇ.پەستىكىلەرنىڭ ئىگىزگە چىققۇسى كىلىدۇ،ئىگىزدىكىلەرنىڭ جىلغىغا چۈشكۈسى كىلىدۇ.كەتمىگەنلەرنىڭ كەتكۈسى كىلىدۇ،كەتكەنلەرنىڭ كەلگۈسى كىلىدۇ... بۇ ئەشۇنداق قانائەتسىز يارىتىلغان جاھان.مەختۇم خانىم تېخىمۇ قانائەتسىز يارىتىلغان،ئۇنىڭ چىققۇسى،بارغۇسى،كۆرگۈسى كەلمىسۈنمۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە سېغىنىش پىراقى چوغدەك كۆيدۈرپ تۇرسا.... دەسلەپكى چاغلاردا شۇنچە يىراققا كەتكەن قىزىدىن،شۇنچە يىراققا ئەكەتكەن كىيو ئوغلىدىن ئاغرىنىپمۇ يۈردى،ئەمما ئاغرىنغانغا  ئۇلار قايتىپ كىلەتتىمۇ؟ قايتىپ كەلمىگەن ئىكەن،بېرىپ كۈرۈپ كىلىش كىرەك ئىدى،شۇندىلا يۈرەكتىكى سېغىنىش يارىسىغا مەلھەم سۈرگىلى بۇلاتتى،شۇ سەۋەپتىن 2004-يىلى بىر قېتىم تەلەپ قىلدى،ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتتىن پاسپورت چىقىرىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى ،پاسپورت دىگەن بىرەر دۆلەت پۇخراسىنىڭ باشقا بىر دۆلەتتە ئۈزىنىڭ كىملىكىنى،نەنىڭ پۇخراسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججىتىغۇ،مەختۇم خانىم ئەنە شۇ ئىسپاتنى تەلەپ قىلدى،مەختۇم خانىم ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ مەختۇم خانىمغا ئىگە بۇلىشى كىرەكلىگى،ئۇنىڭغا ئىسپات چىقىرىپ بىرىشى كىرەكلىگى ئەقەللى ساۋاتقۇ،ئەمما ئەشۇيىلى ئانكىت-جەدىۋەللەرگە نەچچە ئون يەردە تامغۇ ئۇردۇرۇپ بولغاندا ئىش ئاقماي قالدى،چالما سۇغا چۈشتى،مەختۇم خانىم ئۈزىنى تەتۈر قىينايدىغان ئەشۇ جەدىۋەللەرگەداۋاملىق تامغۇ ئۇردۇرۇشقا ئامالسىز قالدى،ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرى تامغۇئۇرۇپ،ئىسپات چىقىرىپ بەرمىسە،پاسفورت تارقىتىش ئورۇنلىرى نىمەگە ئاساسەن مەختۇمخانىمغا ئىشەنگۈدەك؟ ئاخىرى بولدى قىلماي بولمىدى،ئەقىل بولدى قىلغان بىلەن كۈڭۈل بولدى قىلاي دىمەيىتتى،سېغىنىش ۋەھەۋەس ئۆزلۈكسىز قۇتۇرىتىپ تۇراتتى،بېرىپ كەلگەنلەرنىڭ،چىقىپ كىرگەنلەرنىڭ پاراڭلىرى دەي-دەيگە سالاتتى،چىقىپ بېقىش گۇلخانى گۆرۈلدەپ كۈيەتتى،نىمىگە،نىمىشقا چىقىپ باققۇسى كلەتتى؟جاۋاپ:سېغىنىش.ئەممابالىلارنى سېغىنسا،بالىلار كەلسىلا ئىش ھەل بولمامدۇ؟ مەختۇم خانىم بارالمىغان بىلەن ئۇلار كىلەلەيدىغۇ،ئۇلارنىڭ پاسفورتى دائىم چۆنتىگىدىغۇ،ۋاھالەنكى،ئەسلىدە گەپ بۇ يەردە ئەمەس ئىدى،سېغىنىشنى ھەل قىلىشتىلا ئەمەس ئىدى،مەختۇم خانىمنىڭ بالىلار ياشىغان يەرلەرنى كۆرگۈسى بار ئىدى،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بىلىپ باققۇسى بارئىدى،چەتئەلگە چىقىپ كەپتۇ دىگەن ئاتاققا ھەم ئىرىشكۈسى بار ئىدى،دوس-يارانلىرىنىڭكۈزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىش،ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ھەسەت چىرىغىنىڭ پىلىكىگە ئوت يېقىۋېتىش ھەم شۇ چىقىپ بېقىشنىڭ مەزمۇنلىرىدىن ئىدى،چۈنكى،مەختۇم خانىممۇ بارلىق ئاياللارغا ئوخشاش بىر ئايال ئىدى،ھەر بىر ئايالنىڭ كۆڭلىدىكى مەنمەنلىك تۇيغۇسى ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ ئوخشاشلا قۇتۇراپ تۇراتتى...
   چىقىپ بېقىش ئاستا-ئاستا ھەۋەستىن ئارزۇغا تەرەققى قىلىۋاتاتتى،ئاستا-ئاستا قۇيۇلۇپ قىيام بۇلىۋاتاتتى،ئەشۇ قىيام بولغان ئارزۇ يەتتە يىلدىن كىيىن مەختۇم خانىمنى يەنە ئورنىدىن تۇرغۇزدى،ئىلتىماسنى كۈتۈرۈپ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ چىگرادىن چىققان-كىرگەنلەرنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا ئېلىپ باردى،بۇ 2011-يىل2-ئايدىكى ئىشئىدى،2- ئاينىڭ ئەشۇ كۈنى قۇتلۇق كۈن بۇلىشى مۇمكىن،دەسلەپكى ئۇچرۇشۇش ئوڭۇشلۇق بولدى،بۇ ئىشخانىدىكى خادىملار پۈتۈنلەي يىڭىلانغان،2004-يىلدىكىلەردىن ھېچكىم قالمىغانتى،ئەشۇ يىلدىكى تىزىملىتىشمۇ تەسكە چۈشىدىغان ھالەت سەل يۇمشىغاندەك قىلاتتى، تەلەپ-ئىلتىماسنى دەسلەپ ئاڭلىغان ساقچى تېخى مەختۇم خانىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇپ چىقتى،ئۇ مۇشۇ ئىشخانىدىكى بىردىن-بىر زۇۋانداش خادىم ئىدى،يەنە كىلىپ بۇ ساقچىنىڭ ئۈيىمۇ ھەممە كىشى مەختۇمخانىمنى «خانىم»دەپ ئاتايدىغان ئەشۇ مەھەللىدە ئىكەن،بۇ ئىشخانىدا كۈتۈلمىگەن يەردە تۇنۇش خادىمنىڭ ئۇچىراپ قېلىشى ئەلبەتتە ئىشنىڭ ئوڭدىن كەلگەنلىگى ئىدى،
-سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار پاسفورت ئىشلەپ بىرىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كىلىدىكەن،مۇنۇئانكىت-جەدىۋەللەرنى تولدۇرۇپ،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تامغۇلىرىنى باستۇرۇپ ئەكىلىڭلار...
     بۇ ئەڭ يېقىملىق جاۋاپ ئىدى،مەختۇم خانىم جەدىۋەل- ئانكىتلارنى قولىغا ئاسانلا ئالدى،خەنچىگە تۇلىمۇ راۋان كىلىن ئۇلارنى ئاسانلا تولدۇردى، ئەگەرئىش مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ماڭسا،كەچكۈچە ھەممە ئىش تۈگەيىتتى،ئۈچ كۈندىن كىيىن،ئۇزاققا كەتكەن ھالەتتىمۇ ھەپتە- ئون كۈن ئىچىدە مەختۇم خانىمنىڭ پاسفورتنى قولىغا ئېلىشى تامامەن مۇمكىن ئىش ئىدى،ئەپسۇس... كىيىنكى سەككىز ئاي ۋاخىت مەختۇم خانىم قاتىرىمىغان ئىشىك قالمىدى،بارمىغان ئورگان قالمىدى،ئىزدىمىگەن خادىم قالمىدى،ئۇردۇرمىغان تامغۇ قالمىدى،بىر تامغۇنى ئۇردۇرۇش ئۈچۈن ئون قېتىم بارغانچاغلىرى بولدى،بىر خادىمنى ئون قېتىم ئىزدىگەن چاغلىرى بولدى...ئاخىرقىدەقىيقىغىچە بەرداشلىق بىرىش-غەلبە،دىيىلىدۇ كىتاپلاردا.مەڭگۈ ،مەڭگۈ،مەڭگۈ ۋازكەچمەسلىك دىگەن چېرچىلىلمۇ.ئاخىرقى دەقىيقىغىچە بەرداشلىق بىرىش ،مەڭگۈ ۋازكەچمەسلىك مەختۇم خانىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كىلەتتى،ئاخىرقى دەقىيقىغىچە بەرداشلىق بىرىش ئۈچۈن يىتەرلىك  چىدام بولۇشى كىرەك ئىدى،ئەمما مەختۇم خانىمدا ئۇنداق چىدام يوق ئىدى،توڭ تىگىشلەرگە،خورلۇنۇشلارغا،پارەتەمەسىدىكى تەلمۈرۈشلەرگە برداشلىق بەرگۈدەك پىسخىك چىدام يوق ئىدى،بۇنداقچىدام غالچىدىن ئۆزگە ھېچكىمدە بولماسلىغى مۇمكىن،نۇرمال ئادەم بۇنداق چاغدا كۈچئۇلاپ يۈگىرەش كالتىگىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان يىڭى ئەزاغا موھتاج بۇلىدۇ،يىڭى ئەزاپىدائىلارچە ھازىر بولدى،مەختۇم خانىمنىڭ جىيەنى ئىشنى قولىغا ئالدى،ئەگەر ئۇھازىر بولمىغان بولسا،چالما 2004-يىلدىكىگە ئوخشاشلا يېرىم يولدا سۇغا چۈشكەن بۇلاتتى،ئۇنىڭئىشىكمۇ ئىشىك،ئورگانمۇ ئورگان قاتىراشلىرى ،ھارماي-تالماي ئىزدەشلىرى يەنە تۆرت ئاي داۋام قىلدى،ئاخىرى 2011-يىل8-ئاينىڭ بېشىدا بارلىق زۈرۈر تامغۇلار بېسىلىپ پۈتتى،نەچچە تامغا؟ بۇنى بىر-بىرلەپ ساناپ چىقىش مۇمكىن:
1-    مەختۇم خانىم فىنسىيەگە چىققان مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خۇسۇسى تامغۇسى،
2- مەختۇم خانىم فىنسىيەگە چىققان مەكتەپنىڭ مەكتەپ تامغۇسى،
3- مەختۇم خانىم دەم ئېلىشقا چىققان مەكتەپ تەۋەمائارىپ ئىدارىسى ئدارە باشلىغىنىڭ خۇسۇسى تامغۇسى،
4- مەختۇم خانىم دەم ئېلىشقا چىققان مەكتەپ تەۋەمائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورگان تامغۇسى،
5- مەختۇم خانىمنىڭ نۇپۇسى تەۋە ساقچى پونكىتى تاشقى ئىشلارنى باشقۇرۇش ساقچىسىنىڭ مەختۇم خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىگە باسقان تامغۇسى،
6- ئەشۇ ساقچى پونكىت سىياسى يىتەكچىسىنىڭ تامغۇسى،
7- ئەشۇ ساقچى پونكىت پونكىت باشلىغىنىڭ تامغۇسى،
8- ساقچى پونكىتنىڭ ئورگان تامغۇسى،
9- ساقچى ئىدارىسى تاشقى ئىشلار بۈلۈمى خادىمنىڭ مەختۇم خانىمنىڭ خوشنىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسى ۋە خوشنىلارنىڭ ئىمزاسى،
10-  چەتئەلدىكى تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ تەكلىپى ۋەتەكلىپكە ئۇرۇلغان تامغۇ،
11-   چەتئەلدىن كەلگەن تەكلىپنىڭ ھۈكۈمەت بەلگىلىگەن تەرجىمە مەركىزى تەرىپىدىن قىلىنغان تەرجىمىسى ۋە ئۇنىڭغا ئەشۇ تەرجىمە مەركىزى ئۇرغان تامغۇ،
12-  چەتئەلدىكى تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ تۇغۇلغانلىغى ھەققىدىكى ئىسپات ۋە ئىسپات بەرگۈچىنىڭ ئىمزاسى،
13-  چەتئەلدىكى تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغانلىغى ھەققىدىكى ئىسپات ۋە ئوقۇتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىمزاسى،
14-  چەتئەلدىكى تەكلىپ قىلغۇچى ئوقۇغان باشلانغۇچمەكتەپنىڭ ئۇنى ئوقۇتقانلىق ھەققىدىكى ئىسپاتى ۋە مەكتەپ تامغۇسى،
15-  چەتئەلدىكى تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ تۇلۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغانلىغى ھەققىدە ئوقۇتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسپاتى ۋەئىمزاسى،
16-  چەتئەلدىكى تەكلىپ قىلغۇچى ئوقۇغان تۇلۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇنى ئوقۇتقانلىق ھەققىدىكى ئىسپاتى ۋە تامغۇسى،
17-  چەتئەلدىكى تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرامەكتەپتە ئوقۇغانلىغى ھەققىدە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقان ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭئىسپاتى ۋە ئىمزاسى،
18-  چەتئەلدىكى تەكلىپ قىلغۇچى ئوقۇغان تۇلۇقئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىسپاتى ۋە تامغۇسى،
19-  چەتئەلدىكى تەكلىپ قىلغۇچى ئوقۇغان ئالىيمەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنى ئوقۇتقانلىق ھەققىدىكى ئىسپاتى ۋە ئىمزاسى،
20-            چەتئەلدىكى تەكلىپ قىلغۇچى ئوقۇغان ئالىيمەكتەپنىڭ ئىسپاتى ۋە تامغۇسى،
21-            چەتئەلدىكى تەكلىپ قىلغۇچىغا جۇڭگۇدىن چىقىپكىتىشتىن ئىلگىرى پاسفورت ئىشلەپ بەرگەن ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇنىڭغا پاسفورت ئىشلەپبەرگەنلىك توغىرىسىدىكى ئىسپاتى ۋە تامغۇسى،
22-            چەتئەلدىكى تەكلىپ قىلغۇچى دەسلەپ ئۆتكەن تامو‎ژنىنىڭ ئۇنىڭچىگرىدىن چىققانلىغى توغىرىسىدىكى ئىسپاتى ۋە تامغۇسى
23-            چەتئەلدىكى تەكلىپ قىلغۇچى تۇرۇۋاتقان دۆلەتھۈكۈمىتىنىڭ تەكلىپ قىلغۇچى بىلەن تەكلىپ قىلىنغۇچىنىڭ قانداق تۇققانلىغى توغىر ىسىدىكىيازما ئىسپاتى ۋە تامغۇسى،
24-            مەختۇم خانىمنىڭ ھەمراسىغا مۇناسىۋەتلىكئوخشاش تىپتىكى 23 پارچە جەدىۋەل،ئىسپات ۋەتامغۇ،
25-            ...................................................
ئاران شۇنچىلىك،ھەرقانچە تۇلۇقلاپ تىزىملىغاندىمۇ 50پارچىدىن ئاشمايدۇ،مەختۇم خانىمغا نىمانچە جېق كۈرۈنۈپ كەتتى؟ ئاران شۇنچىلىك تامغۇلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن شۇنچىۋىلا ۋاخىت كەتتىمۇ؟شۇنچىلىك ئىش شۇنچە ئاۋارەبۇلۇشقا ئەرزىمتى؟ چىقىش زۈرۈرىيىتى نوختىسىدىن ئالغاندا ئەرزۈگىدەكمىش ،ئەرزىمىسەچەتئەلدىكى خىنم ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرىشكە ئۈندەپ تۇراتتىمۇ؟ھەممىگە چىداپ پاسفورت ئېلىشقا چاقىرىپ تۇراتتىمۇ؟ئەمما ئاخىرقى بىر نەچچە ئىسپاتنى ئېلىش ۋەئۇلارغا تامغۇ ئۇردۇرۇش مۇمكىن بولماي قالدى،بۇ ئىش مەختۇم خانىمنىڭمۇ ،جيەنىنىڭمۇ،ھەتتاخېلى قۇلى ئۇزۇن،يۇلى بار يارانلارنىڭمۇ قولىدىن كەلمىدى،ساقچى ئىدارىسى تارقىتىپ بەرگەن  جەدىۋەل-ئانكىتلارنىڭ ئەشۇكاتەكچىلىرى تامغۇ ئۇردۇرۇلماي ئاق قالدى،ئاق قالسا پاسفورت ئىشلەپ بىرىلىش سالاھىيىتىگە ئىرىشەلەمدۇ؟ ئەلبەتتە ئىرىشەلمەيدۇ،ئەندى نىمە قىلىش كىرەك؟
  مەسلىھەت بەرگۈچىلەرنىڭ تەكلىپى ئۈچ: بىرىنجى؛ئەندى بۇنىڭ نېرىسىغا ئەۋارە بۇلۇپيۈرمەي،بولدى قىلىش،پاسفورت تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كىچىش. ئىككىنجى؛ئەشۇ ئاق قالغان تامغۇ ئورۇنلىرىنى پۇل-پارە بىلەن تولدۇرۇش،ئانچە كۆپ ئەمەس،ئىككى توخماق،بىرئادەم ئۈچۈن بىر توخماق.
ئۈچنىنجى؛تۇنۇش ئىزدەش،ئون تۇنۇشتۇرۇشتىن بىر تۇنۇش ئەۋزەل،تۇنۇشنىڭ ئەمەل-مەنسىپى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى.
  بىرىنجى تەكلىپ ،ئەڭ ئاخىرىدىكى ،ئامالسىزقالغاندىكى ئىش بۇلىشى كىرەك ئىدى،ئىككىنجى تەكلىپتىكى بىر توخماقنى ساناشمۇ تۇنۇش ئىزدەشتىن كىيىن تۇرىشى كىرەك ئىدى،مەختۇم خانىملار تۇنۇش ئىزدەشكە كىرىشتى،ئىزدەپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى بولمىدى،تەييار بار ئىدى،بوۋاينىڭ قىرىق نەچچە يىللىق بىرئاغىينىسى  پاسفورت ئىشلەپ بىرەلەيدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىر ئىدارىدەمۇئاۋىن باشلىق ئىدى ،جىڭ بولمىغىنىغا قارىماي خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يالغۇزئىشلىگەنچىلىك قىلاتتى،ئاي-ئاي دەم ئالماي،ئۆيگە قايىتماي ئىشلەپ يۈرەتتى،ئىشلىگەنگە چۇشلۇق يۈزى باردۇ،مۇئاۋىنلارنىڭ ھۇقۇقسىزلىغى،گىپى ئۆتمەسلىگى،قورچاقلىغى ھەققىدىكى كۆپ ۋە ھەممە يەردە ئېقىپ يۈرۈيدىغان سۆز-چۆچەكلەرگە پىسەنىت قىلماي ئەشۇ كىشىنى ئىزدەپ بېرىشتى،گىپى ئۆتمەيمۇقالمايدىكەن،ئىككى قېتىم ئۈزى بىۋاستە تۈۋەنگە چۈشۈپ يوليۇرۇق بەرگەن بولدى،يەنەئىككى قېتىم تىلىفۇندا تاپىلىغانلىغى مەلۇم بولدى،ئىش يۈرۈشتى،دەسلەپ كۈتۈۋالغان ئىشخانىدىكىلەر ئەندى ھېلىقى جەدىۋەللەردىكى تامغۇسىز كاتەكلەرنىڭ گىپىنى قىلمايلا،راساقېلىن بىر توپلام بولىدىغان ئەشۇ جەدىۋەللەرنى تاپشۇر ۇپ ئالدى،ئېيتىشلىرىچە؛ئەندى بۇلارنى دۆلەت قوغداش بۈلۈمىگە سىياسى تەكشۈرۈشكە يوللارمىش،شەھەر باشلىغىنىڭ تامغۇ بېسىشىغا يوللارمىش،ئۇ ئۆتكەللەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتسە،ئاندىن مەختۇم خانىمنى رەسىمگە تارتىپ،ئىدارە باشلىغىغا يوللارمىش، ئىدارە باشلىغى «قوشۇلىمەن» دىگەن خەتنى يېزىپ تامغۇسىنى باسقاندىن كىيىن،ئىدارىنىڭ تامغۇسى بېسىلارمىش ۋە بىردەرىجە يۇقىرى ساقچى ئورنىغا يوللىنارمىش،ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش-تەسدىقلىشىدىن ئۆتسە،ئاندىن رەسمى پاسفورت ئىشلىيەلەيدىغان تېخىمو يۇقىرى ساقچى نازارىتىگە يوللىنارمىش...
   شۇنداق قىلىپ، ھېلىقى تونۇش مۇئاۋىننىڭ ھەيدەكچىلىگىدە،ماتىرىياللار ئەڭ ئاخىرقى نوختىغا يوللانغانمۇ بولدى،ئىلتىماس قىلغان ۋاخىتتىن ماتىرىياللار يوللانغان ۋاخىتقىچە سەككىز ئاي ئۆتكەن ئىدى،تۇلۇق سەككىز ئاي!بۇ سەككىز ئاي مەختۇم خانىمغا ھەقىقىتەن بەك ئوزۇن تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى،ئەمەلىيەتتە سەككىز ئاي دىگەن ئانچە ئۇزۇن ۋاخىت بولماسلىغى مۇمكىن، بۇئەمەلىيەتتە مەختۇم خانىمنىڭ ھۈكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىش بىجىرىش سۈرئىتىگە بولغان ئارتۇقچە ئۈمىتۋارلىغى كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتا تۈيغۇ نىڭ نەتىجىسى ئىدى...
ئەندى كۈتۈش كىرەك ئىدى،مەختۇ م خانىم يەنە بىر يىل كۈتكەندەك بىر ئاينى ئۆتكۈزدى،كۈتۈپ كۆزلىرى تىشىلىپ كەتكۈدەك بولغان بىر ئاينى ئۆتكۈزدى،قۇلىقى دائىم دىڭ ئىدى،كۈتە-كۈتە 11-ئاي ئاخىرلىشاي دىگەندە«پاسپورت كەپتۇ » دىگەن دىرەك بولدى،خەۋەر راسىتكەن،ئەمما ساقچى ئىدارىسى پاسپورتنى مۇنداقلا  بىرىۋەرمەيدىكەن،ھەر بىر پاسپورتقا 250يىۋەندىن ھەق ئالىدىكەن،بۇ ئەقىلغا ئۇيغۇن ئىش ئىدى،دەرھال رازىمەنلىك بىلەن تۈلەندى،بۇنداق چاغدا 250 يىۋەننى ئىككى- ئۈچ قېتىم ئالسىمۇ خۇشاللىق بىلەن تۈلەيدىغان گەپ ئىدى،چۈنكى خەۋەر مەختۇم خانىمنىڭ كەيپىياتىنى خېلىلا تەڭشەپ قويغان ئىدى،ئەمما يەنە بىر ئىش ئادەمنى سەل تەتۈر قىيناپ قۇياتتى،بۇ ئىش شۇئىدىيكى،پاسپورتنى ساقچى ئىدارىسىدىن ئېلىش ئۈچۈن يەنە ۋىلايەتلىك دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن پاسپورتنى بىرىشكە قۇشۇلىدىغانلىق ھەققىدە  ئالاقە –تۇنۇشتۇرۇش ئەكىلىش كىرەككەن،دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تامغۇسى بېسىلغان تۇنۇشتۇرۇش ئەكىلىش كىرەككەن،مەختۇم خانىم دەرھال دىنى ئىشلار ئىدارىسى تەرەپكە قاراپ چاپتى ۋە ئۇ ئىدارىنىڭ دەرۋازىسىغائۈسسۈپ توختىدى،بۇ يەردە مەلۇم بولدىكى؛بۇئىدارىنىڭ تەستىق خېتىنى ئېلىش ئۈچۈن،ئەندى يەنە مەختۇم خانىم ئەسلىدە ئىشلىگەن ۋە ھازىر دەم ئېلىش راسخۇتى ئېلىۋاتقان ئىدارىنىڭ مەختۇ م خانىمدا سىياسى مەسىلە يوقلىغى توغىرىسىدىكى ئىسپات خېتى ۋە مەختۇم خانىمنىڭ تارقاق ھەجىگە بارمايدىغانلىغىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىغىتوغرىسىدىكى كاپالەت نامىسى لازىمكەن،مەختۇم خانىم ئەندى ئارقىسىغا قايتىپ،ئۇزاق يىللار ئىلگىرى تۇلا مەجىلىس ، يىغىن ۋە سىياسى ئۈگۈنۈش دەپ چاقىرىدىغان ئەشۇئىدارىنى ئىزدەپ كەتتى،ئىزدىمىسە بولمايىتتى،يىڭى ئۇرۇن ۋە يىڭى ئىشخانىلارغايۆتكىلىپ كەتكەن ئۇ ئىدارىنى ئەندى ئۇنداق ئاسان تاپقىلىمۇ بولمايىتتى،ئۇيەردەمەلۇم بولدىكى؛يەنە بىر قېتىم ئىشلىگەن مەكتىپىنى،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خېتىنى ئەكىلىشكىرەك ئىكەن،مەكتەپ ۋە ياش مۇدىرنىڭ ئالدىدا ئايان بولدىكى؛مەختۇم خانىم ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى ساقچى پونكىتىنىڭ خانىمنىڭ يىقىندىن بىرى جىنايەت  ئۆتكۈزمىگەنلىگى ھەققىدىكى ئىسپاتى كىرەك ئىكەن....دەم ئېلىشقا چىققىلى 15 يىل بولغان خانىم راستىنلا ھارغان ئىدى،ئۇ تۇرغان يىرىدە ئولتۇرۇپلا قالدى،ئۇ ئەشۇ يەردە مەڭگۈ ئولتۇرۇپ قالىدىغاندىكىدەك قىلاتتى،خۇداغا شۈكرى، ھېلىقى جىيەنى يەنە ياردەمگە ئۈلگۈرۈپ كەلدى،نېرىسىدىكى خەت ۋە تۇنۇشتۇرۇشلارنى قانداق ئالدى؟ تامغۇلارنى قانداق باستۇردى؟ - بۇلارنى مەختۇمخانىم بىلمىدى،يەنە دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسىغا قايىتقاندىلا،ئاندىن ئىشلارنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىشتى،مەلۇم بولدىكى؛بۇ ئىدارىگە بىر ئادەم ئۈچۈن 50 مىڭيىۋەندىن ھەجىگە بارماسلىق كاپالەت پۇلى تۈلەنسە،شۇنداقلا يەنە بىر قېتىم ھەجىگەبارماسلىق كاپالەتنامىسى يېزىپ بىرىلسە ،بۇلار ئاندىن ساقچى ئدارىسىگەقارىتىپ،پاسپورتنى بىرىش ھەققىدە ئالاقە يېزىپ بىرىدىكەن،بىر ئادەمگە 50 مىڭ يىۋەندىن،ئىككى ئادەمگە 100مىڭ يىۋەن ئۇ يەرگە زاكالەت قويۇلسا،مەختۇمخانىملار  يەنە قايسى پۇلغا بېرىپ كىلىدۇئۇ كاناداغا؟ يەنە تۇنۇش ئىزدىمىسە بولمايىتتى،زاكالەت قويمايلا تۇنۇشتۇرۇشئېلىشنىڭ ئامالىنى قىلمىسا بولمايىتتى،يەنە تۇنۇش ئىزدەشكە كىرىشىشتى،تۇنۇش ياران ئەشۇ ئىدارىنىڭ ئۈزىدىلا بار ئىدى،ئۇنىڭ ئالدىن سۆزلىشىپ قويغىنى بويىچە،ئەشۇئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى جىڭ باشلىغىغا سالمايلا،زاكالەت پۇلى ئالماسلىق،ساقچى ئىدارىسىگە ئالاقە يېزىپ بىرىش ھەققىدە يوليۇرۇق چۈشۈردى،ئىش بىجىرگۈچى مەختۇمخانىمنى يەنە بىر قېتىم ھەجىگە بارماسلىق توغىرىسىدىكى ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان كاپالەتنامىگە قول قويدۇرۇپ، ئاندىن  خۇددى ئۈزى كاناداغا تۈنۈگۈنلا بېرىپ كەلگەندەك،كانادا ھەققىدە بىر ھازا ۋالاقشىپ كەتتى،مەختۇم خانىم بىلەن بوۋايغا توختىماي باش ئېغىتىپ،ئەشۇ تېتىقسىز گەپلەرنى ماقۇللاشقا توغرا كەلدى،بۇنداق قىلمىسا،يەنە چاتاق چىقىشى مۇمكىن ئىدى،چۈنكى بۇنداخادىملارنىڭ ياخشى ئىش قىلش قۇلىدىن كەلمىگەن بىلەن ئىشنى بۇزۇشقا ھەر دائىم قۇلى يىتەتتى،ھېلىقى خادىمنىڭ كانادا ھەققىدىكى ۋالاقشىشلىرى تۈگىگەندە، ئالاقىمۇيېزىلىپ پۈتكەن ئىدى،مەختۇم خانىم ئالاقىنى كۈتۈرۈپ،10 ئايدىن بىرى تالاي قېتىم قاترىغان شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىغا چىقتى،ئۇيەردە يەنەبىر قېتىم ئوخشاش كاپالەتنامىگە قول قويۇش مۇراسىمىگە مۇيەسسەر بولدى،يەنە قانداقتۇربىر جەدىۋەل-ئانكىتلارغا قول قويدى،ئەنە شۇندىن كىيىن مەختۇم خانىم قولىدا پاسپورتدىگەن ئەشۇ دەپتەر چاقنى كۆردى،10 ئاي ئىنتىزار قىلغان ئەشۇ نىمە گۆشرەڭ تاشلىق،48بەتلىك،64 فورماتتىن سەل كىچىكرەك بىر دەپتەرچاق ئىكەن،مۇقاۋىسىدا «جۇڭخۇا خەلىق جومھورىيتى پاسپورتى »دىگەن خەنچە ئېرگىلوپ بار،يەنە ئىنگىلىزچە شۇ مەنىدىكى خەت ۋە دۆلەت گىربىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئىكەن،ئىچىكى بېتىدە پاسپورت ئىگىسىنىڭ سۈرىتى،ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاختى،تۇغۇلغان ئورنى،پاسپورت تارقاتقۇچى ئورگان،پاسپورت تارقىتىلغان ئۇرۇن،ۋاخىت،پاسپورتنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاختى،پاسپورتنىڭ نۇمىرى قاتارلىق ئاساسى ئەھۋاللىرى ئىنىق ئەسكەرتىلگەن ئىكەن...
  مۇشۇ ئاددى بىر دەپتەر چاقنىڭ ئىنساننىڭ يۈرۈش –تۇرىشىنى شۇنچىۋىلا كونتىرول قىلىپ تۇرالايدىغانلىغىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيىتتى،ۋەھكى؛ ئەمەلىيەت شۇنداق ئىدى،مۇشۇ دەپتەرسىز باشقا بىر دۆلەتكەكىرىشنى ئىلتىماس قىلالمايىتتىڭ،مۇشۇ دەپتەرسىز دۆلەت چىگرىسىدىن ئۆتكىلى بولمايىتتى،ئۆتتۈڭمۇ ،قانۇنسىز چىگرىدىن ئۈتۈش جىنايىتى  ياكى قانۇنسىز چىگرىدىن كىرىش جىنايىتى سادىرقىلغان بۇلاتتىڭ،مۇشۇ دەپتەر بولغاندىلا خەلىقئارا دا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارابېرىپ- كىلەلەيدىغان ئادەمگە ئايلىناتتىڭ،خەلىقئارا ئادەمگە ئايلىناتتىڭ...مەختۇم خانىم قولىدىكى دەپتەرچاقنىڭ رولىنى ئەشۇنداق ئىنىق چۈشەنمىسىمۇ،لىكىن ھېسقىلاتتى،خېلى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى،ئۇنىڭ شۇ تاپتا،ھەي دەپتەرچاق، ھەي گۆشرەڭ دەپتەرچاق،سەن نىمانداق غەلىتە نەرسە سەن ،نىمە دىگەن قۇدىرەتلىك نەرسىسەن؟دەپ خىتاپ قىلغۇسى كىلەتتى،مەن ساڭا ئىرىشتىم،دەپ ۋاقىرىغۇسى كىلەتتى...
  ئايرۇپىلان بىر خىل سۈرئەتتە،بىر خىل ئىگىزلىكتە ئۇچۇۋاتاتتى،ئايرۇپىلاندىكىلەر مۇشۇ11مىڭ 200مىتىر ئىگىزلىكتىمۇۋاقىراپ سۆزلىشىۋاتاتتى،ئورنىدىن تۇرۇۋالغان بىرسى مەختۇم خانىمنىڭ ئارقىسىدىكى رەتتە ئولتۇرۇدىغان تۇنۇشىنىڭ يېنىغا تۇرۇۋېلىپ توختىماي كالدىرلاۋاتاتتى،گەپلىرىپۈتۈنلەي مەنىسىز  پو ئېتىش ئىدى،ئاۋازى مەختۇم خانىمنى شۇنداق بىزار قىلدىكى،خانىم قولىغىنى ئىتىۋالغۇدەك بۇلۇپ كەتتى،  ھەتتا ئاۋازىنىپەسرەك قىلىشنى ئىلتىماس قىلماقمۇ بولدى،ئەمما قىلمىدى،ئۇرۇندۇقلار ئارىسىدىكى تاريولنى تۇسۇۋېلىپ باشقىلارغا قۇلايسىزلىق تۇغدۇرغانلىغىنى،ۋاقىراپ سۆزلەپباشقىلارنىڭ ئارامىغا دەخلى قىلىۋاتقانلىغىنى چۈشەنمىگەن ئادەم،باشقىلارنىڭئىلتىجاسىغا قۇلاق سالارمىدى؟ بۇنداقلارغا راستىنلا چارە يوق ئىدى،
كۈتكۈچىخىنىملار ئۇرۇندۇقلار ئارىسىدىكى تار يولغا ئاران سىغىدىغان ھارۋۇلىرىنى ئىتتىرىپتاماق ئەكەلدى،ھېلىقى ۋاتىلدىغۇچى شۇ چاغدىلا يولنى بىكارلاپ ئۆز ئورنىغا كىتىشكەمەجبۇر بولدى،بالىلارنىڭ ئايرۇپىلان بىلىتى ئالىدىغان چاغدا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگەمەلۇم قىلغان سالاھىيەتنىڭ نەتىجىسى كۈرۈلدى،كۈتكۈچىلەر مەختۇم خانىملارغا ئىككى كىشىلىك مۇسۇلمانچە تاماق ئەكەلدى،بۇ مۇئامىلە مەختۇم خانىمنى ئۇبدانلا خۇرسەن قىلدى،ئىززەت قىلىنغاندەك تەسىراتتا بولدى،گەرچە مۇسۇلمانچە تاماق يىيىش بىرمۇسۇلمان ئۈچۈن ئەقەللى ئىش بولسىمۇ،لىكىن شىنجىياڭدا قاتنايدىغان ئايرۇپىلانلاردا بۇنداق مۇئامىلىگە ئىرىشمەك ئاسان ئەمەس ئىدى،راستىنلا مۇسۇلمانچە تاماقمۇ؟ئەشۇچىرايلىق كۈلۈمسىرەيدىغان ھاۋا كۈتكۈچىلىرىگە ئىشەنمەسلىككە ئاساس يوق،مەختۇمخانىملارغا ئېلىپ كىلىنگەن تاماق،قورۇما ۋە مىۋە-چىۋىلەرگە بىردەك ھالال مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىرگىلوپ يېزىلغان ئىدى.
    تاماقتىن كىيىن مەختۇم خانىم يەنە خنيالغا پاتتى،يولغا چىقىش ئالدىدىكى ئىشلار يەنە ئىسىگەكەلدى،2011-يىلى 11-ئايدا ،پاسپورتنى بىرىش توغىرىسىدا ساقچى ئىدارىسىگە ئالاقەيېزىپ بەرگەن دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى ھېلىقى خادىم،خۇددى ئۈزى كاناداغا نەچچە قېتىم بېرىپ كەلگەندەك،دائىم كانادالىقلار بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرغاندەك،كانادالىقلارنىڭ ئاسانلىقچە ۋىيزا بەرمەيدىغانلىغى توغىرىسىدا بىر ھازاۋالاقشىغان ۋە ئەگەر ۋىيزا بىرىپ قالسا،يەنە ئۈزىنىڭ قېشىغا بىر قېتىم كىلىپ،دۆلەت تاموژنىسىغا قارىتىلغان تۇنۇشتۇرۇش ئېلىش كىرەكلىگى توغىرىسىدا ،بۇ تۇنۇشتۇرۇشسىز تاموژنىدىن ئۆتكىلى بولمايدىغانلىغى توغىرىسىدا ئەسكەرتكەن ئىدى،ئۇنىڭ گەپلىرىگەئىشەنمەسلىككە ئاساس يوق ئىدى،مەختۇم خانىم ئۇ بالا ھەققىدە،بەلكىم مۇشۇ بالاكىچىك بولىشىغا قارىماي كۆپ ئىشلارنى بىلىدىغاندۇ،ۋالاقشىشلىرى بەلكىم بىزگە كۈڭۈل بۆلگىنىدۇ،دەپ ئويلىغان ئىدى،ئەمما كىيىنكى ئىشلار ئۇبالىنىڭ دىگەنلىرىچەبولمىدى،جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق كانادا ئەلچىسى مەختۇم خانىملارغا ھېچنىمە سۈرۈشتۈرمەيلاۋىيزا بەردى،تېخى بىراقلا ئون يىللىق،گەرچە ئىلتىماس قىلىنغان ۋاخىتتىنتارتىپ،ۋىيزا چاپلانغان پاسپورتنى تاپشۇرۇپ ئالغانغا قەدەر تۆرت ئايدىن ئارتۇغراق ۋاخىت كەتكەن بولسىمۇ،ھېچنىمە سۈرۈشتە قىلىنمىغان،ھەتتا يۈزتۇرانە كۈرۈشۈشنىمۇتەلەپ قىلمىغان ئىدى،بۇنى ئاسانلا ۋىيزا بەردى دىمەي بولمايىتتى،بۇ ئاسانلىقنى بەلكىم ئىلتىماستىكى مۈكەممەللىك ۋەدوكىلات قىلىنغان ئىشلاردىكى سەمىيمىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلىشى مۇمكىن،ۋەبەلكىم ئەلچىخانا خىزمەتلىرىنىڭ تەشكىللىنىشىدىكى ئىنچىكىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن ئىدى،ئىشقىلىپ ئاللائاسانلىق بەرگەن ئىدى،
   ۋىيزا دىگىنى-كىرمەكچى بولغان دۆلەت ئەلچىخانىسى پاسپورتىمىزنىڭ خالىغان بېتىگە چاپلاپ بىرىدىغان بىر پارچە تاموژنىدىن كىرىش روخسەت قەغىزى ئىكەن،ئۇنى خەنچىدە « جەنجىڭ»،ئىنگىلىزچىدە «ۋىيساس“‘»دەيدىغان بۇلۇپ،قول قۇيۇش،ئىسپاتلاش دىگەن مەنىلەرگە ئىگە ئىكەن،ئۇنىڭدا ۋىيزا بەرگۈچى دۆلەتنىڭئىسمى،ئەلچىخانا تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ئىسمى،ۋىيزا بىرىلگەن ۋاخىت،ۋىيزىنىڭ كۈچكەئىگە بۇلۇش قەرەلى،پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسمى،پاسپورت نۇمىرى،ۋىيزا نۇمىرى قاتارلىقلار يېزىلغان بۇلاتتىكەن،ھېچقانداق تامغۇ- ئىمزا دىگەنلەركۈرۈنمەيىتتى،پەقەت ۋىيزا قەغىزىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۇرجىگىگە بىر پاقىراق قەغەزچاپلانغان،ئۇنىڭدا گۇلۇبۇستىكى شىمالى قۇتۇپ تەرەپنىڭ رەسىمى ۋە ئىرەن ياپرىغىنىڭ رەسىمى غۇۋا ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى،بۇ بەلكىم كانادانىڭ دۆلەت گىربى بۇلىشى،تامغۇرولىنى ئوينىشى ئىھتىمال ئىدى،مەختۇم خانىمغا بىرىلگەن ۋىيزىنىڭ قەرەلى2012-يىل4-ئىييۇندىن2021-يىل28- ئاۋغۇسىتقىچە ئىدى،مەختۇم خانىم مۇشۇ مۇددەت ئىچىدە،خالىغان چاغدا،خالىغان تاموژنىدىن كاناداغا كىرسە بۇلاتتى،مەختۇم خانىم خۇرسەن ئىدى،ۋاھالەنكى،دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى ھېلىقى بالىنىڭ ۋىيزا ئېلىپ بولغاندىن كىيىن يەنە كىلىپ قايتا تاموژنىغا قارىتىلغان تۇنۇشتۇرۇش ئالىسىزلەر دىگەن گىپى ئۇلارغاخېلى ئەۋارىچىلىق ۋە ئەنسىزلىك تېپىپ بەردى،ئەۋارىچىلىق شۇ بولدىكى،مەختۇمخانىملار ئۇنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ،راستىنلا دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ھېلىقى تۇنۇشتۇرۇشنى ئالغىلى باردى،مەلۇم بولدىكى، ئەندى بۇ رەسمىيەت شەھەرلىك دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە چۈشۈرۈلۈپتۇ،شەھەرگە چېپىشقا توغرا كەلدى،ئۇ يەردىكىياش،ئاق پىشماق مۇئاۋىن باشلىق نىڭ ئىززىپ چۈشەندۈرۈشىچە؛ئۇلار مەختۇم خانىمغا بىرتۇنۇشتۇرۇش يېزىپ بىرىدىكەن،مەختۇم خانىم ئۇنى ئېلىپ،ئاھالە كومىتىتىغا،مەھەللەساقچى پونكىتىغا بېرىپ،ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ سىياسى جەھەتتە ئىشەنچىلىك ئىكەنلىگىتوغىرىسىدا ئىسپات ئەكىلىشى كىرەككەن،ئىسپات بىلەن بىللە ھەر بىر كىشى ئۈچۈن 50مىڭ يىۋەن زاكالەت پۇلى تاپشۇرسا، ئاندىن ئۇلارغا تاموژنىغا قارىتىپ ،تاموژنىدىنئۈتۈشكە روخسەت قىلىنغانلىق ھەققىدە تۇنۇشتۇرۇش يېزىپ بىرىدىكەن... مۇئاۋىن باشلىقخېلىلا پىرىنسىپچىدەك قىلاتتى،بەلكىم ئازىراق پارا تاماسى ئۇنىڭ پىرىنسىپچانلىغىنىكۈچەيتىۋەتكەن بولسا كىرەك،گەپ يەيدىغاندەك ئەمەستى،ئەندى نىمە قىلىش كىرەك؟
  مەختۇم خانىملار بىكاردىن- بىكار ھېرىنىڭ ئوۋىسىغا تاياق تىققاندەك تەسىراتتا ئىدى،پاسپورت ئۈزىنىڭ قولىدا تۇرسا،نىمەقىلاتتى دىنى ئىشلار ئىدارىسىنى ئىزدەپ؟ كىچىككىنە بىر يەرلىك دىنى ئىشلارئىدارىسى دۆلەت تاموژنا ئىشلىرىغا قول تىقىپ يۈرسە، بۇ مۇمكىنمۇ؟ دىنى ئىشلارئىدارىسىنىڭ ئەشۇ قىلىقى راستىنلا يولسىزلىقتەك تەسىرات قالدۇرمايقالمايىتتى،ئەمما بۇ مۇشۇ خۇتەندە مۇمكىن ئىدى، بۇ يەردە مۇمكىن بولمايدىغان يولسىزلىق بولمايىتتى،شۇنداقتىمۇ ئەشۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قۇيۇقلىغىغابولغان گۇمان،مەختۇم خانىملارنى ھېلىقى تۇنۇشتۇرۇشنى ئالمايلا يولغا چىقىشقائۈندەپ تۇراتتى،شۇنداق بولدى، گۇمانمۇ توغىرا چىقتى،دۆلەت تاموژنىسى ئۈزىنىڭيەرلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشقۇرىشىدا ئەمەسلىگىنى ئىسپاتلىدى،مۇكىدىن تاموژنىسىدىكىلەر مەختۇم خانىمدىن پاسپورتىتىن ئۆزگە تۇنۇشتۇرۇش تەلەپ قىلمىدى،ھېلىقى دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ پىرىنسىپچى مۇئاۋىن باشلىغى مات بولدى،تۈرت قەدەمدىلا،ناھايىتى سەت مات بولدى...ئەمما ئەشۇ نەچچە كۈنلەر كۈڭۈلنى ئەنسىرىتىپ كەلگەن تۇنۇشتۇرۇشسىزلىق ئەندىشىسى،مەختۇم خانىمنىڭ كۆڭلىدىن ئۇنداق ئۇڭاي كۈتۈرۈلۈپ كىتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،ئەشۇلارنى بۇ يەردە ئەسلەپ يۈرۈشتىكى سەۋەپمۇ شۇ.
گەپلەر جېق ئىدى،پىتنە-پاسات دىگەنلىرى شۇبۇلىشى مۇمكىن،تاموژنىدىن كىتاپ ئۆتكۈزمەيدۇيەي،دۇرا ئۆتكۈزمەيدۇيەي،نان-يىمەكلىك ئۆتكۈزمەيدۇيەي،ئالتۇن-كۈمۈش ئۆتكۈزمەيدۇيەي،ۋاھاكىزا دىگەنلىرى شۇ جۈملىدىن ئىدى،مۇكىدىن تاموژنىسى سومكىلارنى ئېچىپ تەكشۈرمىدى،نىمە ئېلىپ ماڭدىڭ؟ دەپ سۇراپمۇ قويمىدى،بۇ ئۇلارنىڭبىپەرۋالىغىمۇ؟ ياق، ئۇنداق بۇلىشى ناتايىن،ئادەتتە كوللىكتىپ بىپەرۋالىق كەمكۈرۈلىدىغان ئىش،ئۇلارنىڭ كەڭ قۇرساقلىغىمۇ؟ بۇمۇ ناتايىن، بۇنى دۆلەتنىڭ تاموژناسىياسىتى دەپ چۈشەنمەكتىن باشقا ئىلاج يوق،ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئايرۇپىلان داشخەنلەرنىڭ ئاجايىپ يۇغان ۋە ئېغىر سومكىلارنى ئېلىپ ماڭغانلىغىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ،ئەندى گەپ كانادا تاموژنىسىدا قالغانىدى،كانادا تاموژنىسىدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ چىڭلىغى ھەققىدىمۇ ئۇ يەرگە بېرىپ باقمىغان بىلەرمەنلەر ئاجايىپبەلگىلىمىلەرنى توقۇپ يۈرەتتى.
   ئايرۇپىلان داۋاملىق ئۇچۇۋاتاتتى،ئەندى ئامىرىكاپولغا سېتىۋالغان زىمىن ئالياسكىدىن جەنۇپقا بۇرۇلۇپ،كانادانىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىنى بويلاپ ئۇچۇۋاتاتتى،ئايرۇپىلان يەنىلا 11مىڭ مىتىرئىگىزلىكتە،890 كىلومىتىر : سائەت تىزلىكتە ئۇچۇۋاتاتتى،بۇنى مەختۇم خانىم ئالدىدىكى ئۇرۇندۇقنىڭ كەينىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىكراندىن خالىغان چاغدا كۈرۈپ ئولتۇرالايىتتى،بوۋاي بۇنى ئىشلىتىشنى ئازىراق بىلگەچكە،خانىمىغا ئۈگۈتۈپ قويغانتى،خانىم سىرىتنىڭ تىمپىراتۇرسى،مەنزىلنىڭ تىمپىراتۇرسى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىمۇ شۇ يەردىن كۈرەتتى،يەنە كىنو كۆرسىمۇ،باشقا نۇمۇرلارنى كۆرسىمۇبۇلاتتى،لىكىن خانىم بۇلاردىن پايدىلانمىدى،بۇنىڭغا ئۈزىنىڭ قىزىقماسلىغىدىن باشقا،يەنە سول يېنىدىكى خەن ئايالغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك نىيىتىمۇ سەۋەپئىدى،چۈنكى ئۇ ئايال ئايرۇپىلانغا چىققاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچەتوختىماي،دىققىتىنى ھېچنىمىگە بۆلمەي كىتاپ ئوقۇۋاتاتتى،ئۇنىڭ قولىدىكىسى تەكشى يۈزلۈك ئايپەت ئىدى،تومپۇيۇپ تۇرغان كۆكسىگە لىفتىك تاقىمىغان ئۇ ئايال ئىلىكتىرونلۇق كىتاپ ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن،شۇ تاپتا ئۇنىڭ دىققىتىنى چالغىتىۋېتىش ھەقىقىتەن ئەخلاقسىزلىق بۇلاتتى...
    ئايرۇپىلان خىنىملىرى 2- قېتىم تاماق تارىتتى،مەختۇم خانىملارغا ۋە ئالدىدىكى بىر ئادەمگە ئىلگىركىدەكلا ئەڭ بۇرۇن تاماق ئەكەلدى،خانىمنىڭ تامىغى مۇسۇلمانچە،ئالدىدىكى ئادەمنىڭ تامىغى دىيابىت بىمارلىرى تامىغى ئىدى، ئايرۇپىلان يەنىلا بۇلۇتلار ئۈستىدە ئۇچۇۋاتاتتى،ئالاھىزەل7-8 سائەت ئۇچقانتى،بوۋاي يېنىدا ئېلىپ يۈرۈيدىغان خەرىتىلەر توپلىمىغاقاراپ،ئايرۇپىلاننىڭ شارلۇت خانىش ئاراللىرى ئۈستىگە يىتىپ كەلگەنلىگىنى ئېيىتتى،ئىككى ياقىدىكى ئۇرۇنلاردا ئولتۇرغان خەنلەرمۇ بۇيۇنلىرىنى سۇزۇشۇپ،نىمىلەرنىدۇ بىر- بىرىگە خەۋەر قىلىشاتتى،ۋانكوۋېر ئارىلى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۈتۈپ،قىرغاقتىكى ۋانكوۋېر شەھرىگە يىتىپ بېرىشقا يەنە بىر- ئىككى سائەت ۋاخىت بارئىدى،خانىم كۆزلىرىنى يۇمدى،لىكىن ئۇيقۇ يوق ئىدى،خىيال بېسىپ كەلدى،پۇت-قوللارتېلىپ،ئولتۇرۇش ئازابى يەنىمۇ كۈچۈيىۋاتاتتى،خانىم مۇكىدىندا،ئەتتىگەن سائەت ئىككى يېرىمدا ناماز بامداتنى ئوقۇغانچە ئىدى،ناماز ۋاختىنى ۋە قىبلىنى بىكىتكىلى بولمايىتتى،شۇنداقتىمۇ ئۈرۈمچى ۋاختى بويىچە ناماز پىيشىن ۋە ناماز دىگەرنى ئوقۇدى،قىبلىنى«ھەممە تەرەپ ئاللانىڭدۇر»دىگەن ئايەت روھى بويىچە ،ئالدى تەرەپتەدەپ بەلگىلىدى،،تاھارەت ئۈچۈن تەياممۇم قىلدى...بۇلار قۇرئان ۋە ھەدىس روھىغائۇيغۇن ئىدى،ۋاھالەنكى؛ئايرۇپىلان ۋانكوۋېرغا يىتىپ كەلگەن چاغدا،بۇ يەردە تېخى ئەندى ئەتتىگەن سائەت سەككىز يېرىم بولغانتى،ناماز شام ۋە ناماز خۇپتەن ئوقۇغسىزقالغانتى،ئارىدا كەچ بولمىغان،كىچە كىرمىگەنتى،مۇكىدىندىن باشلانغان كۈندۈز داۋام قىلىۋاتاتتى،ئارىدا ئوقۇغسىز قېلىپ قالغان نامازلارنى قانداق قىلىش كىرەك؟ بۇنى ئولىمالارنىڭ بىرەرسىدىن سۇراش كىرەكتى،،،
   ئايرۇپىلان ئاستا-ئاستا پەسلەپ ۋانكوۋېر ئايرۇپورتىغا قوندى،ئۇچۇش يولى ئەتىراپى ياپ- يېشىل چىملىق ئىدى،ئايرۇپىلان نىمىشقىدۇئۇچۇش يولى ئاخىرىدا بىر ئاز توختاپ تۇردى،ئەندى مەختۇم خانىم  ئايرۇپىلاندىن چۈشۈشى،تۇغۇلۇپ تۈنجى قېتىم ياتئەل تۇپرىقىغا قەدەم بېسىشى،كانادا تاموژنىسىدىن ئۈتۈش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشى كىرەك ئىدى،مەختۇم خانىمنىڭ ئايرۇپىلانداشلىرى ئەندى خۇددى چىققان ۋاختىدىكىدەك يەنە چۈشۈشكە ئالدىرىشىپ كەتتى،ئالدىراش نەرسە-كىرەكلىرىنى يىغۇشتۇرۇشقا كىرىشتى،خۇددى ئالدىرىمىسا مۇشۇ ئايرۇپىلاندىن چۈشەلمەي قالىدىغاندەك...
  ئايرۇپىلاندىن چۈشكەندىن كىيىن،چىگرادىن كىرىش ئانكىتىنى تولدۇرۇش كىرەك ئىكەن،ئىنگىلىزچە بىلىدىغانلار ئالدىراش ئانكىتتولدۇرۇشقا كىرىشتى،مەختۇم خانىم ۋە ئېرى ئىنگىلىزچە بىلمىگەچكە،ئانكىتنى قانداق  تولدۇرۇشنىمۇ بىلمەيىتتى،نىمە قىلىشنى بىلەلمەي، تاموژنىغا ماڭغانلارغا ئەگىشىپ مېڭىۋەردى،ئۇلار تاموژنىغا يېقىنلاشقاندا،بىر سېرىق چاچ، كۆك كۆز پەرەڭنىڭ خەنچەسۆزلەپ،ئانكىت تولدۇرمىغانلارغا ئانكىت تولدۇرۇپ بىرىۋاتقانلىغىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ساقلاپ تۇردى،قارىغاندا بۇ پەرەڭنى تاموژنا تەرەپ  مۇشۇنداق تىلسىزلارغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئاتايىتەن مۇشۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغاندەك قىلاتتى،نۆۋەت مەختۇم خانىمغا كەلگەندە  ئۇ ئالدى بىلەن،پاسپورتتىكى ئىسىم ۋە باشقا مەلۇماتلارنى ئانكىتقا تولدۇردى ۋە بىرىلگەنجاۋاپلارغا ئاساسەن ئانكىت كاتەكچىلىرىگە بەلگەلەرنى قويۇشقا باشلىدى،
-قۇرال-ياراق ئېلىپ كىردىڭلارمۇ؟
-ياق.
-ھاراق-تاماكا ئەكەلدىڭلارمۇ؟
-ياق،بىز مۇسۇلمان.
-يۈك-تاقاڭلار ئىچىدە سۇدا خاراكتىلىق مال بارمۇ؟
-يوق.
-يىمەكلىك ئەكەلدىڭلارمۇ؟
-ھەئە،نان ئېلىۋالغان،
-نان دىگەن نىمە؟
-ئۇندىن ياسالغان قۇرۇق يىمەكلىك،
-گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىك بارمۇ؟
-يوق.
پۇل ئەكەلدىڭلارمۇ؟
-ئەكەلدۈك،
-قانچىلىك؟
-....
مەختۇم خانىمغا ئانكىت تولدۇرۇپ بىرىۋاتقان پەرەڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئالدىدىن ئۆتكەنلەرنى راسىت گەپ قىلشقا ئۈندىگەن،ئۇلاردىن ھاراق-تاماكۇنى بەكرەك سۈرۈشتە قىلغان،ئىككى ياش خىنىمدىن قۇرسىقىدا بار- يوقلىغىنى بەكچىڭ سۇراپ تۇرۇۋالغان ئىدى،ئۇنىڭ سۇراقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن خىنىملار 3-4ئايلىق قۇرسىقىدا بارلىغىنىمۇ ئىقرار قىلىشقان ئىدى،ئەندى مەختۇم خانىمنى راسىت گەپ قىلىشقا ئۈندەپمۇ يۈرمىدى،گەپلەرنى قايتىلاپمۇ سورمىدى،قارىغاندا ئۇ قايسىگەپنى كىمدىن سۇراشتا خېلىلا تەجىربىلىك بۇلۇپ كەتكەندەك قىلاتتى،
ئۈچىرەت ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈپ،مەختۇم خانىم تاموژنائۆتكىلىگە يىتىپ كەلدى،بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا بىر كۆك كۆز، سېرىق چاچ پەرەڭ ئىش بىجىرىۋاتاتتى، يىنىدا بىر شەرقى ئاسىيا سىياق ئايال خەنچە گەپلەرنى تەرجىمەقىلىۋاتاتتى
-سەن جۇڭگۇ لۇقمۇ؟
  ھازىرئۇزاتقان پاسپورتتا ئىنق يېزىقلىق تۇرسا،نىمە سۇئال ئەندى بۇ؟
-مەن جۇڭگۇدىن كەلدىم،
-نەگە بارىسەن؟
-كالىگارىيغا،
-قانچە ۋاخىت تۇرىسەن؟
-يېرىم يىلچە تۇرۇشۇم مۇمكىن،
ئۇندىن كىيىن ھېلى ئانكىت تولدۇرۇپ بەرگەن پەرەڭ سورغان سۇئاللارنى قايتا بىر-بىرلەپ سۇراپ چىقتى ۋە ئاخىرىدا گۈپپىدە تامغۇ ئۇردى،بۇ مەختۇم خانىمنىڭ كاناداتاموژنىسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكىنى ئىدى،مەختۇم خانىم كىيىن پاسپورتقا قاراپ كۆردىكى؛كانادالىقلارنىڭ تاموژنا تامغۇسى كۈكۈش رەڭلىك ئىكەن،بۇ جۇڭگۇ نىڭ قىزىل رەڭلىك تامغۇسى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بۇلۇپ،پاسپورتنىڭ بىر بېتىدە يالتىراپ تۇراتتى،ئۇنىڭدا «2012.ئىي يۇن26»دىگەن سىفىر چوڭراق ۋە يەنە كۆز بىلەن پەرىق ئەتكىلى بولمۇغىدەك كىچىك خەت ۋە سىفىرلار بار ئىدى،
   شۇنداق قىلىپ،مەختۇم خانىم كانادا تاموژنىسىدىن ئۆتتى،ئۇلار ھېچنىمىنى تەكشۈرمىدى ۋە تۇتۇپ قالمىدى،تاموژنىدىن ئۈتۈۋالغىنىغا خوش بولغان مەختۇم خانىمنىڭ ئەنسىزلىكلىرى پەسەيگەن،خاتىرجەملىككە ئىرىشكەن كۆزلىرى ئەندى ۋانكوۋېر ئايرۇپورتىغا سەپ سالالايدىغان ھالغا كەلگەن ئىدى،ئەتىراپقا باقتى،ئايرۇپورتنىڭ ئۇچۇشنى كۈتۈش بىناسى چوڭ،كەڭرى ۋە ھەشەمەتلىك بىلىندى،لىكىن ئادەم بەك ئاز ئىدى،ئىش بىجىرىۋاتقان،ئىش كۈتۈپ يۈرگەن مەخسۇس فورمىلىق ئايرۇپورتخادىملىرىمۇ ئاز ئىدى،ئۇلار تۇلاراق جەنۇبى ئاسىيا سىياقتا كۈرۈندى،رەڭگى قارىراق، قاڭشارلىق،كۆزلىرى چوڭ.ھىندى ۋە كەشمىرلەرنىڭ كۈرۈنىشى شۇنداق بۇلىدۇ،مەخسۇس فورمىلىقلار ئىچىدە يەنەپەرەڭلەرمۇ،نىگىرلارمۇ،شەرقى ئاسىيا سىياقتىكىلەرمۇ بار ئىدى،ئۇلارمۇ ئاز ئىدى،چوڭزال ھۇۋۇللاپ قالغاندەك كۈرۈنەتتى...
    مەختۇم خانىم تۇشۇشقا ھاۋالە قىلغان سومكىلىرىنى ھەممە ئايرۇپورتلاردىكىدەك ئايلانما ئاقما سۇپىدىن ئالدى،ئەندى بۇلارنى كالىگارىيغا ئۇچۇدىغان ئايرۇپىلانغا ئۆتكۈزۈۋېتىش كىرەكتى،ھاۋالىنى تاپشۇرىۋېلىش پونكىتى نەدە؟ مەختۇم خانىم كالىگارىيغا بارىدىغانلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىنگىلىزچەخەتنى بىر ئايروپورت خادىمىغا كۆرسەتتى،ئۇ سېرىق چاچلىق خانىم مەختۇم خانىم بىلەن قۇرداشتەك قىلاتتى،مەخسەتنى دەرھال چۈشەندى ۋە مەختۇم خانىملارنى باشلاپ،بىرپوكەينىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى،بۇ يەر تۇشۇشقا ھاۋالە قىلىدىغان نەرسىلەرنى تەكشۈرىدىغان،جىڭلايدىغان،تاپشۇرۇپ ئالىدىغان يەر ئىكەن،ئۇ يەردىكى ئۇزۇن ساقاللىق پەرەڭ ئەر ئىشلارنى تىزلا بىجىرىپ بولدى ۋەئايرۇپىلاندىكى ئۇرۇن نۇمىرى كارتىسىدىن بىرنى بەردى،كارتىدىكى A5دىگەن نۇمۇرنى كۆرسىتىپ،ئۇنى ئىزدەپ تاپىدىغان يۈنۈلۈشنى ئىشارەت قىلدى،مەختۇم خانىمنىڭ ئىرى A5دىگەننىڭ ئايرۇپىلانغاچىقىش ئېغىزىنى كۆرسىتىدىغانلىغىنى بىلەتتى،شۇندىن كىيىن مەختۇم خانىملار زال ئىچىدە ئۇزاق ماڭدى،ئەندى ماڭماق ئانچە ئاسان ئەمەس ئىدى،قولدا كۈتۈرۈۋالىدىغان سومكىدىن بىرسى كۈپەيگەن ئىدى،كانادادىمۇ دۆلەت ئىچى ئايرۇپىلانىدا بىر ئادەم پەقەت بىر سومكىنى تۇشۇشقا ھاۋالە قىلىشقا بۇلىدىكەن،خەلىقئارا ئايرۇپىلاندىكىدەك ئىككى سومكا ئالمايدىكەن،شۇڭا موكىدىن دىن ۋانكوۋېرغا  ھاۋالە قىلىنغان ئۈچ سومكىدىن بىرسى ئەندى مەختۇم خانىمنىڭ قولىغا قايتىپ كەلگەن ئىدى،سومكىلار كىچىك،ئېغىر ئەمەستى،لىكىن قېرى ئادەملەرگە يىنىكمۇ ئەمەستى،سومكىنىڭ بىر بېغىنى مەختۇم خانىم يەنە بىربېغىنى بوۋاي تۇتۇپ ئالغا يۈرۈپ كەتتى، ئۇلا رنىڭ دۇلىسىدا يەنە تېخى ئىككىدىن كىچىك سومكا بار ئىدى،ئۇلار ئالدىدىن كەلگەن ياكى كەينىدىن كەلگەنلەرگەقۇلايسىزلىق پەيدا قىلغانلىغىنى ھېس قىلغاندىلا ئاندىن ،بۇنداق ئارقان تارتىپ تويتۇساش شەكلىدىكى سومكا كۈتۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇردى،ئەشۇ بىر سومكىنى بەزىدەمەختۇم خانىم،بەزىدە بوۋاي كۈتۈرۈپ ماڭدى، زالدا ھەر 50 مىتىر ئارىلىقتا بىر ئاسماكۆرسەتكۈچتە ھەر قايسى ئايرۇپىلانغا چىقىش ئېغىزلىرىنىڭ قاياقتا ئىكەنلىگى كۆرسۈتۈلۈپ تۇراتتى،ئۇلار ئاخىرى Aبەلگىلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش نوختىسىغا يىتىپ كەلدى ۋە نېگىر ئايال خادىمنىڭ تەكشۈرىشىنى قوبۇل قىلدى،ئۇ خادىم نىمىشقىدۇ بوۋايغا قارىغاندا مەختۇم خانىمنى تەپسىلىرەك تەكشۈردى،بەلكىم بۇنىڭغا خانىمنىڭ موسۇلمانچە كىيىنگەنلىگى سەۋەپ بولغاندۇ،شۇنداقتىمۇ خانىم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن يەنىلا ئۆتتى،ئۇلار يەنىلا A5نى ئىزدەپ كەتتى،ئارىدا  مەختۇم خانىم بىر  قېتىم تازىلىق ئۈيىگە كىرىپ چىقتى،تازىلىق ئۆيلىرى ھەر 200 قەدەمدە بىر ئۇچۇراپ تۇراتتى،ئۇلار بەلكىم تاموژنىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئىككى كىلومىتىردەك ماڭغاندۇ،ئاخىرى A5نى تېپىپ كەلدى ۋە ئۇيەردىكى ئىككى خىزمەتچى قىزغا ئايرۇپىلانغا چىقىش كارتىسىنى كۆرسەتتى،قاراماتاققىزلاردىن بىرى خەنچە بىلىدىكەن،25 مىنۇت ساقلاشنى ئېيىتتى...
مەختۇم خانىم سائەت 11 يېرىمدا كالىگارىيغا ئۇچۇدىغان ئايرۇپىلانغا چىقتى،ئون ئىككى سائەت ئىلگىرى،مۇكىدىندىن ۋانكوۋېرغا ئۇچۇدىغان ئايرۇپىلانغا چىققاندىمۇ سائەت 11 يېرىم ئىدى،ئەندى يەنە11يېرىم تۇراتتى، سائەت نىڭ سىتىرىلكىسى بۇرالمىغان،ۋاخىت ئۇدۇللاشتۇرۇلمىغان ئىدى.شىنياڭدىكى ۋاخىت شىنياڭ ۋاختى بولسا،بۇ يەردىكىسى ۋانكوۋېر ۋاختى ئىدى،ئەمەلىيەتتە ھېس قىلىپ تۇرغان قۇياشنىڭ ئورنىمۇ ،سائەت 11لەر بولغانلىغىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى،قانداقلا بولمىسۇن،مەختۇم خانىمغا كىچىنى كۆرمىگىلى 20 سائەتتىن ئاشقانتى،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئۇزۇن بىر كۈندۈز داۋام قىلىۋاتاتتى،خانىم سائىتىنى مۇشۇيەرنىڭ ۋاختىغا توغرىلاشنىمۇ-توغرىلىماسلىقنىمۇ بىلەلمەي قالغانتى،پەقەت كۈندۈزنىڭ بەكلا ئۇزىراپ كەتكەنلىگىنى ھېس قىلاتتى...
ئايرۇپىلان بىر سائەت 20 مىنۇت ئۇچتى،ياپ- يېشىل تاغۋەدالالار ئۈستىدىن ئۈتۈپ ،ئاستا-ئاستا كالىگارىي ئايرۇدىرومىغا قوندى،بۇ يەردەيامغۇر يېغىۋاتاتتى،ئۇچۇش يولى ۋە ئەتىراپ نەم ۋە ھۆلچىلىك ئىدى،ئايرۇپىلان دەرىزىسىگىمۇ يامغۇر تامچىلىرى ئۇرۇلۇۋاتاتتى،مەختۇم خانىم ئەندى ئايرۇپىلاندىن چۈشسىلا نەۋرىلىرى بىلەن جەم بۇلاتتى،يۈرەك سوقۇشى تىزلەشكەن،قانداقتۇ بىرتەقەززالىق ۋۇجۇدىنى قاپلاپ كىلەتتى،ۋەھكى؛ يەرگە قۇنۇپ بولغان ئايرۇپىلان ئىشىكىنى ئاچماي،ئۇچۇش يولىنىڭ ئاخىرىدا 20 مىنۇتتەك ساقلاپ تۇردى،قارىغاندا،ئايرۇپىلاندىن چىقىش ئېغىزلىرى بىكار بولمىسا كىرەك،ھەي.ھەي...
   مەختۇم خانىم ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ،قول سومكىلىرىنى كۈتۈرۈپ ،زالغا چىققاندا ئۈزىنى بىردىن قىزىنىڭ قۇچىقىدا كۆردى،قۇچاقلىشىشلار خېلى ئۇزۇن داۋام قىلدى،بىرى بىرىدىن ئاجىرىلىپ چىققان ئىككى تەن قايتا قۇشۇلۇپ كىتىۋاتاتتى،كۆز ياشلىرى قۇشۇلۇشقا ياردەم بىرىۋاتقاندەك ئىدى،جۇدالىق مۇڭلىرى ئاخىرقى شىكايەتلىرىنى ئېزھار قىلسا،ۋىسال شادىيانىسى ئەندى ناغرا ئۇرۇشقاكىرىشىۋاتاتتى،نەۋرىلەرگە نۆۋەت خېلى كىچىكىپ كەلدى،ئۇلار گۇيا بىر يات موماينى كۆرگەندەك تارتىنىشىپ،سۇغۇق بىر تەرىزدە مومىسىنىڭ قۇچىقىغا كىرىپ كىلىشتى. كىيوئۇغۇل بىلەن كۈرۈشۈش ھەممە يەردىكىدەك،ھۆرمەت –ئىززەت بىلەن،لىكىن قىزغىنلىقسىزبۇلۇپ ئۆتتى...
    ھاۋالىگە بىرىلگەن سومكىلارنى ئېلىپ،يەر ئاستى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا چۈشۈپ،بالىلارنىڭ يەتتە كىشىلىك ماشىنىسىغا چىققاندامەلۇم بولدىكى؛ئۇلارنىڭ ئۆيى بىلەن ئايرۇدىرومنىڭ ئارىلىغى 45 كىلومىتىرچەكىلىدىكەن،ئايرۇدىروم شەھەرنىڭ غەربى شىمالىدا،ئۆي شەرقى جەنۇپ تەرەپتە ئىكەن،بالىلاربۇ ماشىنىنى سېتىۋالغاندا مىھمان كىلىشىنى ئىنىق ھىساپقا ئالغان بولسا كىرەك،،ئۈچ نەۋرە،ئىككى مىھمان،ئەر-خۇتۇن-دەلمۇ –دەل سىغىدىكەن،شەھەر يوللىرى كەڭ-ئازادە،ئەتىراپى كۆپ-كۆك چىملىق ۋە دەرەخلىك ئىدى،تۈنجى قاراشتىلا ئاساسى رەڭچىملىق-ئورمانلىقتەك،يول ۋە ئۆيلەر چىملىق-ئورمانلىق ئارىسىغا قىستىلىپ كىرىۋالغاندەك تۇيۇلاتتى،شۇنداق بۇلىشى مۇمكىن،بۇ سەل كىيىنرەك ئىنىق بۇلاتتى.
     شۇ كۈنى كۈرۈشۈش،مۇڭدىشىش،سالاملارنى يەتكۈزۈش بىلەن ئۆتتى،ئانا –بالا قېنىشاي دىمەيىتتى،بىر- بىرىگە قانىدىغاندەك ئەمەستى،قېنىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كىرەك ئىدى،ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ بىر كۈن كۇپايەقىلمايىتتى، بۇ يەردە شام ۋاقتى كەچ سائەت 10دا بۇلىدىكەن،خۇپتەن كەچ سائەت 11دىن15 مىنۇت ئۆتكەندە بۇلىدىكەن،مەختۇم خانىمنىڭ سائىتىنى توغىرلىشىنىڭ ھاجىتى يوقكەن،كالىگارىي ۋاقتى ئۈرۈمچى ۋاقتىدىن توپ-توغرا 12 سائەت كىيىن بولغاچقا،چىسلانى بىر كۈن كەينىگە سۈرۈپ ئىشلەتسىلا بۇلىدىكەن،ئۈرۈمچىدىكى كۈندۈزكى ۋاقىتلار  بۇ يەردە كىچىدىكى ۋاخىتلاربۇلىدىكەن،ئۈرۈمچىنىڭ كىچىسىدىكى ۋاخىتلار بۇ يەردە كۈندۈزكى ۋاخىتلاربۇلىدىكەن،بۇيەردە تېخى كەچ كىرمىگەنتى،شىنياڭدا ،ئۈرۈمچى ۋاختى بويىچە سەھەرسائەت ئىككى يېرىمدا  ئاتقان كۈن ھازىرمۇداۋام قىلىۋاتاتتى،بىر كۈن 30 نەچچە سائەتكە سۇزۇلغانتى،مەختۇم خانىم مۇشۇ 30نەچچە سائەت ۋاخىتتا تېخىچە كىچىنى كۆرمىگەن،شىنياڭدىن 26- ئىييۇن يولغا چىققان بولسا،ھازىرمۇ يەنىلا ئەشۇ 26- ئىييۇن داۋام قىلىۋاتاتتى....
ئەگەر  بىرئادەمنىڭ ھاياتىدا ،كىچە- كۈندۈزنىڭ تەرتىپى تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈپ،كىچەكۈندۈزگە،كۈندۈز كىچىگە ئايلىنىپ قالسا،قانداق ئىشلار يۈز بىرىدۇ؟ بۇ ئادەم قانداق تەسىراتتا بولىدۇ؟ بۇ كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن ھېچقانداق قىممىتى ۋە زۈرۈرىيىتى يوق سۇئال بۇلىشى مۇمكىن،پەقەت يەر شارىنىڭ شەرقى يېرىم شارىدىن غەربى يېرىم شارىغا،ياكى غەربى يېرىم شاردىن شەرقى يېرىم شارغا ئۈتۈپ باققان كىشىلەرلا بۇنداقئۆزگىرىشنىڭ كەلتۈرگەنلىرىگە قارىتا تەسىراتقا ئىگە بۇلىدۇ ۋە يۈز بىرىدىغان ئىشلارنى دەپ بىرەلەيدۇ،يۈز بىرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرىنجىسى؛ئۇيقۇنىڭ قالايمىقانلىشىشى،ئۇخلاپ ئۈگەنگەن ئۇزاق كىچە كۈندۈزگە ئايلىنىپ قالسا،ئەشۇكۈندۈزدە ئۇيقۇ باسىدۇ،ئىشلەيدىغان ئۇزاق كۈندۈز كىچىگە ئايلىنىپ قالسا،بۇنداق كىچىدە ئۇيقۇ قاچىدۇ،ھازىر مەختۇم خانىمنىڭ ئۇيقۇسى قېچىۋاتاتتى،مەجبۇرى ئۇخلىماقبۇلۇپ كۈزىنى يۇمۇۋالسىمۇ،يەنىلا ئۇيقۇ كەلمەيۋاتاتتى،بالىلارنىڭ ئېيتىشىچە ؛بۇقالايمىقانچىلىق،يەتتە-سەككىز كۈنلەردىن كىين ئاندىن ئوڭلىنارمىش،شۇ چاغدا ئۇيقۇئەسلىگە كىلەرمىش. لىكىن ھازىر يەنىلا كۆزنى يۇمۇپ يېتىش ياخشى ئىدى،ئايرۇپىلاندىكى ئون نەچچە سائەتلىك ئۈرە ئولتۇرۇش نىڭ ھاردۇقلىرىنى چىقىرىشئۈچۈن بولسىمۇ ،سۇزالىپ يېتىش كىرەكتى،لىكىن ئۇنداقلا ياتقىلىمۇبولمىدى،بالىلارنىڭ بۇيەردىكى ئاغىينىسى مەتتۇرسۇن ئاخۇن،ئايالى گۇلشاتلاربالىلىرىنى ئېلىپ ھاردۇق سۇراپ كەلدى،ئۇلارنىڭ تۆرت بالىسى بار ئىكەن،كىچىگى مۇشۇكانادادا تۇغۇلۇپتۇ،مەتتۇرسۇن ئاخۇن كاناداغا كۈچۈشتىن ئىلگىرى ،خۇتەندە جۇڭگۇبانكىسىدا ئىشلىگەن ئىكەن،ئەسلى لوپلۇق ئىكەن،ئاتىسى ئاخىرەت سەپىرىگە كىتىپ قالغان، يۇرتتا يالغۇز ئانىسىلا بار ئىكەن،مەختۇم خانىم يولغا چىقىش ئالدىدا،ئۇنىڭ ئانىسىنى يوقلاپ،سالامىنى ئېلىپ كەلگەنتى.گۇلشاتنىڭ ئاتىسى خۇتەن ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن دەم ئلىشقا چىققان،خانىم ئۇلارنىڭمۇ سالامىنى ئېلىپ كەلگەنتى،سالام-سەھەتلەر يەتكۈزۈلدى،پاراڭ قىزىدى،
    مەختۇم خانىم بەك كەچتە،نامازشام ۋە ناماز  خۇپتەنلەرنى ئادا قىلىپ،ئاندىن سۇزالىپ ياتالىدى،ئازىراق ئۇخلىغانمۇ بولدى،لىكىن كىچە سائەت ئىككى بولمايلا ئويغۇنۇپ كەتتى،ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىش دىگىنى شۇ ئىدى، لىكىن بۇنىڭغا باش ئەگسەبولمايىتتى،شۇڭا ئورنىدىن قوپماي يېتىۋەردى،ناماز ۋاخىتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى كۆپ قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كىلەلمىدى،چۈنكى ئادەم سائەت 10،سائەت 11دىگەنلەردىن كۈرە،كۈن ئولتۇرۇش،قاراڭغۇ چۈشۈش دىگەنلەرنى ئاسانراق قوبۇل قىلاتتى،شەرىئەتتىمۇ سائەت ئەمەسخۇددى شۇ ئۆلچەم قىلىنغانىدى،بۇ يەردە قىبلە شەرقى شىمال تەرەپتە ئىكەن،غەربى جەنۇبى تەرەپنى قىبلە دەپ ئۈگۈنۈپ قالغان كۈڭۈل ئۈچۈن بۇنى  قوبۇل قىلماقمۇ ئانچە ئاسان بولمىدى،كىچە سائەت 2لەردە ئويغۇنۇپ كىتىپ،ئۈچ يېرىملەردەبامداتنى ئوقۇپ،سائەت بەش لەردە يەنە ئۇخلاش بىلەن باشلانغان 27- ئىييۇن دەم ئېلىشبىلەن ئۆتتى،يامغۇر توختىغانتى،ئېيتىشلىرىچە؛ ئۈچ كۈندىن بىرى يېغىۋاتقان يامغۇرئەندى توختاپتۇ،مەختۇم خانىم نىڭ ئايىغى يارىشىپتۇ،ھاۋا ئۇچۇق،ساپ ۋە پاكىزەئىدى،راھەت بەرگۈچى بىر خىل سالقىنلىق ھۈكۈم سۇرەتتى،تىمپىراتۇرا 12-21 گىرادوسئارىلىغىدا ئىمىش،نىمە دىگەن يېقىشلىق ھاۋا –ھە...
   27-ئىييۇننىڭ بىكار ۋاختىدىن پايدىلىنىپ،مەختۇمخانىم  ئۈزى يىتىپ كەلگەن كانادانى بىر قۇرتۇنۇۋېلىشى كىرەك،كانادانى،كالىگارينى،بالىلار تۇرغان يەرلەرنى بىلمىسە،ئەندى مەختۇم خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى راسا مەنىگە ئىگە بۇلالماي قالىدۇ.بۇلارنى تۇنۇۋېلىشتا چوڭ قىيىنچىلىقمۇ يوق،يولغا چىقىش ئالدىدا بالىلار بوۋاينىڭ تەلىپىگەئاساسەن،توردىن كاناداغا دائىر خەنچە ماتىرىياللارنى چۈشۈرۈپ بەرگەن،بوۋاي شۇلارنى تەرجىمە قىلىپ بەر سىلا ئىش پۈتۈدۇ،مانا قاراڭ ،لىكىن بۇلارنى باشقىلار ئوقۇمىسىمۇبولىدۇ،ئەلبەتتە زىركىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك؛

كانادانى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش
كانادا فىدىراتسىيىسى –شىمالى ئامىرىكاقىتئەسىنىڭ شىمالى قىسمىغا جايلاشقان،يەر مەيدانى 9984670كىۋادىرات كىلومىتىر ،زىمىنىنىڭچوڭلىغى جەھەتتە روسىيەدىن قالسىلا دۇنيادا 2- ئۇرۇندا تۇرۇدۇ،زىمىنىنىڭ كۆپ قىسمىشىمالى قۇتۇپ چەمبىرىكىگە يېقىن سوغۇق بەلۋاققا جايلاشقان ،شىمالى تەرىپى شىمالى مۇزئوكيان بىلەن ،غەربى تەرىپى تىنىچ ئوكيان بىلەن،شەرقى تەرىپى ئاتلانتىك ئوكيانبىلەن ،جەنۇبى تەرىپى ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن  چىگرالىنىدۇ.دېڭىز قىرغاق لىنىيىسى 240000كىلومىتىر.كۆل-دەريالار كۆپ بۇلۇپ، پۈتۈن زىمىننىڭ 8،92 پىرسەنتىنى كۆللەرئىگەللەيدۇ ،ئورمان كۈلىمى زىمىننىڭ 44 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ،2012-يىلدىكى نۇپۇسى34898000 ئادەم بۇلۇپ،زىچلىغى بەك تۈۋەن،ھەر كىۋادىرات –كىلومىتىر يەرگە ئاران3،41ئادەم توغرا كىلىدۇ،نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەنۇپقا-ئامىرىكا چىگىرىسىغا يېقىن،نىسپى ئىسسىق يەرلەرگە ماكانلاشقان،كانادانىڭ پايتەختى –ئوتتاۋا. دۆلەت بايرىمى –دۆلەتقۇرغان كۈنى—1- ئىييۇل(1867-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى).دۆلەت شېئىرى-«ئاھ،كانادا».دۆلەتتوپى-مۇز توپ.دۆلەت ھايۋىنى-قۇندۇز.دۆلەت دەرىخى-ئىرەن دەرىخى.دۆلەت گۈلى-ئىرەنياپرىغى.كانادانىڭ يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى1736000000000(بىرتىرىللىيۇن يەتتە يۈزئوتتۇز ئالتەمىليارت ئامىرىكا دوللىرى(2011-يىللىق سان)بۇلۇپ،كىشى بېشىغا 50436(ئەللىك مىڭ تۆرت يۈزئوتتۇز ئالتە) ئامىرىكا دوللىرىدىنتوغرا كىلىدۇ.ھازىرقى سىياسى-ئىختىسادى ئۆلچەملەر بىلەن ھۈكۈم قىلغاندا كاناداتەرەققى قىلغان دۆلەت ھىساپلىنىدۇ،ئۇ،دۇنيادىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرگۇرۇھى-يەنى 8دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى،
كانادا غا قايسى دەۋىردىن باشلاپ ئىنسان ئايىغىيەتكەنلىگى،قاچاندىن باشلاپ ئادەم ئولتۇراقلاشقانلىغى توغىرىسىدا ئىنىق تارىخىئۇچۇر يوق،ئەمما 15-ئەسىردە ،ئۇ يەرگە ياۋرۇپالىقلار يىتىپ بارغاندا،ئۇيەردە،ياۋرۇپالىقلار كىيىن «ئىندىيان» دەپ ئاتىغان خەلىق ياشايىتتى،ئىنىقراق قىلىپئېيىتقاندا،ئۇلار ئىسكىموسلار،ئىننوتلار،مىتلار،يوخىيەكلار...قاتارلىقلار ئىدى،بۇ «ئىندىيانلار»40مىڭ يىللار بۇرۇن بېرىڭ بۇغۇزى ئارقلىق ئاسىيادىن كەلگەن دەپقارىلىدۇ،ياۋرۇپالىقلارنىڭ يىڭى زىمىن ئىزدەش ھەركەتلىرى باشلىنىپ،ئۇلارغا يەرشارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ئامىرىكا چوڭ قۇرۇقلىغى مەلۇم بولغاندا،مۇستەملىكەئىزدەش، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سېپىگە قېتىلغان فىرانسىيەمۇ ئۇ تەرەپلەرگە كىمە ئەتىرىدىئەبەرتىدۇ،1535-يىلى فىرانسىيەلىك ياكۇس كارتېر(jacques kartier)دىگەن كاپىتان ئۆز كىمە ئەتىرىتىنى باشلاپ،ئاتلانتىك ئوكياننى تۈز سىزىق بويىچەكىسىپ ئۈتۈپ،كانادانىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى ،ھازىرقى سان لاۋلونىس دېڭىز قولتۇقىغايىتىپ كىلىدۇ،قولتۇقتا داۋاملىق ئىلگىرلەپ،كىيىن ئۇلار تەرىپىدىن سان لاۋلونىسدەرياسى دەپ ئاتالغان دەريانى بويلاپ قۇرۇقلۇققا ئىچكىرلەپ كىرىدۇ ۋە ھازىرقىمونتىرىئال شەھىرى ئەتىراپىغا يىتىپ كىلىدۇ،دەريا تېيىزلىشىپ كەتكەچكە كىمەلەرداۋاملىق ئىلگىرلىيەلمەيدۇ،مۇشۇ يەردە كاپىتان كارتېر ئىككى نەپەر «ئىندىيان»ياشنى تۇتۇۋالىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىنى ئادەم بار يەرگە باشلاپ ئاپىرىشقا مەجبۇرقىلىدۇ،شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھازىرقى كۈبەك شەھرى گە يىتىپ كىلىدۇ،بۇ يەرنىڭ نامىنىمە دەپ سۈرۈشتە قىلغاندا،«ئىندىيان»لار «كەنت» دەپ جاۋاپ بىرىدۇ،مەنىسى ئادەمتوپلاشقان يەر،ئادەملەر توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان جاي دىگەنلىك ئىكەن،پەرەز قىلىشقابۇلىدىكى،بۇ تۈركى –ئۇيغۇر تىلىدىكى كەنىت دىگەن سۆزنىڭ دەل ئۈزى ئىدى،ھازىرمۇخورۇن –ئىرىكوس تىلىدا كانادا دىگەنلىك كەنىت،يېزا،شەھەر دىگەن مەنىلەرنىبىلدۈرۈدۇ،كىيىن كاپىتان كارتېر فىرانسىيە پادىشاسىغا دوكىلات يازغاندا،بۇنى«كەنەتە» دەپ دەپ يېزىققا ئالىدۇ،ئۇنىڭ نەزىرىدىكى كەنەتە سان لاۋلونىس دەرياسىنىڭشىمالىدىكى ھەممە يەرنى كۆرسىتەتتى،بۇ يەرلەر 1616-يىلى يىڭى فىرانسىيە دەپئاتىلىپ،فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بۇلىدۇ،بۇ چاغلاردا ئەنگىلىيە كەنەتەنىڭجەنۇبىدىكى يەرلەرنى قەدەممۇ-قەدەم ئىشغال قىلىپ شىمالغا قىستاپكىلىۋاتاتتى،1756-1763-يىللىرى ئارىلىغىدا ،فىرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيە ئارىسدا،بۇيەرلەرنى تالىشىپ يەتتە يىل ئۇرۇش بۇلىدۇ،ئۇرۇشتا فىرانسىيە يىڭىلىپ،بۇ يەرلەرگەئىنگىلىزلار ئىگە بۇلىدۇ،يىڭى خۇجايىنلار بۇ يەرلەرنىڭ كونا خۇجايىنلار قويغانئىسمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،كەنەتە دىگەن نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈدۇ،كەنەتە سۈزىكىيىن تەدرىجى كانادا بۇلۇپ ئومۇملىشىدۇ.ئىنگىلىزچىداCanada  دىگەن تاۋۇش كەنەدە دەپئوقۇلىدۇ ۋە بۇ ئۇنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىغا تېخىمۇ يېقىن كىلىدۇ....
كانادا رايۇنى 100يىلغا يېقىن ئەنگىلىيەنىڭبىۋاستە باشقۇرۇشىدا بولغاندىن كىيىن،1867-يىلغا كەلگەندە،كۈبەك ئۆلكىسى(ئۇچاغلاردا كانادا ئۆلكىسى دىيىلەتتى)،يىڭى بۇرۇنسىۋىك ئۆلكىسى ، نۇۋا سىكوتىيا  ئۆلكىسى،ئونتارىيۇ ئۆلكىسىبىرلشىپ،ئاۋتۇنومىىيە قۇرۇدۇ ۋە 1926-يىلغا كەلگەندە ئەنگىلىيە تەرەپ نىڭدومىنىيۇن دەپ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىدۇ(the dominion of Canada)،1870-يىلى مانى تۇبا ئۆلكىسى قۇرۇلۇپ فىدىراتسىيەگەقاتنىشىدۇ،شۇيىلى يەنە غەربى شىمالى تىرىتورىيە (north west territory)مۇ فىدىراتسىيەگە قاتنىشىدۇ،كىيىن ھاردىسۇن بەي شىركىتى( بۇ شۇۋاقىتلاردا ھىندىستاننى باشقۇرغان شەرقى ھىندىستان شىركىتىگە ئوخشاش خاراكتىردىكى بىرشىركەت ئىدى) ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان ھەرقايسى يەرلەردە ،يۇكونتېررىتورىيەسى(1898-يىلى)،ئالبىرتا ئۆلكىسى(19059)،بىرتىش كۇلۇمبىيەئۆلكىسى(1958)،ساشكاچىۋەن ئۆلكىسى(1905)،نىيۇ پىنلەن ۋەلابىرادۇر(1949)،ئىدىۋاردشاھزادە ئارىلى،نۇناۋۇت تېررىتورىيە(1999)قاتارلىق مەمۇرى رايۇنلار قۇرۇلۇپفىدىراتسىيە گە قاتنىشىدۇ ۋە بۈگۈنكى كانادا دۆلىتى شەكىللىنىدۇ،كانادا ھېلىمۇئۇلۇق بىرتانىيە پادىشالىغى ھامىيلىغىدىكى دۆلەت،ئەنگىلىيەنىڭ پادىشاسى كانادانىڭدۆلەت باشلىغى ھىساپلىنىدۇ،ئادەتتە ئايال پادىشا ۋالىي ئىبەرتىپ،سىمىۋولخاراكتىرلىق ۋەزىپە ئاتقۇرۇدۇ،ئەمەلىيەتتە قانۇن چىقىرىش ھۇقۇقىنى كانادا خەلقىسايلىغان پارلامىنىت يۈرگۈزۈدۇ،خەلىق سايلىغان ھۈكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى قانۇننىئىجىرا قىلىدۇ،ھازىر كانادادا لىبىرالىستلار پارتىيىسى،كونسىرىۋاتىپلار پارتىيىسى،كۈبەكگۇرۇھى،يىڭى دىمۇكىراتلار پارتىيىسى قاتارلىق سىياسى پارتىيەلەر سايلاش-سايلىنىشپائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىدۇ ۋە ئۆكتىچى بۇلۇپ سايلانغۇچىلارنىڭ ھاكىمىيەتيۈگۈزىشىگە نازارەت قىلىدۇ،ئۇ يەردە ئۈچ ھۇقۇق ئىنىق ئايرىلغان...
كانادانىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئارمىيىسىبار،ھازىر ۋەزىپە ئۈتەۋاتقان ئەسكەر 59 مىڭ كىشى بۇلۇپ،قۇرۇقلۇق قىسمىدا18مىڭ،دېڭىز قىسمىدا 9 مىڭ،ھاۋا قىسمىدا 13مىڭ،قالغىنى چىگرا ساقچى قىسمىدا،كانادادۈشمىنى يوق بىر دۆلەت بۇلۇپ،ئامىرىكىدىن باشقا دۆلەت بىلەن بىۋاستەچىگرالانمايدۇ،باشقا بىرەر دۆلەت بىلەن تالاش –تارتىشىمۇ يوق،خەلىق ئارىسىدا  ئەشۇ ئاز ساندىكى ئارمىيەنىمۇ بېقىشقا قارشىپىكىرلەر باركەن،ئۇلارنىڭچە؛ چىگرا مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئامىرىكا شىركەتلىرىگەھۆددىگە بەرسە ،ئاز چىقىم بىلەنلا قوغدۇنۇش ئىشلىرىنى ھەل قىلغىلى بۇلارمىش...
كانادالىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 81ياش،ئوتتۇرىچە نۇپۇس كۈپۈيۈش نىسبىتى 0،794%،كانادادىكى نۇپۇسنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىتۈۋەندىكىچە،(بۇلار 2011-يىلدىكى سان،)
تۇرۇنتۇ                       5583064كىشى
مونتىرىيال                    3824221كىشى
ۋانكوۋېر                       2313328كىشى
ئوتتاۋا                        1236324كىشى
كالىگارىي                      1214839كىشى
ئەدىمىنتۇن                    1159869كىشى
كۈبەك شەھرى                 765706كىشى
ۋىننىپا                          730018 كىشى
ھامىرتۇن                        721053 كىشى
جىچىنا-ئوكىسفوردۋاتىرلو        477160 كىشى
لوندۇن                          474786 كىشى
ۋىكتورىيە                        344615 كىشى
...............................................
كۈرۈنۈپ تۇرۇپتىكى؛كانادا يۈكسەك دەرىجىدەشەھەرلەشكەن دۆلەت،ئۇيەردە نۇپۇسنىڭ 90 پىرسەنتى شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشقان.لىكىن بۇ دۆلەتتە ئېغىر دەرىجىدە ئەمگەك كۈچى يىتىشمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت،ھەر يىلى300مىڭ ئەتىراپىدا كۆچمەن قوبۇل قىلىش ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ھەل قىلىپ كىلىۋاتىدۇ ...
مەختۇم خانىم كانادا ھەققىدىكى قۇرۇق گەپلەرنى ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بىلىپ تۇرسۇن،قالغانلىرىنى كىيىن ئاستا-ئاستا بىلىۋالىدۇ،ئەندى بۇ يەردە 27-ئىييۇندىكى ھاردۇق سۇراپ كىلىشلەرھەققىدە توختالماي 28- ئىييۇنغا ئۈتۈپ كىتەيلى.
28-ئىييۇن ،پەيشەنبە،
بۈگۈن ئەتتىگەندىلا مەختۇم خانىمنىڭ قىزى بىلەن كىيو ئوغلى ئىشقا كەتتى،ئۇلار مەختۇمخانىمغا ئاران بىر كۈنلا ھەمرا بولغاندى،
-كاناداچىلىق –دەپ چۈشەندۈرۈشتى ئۇلار؛-بۇ يەردەھەر كۈنى ئىشلىمىسە بولمايدۇ،بىر كۈنلۈك روخسەت ئالماقچى بولساق بىر ئاي بۇرۇن ئىلتىماس قىلىشىمىز كىرەك،ئەندى بۇندىن كىيىن دەم ئېلىش ۋاخىتلىرىدىلا ھەمرابۇلالايمىز،كەچۈرسىلە....
   مەختۇم خانىم چۈشەندى،ئۈزىنىڭ ساددائېڭى،ئەنئەنىۋى قاراشلىرى بويىچە چۈشەندى،مۇساپىر ئەمەسمۇ،مۇساپىر دىگەن كىشى قولىغا قارايدىغان گەپ،خۇجايىنىنىڭ چىرايىغا قارايدىغا گەپ،مەيلى ،ئىشقابارسۇن،ئەتتىگەن-ئاخشامدا ھەمرا بولسىمۇ كۇپايە،مۇڭلىرىمىزنى شۇ چاغداتۈكۈشەرمىز....
ئەمەلىيەتتە ئىش مۇساپىرلىقتىلا ئەمەس ئىدى،بالىلارئاللىقاچان مۇساپىرلىقتىن ئۈتۈپ كەتكەن،مۇشۇ دۆلەتنىڭ رەسمى گىراژدانىغا ئايلىنىپبولغان،مۇشۇ يەرگە كۈنۈپ-ئۆزلىشىپ بولغان ئىدى،ئىش مۇشۇ دۆلەتتىكى جەمىيەتكەيپىياتىغا،ئىش تەرتىۋىگە تالىق ئىدى،تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىكى ئىنتايىن جىددى،ئالدىراش تۇرمۇش تەرتىۋىگە،خىزمەت تەرتىۋىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى،مەختۇم خانىم سەل كىيىنرەك،بوۋاي ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «لوندۇندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى» دىگەن شېئرىنى ئوقۇپ بەرگەندە ئاندىن بالىلاردىگەن «كاناداچىلىق» نىڭ نىمىلىگىنى تېخىمۇ ئۇبدان چۈشۈنۈدۇ:
                  ھەر قەدىمى پولغا تۇرغان شەھەركەن،
                  پۇلى يوقنى يەرگە ئۇرغان شەھەركەن...
يەنە ئەشۇ شېئىردا «دەرىتمەن ئىكەن كەلگىندىنىڭ تۇلىسى»دىگەن مىسىرامۇ بار ئىدى،مەختۇم خانىم يەنە ئەشۇ تەرەققى قىلغان شەھەرلەرھەققىدە «پۇللۇقلارغا جەننەت، پۇلسىزلارغا دۇزاخ» دىگەن گەپنىمۇ ئاڭلىغانتى بۇرۇن،بالىلاريەرگە ئۇرۇلماسلىق ئۈچۈن،دۇزاخقا دۈچ كەلمەسلىك ئۈچۈن ئىشلىشى كىرەك ئىدى،مۇشۇيەرنىڭ تەرتىۋى ،تۈزۈمى بويىچە ئىشلىشى كىرەك ئىدى،جان تىكىپ پۇل تېپىشى،ئىستىمالچىلىق جەمىيىتىنىڭ ئايىغى چىقماس تەلەپلىرىگە،كۈنسىرى يىڭىلىنىپ تۇرىدىغان مۇدىلىرىغا ماسلىشىپ بېرىشى كىرەك ئىدى ،ئانىسىغا ھەمرا بۇلۇپ ئولتۇرغانغا بۇ يەردە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايىتتى...
چوڭلار ئىشقا كەتتى، مەختۇم خانىمغا نەۋرىلىرىھەمرا بولدى،17ياشلىق ئوغۇل نەۋرە بىلەن،12ياشلىق،3ياشلىق قىز نەۋرىلەر بىلەن مۇڭداشقىلى بۇلارمۇ؟مەختۇم خانىم ئىنگىلىزچە بىلمەيىتتى،نەۋرىلەر بولسا،مەختۇمخانىمنىڭ زۇۋانىدا 3-4 ئېغىز ئاددى گەپلەردىن باشقىنى بىلمەيىتتى،مەختۇم خانىممۇشۇ تۈنجى كۈنىلا ئۈزىنىڭ ئەندى بۇ يەردە گاچىغا ئايلانغانلىغىنى چۈشەندى،رادىيوئاڭلىيالماس،تىلۋىزور كۈرەلمەس،ھېچكىم بىلەن گەپلىشەلمەس بۇلۇپ قالغانلىغىنى ئۇقتى،گەپلىشىش ئۈچۈن ئىشقا كەتكەنلەرنىڭ قايتىپ كىلىشىنى كۈتۈش كىرەكتى،ئەممائۇنچىۋىلامۇ بۇلۇپ كەتمىدى،تىل سۆزلىشەلمىگەن بىلەن يۈرەك بىمالالسۆزلىشەلەيىتتى،ئاللىقانداق بىر رىشتە مۇما بىلەن نەۋرىنى چېتىپ تۇراتتى،كىچىك نەۋرە بانۇ مۇمىسىغا سۇۋۇنۇپ نىمىلەرنىدۇر دەيىتتى،يېقىنچىلىق ئىزھارقىلاتتى،گەپلىرىنى ئۇقتۇرۇشقا ئۇرۇناتتى.ئۇلار ئاستا- ئاستا بىر ئورتاق تىل تېپىۋېلىشقا تىرىشىۋاتاتتى،ئوتتۇرانجى نەۋرە-12ياشلىق بەرنا بولسا،ئىلگىرى مۇمىسىبىلەن بىر-ئىككى قېتىم كۈرۈشكەن،مۇمىسىنىڭ زۇۋانىنى خېلى ئۇبدان بىلەتتى،بىرنەرسىلەرنى دەپ گىپىنى ئۇقتۇرالايىتتى،لىكىن ئۇ سەل تارتىنجاقلىشىپ قالغان،مۇمىسىدىن قېچىپراق يۈرگەندەك تۇيۇلاتتى،چوڭ نەۋرە –17ياشلىق بابۇربولسا،مۇمىسىنىڭ يېنىدا توغۇلغان،بۇيەرگە ئىككى يېشىدا كۆچمەن بۇلۇپ كەلگىنىگەقارىماي،ئەندى مۇمىسىدىن خېلى ئۇبدانلا ياتلاشقان،مۇمىسىغا ئۇچىراپ قېلىشتىن قېچىپلا يۈرەتتى...
    مەختۇم خانىم ئەشۇنداق تەسىراتلار ئىچىدە 28-ئىييۇننى ئاخىرلاشتۇرۇۋاتاتتى،كەچ سائەت 4لەردە بالىلار قايتىپ كەلدى، بۇ يەردەچۈشتە دەم ئالمىغاچ،ئەشۇنداق بۇرۇن ئىشتىن چۈشىدىكەن،كەچ كىرىشكە تېخى يەنە خېلىبار ئىدى،سائەت 10 لاردىن كىيىن ئاندىن قاراڭغۇ چۈشەتتى , مەختۇم خانىمنىڭ قىزى زۆھرە گۈل ئانىسىنى ماشىنا بىلەن ئۆيگە يېقىنلا يەردىكى بىر بازارغا ئاپاردى،بۇئانىسىغا بازار كۆرسىتىش ئۈچۈنلا ئەمەس ئىدى،ئۆيگە نەرسە- كىرەك سېتىۋېلىش زۈرۈرىيىتىمۇ بار ئىدى،ئۇلار بەش مىنۇتتىلا بېرىپ بولدى،بالىلارنىڭ بازار دىگىنى ئەمەلىيەتتە بىر چوڭ تاللا بازىرى ئىدى،كۈلىمى بىر ئۆلچەملىك پۇدبول مەيدانىچىلىك كىلىدىغان تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا ،بازارنىڭ ئۈزىدىنمۇ چوڭراق ماشىنا توختۇتۇش مەيدانى بار ئىدى،ھەقسىز ئىدى،زۆھرەگۈل ماشىنىسىنى شۇ يەرگە توختاتتى،تاللا بازىرىنىڭ چوڭلىغى،ماللارنىڭ موللىغى،تىزىلىشتىكى نەپىسلىك،باھانىڭ ئەرزانلىغى-مەختۇم خانىمنى ھەيرانۇ-ھەس قىلدى، تاللا بازىرىدىنئەنىقانىڭ تۇخۇمىدىن ئۆزگە ھەممە نىمە تېپىلاتتى،زۆھرەگۈلنىڭ بىر سائەتلىك ئىش ھەققىگە ئىككى كىلو گۆش(بىر كىلو گىرام گۆش 11-13 دوللار ئىكەن) كىلەتتى،ئىش ھەققىگە نىسبىتەن ئېيىتقاندا مال باھاسى بەك ئەرزان ئىدى،زۆھرەگۈل بازارنىڭ مالتاللاش ھارۋۇسىنى ئىتتىرىپ يۈرۈپ بىر ھەپتىلىك يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئالدى،ھىساباتنى بانكا كارتىسى ئارقىلىق قىلدى،بىر ھارۋۇ نەرسە ئاران 120 دوللارچە چىقىپتۇ. بۇيەتتە نۇپۇسلۇق بىر ئائىلە بىر ئايدا 4-5 يۈز دوللار بىلەن باياشات كۈنئۆتكۈزەلەيدۇ دىگەن گەپ ئىدى....

29-ئىييۇن،جۈمە،
  ھاۋائۇچۇق، ئاسمان ئەينەكتەك سۈزۈك،تىمپىرايۇرا 25 سىلسىيە گىرادوستىن تۈۋەن بولساكىرەك،بەكلا يېقىشلىق...مەختۇم خانىمنىڭ قىزى بۈگۈن ئىشقا بارمىدى،ئۇ  ھازىر ئىككى تاللا بازىرىدا بۇغالتىرلىق قىلىۋاتقان بۇلۇپ،ھەپتىلىك خىزمەت مىقدارى ئاران 24 سائەت بولغاچ،ئىش كۈنلىرىنى ئۈزىتاللىسا بۇلاتتى،ھازىر ئانىسىغا كۆپرەك ھەمرا بۇلۇش ئۈچۈن ئۈچ كۈن ئىشلەپ،ئۈچ كۈندەم ئېلىشنى قارار قىلغان ئىدى،چۈشكە يېقىن ئۇ ئانىسىنى ئۆيدىن 20-25 كىلومىتىريىراقتىكى ،شەھەرنىڭ غەربى شىمالىدىكى  calgarhy Islamic sentre (كالىگارىي ئىسلام مەركىزى) دىگەن مەسچىتكە جۈمە نامىزىغا ئېلىپ باردى،بۇ يەردە ،ئەر-ئايال،چوڭ-كىچىك ھەممە مۇسۇلمان بىللە جۈمە ئۈتەيدىكەن،لىكىنئاياللارنىڭ نامازخانىسى ئايرىم،بالىلىق ئاياللار نىڭ يەنە ئايرىم ئىكەن،ئاياللارخاتىپنى ئىكراندىن كۈرۈپ تۇرۇپ ئىختىدا قىلىدىكەن،بىر نەپەر ئاق تەنلىك خاتىپ ئەرەپ تىلىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئىنگىلىزچە تەبلىغ قىلدى ۋە خۇتۇب سۆزلىدى،مەختۇم خانىم ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىدى،قىزى پىچىرلاپ،تەرجىمە قىلىپبەرگەندىلا ئاندىن نىمە دىيىلىۋاتقانلىغىنى ئازىراق ئۇقتى،خاتىپ شەھەر باشلىغى ئىبەرىتكەن ۋەكىلنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن جۈمەنىڭ ئىككى رەكەت پەرىزىنى ئوقۇدى،ئېيتىشلىرىچە؛شەھەر باشلىغى مۇسۇلمان ئىكەن،يەنە كىلىپ ،ئۇباماغائوخشاشلا قارا تەنلىك مۇسۇلمانلاردىن ئىكەن،ئۇ كالىگارىيدىكى مەسچىتلەرگە نوۋەت بىلەن كىلىپ،جۈمە نامىزىنى ئۈتەپ بىرىدىكەن،ئۈزى كىلەلمىگەن مەسچىتلەرگە ۋەكىلىنى ئىبەرتىدىكەن.كالىگارىي ئۇنىۋېرسىتىنىڭ بۇ فروفىسورى شەھەر باشلىغى بۇلۇپ سايلانغان 7-8يىلدىن بىرى كالگارىينى بەك ئۇبدان باشقۇرغانمىش...
Caligariy islfmic centreئانچە چوڭ ئەمەس،يەر ئۈستى بىر قەۋەت،يەر ئاستى بىر قەۋەت،ھەممە نامازخانىلىرىگە كۆپ بولسا7-8يۈز نامازخان سىغسا كىرەك،ئەمما مەسچىتنىڭ ماشىنا توختۇتۇش مەيدانى خېلىلا چوڭ ئىدى،شۇنچە جامائەتنىڭ ماشىنىلىرى سىققۇدەك كەڭرى ئىدى،مەختۇم خانىم تۈنۈگۈن بارغان بازارنىڭ ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدەك كەڭرى ئىدى،تۈنجى قېتىم جۈمەئۈتەپ،مەختۇم خانىمنىڭ كۆڭلى-كۆكسى يۇرۇپ كەتكەندەك بۇلۇپ  قالغانتى،شۇ سەۋەپلىك،ماشىنا توختۇتۇش مەيدانى تېخىمۇ كەڭرى كۈرۈنۈۋاتاتتى،جاھان تېخىمۇ كەڭرى،ئاسمان تېخىمۇ ئېگىز ۋە ئۇچۇق كۈرۈنۈۋاتاتتى...
بالىلارنىڭ دوس-يارانلىرىنىڭ ھاردۇق سۇراپ كىلىشلىرى،بالىلارنىڭ كالىگارىينى كۆرسۈتۈشلىرى داۋام قىلىۋاتاتتى،ئەندى بىزمەختۇم خانىمنى بۇنداق رەسمىيەت سورۇنلىرىدىن ئېلىپ چىقىپ،ئۇنىڭغا كالىگارىينى بىرقۇر تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتەيلى،ئەگەر ئۇ بۇ شەھەرنى بىلمىسە،ئۈزىنىڭ نەدەتۇرۇۋاتقانلىغىنى بىلەلمەي قالىدۇ،

كالىگارىي شەھرى
  كالىگارىي _ كانادادىكى 5- چوڭ شەھەر،ئۇ  ئالبىرتا ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى روك تاغتىزمىلىرىنىڭ شىمالى باغرىغا جايلاشقان ئىچىكى قۇرۇقلۇق شەھرى،دېڭىز يۈزىدىنئوتتۇرىچە ئېگىزلىگى 1048مىتىر كىلىدۇ،شەرىقتىكى ئاتلانتىك ئوكيانغا4000كىلومىتىرچە،غەرىپتىكى تىنىچ ئوكيانغا 1200 كىلومىتىرچە يىراق جايلاشقان،يەرمەيدانى 789،9كىۋادىرات كىلومىتىر،
كالىگارىينىڭ مەنىسى ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇ دىگەنلىك بۇلىدۇ،ياۋرۇپالىقلار ئىندىيان دەپ ئاتىغان كىشىلەر نىڭ بۇ يەردە قاچاندىن باشلاپ ئولتۇراقلاشقانلىغى ئىنىق ئەمەس،ئەمماياۋرۇپالىق مۇستەملىكىچى كۆچمەنلەرنىڭ بۇ شەھەرگە 1770-يىللاردىن باشلاپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغانلىغى مەلۇم،ئۇلار كىلىشتىن بۇرۇنلا بۇيەردە «tsutiyna»(تىسۇ تىينا) دەپ ئاتىلىدىغان قەبلە بار ئىدى،ئۇلار مۇستەملىكىلەرنى چاۋاك چېلىپ قارشى ئالمىغان بولساكىرەك،ئۇزاق ئۆتمەي بۇ يەردە پادىشالىق ئاتلىق ساقچىلار  دائىم تۇرۇدىغان بىر ھەربى پونكىت قۇرۇلۇدۇ،ئۇلارنىڭ مۇھاپىزىتىدە ئاق تەنلىكلەر ئاستا-ئاستا كۈپۈيىدۇ،شۇنداق قىلىپ ،1911-يىلغاكەلگەندە كالىگارىينىڭ نۇپۇسى 43704 ئادەمگە يىتىدۇ،بۇ بەلكىم كالىگارىيدىكى تسۇتىينا قەبلىسىنىڭ   3000 دەك نۇپۇسىنىمۇئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن،ئاخىرى 2011-يىلغا كەلگەندە بۇ شەھەرنىڭ نۇپۇسى 1100000ئادەمدىن ئېشىپ كىتىدۇ،ئەلبەتتە بۇ سان ياۋرۇپالىقلارنىلا ئەمەس،كاناداغا كۈچۈپ بارالىغان بارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،بىز بۇ يەردە كالىگارىيغايەرلەشكەن جۇڭگۇلۇق ۋەتەنداشلارنىڭ كۈپۈيۈش ئەھۋالىغا قاراپ چىقساقلا،كالىگارىيدىكى نوپۇسنىڭ كۈپۈيۈش سۈرئىتىنى كۆز ئالدىمىزغاكەلتۈرەلەيمىز،1885-يىلى كالىگارىيدا 50 نەپەر جۇڭگۇ قان سىستىمىسىدىكى ئادەم تىزىمغا ئېلىنغان،بۇلار 1901-يىلىغا كەلگەندە 63 نەپەرگە كۈپەيگەن،1910-يىلدا 400نەپەرگە،1911-يىلدا 485 نەپەرگە، 2001-يىلى 56580 نەپەرگە،2005-يىلى 100000نەپەرگەيىتىپ كالىگارىي نۇپۇسىنىڭ 10دىن بىرىنى ئىگەللىگەن...
بۇيەردە يەنە مەختۇم خانىم كالىگارىينىڭ2001-يىلدىكى مىللەتلەر ئارا  نۇپۇسسىتاتىكىسىنى كۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن،
  شىمالى ئامىرىكا ئىندىيانلىرى                    22665 ئادەم
  ئىنگىلىزلار                                    252640ئادەم
  شوتلاندىيەلىكلەر                               189055ئادەم
  گىرمانلار                                       156505ئادەم
  ئىرلاندىيەلىكلەر                                153155ئادەم
  فىرانسوزلار                                     93165ئادەم
  ئۇكرايىنلار                                      65040ئادەم
  خەنزۇلار                                        56580ئادەم
  گۇللاندىيەلىكلەر                                40470 ئادەم
  پولەكلەر                                        39255ئادەم
  ھىندىلار (جەنۇبى ئاسىيالىقلار)                   31580 ئادەم
  نۇرۋىگىيانلار                                    30275 ئادەم
  ئىتالىيانلار                                      29120ئادەم
  روسلار                                          22115ئادەم
  شىۋىتلار                                         20800ئادەم
  پىلىپپىنلىقلار                                    17455 ئادەم
  ۋېنگىرلار                                        16075ئادەم
  ۋېتناملىقلار                                      11595ئادەم
  يۇقىرقىلار كالىگارىيدىكى نۇپۇسى ئون مىڭدىن ئارتۇق بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى،ئەلبەتتە بۇ يەردە يەنە نۇپۇسى يۇقىرقىلاردىن خىلىلا ئارتۇق بەزى مىللەتلەرمۇ بار،مەسىلەن؛ئەرەپلەر،تۈرىكلەر،شەرقىجەنۇبى ئاسىيادىن كەلگەن مالايلار،ياپۇنلار،ئافىرىقىدىن كەلگەن ھەر قايسىمىللەتلەر،ۋەھكى بالىلار ماتىريال ئالغان مەنبە بۇلارنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىغانبۇلىشى مۇمكىن،ئەمما مەسىلە جېق ئەمەس،مەختۇم خانىم پەقەت كالىگارىيدا دۇنيادىكىھەممە مىللەت كىشىلىرى بارلىغىدىن خەۋەر تاپسىلا كۇپايە،                           
   20-ئەسىرنىڭ بېشىدا، كانادانى شەرىقتىن غەرىپكەكىسىپ،كالىگارىينى بېسىپ  ئۈتىدىغان فانكانادا تاشيولى (trans Canada highway)ۋە كانادا تىنىچ ئوكيان تۈمۈر يولى(cpr)پۈتكەندىن كىيىن ،كالىگارىينىڭ تەرەققىياتى  تىزلىشىدۇ،1941-يىلى كالىگارىي ئەتىراپىدىكى مول نىفىت ۋە تەبىي گاز بايقالغاندىن كىيىن يەنىمۇ تىز تەرەققىقىلىشقا باشلايدۇ،ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ نىفىت شىركەتلىرىنىڭ باش شىتابىكالىگارىيدا.
كالىگارىي شەھرى SE,NE,SW,NW(شەرقى جەنۇپ،شەرقى شىمال،غەربى جەنۇپ،غەربى شىمال )دىن ئىبارەت 4كىۋادىرات رايۇنغا بۈلۈنگەن،شەھەرنى كىسىپ ئۈتىدىغان ياي دەرياسى(bowriver) نى جەنۇپ-شىمال ئايرىلىش سىزىغى قىلىدۇ ۋە مەركىزى چوڭ كۇچا(centre ST) نى،شۇنداقلا جەنۇبى قىسىمدىكى ماك لوئىد چوڭ يولى(macloed trail ) نى غەرىپ-شەرىق ئايرىلىش سىزىغى قىلىدۇ،شەھەر مەركىزى (dawn town)شەرقى جەنۇبى رايۇن بىلەن غەربى شىمالى رايۇننىڭ تۇتاشقان يىرىدە،شەھەر يەنە 180دىن ئارتۇق كىچىك رايۇن-مەھەللەلەرگە بۈلۈنگەن،شەھەرنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئارىلىق 40-45كىلومىتىرچە،شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئارىلىق 15-20كىلومىتىرچە كىلىدۇ،يوللار كەڭ ۋە ئىنتايىن جېق،قاتناش بەكلا راۋان ،شەھەر ئىچىدە42،1كىلومىتىرلىق ،ئىككى لىنىيەلىك شەھەر تۈمۈر يولى بار،يەنە نۇرغۇن چوڭ يۇقىرىسۈرئەتلىك يوللار بار،جەنۇپ-شىمال يۈنۈلۈشتىكى يوللار « streets » دەپ،شەرىق-غەرىپ يۈنۈلۈشتىكى يوللار « avenues» دەپ ئاتىلىدۇ،يول بەلگىلىرى،رايۇن-مەھەللە نام تاختىلىرى بەكئىنىق،ھەممە يەردە كۆزگە چىلىقىپلا تۇرۇدۇ،160 يولدا 800 ئاۋتۇبۇس قاتناپتۇرۇدۇ،ئاممىۋى قاتناش بەك قۇلاي،ماشنىسى بولسىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا شەھەرپويىزى ۋە ئاۋتۇبۇس بىلەن ئىشقا بېرىپ كىلىدۇ،كالىگارىي خەلىقئارا ئايرۇدىرۇمىمۇكانادادىكى 4- چوڭ ئايرىپورت ھىساپلىنىدۇ،

كالىگارىي شەھرىدە 3 ئالىي مەكتەپ بار،بۇلار؛
    كالىگارىي ئۇنىۋېرسىتى(university of Calgary)،جەنۇبىئالبىرتا تەبىي پەنلەر ئالىي تېخنىكومى(southern Alberta instituteoF technologe)،پادىشالىق تاغئىنىستىتۇتې(mont royal college)قاتارلىقلار،بۇنىڭ ئىچىدە كالىگارىي ئۇنىۋېرسىتى كانادا بويىچە خېلى داڭلىق،
كالىگارىي شەھرى كۆپ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت مەھكىمىسى تەرىپىدىن«دۇنيادىكى ئەڭ پاكىزە شەھەر»،«ئىنسانىيەت ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ لايىق شەھەر»دەپباھالانغان،دۆلەت ئىچىدىكى سېلىشتۇرۇشلاردىمۇ دائىم بىرىنجى بۇلۇپ كەلگەن،كانادادۆ‎لەتلىك مۇھىت مىنىستىرلىكىمۇ كالىگارىيغا «ئاپتاپلىق شەھەر» دەپ نام بەرگەن،دىمىسىمۇ بۇ شەھەرنىڭ پاكىزە ۋە رەتلىكلىگىگە،ھاۋاسىنىڭ ساپۋە يېقىشلىقلىغىغا ھېچقانداق يەر يىتىشەلمەيدۇ،بۇ يىل(2013-يىل)3- ئاينىڭ24-كۈنى،كانادادىكى «بايلىق تۇيغۇسى»(money sense) دىگەن ژۆرنال كانادادىكى 200شەھەر ئۈستىدە،1970-يىلدىن2000-يىلغىچە بولغان مۇھىتقا دائىر 70 تۈرلۈك سانلىق مەلوماتلارنى سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىنى ئىلان قىلغاندىمۇ،كالگارىي يەنىلا 31 تۈردە بىرىنجى بولدى،كالىگارىيداساياھەت نوختىسى بەك جېق،يېنىدىلا كانادا دۆلەتلىك تەبىيلىگى قوغدۇلۇدىغان بەنىفباغچا شەھىرى بار،بۇ يەردىن دۇنيادىكى نۇرغۇن كاتتا بايلار داچا سېتىۋالغان،كالگارىينىڭ ئۈزىنىمۇ،ئەتىراپىنىمۇ بىر گۈزەل باغچا دىسە ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ،مەختۇمخانىمنىڭ بالىلىرىنىڭ داچىسى مانا مۇشۇ شەھەرنىڭ غەربى جەنۇبى(SW) رايۇنىغا،شاۋنىسسىي(shawnissiy) مەھەللىسىگە جايلاشقان...
  30-ئىييۇن،شەنبە،ھاۋائۇچۇق،بۈگۈن مەختۇم خانىم بالىلىرى بىلەن ئۆيدە بولدى،تۈنجى قېتىم قىزى ۋەنەۋرىلىرىنىڭ ھەمرالىغىدا  ئۆينىڭ سىرتىغاچىقىپ،تالا-تۈزگە نەزەر سالدى،ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىدە –ئۆي شەرىققە قارىتىپ ئوڭ سېلىنغان-يول،يول بويىدا 7-8كىۋادىراتمىتىر كەلگۈدەك كۈلەمدە چىملىق،چىملىق يېنىدايەنە شۇنچىلىك كۈلەمدە ئۈستى ئۇچۇق گاراژ بار ئىدى،چىملىق ئارىسىدىكى تار چىغىربىلەن ئۆيگە كىرگىلى بۇلاتتى،ئۈستى يېپىق قىشلىق گاراژ غىمۇ كىرگىلى بۇلاتتى،خوشنىلارنىڭ داچىسى بىلەن بالىلارنىڭ داچىسى ئارىسىدا ئىككى مىتىر كەڭلىكتە تار ئارىلىققالدۇرۇلغان ئىدى،ئەشۇ ئارىلىق بىلەن ئارقىغا ئۆتسە،ئارقىدا  ئوخشاشلا 60-70كىۋادىراتمىتىر كەلگۈدەك چىملىقبار ئىدى، ئالدى چىملىقتىكىگە ئوخشاشلا ئارقا چىملىقتىمۇ ئىككى –ئۈچ تۈپتىن قارىغاي ،ئىرەن ،ئاق قېيىن قاتارلىق دەررەخلەر بار ئىدى،ئىنچىكە سىم رىشاتكا بىلەن ئايرىلغان خۇسۇسى چىملىقنىڭ نېرىسى ئاممىۋى باغچا-ئۇيەرمۇ چىملىق،دەرەخلىك –ئىدى،ھەممەيەر ياپ-يېشىل،بەك گۈزەل كۈرۈنەتتى،ئاممىۋى باغچا بىر يار-جىلغىنىڭ ئىچى ۋەقىرغاقلىرى،قىرغاقلار سۇزۇلۇپ يىراقتىكى چىملىق مەيدانلارغا تۇتىشاتتى،بالىلارنىڭداچىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە،100 مىتىردەك يىراقتا باشلانغۇچ مەكتەپ،ئارقىسىدا-ھېلىقى ئاممىۋى باغچا ۋە مەيدانلارنىڭ نېرىسىدا،300مىتىردەك يىراقتا تۇلۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپ بار ئىدى،ئىككى مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى چىملىق مەيدانلار بىر-بىرىگە تۇتىشاتتى،مەختۇم خانىم قىزى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن ئەشۇ مەيدانلاردا سەيلى قىلدى،مەكتەپلەر يىنىغامەخسۇس بالىلار ئۈچۈن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ھەرخىل ئۇيۇنچۇقلاردا نەۋرىلىرىنىڭ ئويناشلىرىنى كۆردى،ئىلەڭگۈچ ئۇچۇشلىرىنى،سىرىلىشلىرىنى تاماشا قىلدى،چىملىق ياقىلىرىغا قويۇلغان يۈلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ،سۈزۈك ئاسمانغا،يېشىلدالىلارغا قارىدى...شۇ تاپتا مەختۇم خانىمنىڭ قەلبىدە بەخىت ناخشىسى ياڭرايىتتى،كۆزلىرىدىن بەخىت نۇرلىرى چېچىلاتتى،بەخىت ئۇ ۋە بالىلىرىنىڭ ئەتىراپىدىلا ئايلىناتتى،غەم ۋە ئەندىشە قاياقلارغىدۇ غايىپ بولغان ئىدى،ئاھ،بالىلاربىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۈنلەردىنمۇ تاتلىقراق نىمە بار بۇ جاھاندا!؟بۇلۇپمۇ ئانائۈچۈن بالىدىن سۈيۈملۈك نىمە بار بۇ جاھاندا!؟

1-ئىييۇل،يەكشەنبە،
ھاۋا ئۇچۇق،زەڭگەر ئاسماندا بۇلۇتتىن ئەسەر يوق،تىمپىراتۇرا22-24 ئەتىراپىدا بولسا كىرەك،بەكلا راھەت... بۈگۈن مۇشۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى،ئۆزلىرى بۇ كۈننى «كانادا كۈنى» دەپ ئاتىشىدىكەن،مەختۇم خانىم ئالدىنقى كۈنلىرى ئوقۇغان تۇنۇشتۇرمىدىن كانادالىقلارنىڭ 1867-يىلى مۇشۇ كۈندە ئۆز ئالدىغادۆلەت قۇرغانلىغىنى جاكالىغانلىغىنى،ئەنگىلىيە تەرەپنىڭ 1926 –يىلغا كەلگەندەئاندىن ئۇلارنىڭ تەڭ دەرىجىلىك ئورنىنى ئىتىراپ قىلغانلىغىنى ئوقۇغان ئىدى،بۈگۈن كالىنداردىكى قىزىل بەلگىنى كۈرۈپلا شۇلارنى ئەسكە ئالدى،بۇنداق كۈن ھەر قانداق دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم كۈن، كاتتا بايرام قىلىدىغان كۈن ھىساپلىناتتى،بۇ يەردىمۇشۇنداق بۇلىدىكەن،ئەتتىگەن سائەت 10 لاردىن ئاشقاندا بالىلار مەختۇم خانىمنى شەھەر مەركىزى(dawn tawun) گەبايرامنى كۆرسەتكىلى ئاپاردى،«dawn tawn»-چۇقۇربازار دىگەن مەنىدە ئىكەن،بۇ ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ۋە چوڭ شىركەتلەرنىڭ شىتاپلىرىجايلاشقان يەركەن،30-40قەۋەتلىك ئېگىز بىنالار بىر –بىرى بىلەن بوي تالىشىپ ،كۆككەسانچىلىپ تۇرىدىكەن،ئېيتىشلىرىچە؛ھەممە بىنالارنى ئۆز –ئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بوشلۇق يوللىرى ۋە ئاسما كۆۋرۈكلەر بارمىش،بىر بىناغا كىرىۋالسا،ھەممەبىنالارغائۈتۈشكە بۇلارمىش،خۇددى تەكلىماكان ھەققىدىكى رىۋايەتتە «...ئۆگزىگە چىقىپ قالغان توخۇ يەرگە چۈشمەي ،ئۆگزىلەردە دانلىغان پېتى ئاقسۇغا كىتىپ قالىدىكەن...» دىيىلگەندەك،پۈتۈنلەي ئىككى قەۋەتلىك داچا ۋە بىر قەۋەتلىك چوڭ تاللا بازارلىرىدىن قۇرۇلغان كالىگارىي ئۈچۈن ئېيىتقاندا،بۇ يەرنى ھەقىقىتەنمۇ شەھەر مەركىزى دىيىشكەبۇلاتتى،
  مەختۇم خانىملار شەھەر مەركىزىگە يىتىپ بارغاندا،ئەشۇ چۇقۇر بازارنىڭ يېنىدىكى،بوۋ (ياي) دەرياسى بويىدىكى شاھزادە چارلىسباغچىسىدا بايراملىق پائالىيەتلەر _ئويۇن-كونسىرىتلار،يەرمەنكىلەر،سەيلى-ساياھەتلەر قىزىپ كەتكەن ئىدى،كالىگارىيغاكەلگەن ئالتە كۈندىن بىرى،تۈزۈكرەك ئادەم كۆرمىگەن مەختۇم خانىم بۇ يەردە شۇنداق كۆپ ئادەملەرنى كۆردىكى؛بۇنى مىغ-مىغ دەپ سۈپەتلەشكە بۇلاتتى،ھەر رەڭ-ھەر ئېرىقتىن،دۇنيادابار بارچە مىللەت -بارچە قەۋىمدىن ،ھېچكىم كەم قالمىغاندەك قىلاتتى،گۇيا بۇ يەردەقەۋىملار كۆرگەزمىسى ئېچىلىۋاتقاندەك.رەڭگارەڭ كىيىملەر جەۋلان قىلاتتى،رەڭگارەڭ سىمالار كۈلكە چاچاتتى،مىڭ ياڭزا زۇۋان شاۋقۇن كۈتىرەتتى،تىرىسى ئاق ۋە سۈتۈنكەلگەن شەرقى ئاسىيالىقلار،بۇغداي ئۆڭلۈك،چوڭ كۆزلۈك جەنۇبى ئاسىيالىقلار،بېشىغاھەر دائىم سەللە ئۇراپ يۈرۈيدىغان شىكلار،ھەممە يېرىنى يۆگەپ يۈرۈيدىغان ئەرەپ ۋەئەجەملەر،يالىڭاچ دىگۈدەك يۈرۈيدىغان لار،يېرىم يالىڭاچلار ،نېگىرلار ۋەئىندىيانلار،قارا كۆزلۈك ۋە كۆك كۆزلۈكلەر،سېرىق چاچلىق ۋە قارا چاچلىقلار،ئۇزۇن چاچلىقلار ۋە بۈدىرە چاچلىقلار،پاناقلار ۋە قاڭشارلىقلار،ئىگىزلەر ۋەپاكارلار،سىمىزلەر ۋە ئورۇقلار،سەتلەر ۋە ئۇزلار...ھەممىسى بار ئىدى، ھەممىسى خۇشال ۋە غەمسىز كۈرۈنەتتى، ھەممىسى مۇشۇ كانادانىڭ ئىگىلىرى ئىدى،بەزىلىرى قولىداكانادانىڭ ئىرەن ياپراقلىق بايرىغىنى كۈتۈرۈۋالغانىدى،مەختۇم خانىم سېرىق چاچ، كۆككۆز ئاق تەنلىكلەرنىڭ قايسى ئىنگىلىز،قايسى فىرانسوز،قايسى نىمىس...بۇلارنى راسائاڭقىرالمىدى،ئەمەلىيەتتىمۇ ئاڭقىرغىلى بولمايىتتى،شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپلا پەرەڭ دەپ ئاتىدى،بۇ ئاتا-بوۋىلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن كىلەتتى،شۇنداقلائەشۇلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغىمۇ ئۇيغۇن كىلەتتى، يېشى چۇڭايغان پەرەڭ خۇتۇنلارنىڭ تىرىسىنىڭ كۈرۈمسىزلىگى مەختۇم خانىىمنى قانچىلىك ئەجەپلەندۈرسە،ئۇلارنىڭ ئۇنى يۇشۇرماي، ئەكسىچە  يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشلىرى ئۇنى تېخىمۇ بەك ئەجەپلەندۈردى،ئۇڭايلا قورۇق چۈشۈپ،پۈرۈم-پۈرۈم بۇلۇپ كەتكەن ئەشۇ چىرايلارنى ھەقىقىتەنمۇ ئۇز دىگىلى بولمايىتتى مەختۇم خانىم ئەشۇلارنى كۈزەتكەچ،بالىلىرىغا ئەگىشىپ ،يەرمەنكىلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ كەتتى،كاتتا يىغىن ئېچىلمىغان،يىغىن سەھنىسىدە بايراقلار لەپىلدىمىگەن،پاراتلارئۆتكۈزۈلمىگەن،داقا-دۇمباقلار ياڭرىمىغان،كاتتىلار ئۇزۇندىن-ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلىمىگەن مۇشۇ بايرام پائالىيەتلىرىدە يەرمەنكە ئاساسلىق پائالىيەتتەك قىلاتتى،ئەمما بۇلار سودا يەرمەنكىسى ئەمەس،بەلكى پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسى، يىڭىلىقلارنى تۇنۇشتۇرۇش يەرمەنكىسى،مىللى ئۆرپى-ئادەتلەرنى نامايەن قىلىش يەرمەنكىسى،ھەرقايسى قەۋىملەرنىڭ يىراقتا قالغان ۋەتەنلىرىنى ئەسلەش يەرمەنكىسىدەك قىلاتتى،مەختۇمخانىم كۆردىكى؛بىر يەردە سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار دۆلىتىنى تۇنۇشتۇرىۋېتىپتۇ،بىريەردە قانداقتۇ بىر ئىسلام ئۈممەسى  پەلەستىنلىكلەر،سورىيەلىكلەر،ۋە يەنە باشقاقىيىنچىلىقتا قالغانلار ئۈچۈن ئىئانە يىغىۋېتىپتۇ،يەنە بىر يەردە كانادائىندىيانلىرى ئىندىيانچە كىيىنىپ،ئىندىيانچە توۋىلاپ،ئۇسسۇل ئويناۋېتىپتۇ،شەھەردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئەڭ يىڭى ۋودىپورۋۇت ئەسلىھەلىرىنى كۆرگەزمە قىلغاچ سۇبىلەن تەمىنلەپ تۇرۇپتۇ،تازىلىق ئورگانلىرى ئەڭ ياخشى تازىلىق سايمانلىرىنى كۆرگەزمە قىلىۋېتىپتۇ،بىر چىرايلىق پەرەڭ قىز ئالدىغا ئىسكىرىپكا قېپىنى قۇيۇپ،گۈزەل پەدىلەرگە ئىسكىرىپكا چېلىۋېتىپتۇ،ئىندىيانچە كىيىنگەن،جوھۇتچەكىيىنگەن،قەدىمقى ئىنگىلىزلارچە كىيىنگەن مودىللار كىشىلەرنى بىللە رەسىمگەچۈشۈشكە جەلىپ قىلىۋېتىپتۇ...قارىغاندا كىشىلەر ھېچ بىر ھوقۇقلۇق ئورگاننىڭ ئۇيۇشتۇرىشىسىز،ئىستىخىيەلىك ھالدا بايرام ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ،دۆلەت كۈنىنى قۇتلۇقلاۋاتقاندەك قىلاتتى...
   كۈرۈنۈشلەرمەختۇم خانىمغا تەسىر قىلدى،ئۈزىنى خوشھال سەزدى،كۆزلىرىگە ياش كەلدى،دىمىسىمۇئادەملەرنى بەخىتلىك ھالدا كۈرۈشنىڭ ئۈزىمۇ ئادەمدە بەخىت تۇيغۇسى پەيدا قىلاتتى،ئاھ،نىمەدىگەن ئەركىن –ئازادە خەخ بۇ!؟
   ئازىراق يامغۇرتېمىشتى،ياغاي دەپ ياغالمىغان ھاۋا كىشىلەرنىڭ كەيپىيياتىنى قىلچەبۇزالمىدى،مەختۇم خانىم نەۋرىلىرى بىلەن چىملىققا داستۇرخان سېلىپ،ئۆيدە تەييارلاپ كەلگەن تاتلىق تۇرۇملار بىلەن چۈشلۈك غىزالاندى،ئۇندىن كىيىن يەنە بوۋ دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىنى بويلاپ،شاھزادە چارلىس باغچىسىدىكى بايرامنى تاماشا قىلىشنى داۋاملاشتۇردى،بوۋ دەرياسىدىكى ئۆردەكلەر كىچىك نەۋرە بانۇنى جەلىپ قىلىۋالدى،ئۇقىرغاقتا يۈگىرەپ دان چاچسا ئۆردەكلەر غاقىلدىشىپ ئۇچۇپ كىلەتتى،قارىغاندا، ياۋا ئۆردەك-ياۋاغازلار كىشىلەرنىڭ دان چېچىپ بىرىشىگە كۈنۈپ قالغاندەك تۇراتتى،كەچتە يېنىشتا،كىيو ئوغۇل ماشىنىنى باشقا بىر يول بىلەن ھەيدەپ،بوۋ دەرياسىنىڭ شەرقىقىرغىقىدىكى ئىگىز قىيانىڭ ئۈستىگە چىقتى،بۇ يەر راستىنلا خېلى ئېگىز جايئىدى،مەختۇم خانىمنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتۈن كالىگارىي ئايان بولدى،كالىگارىينىڭ بوۋدەرياسى ساھىلىدىكى ئېگىز –پەس ئېدىرلىققا جايلاشقانلىغىنى ئىنىق كۆردى،كالىگارىيشەھرى مۇشۇ ئېگىز –پەس ئېدىرلىقتا يېيىلىپ ياتاتتى ياكى مۇشۇ ئېگىز –پەسئېدىرلىقلار ئارىسىغا كالىگارىي يۇشۇرنۇپ ياتاتتى،ئېگىزدە تۇرسا يىراقنى كۆرگىلىبولىدۇ ئەمەسمۇ،ئەندى مەختۇم خانىم چۇقۇر بازار(dawn tawn) نىلا ئەمەس پۈتۈن كالىگارىينى ئىنىق كۈرۈۋاتاتتى،ئەمما راستىنىئېيىتقاندا،مەختۇم خانىمنىڭ كۆرگىنى شەھەر مەركىزىنىڭ بىر يان تەرىپى ۋەكالىگارىينىڭ ئاز بىر قىسمىلا بولىشى مۇمكىن،كالىگارىي دىگەن زىمىن ۋە ئىمارەتلائەمەسقۇ،بۇ يەردە تۇرۇپ كالىگارىيلىقلارنى ،ئۇلارنىڭئوي-خىياللىرىنى،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇدە،تۇرمۇشلىرىنى كۆرگىلىبولمايدۇدە،تېخى كالىگارىينىڭ سىرىتقى كۈرۈنۈشلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدىرلىقنىڭنېرىسىغا،جىلغىلارغا،يارلار ئىچىگە جايلاشقان بولسىچۇ،ھەي،ھەرگىز كۆزنىڭكۆرگىنىگىلا ئىشەنمەسلىك كىرەك...
قىياغا بوۋدەرياسى بويىغا چۈشۈدىغان پەشتاق ياساپ قۇيۇپتۇ،بۇ بۇيەرنىڭ بىر ساياھەت نوختىسى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتەتتى،ھازىرقىى زاماندا كىشىلەر كىچىككىنە مەنزىرىسى بارجايلارنىمۇ بوش قويمايدىغان بولغاندى ،
  چوڭ نەۋرە -17ياشلىق بابۇر مۇمىسى بىلەن مەنزىرىلەرنى كىرىشتۈرۈپ  بىر قانچە پارچە رەسىم تارىتتى،ئۇنىڭغا كەسپىفۇتۇ گىرافلارنىڭ ئاپپارات-سايمانلىرى ئېلىپ بىرىلگەن بۇلۇپ،رەسىم تارتىشنى خېلى يامان ئەمەس ئۈگۈنۈپ قالغانتى،بابۇرنىڭ ئانىسىمۇ تىلىفۇنىدا رەسىم تارتىۋاتاتتى، بۈگۈنكى زامان كىليونكا زامانى ئەمەس ئىدى،ھەرقانچە كۆپ رەسىم تارىتسىمۇ كىليونكا-نىگاتىپكىتىدىغان ئىش يوقتى،نىمىگە ھۇرۇنلۇق قىلىسەن بالام،تارتىۋەر،بىز بۇ رەسىملەرنى قايىتقاندا ئېلىپ كىتىمىز،يۇرىتتىكىلەرگە كۆرسىتىمىز،ھەربىر تارىتقان رەسىمىڭنى قىزىقىپ كۈرۈدىغان ئادەم بۇلىدۇ...
    مەختۇم خانىمنىڭ بوۋېيى سەل خاپىدەك كۈرۈنەتتى،ئۇ يۇرىتتىن ئېلىپ كەلگەن رەسىم ئاپپارتىنىئىشلىتىشنى ئۈگىنەلمەي جىلە بۇلۇپ يۈرەتتى،بۈگۈنمۇ رەسىم تارتالمىغىنىغائەپسۇسلانغان بولىشى مۇمكىن،شۇڭا سەل تۇتۇلۇپ قالغانتى،ئەمەلىيەتتە ئۇ رەسىم ئاپپاراتىنى ئۈگىنەلمەيۋاتقان ئىش يوقتى،پەقەت ئاپپاراتنىڭ توكى يوقتى،220ۋولىتلىقتوك ئىشلىتىدىغان دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈسكۈنېگە 110ۋولىتلىق توك ئىشلىتىدىغان بۇ يەردە توك قاچىلىغىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايىتتى،220 ۋولىتلىق توكبېسىمىنى 110 ۋولىتلىق بېسىمغا ئۆزگەرتىدىغان سايمان ئالسام بولاتتى دەپ يۈرەتتى،ئەمما نەدىن ئېلىشنى بىلمەيىتتى،ئۇ بۇ ئىشلارنى كىيوئوغۇلغا ئېيتىشى كىرەكتى،لىكىن نىمىشقىدۇر ئېيتالماي يۈرەتتى،مانا بۈگۈن ئاخىرى بۇ ئىشنىڭ قېپىتىشىلدى،كىيو ئوغۇل بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە«ھازىرقى زامان ئىلىكتىرئۈسكىنىلىرى ھەر خىل بېسىملىق توكلارنى قاچىلىغىلى بولىدىغان قىلىپ ياسىلىدۇ،ئۇلارمۇ ئشىكنى ئېچىۋەتكىلى خېلى يىللار بۇلۇپ قالدى ،ئۇنداق ياسىمىغاندۇ،قېنى ئۆيگە بارغاندا مەن بىر كۈرۈپ باقاي...»
ئەندى گەپ بۈگۈنكى تەسىراتلارغا ئالماشتى،مەختۇم خانىم نىڭ بۈگۈن ئەڭ ھەيران قالغىنى ؛ساقچى ياكى ئەسكىرى پاتىروللارنى كۆرمىگىنى ئىدى،خانىم بۇنداق ھاياتقا سەل قورۇنۇپراق كۆنسە كىرەك،كۆپ مىللەتلىك كۈرۈنۈش مۇ ھەيرانلىق پەيدا قىلىدىغان ئىشلاردىن ئىدى،يالىڭاچلىنىش ھەم شۇ جۈملىدىن ئىدى،قارىغاندا ،مەختۇم خانىمنىڭ بۈگۈنكىتەسىراتلىرىنى ئۇڭايلا خۇلاسىلاپ بولغىلى بولىدىغاندەك ئەمەستى،بۇنى مەختۇم خانىميۇرىتقا قايىتقاندا ئۇزۇنغىچە سۆزلەپ يۈرىشى مۇمكىن،بۇ چۇقۇم شۇنداق بۇلاتتى...
  قايتىشتا،بالىلاربىر تويۇتا مەخسۇس سېتىش بازىرىغا كىرىپ چىقتى،كىيوئوغۇلنىڭ پىكاۋىدىن ئازىراق  چاتاق چىققانتى،تۇرۇپ-تۇرۇپ ،بىر ئۇبدان كىتىۋاتقاندا ماتۇر ئۈچۈۋالىدىغان بۇلۇپ قالغانتى،شۇڭا ئۇ يىڭى پىكاپ ئېلىش كويىدائىدى،مەختۇم خانىم بالىلىرى بىلەن بىللە كىرمىدى،ئۇ ھېرىپ كەتكەنتى،كىرسىمۇبەرىبىر ھېچنىمىنى ئۇقالمايىتتى،ئۇ ماشىنا توغىرىسىدا ،ماشىنىغا ئولتۇرۇشتىن باشقاھېچ نىمە بىلمەيىتتى،نە ماشىنىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئوقۇيالىسۇن ۋە نەئېنگىلىزچە گەپلەرنى ئۇقالىسۇن؟ئۇ ئەندى بۇيەردە تىلسىز،زۇۋانسىز،ساۋاتسىز بىرتومپاي خوتۇنغا ئايلانغاندى،ئۇ تويوتا ماشىنىلىرىنى مەخسۇس سېتىش مەيدانىغا كىرىپ كەتكەن بالىلىرىنى ساقلىغاچ ئەشۇلارنى ئويلاپ خۇرسىنىپ قويدى،  تىلسىزلىق بىر ئادەم ئۈچۈن ئانچە راھەتلىنەرلىكھالەت ئەمەس ئىدى.مەختۇم خانىم كانادانىڭ ئەھۋالىنى چۈشۈنەي دىسە،چوقوم بالىلىرىدىن سورىشى،توختىماي ،تارتىنماي سۇراپ بىلىشى كىرەك ئىدى،شۇنداق قىلغاندىلائاندىن بۇ يەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلەيىتتى،ئۇ شۇنداق قىلىش قارارىغا كەلدى،شۇنداققىلمايمۇ ئامال يوق ئىدى...

كانادا دىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى ھەققىدە ھىكايە
   بۇ مەختۇم خانىم سۇراپ بىلگەن بىرىنجى ئەھۋال ئىدى،كاناداغا ئۇيغۇرلار قاچاندىن باشلاپ كۈچۈپ كىرىشكە باشلىغان؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن بەك ئۇزاقتا قالغان تارىخقاقايتىپ بېرىش كىرەك،كىيىنكى زامان تارىخچىلىرىنىڭ ئېسپاتلاشلىرىچە؛شىمالى ئامىرىكائىندىيانلىرى ئەسلى شىمالى ئاسىيادىن –سېبىرىيەنىڭ شىمالى  ئارقىلىق ،بىرىنگى بوغىزىدىن ئۈتۈپ –كۈچۈپ كەلگەنلەرئىكەن،شۇنداق بولسا،بۇلارچوقۇمكى ؛تارىخنىڭ ئاۋالىسىدىن تاكى ھازىرغىچە شىمالى ئاسىيادا ياشاپ كەلگەن ھون –تۈرىك-ئۇيغۇرلارنىڭ ئەژدادلىرىدىن بولىدۇ،بۇلارئاخىرقى قېتىممۇ ،چىڭگىزخان دەۋېر سۈرگەن يىللاردا ،خوتەن ۋە كۇچارلاردىن كۈچۈپكانادا ۋە ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرىغىچە يىتىپ كىلىشكەن دىيىلىدۇ،بۇ، ياۋرۇپالىقكۇلۇمبۇ ئاتلانتىك ئوكياننى كىسىپ ئۈتۈپ، ئامىرىكا قىتئەسىگە كىلىشتىن 150 يىلچەبۇرۇنقى ئىش ئىدى،كانادا دىگەن سۆزنىڭ تۈرىك –ئۇيغۇرچىدىكى كەنىت سۈزىدىنئۆزگەرگەن سۆز لىگى توغىرىسىدىكى مەلۇماتمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ،يوقىرقى ئىسپاتلارغائاساسلانغاندا،ئۇيغۇرلار كاناداغا نەچچە يۈز-نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا كۈچۈپكىلىشكە باشلىغان بولىدۇ،ۋاھالەنكى؛ كىيىنكى چاغلاردا ،ئۇيغۇرلار بۇ يۇرىتنى ئۇنتۇپ قېلىشتى،ئەژداتلىرى ماڭغان يوللارنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشتى،ئەشۇ ئۇنتۇغاق پېتى ھازىرقىزامانغا يىتىپ كىلىشتى،ھازىرقىلارنىڭ-كانادادا ياشاۋاتقانلارنىڭ سۆزلەپ بىرىشىچە؛  كانادادىكى ھازىرقى زامان تۈنجى ئۇيغۇر كۆچمىنى(تۈرىك-ھونئەۋلادلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا) 1990-يىللىرى نىڭ بېشىدا كۈچۈپ كىرىش روخسىتىگەئىرىشكەن بولسا كىرەك،بەزىلەر بۇ تۈنجى ئۇيغۇر كۆچمەننى ئەشۇ يىللىرى قاتناش نازارىتىگە نازىر بولغان ئامان ھاجىيۇپنىڭ ئىنىسى ئىدى دىيىشىدۇ،يەنە بەزىلەرقارامايلىق دىلشات قاسىم دىگەن يىگىت ئىدى دىيىشىدۇ، بەزىلەر چاقچاق قىلىپ تۈنجى كۆچمەن ئاتۇشلۇق ئىدى دىيىشسە ،يەنە بەزىلەر قىرىغىزىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىدىدىيىشىدۇ،قانداقلا بولمىسۇن،مۇشۇ يىراقتىكى مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىگە ئەشۇ يىللىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭمۇ راستىنلا  قەدىمى يىتدۇ، ئۇلار قەدىمى ئەژدادلىرىنىڭ ئىزلىرىنى ئاخىرى تېپىشىدۇ...كىيىن ئەشۇ قارامايلىق دىلشات قاسىم دىگەن يىگىتنىڭ تىرىشچانلىغى نەتىجىسىدە ۋە باشقا يوللار بىلەن كانادادىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئاستا-ئاستا كۈپۈيۈدۇ،ھازىر 2000 نوپۇستىن ئارتۇقراق ئۇيغۇر كانادادىكى ھەر قايسى شەھەرلەردە ياشاۋاتىدۇ دىيىلىدۇ...
   مەختۇم خانىم يىتىپ كەلگەن كالىگارىي دىمۇ 50-60چە ئائىلە،200-300چە ئۇيغۇرياشاۋاتاتتى،بەزىلىرىنىڭ كۈچۈپ كەلگىنىگە 15 يىلچە بولغان بولسا،بەزىلەرنىڭ كەلگىنىگە ئەندى ئىككى- ئۈچ يىل بولغانتى،بۇلارنىڭ ئىچىدە غولجىلىقلار كۆپرەك،قالغانلىرى ھەرقايسى يەرلىكلەر ئىدى،، خۇتەنلىكلەرنىڭ كۆپلىرى مەختۇم خانىمنىڭ كىيو ئوغلىنىڭ ساۋاقداشلىرى ياكى ئۇنىڭ ئاغىينىلىرى ئىدى،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى تارىخ پاكولتىتىنىڭ مۇشۇ ياش ئوقۇتقۇچىسى 1998-يىلى قانداقتۇ بىر شىركەتنىڭ بازارتەكشۈرگۈچىسى نامىدا كاناداغا كىرىۋالغاندىن كىيىن ،تىرىشىپ يۈرۈپ، كانادادا ئولتۇراقلىشىش ئىجازەتنامىسىگە –ئىرەن ياپرىغى سۈرەتلىك كارتىغا ئىرىشىدۇ،ئارقىدىنلابالا-چاقىلىرىنى،ئاغىينە،دوس-يارانلىرىنى ئەكەلدۈرۈشكە باشلايدۇ،بۇ خۇددى يولنى بىلىۋالغان بىر كىشى باشقىلارنى باشلاپ كەلگەندەكلا ئىش ئىدى،ئۇ بۇنى،بۇ ئۇنى تارتىشىپ،كانادادىكى ئۇيغۇرلار ئاستا-ئاستا كۈپۈيۈدۇ،كانادا جەمىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئىشلەپ ،مۇشۇ كۆپ مىللەتلىك،كۆپ ئېرىقلىق كۆچمەنلەر دۆلىتىنىڭ روناق تېپىشىغا ھەسسە قوشۇشۇدۇ،تېخى ئۆزلىرىنى مۇشۇ دۆلەتنىڭ خۇجايىنلىرىدەك ھېس قىلىشىدۇ،دىمىسىمۇ ئۇلار راستىنلامۇشۇ دۆلەتنىڭ ھەقىيقى خۇجايىنلىرىغا ئايلانغان ئىدى،بۇ يەردە ئىندىيانلاردىن باشقا ھېچكىم يەرلىك خەلىق ھىساپلانمايىتتى،ھەممىسى كۆچمەن ئىدى،پەقەت كۈچۈپ كىلىشتىكى ئىلگىرى كىيىنلىك پەرقىلا بار ئىدى،خالاس.شۇڭا بۇ يەردە سەن پالانچى،مەنپوكۇنچى،سەن ئانداقچى،مەن مۇنداقچى دىگەن گەپلەر بولۇنمايىتتى،ھەممە كىشى مۇشۇدۆلەتنىڭ ئىگىسى،خۇجايىنى ئىدى،
   مەختۇم خانىمنىڭ ۋەتەندە خېلى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ،يەنە ئالىي مەكتەپلەردە خىزمەت قىلغان قىزى ۋە كىيو ئوغلى بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن ، يەنە بىر ياقتىن ئىشلەپ،بىرياقتىن ئوقۇپ،باشقا بىر كەسىپ- بۇغالتىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈدۈ،ھازىر كىيو ئوغۇل ئۈمەرجان بىر بۇغالتىرلىق شىركىتىدە ،قىزى زۆھرە گۈل بولسا ئىككى ئورۇندىكى تاللابازىرىدا بۇغالتىرلىق قىلاتتى،كىرىمى خېلى يامان ئەمەس،ھۈكۈمەتنى رازى قىىلغۇدەك باژ تاپشۇرۇپ تۇراتتى،ئۇلار تاپشۇرغان باژ يىتەرلىك بولغاچقا،مەختۇم خانىمنىڭ كانادائەلچىخانىسىدىن ۋىيزا ئالمىقىمۇ ئاسان بولغانتى،
بۇ  يەردە ياشاۋاتقان باشقا ۋتەنداشلاردىن ئوقۇپ ئاق ياقىلىقلار قاتلىمىدىن خىزمەت تاپقانلارمۇ،ئوقۇماي كۆك ياقىلىقلار قاتارىدا ئىشلەۋاتقانلارمۇ باتتى، كىرىم –تاپاۋەتلىرى ئۇبدانتى ،ھەممىسى ئىسىل ماشىنا،ئىسىل داچا –ئۆي سېتىۋېلىشقائۈلگۈرگەنتى،پەرزەنىتلىرىنى ياخشى شارايىتتا ئوقۇتۇۋاتاتتى،كانادا جەمىيىتىنىڭ مۈكەممەل پاراۋانلىق تۈزۈمىدىن،كانادانىڭ گۈزەل،بۇلغانمىغان مۇھىتىدىن  بەھىرلىنەتتى،ئۇلاردا يىراقتا قالغان ۋەتەن سېغىنىشى ۋە قېرىنداش،ئۇرۇق-تۇققان سېغىنىشىدىن ئۆزگە غەم يوقتى.ۋەتەن سېغىنىشى ئۇلارنى كىچە-كۈندۈز ئازاپلاپ تۇرىدىغان بىردىن-بىر دەرىت ئىدى،،ۋەتەن سېغىنىشى دىگەن ۋەتەندىن ئايرىلغان ۋاخىت ئۇزارغانسىرى سوسلاشماي ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچۈيۈپ بارىدىغان بىر تۇيغۇ ئىدى،تۇرمۇشلىرى ياخشىلانغانسىرى شۇنچە كۈچۈيۈپ كىتەتتى،4-5يىلدا بىر قېتىم بېرىپ كۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن يەنىمۇ بەكرەك ئۇلغۇيۇپ كىتەتتى،مۇشۇتۇيغۇ ھەققىدە ،يېرىم ئەسىرچە ئىلگىرى،ۋەتەندىن بىر ئايچە ئايرىلىپ،ئۇلۇقھەج-تاۋاپ پائالىيىتىگە مۇشەررەپ بولغان نىم شېھىت ئىلى ئارمىيە دامۇللام:
    « سېغىندىممەن،سېغىندىممەن،سېغىندىم،
    ۋەتەن سېنى تەشنا بۇلۇپ سېغىندىم،
     مېھرىڭ تولغان يۈرىگىمدە سېغىندىم،
     دولقۇنلىغان كۆكرىگىمدە سېغىندىم.
     
     ئۆلسەم تېنىم قۇچىغىڭدىن جاي ئالسۇن!
     پاك ۋەتىنىم روھىم سەندە شاتلانسۇن!
     شۇنىڭ ئۈچۈن،تىزرەك ساڭا يەتسەم دەپ،
     تۆت كۆز بىلەن كىچە-كۈندۈز سېغىندىم.
     بۇ كەمگىچە ئايرىلمىغاچ سېنىڭدىن،
     لەززەتلىنىپ شىرىن شەرۋەتلىرىڭدىن،
     يولغا چىققاچ قەدرىڭ ئۆتتى جېنىمدىن،
     تۇپرىغىڭنى كۆزگە سۈرتەي ،سېغىندىم.»
دەپ يازغانتى،تېخى يېقىندا بولسا، تۈركىيە تەرەپكە سەككىز - ئون كۈنلۈك ساياھەتكەبارغان مەمەت ئەيسا قۇربانمۇ خۇددى نىم شېھىتكەئوخشاشلا:
            «چەتتە يۈرۈپ نەچچە كۈن ۋەتەن سىنى سېغىندىم،
            ئانا يۇرتۇم، ئۇز يۇرتۇم خوتەن سېنى سېغىندىم»
   دەپ كۆيلىدى.بىرئايلىق، سەككىز-ئون كۈنلۈك سېغىنىش شۇنچىۋىلا بولغان يەردە،ئۆمۈرلۈك سېغىنىش قانچىلىك بولماقچى؟بۇ يەردىكى كۆچمەن بالىلارنىڭ يۈرەكلىرىنىڭ كاۋاپ بۇلۇپ كەتتكەنلىگىنى پەرەز قىلىشقا بۇلىدۇ،ئۇلارنىڭ ۋەتەن ئىشقىدا بىيدا-بىيدا بۇلۇپ كەتكەنلىگىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.«ۋەتەن دىگەن سىنىڭ خەلقىڭدۇر»،ۋەتەن سېغىنىشىغا ئاتا-ئانا سېغىنىشى،بالا-پەرزەنىت سېغىنىشى،ئۇرۇق-تۇققان سېغىنىشى،دوسىت-ياران سېغىنىشى...ھەممىسى مۈجەسسەم،ھەممىسى جەم بولسا،يۈرەكلەركاۋاپ بۇلۇپ كەتمىسۈنمۇ؟ئەشۇ كالىگارىيدا ئولتۇرۇشلۇق گۇلشاد خېنىم مەختۇمخانىمغا :«ئۆزلىرىگە خۇدايىم يول بىرىپ بۇيەرگە كىلىشكە نىسىپ قىپتۇ،ئەگەر بۇ يىلكىلەلمەي قالغان بولسىلا،قىزلىرى زۆھرە گۈلنىڭ يۈرۈگى سۇ بۇلۇپ كىتەتتى،سېغىنىشتىن ئىرىپ سۇدەك بۇلۇپ كىتەتتى ،بىچارە دوستۇم كىچە-كۈندۈز سىلىنىڭلاگەپلىرىنى قىلىدىغان بۇلۇپ قالغانتى...»دىدى،بۇ گەپ راسىت ،بۇنىڭغا شەكسىزئىشىنىشكە بۇلىدۇ،ھەربىر مۇساپىردا چۇقۇم مۇشۇنداق كۈچلۈك سېغىنىش ھالىتى بۇلىدۇ،ئاھ سېغىنىش ،ساڭا گىرىپتار بولمىغان مۇساپىر بارمۇ؟ساڭا مۇپتىلا بولمىغانئايرىلغۇچى بارمۇ؟ۋىسال دەملىرىگە تەشنا بولمىغان كۆچمەن بارمۇ؟...

2- ئىييۇلدىن 6-ئىييۇلغىچە،ھاۋا ئوچۇق.
   مۇشۇ بىر ھەپتەمەختۇم خانىم كالىگارىيغا ئاستا-ئاستا كۈنۈۋاتقان،بالا ۋە نەۋرىلىرى بىلەن ئاستا-ئاستا ئىچكىلىشىۋاتاتقان بىر ھەپتە بولدى،بوۋاي  جان-جەھلى بىلەن كىتاپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن،بۇرۇن كۆرمىگەن يازمىلار ئۇنى ئۈزىگە قاتتىق جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى،ھەرئىككىلىسى قېرى بولغاچ، سالامەتلىگىدىن ئانچە -مۇنچە چاتاق چىققانلىغى ۋەتەندىكى چاغدىلا مەلۇم بولغانتى،يات يەرگە كۈنەلەرمىزمۇ دەپ ئەنسىرىشەتتى،شۇڭا بۇ يەرگەيىتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپلا سۇيۇق ھالەتتىكى ۋىتامىن cنى ئىچىشكەباشلىدى،بۇنداق ۋىتامىننىڭ ياشانغانلارغا بەك پايدىلىق ئىكەنلىگىنى كىيو ئوغۇلئىنگىلىزچە كىتاپلاردىن كۈرۈپ،ئىلگىرى ۋەتەنگىمۇ ئىبەرتكەنتى،قېرىلارمۇ ئۆزلىرىگەخىل كەلگەنلىگىنى سىزىشكەنتى،ئەندى كىيو ئوغۇل يەنە ئۇنىڭغا omega-3 ناملىق بىلىق مېيىنى قوشتى،بۇ ئاساسەن بەدەندىكىwitamin-Aنى تۇلۇقلارمىش،بەدەندە ۋىتامىنلار تۇلۇق بولسا،بەدەننىڭ ئېممونىت كۇچى ئېشىپ،كىسەلدىن يىراقتۇرارمىش،بۈگۈندىن باشلاپ يەنە كۆكتات شەربىتى ئىچىش كىرەك ئىكەن،بىر دانەئالما،بىر باش قىزىل چامغۇر،تۆرت تال چوڭ غوللۇق كەرەپشە،كاللەك يېسىۋىلەكنىڭ تۆرىتتىن بىرى،قىزىل رەڭلىك كاللەك يېسىۋىلەكنىڭ تۆرىتتىن بىرى،ئىككى-ئۈچ توغرامخام زەنجىۋىل،ئازىراق يالپۇز،3-4تال سەۋزە ۋە يەنە ئاللىقانداق بىر ئوتياشلارنى شەربەت سىقىش ماشنىسىدا سىقىپ،شەربىتىنى ئىچىش كىرەك ئىكەن،ئەشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن3-4 ئىستاكان رەڭلىك شەربەت چىقىدىكەن،ھەر كۈنى بىر ئىستىكاندىن ئىچىش لازىمكەن،بۇخىل شەربەت بەدەندىكى،قاندىكى غەلە-غەشلەرنى تازىلارمىش، تۇسالغۇلارنى ئاچارمىش،مەختۇم خانىم بۈگۈن تۈنجى بىر ئىستىكان كۆكتات شەربىتىنى ئىچتى،بەكلا قىرتاقمۇ ئەمەس،بەك ئىچكۈسى كەلگۈدەكمۇ ئەمەس،بۇنى ئىچىشنى ئۇزۇن ۋاخىت داۋاملاشتۇرغاندا ئاندىن ئۈنۈمى ياخشى بۇلارمىش...
  ئاللاھ تائالائەشۇ ۋىتامىنلار ئارقىلىق سالامەتلىك ئاتا قىلىشى مۇمكىن ئىدى،دىمىسىمۇ ئاللاھتائالانىڭ ئېنايىتى بىلەن يۇرىتتىن چىققاندىن بىرى مەختۇم خانىمنىڭ سالامەتلىگى ياخشى بۇلىۋاتاتتى،بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلبەتتە شۈكرى ئېيىتماق لازىم ئىدى...
   2-ئىييۇن چۈشتىن كىيىن ،مەختۇم خانىم نەۋرىلىرىنى باشلاپ چىقىپ ئارقا ھويلىدا ئەمگەك قىلدى،چىملىقتىكى ياۋا ئوتلارنى يۇلدى،ئەسكى شاخ-شۇمبۇلارنى رەتلىدى،چوڭ نەۋرە بابۇر چىم قىرقىشماشنىسىدا چىملارنى قىرقىدى،ئارقا ھويلا بىر ئۇبدانلا رەتكە كىرىپ ئۇزلۇشۇپ قالدى،ئارقا ھويلىدا بىر قانچە تۈپ قىزىل ئەتىرە گۈل بار ئىدى،خۇتەننىڭ قىزىل گۈلىگە ئوخشايىتتى،تېخى بۇنىڭ پۇرىغىمۇ بارمىش،بالىلار ئۆتكەن يىلى بۇ گۇلداگۈلقەنىت سالغان ئىكەن،خۇتەننىڭ ھېلىقى داڭلىق گۈلقەنتىگە ئوخشاشلا گۈلقەنىت بولغان ئىكەن،بۇ گۈللەر بۇ يىلمۇ بەك جېق غۇنچىلاپتۇ،كالىگارىيدا ياز كىچىكىپ كىلىدىغان بولغاچ،7-ئاي كىرگەن بولسىمۇ تېخى ئېچىلماپتۇ،مۇشۇ يېقىن كۈنلەردەئېچىلغۇدەكمىش،بالىلار ئۇنىڭدىن يەنە گۈلقەنىت سالارمىش،قانچىلىك بولساشۇنچىلىك...
   مەختۇم خانىملار ئارقىدىكى باغچىنى تازىلاۋاتقاندا،ئەشۇ يەردىكى قارىغاي دەرىخنىڭ ئۈستىدەيۈرگەن بىر قارا رەڭلىك تىيىننى كۆردى،تىيىن بۇيەرلەردە كۆپ ئىدى،قارىغاينىڭ ئۇرۇغىنى يەپ،ھەممە يەردە بىمالال يۈرىشەتتى،ھېچكىم دەخلى قىلمايىتتى،بۇ يەردەقۇشلارمۇ جېق ئىدى،ۋەتەندىكىگە ئوخشايدىغان قۇشلارمۇ،ئوخشىمايدىغان قۇشلارمۇ بار ئىدى،قاغا،سېغىزخان،كاككۇك،تۈمۈرتۇمشۇق ،قارا قۇشقاچ،ئاق قۇشقاچلار ئوخشايدىغانلار جۈملىسىدىن ئىدى،يەنەئوخشىمايدىغان،ئىسمى نامەلۇم قۇشلارمۇ بار ئىدى،ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى دەرەخلەردە ۋىچىرلىشىپ يۈرەتتى،ھەممە ئائىلىلەر ئۆز دەرەخلىرىگە قۇشلار ئۇۋاسالىدىغان ساندۇقچىلارنى ئېسىپ قۇيۇشقان ئىدى،مەخسۇس قۇشلار ئۈچۈن تەييارلانغان ،قاتۇرۇلغاندانلارنىمۇ ساندۇقچىلارنىڭ يېنىغا ئېسىپ قۇيۇشقانتى ،بۇ نەرسىلەر  بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ قۇشلار بىلەن بىللەياشاشقا ئادەتلەنگەنلىكلىرىنى، قۇشلارنى مۇشۇ ئالەمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ،تەبىيئەتتىكى تەڭپۇڭلۇققا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ دىيىلسە،بۇگەپ مەتبۇئاتلاردىكى قىلىپلاشقان ئىبارىلەرگە ئوخشاپ قېلىشى مۇمكىن،لىكىن بۇيەردىكى ئەمەلىيەت –رىئاللىق شۇنداق ئىدى،ئوغلاقتەك يۇغۇناپ كەتكەن تۇشقانلارھەممە يەردە چېپىشىپ يۈرەتتى،كەپتەرلەر ھەممە يەردە گۇگۇلىشىپ،ھەممە يەردە بىمالالدانلاپ يۈرەتتى،ھېچكىم ئۇلارنى تۇتۇۋالىدىغاندەك،يەۋالىدىغاندەك ئەمەستى،ئېيتىشلىرىچە؛قىشتا بۇ يەرلەرگە ھەتتا ياۋا بۇغا،كيىك-ماراللارمۇ قەدەمتەشرىپ قىلارمىش،روخسەتسىز ھېچكىم ئوۋلىماسمىش...
مەختۇم خانىم ئارقا ھويلىدىكى گۈللەردىن،دەرەخلەردىن،قۇشلاردىن شۇنى ھېسقىلدىكى؛ئالەمدىكى يارالمىشلار ئالاھىزەل ئوخشاش ئىدى، ھەم ئوخشاشلىققا،ھەم ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىپ يارېتىلغاندى،،پەقەت كىشىلەرنىڭ ئەشۇ يارالمىشلارغاتۇتقان مۇئامىلىسى ئوخشىمايىتتى...
مەختۇم خانىم كالىگارىيغا كىلىپ بىر ھەپتە ئۆتمەيلا چۈمۈچنى قولىغا ئالدى،بۇنىڭغا بەلكىم بالىلارنىڭ ئالدىراشلىغى ،چۇشتە ئۆيگە كىلەلمەيدىغانلىغى،يازلىق تەتىل قىلىۋاتقان نەۋرىلەرنىڭ چۈشلۈك تامىقى سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن،لىكىن ئەڭ مۇھىمى؛بۇ ئۆيدەتاماق ئىتىشنىڭ قۇلايلىغى،قاچا يۇيۇشنىڭ ئاسانلىغى ئۇنى قازان بېشىغا ئېلىپ بارغان ئىدى،بالىلار ئۆينى ئىسسىتىشتا گاز،تاماق ئىتىشتە توك ئىشلىتەتتى،توك ئىشلەتكەندە،ئىس چىقمايتتى،ئاشخانا پاكىزە تۇراتتى،قازاننى ئېسىپ،كىرىستالدەك پاقىراپ تۇرىدىغان ئەينەك ئۇچاقنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويساڭلا،قازان بىر دەمدەقاينايىتتى،قازانمۇ ئەينەك ئۇچاقتەكلا پاقىراپ تۇراتتى،«قازانغا يېقىن بارساڭ قارىسى يۇقار »دىگەن ئاتىلار تەمسىلى بۇ ئۇچاق،بۇ قازانلارغا ماس كەلمەيىتتى،قاچايۇماقنىڭ ئاسانلىغىچۇ تېخى،قاچا يۇيۇش ئىشكاۋىغا قاچىلارنى تىزىپ ،كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويساڭلا،بىردەمدىلا قاچىلار پاك-پاكىزە يۇيۇلۇپ چىقاتتى، ئازادە ئاشخانا شۇنداق ئەپچىل سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىدىكى؛ھەممە لازىمەتلىك يېنىڭدىلا ئىدى،قۇلۇڭنى ئۇزۇتۇپلا لازىم نەرسىنى ئالالايىتتىڭ،ئەتمەكچى بولغان تاماقنىڭ ھەممە خۇرۇچلىرى تەل ئىدى،بۇنداق شارايىتتا قايسى ئايالنىڭ تاماق ئەتكۈسى كەلمىسۇن؟!گۈلكەل تۈرۈپ،تاماق ماھارىتىنى نامايەن قىلغۇسى كەلمىسۇن؟
   بالىلارنىڭ بۇئۈيىدە ئەتتىگەنلىك تاماقتا،خۇددى ۋەتەندىكى چاغدا ئاڭلىغاندەك،بارلىق شىمالى ئامىرىكىلىقلارغا ئوخشاشلا ،سۈت،قايماق،تۇخۇم،ھەر خىل مېغىزلار ،ھەرخىل مۇراببالاربىلەن بىر پارچە بولكا يىيىلەتتى،بولكا ئۆيدە پۇشۇرۇلاتتى،ئاخشىمى ئۇخلاش ئالدىدا،بولكا پۇشۇرۇش ماشنىسىغا ئۇن،تۇز، خېمىرتۇرۇچ ۋە باشقا قۇشۇلمىلار(مېغىزلاردىن شىمىشكا مېغىزى،كاۋا ئۇرۇغى مېغىزى،ياڭاق مېغىزى،يەنەكۇنجۇت،سىيادان،زېغىرقاتارلىقلار)نى سېلىپ،پىشىش ۋاختىنى توغىرلاپ،بۇيرۇق بىرىپ قۇيۇلسا،ماشىنا خېمىرنى ئۈزى يۇغۇرۇپ،دىگەن ۋاخىتتا  بولكىنى پۇشۇرۇپ تەييار قىلاتتى،ھەر كۈنى ئىسسىق بولكا يىگىلى بۇلاتتى،بۇنداق بولكىنى ئوتتۇرىدىن يېرىپ،ئارىسىغا قايماق ۋە مۇراببالار نى ئېلىپ يىسە بەك يىيىشلىك بۇلاتتى،چۈشلۈك تاماقتا،قازان ئېسىلىپ رەسمى تاماق ئىتىلەتتى،بۇ چاغدائىتىلىدىغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تاماقلىرى –پولو،لەغمەن،مانتا-بۇلاتتى،بەزىدەتۈرىكچە مەرژىمەك شۇرپىسى،بۆرەك ،ئىتالىيانچە پىيسا قاتلىمىسىمۇتەييارلىناتتى،كەچلىك تاماقتا يىنىكرەك تاماقلار ئىتىلەتتى،كەچتە يەنە ھەرخىل نان،سامبۇسا ،پىچىنە-پىرانىكلار تەييارلىناتتى ،بۇلار ئۆيدىكى چوڭ دۇخاپكىداپۇشۇرۇلاتتى،نان ،سامبۇسالار شۇنداق چىرايلىق ۋە تەملىك پۇشۇرۇلاتتىكى ئۈرۈمچى، قەشقەر،خۇتەنلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي نانلىرىدىن،سامسۇ –گۆشگىردىلىرىدىن ھەرگىزقېلىشمايىتتى،مەختۇمخانىم يولغا چىقىش ئالدىدا،بالىلىرىمنىڭ نان يىگۈسى كىلىپ قالغاندۇ،كاكچىنىڭ ئوتتۇرىسىنى يىگىلى بەك ئامىراق ئىدى،دەپ  ئاتايىتەن شۇنچە يىراقتىن كاكچا نان ئالغاچ كەلگەن ئىدى،ئەندى كۆردىكى؛بۇ يەردە بالىلار ئۇنىڭدىنمۇ  ئۇز نانلارنى پۇشۇرۇپ يىيەلەيدىكەن،ئۇنىڭدىنمۇبەلەن سامسۇلارنى پۇشۇرۇپ يىيەلەيدىكەن،ئەتتىگەندە ئىشقا ۋە مەكتەپكە ماڭىدىغانلارچۈشلۈك تامىقى ئۈچۈن ئەشۇ يىڭى پۇشۇرۇلغان نان-سامسۇلاردىن  ئېلىپ كىتەتتى،بۇ يەردە چۈشلۈك دەم ئېلىش تۈزۈمى يوق بولغاچ،ئۇلار چۈشتە 15-20 مىنۇت ۋاخىت چىقىرىپ ئالدىراش ھالدا تامىقىنى يىيىشسە كىرەك،شۇڭا ئىشلەيدىغانلار چۈشتە ئۆيگە قايتالمايىتتى،ئەندى چۈشلۈك تاماقئىتىش ۋەزىپىسى مۇقەررەر ھالدا مەختۇم خانىمنىڭ زىممىسىگە چۈشتى،نەۋرىلەر يازلىق تەتىل قىلىۋاتقاچ،ئۇلار ئۆيدە تاماق يىمىسە بولمايىتتى، كەچلىك تاماقتىن ئىككى سائەتلەرچە بۇرۇن ،چۈشتىن كىيىن سائەت تۆرتلەردە ئىشقا كەتكەنلەر قايتىپ كىلەتتى،ھېرىپ كەتكىنىگە قارىماي كەچلىك تاماققا زۆھرە گۈلنىڭ ئۈزى تۇتۇش قىلاتتى،ئۇنىڭ ئانىسىنى بەكلا ئاسىرىغۇسى،دەم ئالدۇرغۇسى  كىلەتتى،لىكىن مەختۇم خانىم بىكار تۇرۇشنى خالىمايىتتى ،ھە دىسە ئاشخانىغا كىرىۋالاتتى...
   بالىلارنىڭ ئاشخانسىدىكى يەنە بىر ئۆزگىچىلىك ؛ئۇ يەردە چايدان-تىرموس دىگەن نەرسىلەر يوق ئىدى،بالىلار پۈتۈنلەي سوغۇق سۇ ئىچىشكە ئادەتلىنىپتۇ، ئېيتىشلىرىچە؛پۈتۈن كالىگارىيلىقلارمۇ سوغۇق سۇ ئىچەرمىش،كالىگارىيدا ھازىرغىچە تېخى يەر ئاستى سۈيى ئىشلىتىلىپ باقماپتۇ،ئېگىز روككىي تاغ تىزمىلىرىدىكى قارلارنىڭ ئىرىشىدىن ھاسىل بولغان بوۋ دەرياسىنىڭ بۇلغانمىغان پاكىزە سۈيى چەككىلىنىپ،سۈزۈلدۈرۈلۈپ،ۋودىپورۋۇت ئارقىلىق ئائىلىلەرگەيەتكۈزۈلىدىكەن،بوۋ دەرياسى سۈيىنىڭ پاكىزىلىغىغا ئىشىنەلمىگەنلەر ئۈيىدە يەنەتىروببىغا سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ ،سۇنى يەنە بىر قېتىم تازىلاپ ئاندىن ئىچىدىكەن، مەختۇم خانىم ۋەتەندە دائىم سۇنى قاينىتىپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن ئىدى،ئۈيىدەدائىم چايدان-تىرموسلاردا قايناقسۇ ساقلايىتتى،ئەندى مانا بۇ يەردە سوغۇق سۇئىچىشكە تەس كۈنۈۋاتاتتى،ھېچ بولمىسا دارىنى بولسىمۇ قايناق سۇدا ئىچىش كىرەك ئىدى دەپ ئويلايىتتى ئۇ،
مەختۇم خانىم ھەر كۈنى كىچىك نەۋرە بانۇنى ئويناتقىلى سىرىتقا ئاچىقىپ يۈرۈپ،سىرىتتىكى مۇھىتبىلەنمۇ تۇنۇشۇپ قالدى،يەر ناملىرى،مەكتەپ ،يول ئىسىملىرىنى بىلىپ قالدى،بۇمەھەللىنى شاۋ نىسسىي دىيىشەتتى،بالىلارنىڭ ئۈيى بار كۇچېنى شەننۇن دەيىتتى،شەننۇنكۇچىسى بالىلارنىڭ ئۈيىگە 100 مىتىرچە كىلىدىغان جايدىن باشلىناتتى،ئەشۇ يەردە بىرباشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىدى،مەكتەپنىڭ ئىسمى «jannt juhanstun schole»ئىدى،ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى ئاممىۋىي باغچىنىڭ نېرىسىدىكى،100مىتىرچەكىلىدىغان يەردىكى مەكتەپنى«Fader duseyit school»دەپ ئاتايىتتى،بۇ كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدىغانلارنىڭ مەخسۇس مەكتىۋى ئىدى،كاتولىك مۇخلىسلىرى بالىلىرىنى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتاتتى،بۇنىڭ نېرىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى« samoeleshaw schole»دەپ ئاتايىتتى،بۇ  ھۈكۈمەت كە قاراشلىق مائارىپ تارماقلىرى باشقۇرۇدىغان تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىدى،مۇشۇ ئۈچ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدا تۇتاش كەتكەن، ئىگىز-پەس چىملىق مەيدانلار ۋە دەرەخلىكلەر بار ئىدى،چىملىق ۋەدەرەخلىكلەرئارىسىدا تار ۋە ئەگرى-بۈگرى ئاسفالىت يول بار ئىدى،مەختۇم خانىم ئەشۇ يولدانەۋرىسى بانۇنى يىتىلەپ سەيلى قىلاتتى،كالىگارىينىڭ بۇلغانمىغان ساپ ھاۋاسىدىن نەپەس ئالاتتى، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ يېنىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بالىلار پائالىيەت مەركىزىدە نەۋرىسىنىڭ ئويناشلىرىنى تاماشا قىلاتتى،ئەلبەتتە بۇ يەردە بالىلار كۆپ ئىدى،ھەممىسى بانۇدەكلا ئۇماق ئىدى،ئۇزۇن يىل باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەختۇم خانىمغا ھەممە بالىلار ئەشۇنداق ئۇماق كۈرۈنەتتى، ئۇ بالىلاردىن ئايرىلغان تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايىتتى...
   6-ئىييۇل جۈمەكۈنى.جۈمە نامىزىدىن تارقاپ چىققاندا،كالىگارىيدا شۇنداق قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتكەن ئىدىيكى؛ئادەمگە خۇددى ھېلىلا ھەممە يەرنى سۇ بېسىپ كىتىدىغاندەك تۇيۇلدى،لىكىن بۇ يەرلەرنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش سىستىمىسى ياخشى ئىشلىگەچ،يىغىلىپ قالغان سۇلار ئۇچرىمىدى،ماشىىنا شەھەرنىڭ جەنۇبىغا يىقىنلاشقانسىرى مەلۇم بولدىكى؛تېخى بۇياقلاردا بىر تامچىمۇ يامغۇر ياغماپتۇ،بۇنداق ياخشى ھاۋادا ئۆيگەسۇلۇنۇپ ئولتۇرۇش ياراشمايىتتى،زۆھرە گۈل ئانىسىنى ماگىزىن- دۇكان ئارىلاشقائاپارماقچى بولدى،ئۇ ئانىسى كەلگەندىن بىرىكى مۇشۇ ئون نەچچە كۈن ئىچىدە، ئانىسىنى ئىككى –ئۈچ قېتىم دۇكانلارغا ئېلىپ كۆرسىتىپ ئەكەلگەنتى،دىمىسىمۇ ئايال كىشى دىگەن دۇكان ئارىلىغىلى ئامىراق كىلەتتى،بىر نەرسە ئالمىسىمۇ، دۇكانلارنى ئارىلاپ،ھەرخىل تاۋارلارنى كۆرسە،خۇمارى بېسىلىپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالاتتى،ئۇلار ئانا-بالا ئىككىسى ئەشۇ يەرلەردە دۇكان ئارىلاپ تۇرسۇن،بىز مەختۇم خانىم بۇ يەرلەردە كۆرگەن دۇكانلارغا نەزەر ئاغدۇرايلى.

uyghuray

0

تېما

7

دوست

4217

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5956
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1327
توردىكى ۋاقتى: 539
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-25
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 20:42:27 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ ساياھەت خاتىرىسىدىن پىشقەدەم يازغۇچىمىز نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ  يېزىش ئۇسلۇبى چىقىپ تۇرىدىكەن،ئاپتۇرى شۇ بولمىسۇن يەنە!

0

تېما

0

دوست

80

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   26.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24581
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-14
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 21:01:20 |ئايرىم كۆرۈش
تومۇز يازدا گۇپپىدە ئىچسە يۈرەككە ئۇسسىغان يەرگە تەككەن تەمى شېرىن ،دىلغا ھوزۇر شەربەتتەك تېتىملىق يازما بوپتۇ ،تېما ئىگىسىنىڭ قولىغا دەرت بەرمىگەي .


0

تېما

3

دوست

726

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49958
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 215
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-25
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 21:13:01 |ئايرىم كۆرۈش
قارىغاندا ئۇ قايسىگەپنى كىمدىن سۇراشتا خېلىلا تەجىربىلىك بۇلۇپ كەتكەندەك قىلاتتى
uyghuray

6

تېما

0

دوست

2849

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8691
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 206
تۆھپە : 761
توردىكى ۋاقتى: 171
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-24
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 00:04:18 |ئايرىم كۆرۈش

بۇساياھەت خاتىرسىنى زور قىزقىش ئىچىدە  تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ كانادا ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇپ قالدىم، يازمىنىڭ داۋامىغا تەشنامىز...
بۇ ساياھەت ئېلىپ بېرىلغان 2012-يىللاردا چەتئەلگە چىقىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا ھەقققەتەن مۇشكۈل ئىش ئىدى،ھازىر ھەرھالدا پاسپورىت ئېلىش بۇرۇنقىدىن خېلى بەك قولايلاشتى،ئاددىيلاشتى دەپ ئويلايمەن.....
شۇ تاپتا مىنىڭمۇ چەتئەل كۆرۈپ نەزەر دائىرەمنى ئاچقۇپ كېلۋاتىدۇ- دىسە  

0

تېما

0

دوست

227

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   75.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56794
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 02:41:11 |ئايرىم كۆرۈش
بۇساياھەت خاتىرسىنى زور قىزقىش ئىچىدە  تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ كانادا ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇپ قالدىم، يازمىنىڭ داۋامىغا تەشنامىز...
بۇ ساياھەت ئېلىپ بېرىلغان 2012-يىللاردا چەتئەلگە چىقىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا ھەقققەتەن مۇشكۈل ئىش ئىدى،ھازىر ھەرھالدا پاسپورىت ئېلىش بۇرۇنقىدىن خېلى بەك قولايلاشتى،ئاددىيلاشتى دەپ ئويلايمەن.....
شۇ تاپتا مىنىڭمۇ چەتئەل كۆرۈپ نەزەر دائىرەمنى ئاچقۇپ كېلۋاتىدۇ- دىسە  

7

تېما

3

دوست

2950

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8027
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 865
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-21
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 10:46:53 |ئايرىم كۆرۈش
ئاۋۇ پاسپورت بىجىرىش جەريانىنى ئوقۇپ نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم.

0

تېما

0

دوست

3902

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18614
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1280
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-24
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 12:33:04 |ئايرىم كۆرۈش
ھىكايىدىكى مۇنداق ئىككى مەسىلىگە دىققەت قىپ قالدىم.
1. كاناداغا قاراپ ئۇچقان ئايروپىلان شەرىققە قاراپ ئۇچقان. روسىيە ۋە ئالياسكادىن ئۆتكەنلىكى شۇنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ. ئەمما شەرىقە قاراپ ئۇچقان ئايروپىلاندا كۈن ئۇزىراپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلمەيدۇ. بەلكى كۈن قىسقىراپ كېتىدۇ. ئەسلى مەختۇم خانىم بۇ 12 سائەتلىك شەرىققە سەپەر جەريانىدا پۈتۈن بىر كۈنلۈك ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرىشى كېرەك.
2. كانادا غەربىي يېرىم شارنىڭ شىمالىي كەڭلىك قسىمىدا شىمالىي قۇتۇپقا يېقىنراق دۆلەت. ئۇ يەردە قىبلە شەرقىي شىمال يۆنىلىشتە ئەمەس بەلكى شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشىدە بولىشى كېرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )