قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: تارىق
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەختۇم خانىم كانادادا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

3834

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18614
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1258
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-28
9#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 12:40:29 |ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىر مەسىلە:
3. سائەتنى ئۆزگەرتمەي پەقەت سائەتنىڭ چىسلاسىنى بىر كۈن كەينىگە سۈرۈپ قويسىلا ئىش ھەل بولمايدۇ. بۇنداق قىلغاندا سائەت توغرا ماڭغاندەك قىلغان بىلەن سائەتنىڭ چىسلاسى چۈش سائەت 12 دە ئۆزگىرىدىغان بوپ قالىدۇ.
uyghuray

2

تېما

0

دوست

391

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   45.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34154
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-30
10#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 14:45:27 |ئايرىم كۆرۈش
كاناداغا نىسبىتەن ئېيتىلغان بازار سۈزى،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بازار  مەنىسىگە ئىگە بۇلالماسلىغى مۇمكىن،چۈنكى بۇ يەرلەردە ئۇنداق ئۈستى ئۇچۇق،ۋاقىراپ-جاقىراپ خېرىدار چىللايدىغان بازار يوق،بۇ يەردىكى بازار پەقەت كۈلىمى چوڭ دۇكانلارنى ۋە دۇكانلار توپىنى كۆرسىتىدۇ،بۇ يەردە بىرەر يەرگە دۇكان –ماگىزىن سېلىنماقچى بولسا،شۇ يەرگە باشقا دۇكانلارمۇ سېلىنىدۇ،بۇنى مۇشۇ يەرنىڭ « ئۈچ مو كۈلەمدىكى يەرگە دۇكان سالماقچى بولسا،يېنىدىكى يەتتە مو يەرگە ماشىنا توختۇتۇش مەيدانى سېلىش» زۈرۈرىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان،بۇنداقتا،بىر يەرگە سېلىنغان بىر قانچە دۇكان بىر ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدىن بىرلىكتە پايدىلىنىلالايدۇ،ھەر بىر دۇكان ئايرىم-ئايرىم يەتتە مو يەرگە گاراژ سېلىش زۈرۈرىيىتى قالمايدۇ،شۇڭا بىزنىڭ بۇ يەردىكى بازار سۈزىمىز ؛چوڭ تىپتىكى دۇكانلارنى ۋە دۇكانلار توپى جايلاشقان يەرنى كۆرسىتىدۇ.بۇنداق بازارلاردىن بىر مىليۇن يۈزمىڭ نۇپۇسلۇق كالىگارىيدا يۈز نەچچە يەردە بولىشى مۇمكىن،
كالىگارىيدا ھازىرچە تېخى چوڭ كۈلەملىك تاللا بازارلىرىدىن «rial Canadian super setor»،«wolmarthe»،«the bey»،قاتارلىقلارغىلا مەختۇم خانىمنىڭ ئايىغى يەتكەن ئىدى، بۇ زەنجىرسىمان دۇكانلارنىڭ ئەشۇ شاۋنىسسىي گە جايلاشقانلىرىغىلا قەدەم بېسىپ باققانتى،بۇ تاللا بازارلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ كۈلىمى نەچچە مىڭ كىۋادىرات مىتىر،بەزىلىرىنىڭ ئون نەچچە مىڭ كىۋادىراتمىتىر كىلەتتى،مەختۇم خانىم  بۇنداق چوڭ تاللا بازارلىرىنى ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە،بېىجىڭدا  كۆپ كۆرگەن، لىكىن بۇنداق ئۆزگىچە مال تىزىشلارنى،بۇنداق ئۆزگىچە بازار تەرتىپىنى كۈرۈپ باقمىغان ئىدى،ئۇنىڭ كۆزلىرى ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتتى،ھەيرانلىقتىن ئېغىزلىرى ئېچىلىپ قالدى،مېڭىپ بۇلالماي پۇتلىرى ئاغرىپ كەتتى،بوۋاي بولسا،ھەربىر تاللا بازىرىدىكى،ئەڭ باشتىكى پوكەي-كىتاپلار پوكىيىگە ھەۋەس بىلەن،ھەتتا ھاڭۋېقىپ قاراپ قالاتتى،بۇنداق كۆپ كىتاپلار ،بۇنداق رەڭگا-رەڭ مۇقاۋىلار ئادەمنى ھەقىقىتەنمۇ ھەيران قالدۇراتتى،بىيئىختىيار كىتاپلارنى ۋاراقلاشقا مەجبۇر قىلاتتى،ئەپسۇسكى،بوۋاي بۇ كىتاپلار ئالدىدا ساۋاتسىز ئىدى،كۈزى ئۇچۇق قارىغۇ ئىدى،ئۇ ئەشۇ كىتاپلار پوكىيى ئالدىدا تۇرۇپ،كۈزىگە تۇلۇپ چىققان ياشنى،بوغىزىغا كەپلەشكەن ئاللىقانداق بىر تۇيغۇنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇناتتى،ئوڭ قولى بىلەن سول كۆكسىگە گۈپ-گۈپ ئۇراتتى،ئۇنىڭ مۇشۇ ھەركەتلىرىدىن ،ئىچىكى دۇنياسىدا غەلىيان كۈتۈرۈۋاتقان ئاللىقانداق  پۇشايمانلار،ئېغىر ئەپسۇسلىنىشلار،كۈچلۈك  ھەسرەت-نادامەتلەرنى پەرەز قىلغىلى بۇلاتتى...
ھېچقانداق بىر مال يېنىدا مال ساتقۇچى يوق ئىدى،خېرىدار ماشىنىسىدىن چۈشۈپ،ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدىكى مەخسۇس جايغا قويۇلغان كىچىك ھارۋۇلاردىن بىرنى تارتىپ ئالاتتىدە،ئۇنى ئېتتىرىپ،ماگىزىنغا كىرەتتى،ئەلبەتتە بۇ ھارۋۇلارنىڭ مەخسۇس تۈشۈكىگە ئەللىك تىيىنلىق تەڭگە پولدىن بىرنى سېلىش كىرەك ئىدى،تەڭگە سېلىنمىسا ھارۋۇنىڭ چارقى قوزغالمايىتتى،كىچىك ھارۋۇنى ئىتتىرىپ ماگىزىنغا كىرگەندىن كىيىن ،خېرىدار ئۈزىگە كىرەكلىك مالنى تاللاپ ھارۋۇغا قاچىلاپ پول تاپشۇرۇش ئورنىغا كىلەتتى،ئۇنىڭ مال تاللىشىغا،قانچە قېتىم ئېلىپ-قانچە قېتىم قويىشىغا ھېچكىم ئارىلاشمايىتتى،پول تاپشۇرۇش ئورنىدىكى خادىم مالنىڭ ماركىسىنى ئىلىكتىرونلۇق سەزگۈچى ئەسۋاپقا تەككۈزسىلا،كومپىيوتىر ئونى خاتىرىگە ئالاتتى ۋە ئۇمۇمى پۇلنى ھىساپلاپ چىقاتتى،خېرىدار بانكا كارتىسى ئارقىلىق پول تاپشۇراتتى،نەخ پول ئىشلىتىش كەمدىن-كەم ئۇچىرايىتتى،خېرىدار دۇكاندىن چىقىپ،مالنى ماشىنىسىغا ئالغاندىن كىيىن ،ھېلىقى ھارۋۇنى جايىغا قۇيۇپ قويغاندىلا ئاندىن بىر قېتىملىق سودا پائالىيىتى ئاياغلاشقان بۇلاتتى.سودا داۋام قىلىۋاتقان دۇكاندا بىر خىل  سۇكۇنات ھۈكۈم سۈرەتتى،ئادەم كۆپ بولسىمۇ ھېچكىم-ھېچكىمگە دەخلى قىلماس،بىر-بىرى بىلەن ئۈنلۈك سۆزلەشمەس ئىدى،كىشىلەر تەرتىپلىك ھالدا،نوۋەت بىلەن مال تاللايىتتى ۋە ئوخشاشلا بىر خىل تەرتىپ ئىچىدە پۇل تاپشۇراتتى،بۇ يەردە يۇقىرى ئاۋازلىق كانايلاردا بەس-بەستە ۋاقىراپ،ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئىلانلار ئاڭلانمايىتتى،ۋاقىراپ-جاقىراپ خېرىدار چاقىرىشلار يوق ئىدى،بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇپ-توۋىلىشىدىغان ئىشلار تېخىمۇ يوق ئىدى،ئاممىۋى سورۇندا ئۈنلۈك سۆزلىشىشكە ئادەتلەنگەن مىللەتلەرمۇ بۇ يەردە ئۇنداق قىلىقلىرىنى تاشلاشقان،تەرتىپكە چۈشۈپ قالغان ئىدى،پۈتكۈل بازارنى بىر خىل ئەخلاقى قائىدە باشقۇرۇۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى،ئەمما ھېچقانداق بىر تامغا،ھېچقانداق بىر تاختىغا،ھېچقانداق بىر لوزۇنكىغا ئەخلاق ياكى تەرتىپكە ئۈندەيدىغان شۇئارلار يېزىپ قويۇلمىغان ئىدى،بۇيەر بىر شۇئارسىز،چوقانسىز،جىدەلسىز بازار ئىدى...
كىيىنكى ئون ئاي جەريانىدا،مەختۇم خانىم ئوخشاشلا داۋاملىق بۇنداق بازارلارنى ئارىلاپ تۇرۇدۇ،ئوخشاشلا ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئوچۇراتمايدۇ،ھەيرانلىق بىلەن ،كەمدىن –كەم كۈرۈشكە توغرا كەلگەن باشقا بىر خىل ئەخلاقنى ھېس قىلىپ تۇرۇدۇ،بۇنداق ئەخلاقلارنىڭ بىرى سودىگەرنىڭ سېتىش ئەخلاقىدۇر،بۇ بەك كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن،بۇ بىزنىڭ مۇھاكىمىمىزدىكى مەسىلە ئەمەس،ۋاھالەنكى مەختۇم خانىمنى ھەيران قالدۇرغان سېتىش ئەخلاقىنىڭ بىرى شۇكى؛سودىگەرنىڭ ئۈزى ساتقان مالنىڭ سۈپىتىگە ئىگە بۇلۇش مەسىلىسىدۇر، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن سېتىۋالغان مالنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۈرۈلسە ،بۇنداق مالغا ساتقۇچى سودىگەر نىڭ ئىگە بولغىنىنى كۆرگەنمۇ؟تىگىشىپ بەرگىنىنى ياكى پولنى قايتۇرۇپ بەرگىنىنى كۆرگەنمۇ؟ مال سېتىۋېلىنغاندىن كىيىنكى بىر ئاي ئىچىدە شۇ  مالنىڭ باھاسى چۈشسە،بىر ئاي بۇرۇن ساتقان باھادىكى ئارتۇق پۇلنى بىر ئايدىن كىيىن قايتۇرۇپ بەرگەننى كۆرگەنمۇ؟سېتىۋېلىنغان مالنى بىر ئاي ئىچىدە قايتۇرۇپ،پۇلىنى ساق-سالامەت ياندۇرۇۋالغاننى كۆرگەنمۇ؟ ئۈچ ئاي كەيگەن كەش-بەتىنكە يىرتىلىپ كەتسە،ئۇنى قايتۇرۇۋېلىپ،يىڭىسىغا تىگىشىپ بەرگەننى كۆرگەنمۇ؟--مەختۇم خانىم كىيىنكى ئون ئايدا بۇنداق ئىشلارغا تالاي قېتىم شاھىت بۇلىدۇ،ئەشۇ بىر مىليۇن يۈز مىڭ نۇپۇسلۇق چوڭ شەھەردە ،ئاران بىر نەپەر بازار باشقۇرغۇچى بارلىغى،ئەشۇ بىر ئادەمنىڭ تالاش –تارتىشلارنى ھەل قىلىپ ئۈلگۈرەلەيدىغانلىغى توغىرىسىدىكى پاراڭلارغا قۇلاق سالىدۇ.ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ئارىسىدا تالاش –تارتىش كۈرۈلمىسە،ساتقۇچىدا سېتىش ئەخلاقى،ئالغۇچىدا ئېلىش ئەخلاقى جۇلالاپ تۇرسا،بىر تالاي بازار باشقۇرغۇچى سەپلەشنىڭ نىمە ھاجىتى؟دۇكانلارنىڭ ھېچ بىرسىدە ساختا مال ياكى سۈپەتسىز مال بولمىسا،بازار باشقۇرغۇچى نىمىنى نازارەت قىلىدۇ؟
مەختۇم خانىملار بۈگۈن «ۋولمارىت»تا ئانچە ئۇزۇن ئايلانمىدى،ئۇ يەردىن تىزلا يېىنىپ چىقىپ،شەھەرنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى ،خېلى يىراق بىر يەردىكى بىر مەخسۇس مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر تاللا بازىرىغا باردى،بۇ بازارمۇ «ۋولمارىت»قا ئوخشاشلا چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك ئىدى، بۇيەردە ھەممە نىمە مۇسۇلمانچە ئىدى،بۇ دۇكاننىڭ مەخسۇس گۈل ساتىدىغان زالى بىر چىمەنزار،نە چىمەنزاركى؛ گۈلزارۇ-گۈلىستاننىڭ ئۈزى ئىدى،مىڭ ياڭزا گۈل ،تۈمەن ياڭزا ئۈسۈملۈكلەرنىڭ ھەننىۋاسى بار ئىدى،پار-پۇر تەشتەكلەردە سېتىلىشنى كۈتۈپ تۇرىشاتتى، مەختۇم خانىملار بۇ يەردە ئۇزاق گۈل تاماشاسى قىلدى،ئاندىن بىر ھەپتە يەتكۈدەك يىمەكلىك،مىۋە-چىۋە،ئوتياش-كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىپ،بالدۇرلا ئۆيگە قايىتتى،
        2012-يىل 7-ئىييۇن،شەنبە.
ھاۋا ئوچۇق،پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملاشقىنىغا لايىق كالىگارىيدىمۇ شەنبە-يەكشەنبە دەم ئالىدىكەن،مەختۇم خانىمنىڭ قىزىمۇ،كىيو ئوغلىمۇ ئىشقا بارمىدى،ئۇلار چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن ئانىسىنى چۇقۇر بازار(dawun tawun)غا ئاپىرىپ،ئۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان« كالىگارىي تۈرىك بايرىمى»(calgariy turkix festiwal)نى كۆرسەتتى،بۇ تۇرىك بايرىمىنىڭ كالگارىيدا 6- قېتىم ئۆتكۈزىلىشى ئىكەن،تۈرىك مەدەنىيىتىنى،تۈرىك تارىخىنى،تۈرىكلەر نىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇش مەخسەت قىلىنغان بۇ بايرام بىر ھەپتە داۋام قىلىدىكەن،ھازىر بايرام نامىدا ئاتىلىۋاتقان بۇنداق پائالىيەتلەر ھەممە يەردە بۇلۇپ تۇرىدىغۇ،بايرام ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغان،ئىكۇسكۇرسىيەچىلەر ھەقسىز تاماشا قىلىدىغان بۇلغاچ،بۇنداق پائالىيەتلەر خېلى داغدۇغۇلۇق بۇلىدۇ،مەختۇم خانىملار چۇقۇر بازارغا يىتىپ بارغاندا،چۇقۇر بازارنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى ،بوۋ (ياي) دەرياسى بويىدىكى «شاھزادە ئارىلى باغچىسى»(prince island park) نى بايرام كەيپىياتى قاپلىغانتى،بۇ يەردە داقا-دۇمباقلار ياڭراپ،ئويۇن –تاماشالار ئەۋجىگە چىققان،يەرمەنكىلەر قىزىپ كەتكەنتى.مەختۇم خانىم ھەپتە بۇرۇنقى «كانادا كۈنى»دە بۇ باغچىغا كەلگەن بولغاچ،باغچىنى ئاسانلا تۇنىدى،ھەممە بايراملار مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلسە كىرەك دىگەن ئويغىمۇ كەلدى.مەختۇم خانىملار كونسىرىت كۆرسىتىلىۋاتقان سەھنەنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈرە تۇرۇپ كونسىرىت كۆردى،بۇ يەردە ئۇرۇندۇقلارمۇ قۇيۇلغانتى، لىكىن ئۇرۇندۇقلار ئاللىقاچان ئىگەللەپ بۇلۇنغان، ئۈرە تۇرماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى،ئۇلارنىڭ شۇ تاپتىكى ئويۇن كۈرۈش ھالى بەئەينى يىراق خۇتەندىكى،«كوھمارىم»،«ئىمامى ئاسىم»سەيلىلىرىدە،راۋاپ چېلىۋاتقان شاھ مۇھەممەتخان نىڭ سورۇنىغا قاراپ تۇرغانغا ئوخشايىتتى،سەھنىدە ئاق كىپىنەك تون يېپىنغان،ئېگىز ئاق پاپاخ كېيگەن ئىككى نەپەر شەيىخ مۇڭلۇق تۈرىك موزىكىسىغا ئىبادەت ئۇسۇلى ئويناۋاتاتتى،موزىكا بەك مۇڭلۇق ئىدى.شاھ مۇھەممەتخان سۆزلىگەن قىسىيسىنى ئاڭلىغان كىشىلەر يىغلىشىپ كەتكەندەك مەختۇم خانىمنىڭ كۆزلىرىگىمۇ ياش كەلدى،تۈرىك ئۇسۇلىدا شەيىخلەر لەرزان پىيقىرايىتتى،ئۇلارنىڭ كىپىنەك تونىنىڭ پەشلىرى كەڭ ئېچىلاتتى،پىيقىراپ-پىيقىراپ،تىزلىنىپ ئىبادەت قىلغاننى دورايىتتى...ئىبادەتنى ئۇسسۇلغا ئايلاندۇرۇش قىلمىشى مەختۇم خانىمنىڭ ئىرىگە ياقمىدى،ئۇ غۇدىراشقا باشلىدى،بوۋاينىڭ غۇدىراشلىرىغا كىيوئوغۇل چۈشەنچە بىرىشكە كىرىشتى،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە؛بۇ دەرۋىش ئۇسسۇلى ئىمىش،تەسەۋۋۇپ-سۇپىئېزىم ئىبادىتىنى مەزمۇن قىلغانمىش،بۇنداق ئۇسسۇل ھەتتا يەھودىلاردىمۇ بارمىش...بوۋاي يادىغا ئالدى،سۇپىلارنىڭ ھەلقە-سامالىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى،ئىش ئەسلى مۇنداقتى،بۇنداق ئۇسسۇلنى ئۇسسۇلچىلار ئىجات قىلماي،سۇپىلار ئىجات قىلغانتى،سەنئەتچىلەرنىڭ بۇنى پەقەت سەھنىگە ئېلىپ چىققان يىرىلا بار ئىدى،ئىبادەتكە سەنئەتنى ئارىلاشتۇرۇش بىدئەتمۇ-ئەمەسمۇ؟ بوۋاي بۇنى دەمالىىققا ئاڭقىرالمىدى،ئۇ بۇرۇن ئوقىغان ھەدىس،شەرھىلەرنى ئەسلەشكە كىرىشتى،چوڭقۇر ئويغا پاتتى،ئۇ بىرەر ئىنىق ھۈكۈمنى ئەسكە ئالالماي ئاۋارە ئىدى.لىكىن ئۇنىڭ يادىغا ھاپىزلار ئېيتىدىغان مۇناجاتلار كەلدى،مۇناجات دىگەن شائىرلار ياراتقۇچىنى ماختاپ يازغان شىېئىرغا ئاھاڭ سېلىپ ئېيتىلىدىغان ناخشا ئىدى،بۇ يەردىمۇ ئاللاھ مەدىھىيىسىگە ،ئاللاھدىن تىلەيدىغان تىلەكلەرگە سەنئەت ئارىلاشقان ئىدى،سەنئەت ئارىلاشقان بولغاچ خېلىلا مۇڭلۇق،ھەتتا ئادەمنى يىغلىتىۋىتەتتى،ئادەمنى ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇراتتى،ئەندى بۇ ئۇسۇلچۇ؟ئىبادەت دىگەنمۇ بىر ئاللاھنى ئەسلەش،ئاللاھنى مەدىھلەش،ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش ،ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش جەريانىغۇ،ئۇنىڭغا سەنئەت قوشۇلسا نىمە بۇپتۇ؟ تېخىمۇ ۋايىغا يەتمەمدۇ؟ بوۋاينىڭ قەلبىدە شۇ پىكىرلەر كەزگەن بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى جاھىللىق يەنىلا يان بەرمەيۋاتاتتى،بۇنداق جاھىللىق ئۇنىڭ قان- قېنىغا سىڭىپ كەتكەن تۇرسا،بۇنداق جاھىللىق ھەتتا يۇرىت لەقىمىگە ئايلىنىپ كەتكەن تۇرسا،بۇنىڭغا نىمە ئامال بولسۇن!؟بوۋاي يەنىلا بېشىنى جاھىلانە چايقايىتتى.ئەندى
سەھنىدە دەرۋىش ئۇسۇلى ئاياغلاشقان،ئەندى ئۇ يەردە بىر جۇپ قىز-يىگىت ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى،يىگىت خېلى يىتىلگەن سەنئەتكاردەك قىلاتتى،ئۇ ناخشا ئېيتىپ،ئۇسسۇل ئويناپلا قالماي،يەنە داپ چېلىش،بەل دۇمباق چېلىش،قوشۇق چېلىشلاردىنمۇ ئويۇن كۆرسەتتى،تاماشابىنلار ئۇنىڭ ھەر بىر نۇمۇرىغا ئالقىش ياڭرىتىپ تۇردى،ئۇنىڭ نۇمۇرلىرى ئاخىرلىشىپ ئەندى سەھنىگە بىر ناخشىچى-ھاپىز چىقتى،ئومو ناخشا ئېيىتقاچ ئۇسسۇل ئويناپ،تاماشابىنلارنى ئۇسسۇلغا تارىتتى،كوللىكتىپ ئۇسسۇل بەك قىززىپ كەتتى،ئاسان تۈگەيدىغاندەكمۇ ئەمەستى،ئەگەر بۇ يەردە قاراپ تۇرىۋەرسە،تۈرىك بايرىمىنىڭ باشقا مەزمۇنلىرى كۈرۈكسىز قالاتتى،ئەندى ئۇلار يەرمەنكىلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ كەتتى.
  بوۋ دەرياسى بويىدىكى شاھزادە چارلىس باغچىسىنىڭ مۇشۇ بۇرجىكىدە يەنە سودا يەرمەنكىسى،كىتاپ يەرمەنكىسى،مەدىنىيەت يەرمەنكىسى قىزىپ كەتكەن ئىدى،تۈرىكچە تاماقلار سېتىلىۋاتاتتى،مەختۇم خانىمنىڭ ئىرى كىتاپلارغا بەكرەك قىزىقتى،ھېجىيلاپ بولسىمۇ كىتاپلارنىڭ ماۋزۇ-سەرلەۋھەلىرىنى ئوقۇپ چىقتى،«ئاتا تۈرىك»،«رومىي»،«نەسىردىن خۇجا»،«سۇپىئېزىم»...شۇ لار جۈملىسىدىن ئىدى،بوۋاينىڭ يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى،ھەر قانداق يەردە،ھەرقانداق چاغدا كىتاپ ئۇچرىسىلا ئۇنىڭ يۈرىگى ئەشۇنداق ھاياجانغا تۇلاتتى،لىكىن ئۇ بۇ تۈرىكچە كىتاپلارنىڭ ماۋزۇسىنى ھېجىيلىيالىغان بىلەن كىتاپلارنىڭ ئۈزىنى راۋان ئوقۇيالمايىتتى،چۈشۈنۈپ كىتەلىشى بولسا تېخى بىر گەپ ئىدى،ھەي...
ئەشۇ يەردە كىتاپ يايمىسى ئېچىۋاتقان بىر يىگىت «سىلەر ئۆزبىكمۇ؟» دەپ سۇراپ قالدى،ئۇنىڭ گىپىنى مەختۇم خانىمنىڭ ھەمرالىرى ئىنىق چۈشەندى،تەلەپپۇزى ئوخشىمىغان بىلەن سۆزلىرى چۈشىنەرلىك ئىدى،زۆھرەگۈل «ياق،بىز تۈرىك ئۇيغۇر»دەپ جاۋاپ بەردى،ھېلىقى يىگىت «مەن ئۆزبىك »دىدى،پاراڭ شۇ يەردىلا توختاپ قالدى،خىلمۇ-خىل ناملارغا باغلاپ قويۇلغان بىر يىلتىزلىق بۇ خەلىق ئاستا-ئاستا ياتلىشىپ كىتىۋاتاتتى،تىل پەرقىمۇ چوڭۇيۇپ كىتىۋاتاتتى،ئۆزبىكچىنى ئىنىق چۈشەنگىلى بولغان بىلەن ئاناتولىيە تۈرىكچىسىنى ئۇنداق ئاسان ئۇققىلى بولمايىتتى،بوۋاينىڭ «ھەي...»دەپ ھەسرەت چىكىشى مانا شۇنىڭدىن ئىدى.كىيوئوغۇل بوۋايغا تۈرىكچە ئۈگۈنۈپ بېقىشنى تەۋىسىيە قىلىشقا كىرىشتى،توردىن تۈرىكچە ئىلىپبە چۈشۈرۈپ بەرمەكچى بولدى،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە؛تۈرىكچە يېزىقنى بىر كۈندە،تۈرىك تىلىنى ئۈچ ئايدا ئۈگۈنۈپ بولغىلى بۇلارمىش،تۈرىكچە كىنولارنى كۈرۈش تۈرىكچە ئۈگۈنۈشنى تېخىمۇ تىزلىتەرمىش،ئۈچ ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىلسە تۈرىكلەر بىلەن سۆزلىشەلمىگەن ھالەتتىمۇ،ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى چۈشەنگۈدەك بولغىلى بۇلارمىش...بۇ گەپ راسىت بۇلىشى مۇمكىن،يىلتىز بىر،ئىتقاد بىر،گىرامماتكا ئوخشاش،سۆز-تىرمىنلاردىكى كىينكى يىللار پەيدا قىلغان پەرىقنى بەلكىم ئۈچ-تۆرىت ئايدا تۈگەتكىلى بۇلىشى مۇمكىن،بوۋاي ئۈگۈنۈپ كۆرمەكچى بولدى،مۇشۇ كانادادا گاس،گاچا ۋە ساۋاتسىزغا ئايلانغان بوۋاي ئۈچۈن بۇ ياخشى ئەرمەك بۇلالايىتتى،ئەشۇنىڭ بىلەن ۋاخىتنى ئۆتكۈزگىلىمۇ بۇلاتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىنكى يىللاردا دولقۇندەك يامراپ كىرگەن تۈرىك كىنولىرى ۋە تۈرىك ماللىرى قوزغىغان قىزغىنلىقمۇ تەسىر كۆرسىتىپ تۇراتتى،ئۇزاقتىن بىرى جەلىپ قىلىپ كىلىۋاتقان تۈرىك ئەدەبىياتىمۇ بارئىدى،ئانا ماكاندا تۇنۇشتۇرۇشقا روخسەت قىلىنغان نازىم ھىكمەت،ئۈمەر سەيپىتتىن،ئەزىز نەسىن قاتارلىق كۇممۇنىسىت ئىدىيېدىكى يازغۇچىلاردىن كىيىن ياشار كامالمۇ تۇنۇشتۇرۇلغان،يېقىنقى يىلللاردىن بىرى بولسا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئورخان پامۇكمۇ تۇنۇشتۇرۇلۇۋاتاتتى،دۇنيادا ئىتىراپ قىلىشقا ئىرىشكەن تۈرىك ئەدەبىياتىغا ئۇزاقتىن بىرى ھەۋەس قىلىپ كەلگەن بوۋاي ئۈچۈن تۈرىك تىلى ئۈگۈنۈش ھېلىلا پەيدا بولغان ئۆتكۈنچى ھەۋەس ئەمەس ئىدى،بوۋاي تۈرىك تىلىنى ئۈگۈنۈۋالسا نەقەدەر ياخشى ئىش بۇلاتتى-ھە،ۋاھالەنكى؛70كە ئۇلۇشاي دەپ قالغان ئادەم تىل ئۈگۈنەلەرمۇ؟ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۈۋەنلەپ كەتكەن،ۋەتەندىن چىقىش ئالدىدا بالىلار يېزىپ بەرگەن بىر قانچە جۈملە ئىنگىلىزچە گەپلەرنىمۇ ياتلىيالمىدىغۇ،بۇ قېتىم مۇشۇ تۈرىك مەدەنىيەت بايرىمىدا قوزغالغان ھەۋەسمۇ شۇنداقراق نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن،ئەمما ئۇرۇنۇپ كۆرگەننىڭ زىيىنى يوق،بەرىبىر بىكارغا ئۈتۈپ كىتىۋاتقان بۇ ۋاخىتنى تۈرىكچە كىتاپ- كىنولارغا قاراپ ئۆتكۈزسە نىمىسى بولمۇغۇدەك؟....
  مەختۇم خانىم تۈرىك مەدەنىيەت بايرىمىنى تاماشا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى .ئەشۇ يەردە ،بۇ يەرلەردە يەرلىشىپ قالغان ۋەتەنداش مۇساپىرلاردىن بىر قانچىسى ئۇچرىدى،مەتتۇرسۇن ئاخۇن،گۈلشات خانىملار بالىلىرى بىلەن،ئىپارگۈل بالىلىرى بىلەن بايرام تاماشاسىغا كەلگەنتى،ئۈرۈمچىلىك ئابدۇرىشىت يالغۇز كەپتۇ،چۈنكى ئۇنىڭ خانىمى ۋەتەنگە تۇققان يوقلاشقا كەتكەن،قىزى بولسا يىراقتىكى تۇرۇنتۇ شەھرىدە ئىدى،خۇتەنلىك ئابدۇللاخۇن (ئابباس ھاجىم ئوغلى ،ۋەتەندىكى ئىسمى رۇزى ئاخۇن) ئايالى رەيخانگۈل بىلەن تۈرىك بايرىمىدا خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ،تۈرىكچە تاماقلارنى چىقىرىشقا ياردەملىشىۋېتىپتۇ،بۇ سورۇنلاردا يەنە باشقا ۋەتەنداشلارمۇ بۇلىشى مۇمكىن ،لىكىن ھازىرچە مەختۇمخانىمغا ئۇچرىغىنى يۇقىرقىلارلا ئىدى،ۋەتەنداشلارنىڭ تۈرىك بايرىمىغا كىلىشىدە ۋەتەن سېغىنىشى تۈرىتكە بولغاندەك ،ئۇلار مۇشۇ سورۇندا ۋەتەن سېغىنىشىنى باسماقچى بولغاندەك بىر ھالەت بار ئىدى،ۋەتەن-سىنىڭ خەلقىڭدۇر،دىيىلىدۇ ئەقلىيەلەردە.تىگى-تەكتىدىن  ئېيىتقاندىمۇ ،راستىنلا يەر-زىمىننى،ئۆي-قورۇنى سېتىۋالغىلى بۇلاتتى،لىكىن خەلىقنى،خوشنىنى،دوست-ياراننى،ئۇرۇق-تۇققاننى سېتىۋالغىلى بولمايىتتى.بۇ بايرامغا كەلگەن ۋەتەنداشلار ئەشۇ سېتىۋالغىلى بولمايدىغان خەلىقنى مۇشۇ يەردىن تېپىۋالماقچىدەك قىلاتتى،نىمىلا دىگەن بىلەن يىلتىزى بىر خەلىق ئۇز كۈرۈنەتتى،يېقىن بىلىنەتتى،مۇشۇ تۈرىك مەدەنىيەت بايرىمىدا يۈرگەن ئاناتولىيە تۈرىكلىرى،ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرىكلىرى،كاۋكاز تۈرىكلىرى،قازان تۈرىكلىرى ،سېبىرىيە تۈرىكلىرى بەئەينى خۇتەنلىكلەرگە،قەشقەرلىكلەرگە،ئاقسۇلىقلارغا،كورلىلىقلارغا،تۇرپانلىقلارغا،قومۇللۇقلارغا،غولجىلىقلارغا،چۆچەكلىكلەرگە،ئالتايلىقلارغا ئوخشايىتتى،بوي-تۇرقى ،قاش-قاپاقلىرى،بۇرۇن-قاڭشىرى،رەڭگى-رويى بەئەينى تۈنۈگۈن كۆرگەندەكلا تۇيۇلاتتى،قاراپ-قاراپ قانمايىتتى كىشى ئۇلارغا.ئەشۇلارغا قاراپ-قاراپ قانمىغان ۋەتەنداشلارنىڭ قەلبىدىكى ۋەتەن سېغىنىشى يەنىمۇ بەكرەك ئۇلغايغان بولىشى مۇمكىن،بىزە پەسەيگەن بۇلىشىمۇ مۇمكىن،نىمىلا دىگەن بىلەن ۋەتەن سېغىنىشى دىگەن بىر مەڭگۈلۈك تۇيغۇ ئىدى،مۇساپىرلىقنىڭ مەڭگۈ ساقايماس بىر يارىسى ئىدى...
چېچىنى پاكىزە چۈشۈرتۈپ تاقىر باش بۇلىۋالغان،50 ياشلارغا يېقىنلاپ قالغان ئۈرۈمچىلىك ئابدۇرىشىت ۋەتەندىكى چاغدا يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىنىڭ باغۋەنچىلىك كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن،ئاشلىق نازارىتىدە ئىشلىگەن ئىكەن،ھازىر بۇ يەردە ئەسلى كەسپىنى تېپىپ بىرباغۋەنچىلىك شىركىتىدە ئىشلەۋېتىپتۇ،ھويلا ئاراملىرىغا باغ ياسىماقچى بولغانلارغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن،كىيو ئوغۇل ئابدىرىشىتنى قېينىئاتىسىغا،قېيىنئاتىسىنى ئابدىرىشىتقا تۇنۇشتۇردى،بوۋاي بىلەن بۇ تاقىر باش مۇساپىر بىردەمدىلا ئورتاق تىل تېپىشىپ ،ئۇزۇن يىللىق ئاغىينىلەردەك چىقىشىپ كەتتى،ۋەتەن توغىرىسىدىكى ئەسلىمىلەر ۋەتەن توغىرىسىدىكى تۇنۇشتۇرمىلاردىن قايتا يىڭىلاندى،ئىككى ياققا ئورتاق ئاغىينىلەر تېپىلدى،سۇئاللار ياغاتتى،جاۋاپلار ئۇچاتتى،پاراڭ شاھماتقا يەتكەندە،ئۇلار شۇنداق ھاياجانلىنىشىپ كەتتىكى؛شۇ تاپتا ئۇچۇپ ئەينى يىللىرى ئىتتىپاق يولىدا ئېچىلغان ھېلىقى شاھماتخانىغا ئۇچۇپ بېرىشقۇسى كىلىشىپ كەتتى،شاھماتنى بۇ يەردىمۇ ئوينىغىلى بۇلاتتى،لىكىن ۋەتەندىكىدەك قىزىشى ناتايىن ئىدى،ۋەتەندىكىدەك ھۇزۇر بىرەلىشى ناتايىن ئىدى،گەپ بېرىپ- بېرىپ يەنە شۇ سېغىنىش دەردىگە كىلىپ تاقىشاتتى،بوۋاينىڭ «ياخشى يەرلەرگە كىلىۋاپسىلەر»دىگەن باھاسىغا تاقىر باش ئابدىرىشىت:«تۈتۈننىڭ ئاچچىغىنى مۇرا بىلىدۇ»دەپ جاۋاپ بەردى،بۇ شۇنداق بۇلىشى مۇمكىن،مۇساپىرلىقنىڭ دەرىت-ئەلەملىرىنى ئەندىلا ۋەتەندىن چىققان،تېخى مۇساپىر بۇلۇپ باقمىغان بوۋاي نەدىن بىلسۇن؟ئابدىرىشىت بۇ يەرلەردە سەككىز يىل ياشىدى،سەككىز يىل مۇساپىر بولدى،تۈتۈننىڭ تەمى ھەممىدىن بەكرەك ئۇنىڭغا مەلۈم  ئىدى...
بۈگۈن كىچىك نەۋرە بانۇ ھەممىدىن بەكرەك بوۋ دەرياسىدا ئۈزۈپ يۈرگەن ياۋا غاز-ياۋا ئۆردەكلەرگەكۈڭۈل بۆلدى،دەريا بويىدىن كەتكۈسى كەلمىدى،ئۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلدى،ئۇنىڭدا ئەشۇ غاز- ئۆردەكلەردىكىدەك مەڭگۈ مۇساپىرلىق تۇيغۇسى بولماسلىغى مۇمكىن...
         8-ئىييۇن،يەكشەنبە،ھاۋا ئوچۇق،
ئەتتىگەندە كىيوئوغۇل ئاغىينىسى مەتتۇرسۇن ئاخۇن بىلەن نەلەرگىدۇر بىر يەرگە بېرىپ ماشىنا كۈرۈپ كەلدى،بۇ يەرلەردە ئۆي سېتىۋېلىش،ماشىنا سېتىۋېلىش قاتارلىق چوڭ سودىلار ئاۋال توردىكى ئىلانلارغا قاراش،ئۇندىن كىيىن ۋاكالەتچى بىلەن ئالاقىلىشىش،ۋاكالەتچىنىڭ باشلىشىدا نەخ مەيدانغا بېرىپ مالنى كۈرۈش،يارىسا ۋە باھاسىدا كىلىشەلىسە ئاندىن ئىككى تەرەپنىڭ ئادىۋكاتىغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن.سۇدا قىلغۇچى ئىككى تەرەپ كەم كۈرۈشىدىكەن،مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىش،پۇل تاپشۇرۇش قاتارلىق ئىشلار ۋاكالەتچى ، ئادىۋكات ۋە بانكا ئارقىلىق ئۇرۇنلانغاچقا،قارىچىغا ئۇچىراپ قېلىش،ئالدىنىپ قېلىشتەك ئىشلار يۈز بەرمەيدىكەن،لىكىن ئارىدىكىلەرنىڭ ھەققى قۇشۇلۇپ باھا سەل ئۆرلەپ كەتسە كىرەك،بۈگۈن ئۇلار ماشىنا سودىسى بىلەن شۇغۇللۇنىدىغان بىر سىربىياننىڭ قېشىغا بېرىپ سېتىلىدىغان ماشىنىنى كۈرۈپ كەپتۇ،ئامىرىكىدىن 2- قول ماشىنىلارنى يۆتكەپ ساتىدىغان بۇ سىربىيەلىك بەك بايمىش،داچىسى جايلاشقان كۈلەملا 30 مودىن ئارتۇق كىلەرمىش،ئۇلارنىڭ كۆرگىنى 2006-يىلى زاۋۇتتىن چىققان «Subaru» ماركىلىق ،سىپورت تىپلىق ماشىنا ئىكەن،90مىڭ كىلومىتىرچە ماڭغان ئىكەن،،13مىڭ دوللارغا كىلىشىپتۇ،مەتتۇرسۇن ئاخۇننىڭ دىيىشىچە؛بەك ئىسىلمىش،4چارقىسىنىڭ ھەممىسى سۆرەرمىش،ماڭغاندا چاقلىرى يەرگە چاپلىشىپ كىتەرمىش،بۇرۇلمىلاردىمۇ سۈرئەتنى تۈۋەنلەتمەي بۇرۇلغىلى بۇلارمىش...ئۈزەڭ سېتىۋالماقچى بولغان مالنىڭ ئېسىللىگىگە ھەقىقى ئىشەنسەڭ ،ئاندىن تاپشۇرغان پۇلۇڭغا قۇرسىقىڭ ئاغرىمايدۇ،كۆڭلۈڭمۇ خۇشاللىققا تولىدۇ،قارىغاندا بۈگۈنكى سودىدىن كىيوئوغۇلمۇ،ئاغىينىسىمۇ رازى بولغاندەك قىلاتتى،
بۈگۈن مەختۇمخانىمنىڭ بۇ يەردىكى ئىككىنجى نەۋرىسى بەرنانىڭ توغۇلغان كۈنى،ئۇ بۈگۈن 12ياشنى تۈگۈتۈپ 13ياشقا قەدەم قويىدۇ،ئۇ 12يىل بۇرۇن ئامىرىكا –كانادا چىگىرىسىدىكى،دېتىرويىت دەرياسى بويىدىكى كاناداغا تەۋە ۋىنزېر دىگەن شەھەردە بۇ ئالەمگە كۆز ئاچقان،مەختۇمخانىم بۇ نەۋرىسىنى تۆرت يىلدىن كىيىن،ئانىسى ئۇنى ۋەتەنگە ئېلىپبارغاندا ئاندىن كۆرگەن،مانا ئەندى بۇ كىچىك كانادالىق نىڭ بويى لوڭڭىدە ئۈسۈپ،ئانىسىدىنمۇ ئىگىز بۇلۇپ كەتكەن ئىدى،چاچلىرى قاپ-قارا،چوڭ-چوڭ كۆزلىرى كەشمىرىلەرنىڭكىگەئوخشايىتتى،لىكىن ئەپسۇسلىنارلىغى ئۇ ئەشۇ چىرايلىق كۆزلىرىگە كۆز ئەينەك تاقايىتتى،بۇنىڭغا ئامال يوق ئىدى،كۆزئەينەك تاقىمىسا كۈرەلمەيىتتى،بۇ مۇشۇ ئائىلىدىكى ئىرسىيەت خاراكتىرلىق ئىش بولسا كىرەك،ئەڭ كىچىك نەۋرە بانۇدىن باشقا ھەممىسى كۆز ئەينەك تاقىشاتتى،بەرنا كۆزئەينەك تاقىغىنىغا قارىماي بەك ئۇماق ئىدى،شوخ ۋە تىرىشچان ئىدى،ھەپتىدە بىر قېتىم ئېسكىرىپكا ئۈگۈنۈش كۇرىسىغا باراتتى ۋە بىكار بولسىلا ئېسكىرىپكىسىنى سايرىتىپ مەشىق قىلاتتى،بۈگۈن بەرنا بەك خۇشال ئىدى،مەختۇمخانىم ئەتتىگەندىلا بۇ ئۇماق نەۋرىسىنىڭ توغۇلغان كۈنىنى تەبىرىكلىدى، پىشانىسىگە سۈيۈپ قويدى،يۇمشاق چاچلىرىنى سىلىدى،ئەسلى ئۇنىڭ توغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ سوغات تەقدىم قىلىشى كىرەك ئىدى،لىكىن نىمە ئېلىشىنى بىلەلمىدى،بىلەلىگەن ھالەتتىمۇ ماگىزىنلارغا بېرىشنى بىلمەيىتتى،شۇڭا نەۋرىسىگە 100 دوللار پۇل تۇتقۇزۇپ قويدى،بۇمۇ بولغىنى ئىدى،نەۋرە ئۈزىگە لازىملىق ۋە يارىغان نەرسىنى ئالالايىتتى،ئەمما بۇلا بەرنانىڭ توغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش بۇلۇپ قالسا بولمايىتتى،توغۇلغان كۈننى خاتىرلەش-غەرىپتە،خېرىستىيان دۇنياسىدا ئومۇملاشقان،باشقا مەدەنىيەت رايۇنلىرىغىمۇ كەڭ تارقالغان بىر ئىش بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەلبەتتە بۇ ئۇيغۇر كۆچمەن ئائىلىسىگىمۇ تەسىر قىلماي قالمىغانتى،ئۇلار بەرنانىڭ توغۇلغان كۈنىنى قانداق خاتىرلەشنى پىلانلاشقا باشلىغىلى نەچچە كۈن بولغانتى،بۇ پىلان بويىچە ئىككى پاختەكنى بىر چالمىدا سوققىلى بۇلاتتى،ھەم بەرنانىڭ كۆڭلىنى خوش قىلغىلى،ھەم ۋەتەندىن يىڭى كەلگەن مەختۇمخانىملارنى ساياھەت قىلدۇرغىلى بۇلاتتى،شۇڭا مۇشۇ پىلان بويىچە ،ئۇلار سائەت 11لەردە ئۆيدىن چىقىپ،يەتتە كىشىلىك ماشىنا بىلەن شەھەرنىڭ غەربى شىمالىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى،ماشىنا ئالاھىزەل بىر سائەتچە چاپتى،قىزىل چىراقلاردا توختاپ ،شەھەرنى ئايلىنىپ 45 كىلومىتىرچە يول باستى،ئاخىرى شەھەردىن چىقىپ،روك تاغ تىزمىلىرى باغرىدىكى كەڭ يايلاق-ئىدىرلارغا يەتتى، بۇ يەردە چىرايلىق ياغاچ رىشاتكىلار بىلەن بۈلۈپ-بۈلۈپ قاشالانغان يايلاقلاردا ئات ۋە كالىلار ئوتلۇشۇپ يۈرەتتى،ئات ۋە كالىلار شۇنداق سېمىز ئىدىيكى،ھېلىقى دۈمچىسىگە تۇخۇم قۇيۇپ قويسا چۈشۈپ كەتمەي توختايدۇ دىگەن تەسۋېر گە ماس كىلەتتى،بۇنداق قاشالانغان يايلاقلار بۇ يەردە كۆپ ئىدى، ھەممە يەرنى قاشالانغان يايلاق ئىكەن دىسىمۇ بۇلاتتى، بۇ يايلاقلاردا ياۋايى ھايۋانلارمۇ بارمىش،بۇغا –جەرەنلەر توپ-توپ بۇلۇپ ئوتلاپ يۈرەرمىش،بەزى- بەزىدە قوڭۇر ئېيىقمۇ ئۇچىراپ قالارمىش...مانا شۇ يايلاقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەختۇمخانىملار بۈگۈن  بارماقچى بولغان كالاۋاي باغچىسى(calaway park )بار ئىدى، ئۇلار باغچا دەرۋازىسى ئالدىدىكى كەڭرى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ،باغچىغا قەدەم باستى،دەرۋازا ئالدىدىكى بىلەت سېتىش ئورنىنىڭ ئۇچۇق ئىشكاپىدا قاتلىما  شەكىلدىكى باغچا خەرىتىسى تىزىپ قويۇلغانتى،بالىلار بىلەت ئېلىپ بولغۇچە،بوۋاي ئەشۇ خەرىتىلەردىن بىرنى ئېلىپ،خۇددى ئىنگىلىزچە گەپلەرنى چۈشۈنەلەيدىغاندەك،ئىنگىلىزچە خەتلەرنى ئوقالايدىغاندەك دىققەت بىلەن قاراشقا باشلىدى،ئۇ ساناپ چىقتىكى ؛كالاۋاي باغچىسىدا 75 خىل ئويۇنچۇق بار ئىكەن،ئوھھوي،قارىغاندا بۈگۈن بىر كۈندە بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئويناپ بولغىلى بولمىسا كىرەك،نىمە دىگەن جېق ...بالىلار بىلەت ئالدى،بىر كىشىلىك بىلەت 26 دوللار ئىكەن،بۇ مەختۇمخانىم خەجلەيدىغان خەلىق پۇلى ھىسابىدا 150 يىۋەندىن كۆپرەك پۇل ئىدى،مەختۇم خانىمنىڭ يۈرىگى ئېچىشىپ كەتتى،ئۇنىڭچە 150يىۋەنگە باغچا سەيلىسى قىلىش ھەقىقىتەن بەتخەجلىك ئىدى،ئۈزىنى بىلەلمەي قالغانلىق ئىدى،ئۇ ئۇھسىندى،بىلەت ئېلىۋاتقان قىزىغا غەزىلەت قىلماقچى بولدىيۇ توختاپ قالدى،چۈنكى قىزنىڭ يېنىدا كىيوئوغۇل بار ئىدى، كىيوئوغۇل يېنىدا سەل ئەدەپلىكرەك بۇلۇش كىرەك ئىدى،ھەي... ئانىسىنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ھېس قىلغان قىزى كۈلۈمسىرەپ قويدى ۋە چۈشەندۈرۈشكە كىرىشتى،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە؛بىلەتنى 26 دوللارغا ئەمەس،13دوللارغا ئاپتۇ،ئۇنىڭ بىر خىزمەتدىشى يەتتە كىشىلىك ئىتىۋار كارتىسى تەقدىم قىلغان ئىكەن،شۇ كارتا بولغاچ،ئۇلار يېرىم باھادا بىلەت ئاپتۇ،13دوللار دىگەن بۇيەردە ئانچە جېق پۇل ئەمەس ئىكەن،كىيوئوغۇلنىڭ بىر سائەتلىك ئىش ھەققىگە ئۈچ كىشىلىك بىلەت ئالغىلى بولىدىكەن،ئۈزىنىڭ بىر سائەتلىك ئىش ھەققىگىمۇ ئىككى بىلەت ئالغىلى بولىدىكەن،ئايدا-يىلدا بىرەر قېتىم كۈڭۈل ئېچىشقا پۇل خەجلىسە ھېچنىمە بولمايدىكەن...ئەمما بۇ گەپلەرگە مەختۇمخانىم قايىل بولسۇنمۇ؟قاتتىق ئىختىساتچىللىققا ئادەتلەنگەن بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى يەنىلا بېشىنى چايقايىتتى،نىمىگىدۇر ئېچىنغاندەك قىلاتتى،
ئۇلار باغچىغا كىرىشتى،چوڭ-كىچىك ھەممە كىشى ئوينيالايدىغان خىلمۇ-خىل ئويۇنچۇقلار كۆزنى ئالا-چەكمەن قىلاتتى،بەك خەتەرلىك،قورقۇنۇچلۇق ئويۇنچۇقلارمۇ بار ئىدى،كىيۇئوغۇلنىڭ تەكلىۋى بۇيىچە ئۇلار ئالدى بىلەن غايەت چوڭ چاقپىلەككە چىقىشتى،چاقپەلەكنىڭ ئاسما ئورۇندۇقلىرىدا ئۇبدان جايلىشىۋېلىپ،بېزىندىنى چىڭ باغلاشتى، گەرچە ئورۇندۇقتىن چۈشۈپ كىتىش ئىھتىمالى بولمىسىمۇ،بۇنداق قىلغاندا  ئادەمدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچىيەتتى،ئاسما چاقپىلەكنىڭ ئاستا-ئاستا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ ئۇلار كۆككە كۆتىرلىشكە باشلىدى، 10مىتىر،20مىتىر،30مىتىر....ئۆرلىدى،يەنە 50 مىتىرگىچە كۈتۈرۈلدى،باغچىنىڭ ھەممە يىرى ئالقاندەك ئىنىق كۈرۈندى،ھەتتا يىراقتىكى يايلاقلار،ئىدىرلار،ئورمانلارمۇ كۈرۈندى،بىرىنجى تاماشا ئۈچۈن ئىگىز چاقپىلەكنىڭ تاللىنىشى بەك بەلەن ئىش بولغان ئىكەن،بۇ خۇددى پۈتۈن باغچىنى تۇنۇشتۇرغاندەك ،باغچىنىڭ خەرىتىسىنى يېيىپ قويغاندەك ئىش بولدى،ئىگىزگە كۈتۈرۈلسە ئادەمنىڭ روھىمۇ كۈتۈرۈلۈپ قالىدۇ ئەمەسمۇ،مەختۇمخانىم ئەندى ئۈزىنى خېلىلا يىنىكلەپ قالغاندەك سەزدى،تېخى ھېلى  بىلەتكە خەجلەنگەن پۇلنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىگىنىمۇ ھېس قىلدى،ھەتتا ئۇ پۇلنى ئۇنتۇپمۇ كەتتى،گۈزەل مەنزىرىلەر،شوخ قىيقاس –چۇقانلار ئۇنى ئۇيۇن –تاماشانىڭ سېھىرلىك قوينىغا سۆرەپ كىرىپ كىتىۋاتاتتى...
ئاسما چاقپىلەكتىن كىيىن بالىلار ئىلەڭگۈچلەر،تىز ۋەخەتەرلىك تولغىما پويىزلار،باغلانما ئۇچقۇلار،سۇغا ئۇرۇلىدىغان سىرىلماقلار...ۋە يەنە تالاي ئويۇنچۇقلارغا چىقىپ قانغۇچە ئوينىدى،مەختۇمخانىم ۋە ئۇنىڭ بوۋېيى بۇنداق ئويۇنچۇقلارغا چىقىشتىن قورقىدىغان بولغاچ ،باشقىلارنىڭ ئويۇنىغا قاراپ ئولتۇردى،باشقىلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۈرۈشنىڭ ئۈزىمۇ بىر ئويۇن ئىدى،ئۇلار چۈشكە يېقىن رېلىسلىق ئويۇنچۇق پويىزغا ئولتۇرۇپ باغچىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى،باغچا جايلاشقان دائىرەنىڭ كۈلىمى 200-300 مودىن ئارتۇق كىلەتتى،75خىل ئويۇنچۇق جايلاشتۇرۇلغان يەرلەردىن باشقا يەرلەر پۈتۈنلەي دەرەخلىك ۋە گۈللۈك ئىدى،ئادەم كۈرۈپ-كۈرۈپ قانمايىتتى،مەختۇم خانىملار چۈشكىچە ئايلىنىپ ۋە بالىلارنى ئوينۇتۇپ ھېرىپ كەتتى،چۈشتە باغچىنىڭ تاماق يەيدىغان شىرەلىرىگە جايلىشىپ ئۆيدىن ئېلىۋالغان تەييار تاماقلىرى بىلەن غىزالاندى،باغچىدا ئېچىلغان ئاشخانىلارنىڭ تامىقىنى شەك كەلتۈرمەي يىگىلى بولمايىتتى،گەرچە ھەدىس شەرىپتە ،ناسارالار ۋە يەھۇدىلارنىڭ تامىقى سىلەرگە ھالال دىيىلگەن بولسىمۇ،ھازىرقى يەھۇدى ۋە ناسالار ئەينى چاغدىكى يەھۇدى ۋە ناسارالار ئەمەس ئىدى،كىيىنكى زامانلارغا كەلگەندە ناسارالار چوشقا گۈشى يەيدىغان بۇلىۋالغان ،ئۇلاردا ھالال-ھارام چۈشەنچىسى يۇقالغان ئىدى،بۇنداق ئادەملەر ئەتكەن تاماقنى قانداق يىگىلى بولسۇن؟ھازىرقى دۇنيادا ئۈزەڭ ئەتمىگەن تاماقلارنىڭ پاكىزە ئىكەنلىگىگىمۇ ئىشەنچى قىلغىلى بولمايىتتى،شۇڭا بىرەر يەرلەرگە بارغاندا ،ئەڭ ياخشىسى،ئىمكانىيىتىڭ بولسىلا تاماق ئېلىۋېلىشىڭ كىرەك ئىدى،بۇنداقتا،نەپسىڭنى بۇلغاشتىن ساقلىنالايىتتىڭ،شۇنداقلا تاماق ئىزدەش ئاۋارەچىلىگىدىنمۇ قۇتۇلۇپ قالاتتىڭ،ئۈزەڭ ئەتكەن تاماق نىمە دىگەن ئىشەنچىلىك –ھە،
باغچىدا ئادەم بەك جېق ئىدى،ھەر رەڭ،ھەر ئېرىق،ھەر جىنىس،ھەر قۇرام،ھەر تۇرۇق...ھەممىسى تېپىلاتتى،شەھەردە كۆرگىلى بولمايدىغان ئادەملەرنى بۇ يەردە كۆرگىلى بۇلاتتى،يازلىق تەتىل ۋاختى بولغاچ،ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئويناتقىلى كەلگەندى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پەقەت ياز پەسلىدىلا ئېچىلىدىغان باغچا ئىدى،بۇ ياقلاردا قىش پەسلى سوغۇق قاتتىق بولىدىغان بولغاچ، قىش پەسلىدە بۇنداق باغچىلارغا كەلگىلى بولمايىتتى،،شۇڭا كىشىلەر پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشكەندى،ئادەم شۇنچە جېق بولسىمۇ،كىشىلەر بىر-بىرىگە دەخلى قىلىشماس،ھەتتا ئۈنلۈكرەك پاراڭمۇ قىلىشماس ئىدى،ھەممە كىشى ئەدەپلىك،تەرتىپلىك،ئەپۇچان،بىر بىرىگە يول قۇيۇشنى بىلىدىغان كۈرۈنەتتى،ئەمما ئەشۇ ....نىمىسىنى دەيمىز،يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشلەر،قۇپال سەمىرىشلەر،پۈرۈم-پۈرۈم قورۇقلار مەختۇمخانىمدا باشقىچە تەسىرات قالدۇرمايمۇ قالمىدى،مەختۇمخانىم كالىگارىيغا كەلگەن ئىككى ھەپتىدىن بىرى ،ئىككى قېتىم چۇقۇر بازار تەرەپكە ئۆتتى،ئۈچ-تۆرت قېتىم بازار-ماگىزىنلارغا باردى،جېق ئادەملەرنى كۆردى،ھەممىسسى مۇشۇنداق غەلىتە تەسىرات قالدۇردى،بۇ ئادەملەر ئىشقىلىپ مەختۇم خانىمنىڭ كۈزىگە سىغمايۋاتاتتى،ئۇ،باغچىدىن قايتىۋاتقان يولدا ،ئاخىرى بالىلىرىدىن بىر سۇئال سوردى:ھەممە پەرەڭلەر –ئاق تەنلىكلەر مۇشۇنداق كۈرۈنۈشتىمۇ؟-خانىمنىڭ بالىلىرى ئانىسىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىگىنى چۈشەندى،بۇ ھەممە پەرەڭلەر مۇشۇنداق كۈرۈمسىزمۇ؟ دىگەن سۇئال ئىدى،دىمىسىمۇ ،بۇ خەخلەر بەك سەت ئىدى، چوڭ كۆزلۈك جەنۇبى ئاسىيالىق ھىندىلاردىن،قاڭشارلىق پارىسلاردىن،يۇمۇلاق يۈزلۈك تۈرىكلەردىن باشقا خەخلەر مەختۇمخانىمدا بىر خىل سەتلىك تەسىراتى قالدۇرغاندى،چىرايىنىڭ كۈرۈمسىزلىگى،ئۇستىخانلىرىنىڭ قۇپاللىغى،ئۇرۇق –سىمىزلىگىنىڭ تەكشىسىزلىگى،تىرىسىنىڭ ناچارلىغى-پۈرۈم-پۈرۈم قورۇقلىغى،كىيىنىشلىرىنىڭ قاملاشمىغانلىغى ئەشۇ تەسىراتنى كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى،بالىلار ئانىسىنىڭ سۇئالىنى ئاڭلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى ۋە چۈشەندۈرۈشكە كىرىشتى،ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە؛پەرەڭلەرنىڭ گۈزەللىرىمۇ بارمىش،ئۇلار بۇنىڭغا ھوللۇۋوتتىكى چۆلپانلارنى مىسال كەلتۈردى،مەختۇم خانىم ئەشۇ چۆلپانلارنى يادىغا ئېلىپ،دەرھال قايىل بولدى،ئۇلارنىڭ يەنە ئېيتىشىچە؛ھەممە خەخلەردە ئۇز-سەتلىك نىسبىتى ئالاھىزەل ئەللىكتە ئەللىك ئىمىش،ھەممە ئوخشاش يارىتىلمىغانلىقتىن بۇنىڭغا ئامال يوقمىش،لىكىن پەرەڭلەرنىڭ تېرىسىنىڭ نىپىز ۋە ناچارلىغى راستىنلا ئەمەلىيەتمىش،يەنە بىر مەسىلە شۇكى؛ھەممە ئېرىقلاردا ئۈزىگە خاس گۈزەللىك قارىشى شەكىللەنگەنلىكتىن،باشقا ئېرىقتىكى خەخلەرنىڭ سەت كۈرۈنىشى ،ئەشۇ ئۇزاق تارىختا شەكىللەنگەن گۈزەللىك ئۆلچىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىش،بۇ نوختىدا بىزمۇ ئۇلارنىڭ كۈزىگە ئەشۇنداق سەت كۈرىنەرمىشمىز....
        ئىييۇننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلاردىن خاتىرە
ئىييۇننىڭ ئوتتۇرىسى دىگەننى ئىييۇننىڭ ئىككىنجى ئون كۈنلىرى دىسەكمۇ بۇلىدۇ،شۇ كۈنلەردە كالىگارىيدا ھاۋا ئېسسىپ كەتتى،تىمپىراتۇرا 30-32 گىرادوسقا چىققانتى،كالىگارىيلىقلاربۇنى كالىگارىينىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرى دىيىشىپ،ۋاي ئېسسىق،ئاھ-پاھ دىيىشىپ كىتىشتى،گەرچە خوتەننىڭكىگە،تۇرپاننىڭكىگە يەتمىسىمۇ ،راستىنلا ھاۋا خېلى ئېسسسىپ قالغانتى،مەختۇمخانىممۇ شۇ كۈنلەردە كىچىسىمۇ دەرىزىنى ياپمىدى،كۈندۈزلىرى سەيلىگە چىققاندا بىرەر قېتىم تەرلەپ باقمىغان بولسىمۇ،لىكىن يەنىلا بۇ يەرلەرنىڭ ئېسسىپ كەتكەنلىگىگە ئېشىنىپ قالدى،ھەممە ئادەم ئېسسىق دەۋاتسا،ئىشەنمەي بۇلاتتىمۇ ؟ئەمەلىيەتتىن ئالغاندىمۇ،بۇ مۇشۇ يەرلەرنىڭ ئەڭ ئېسسىق چاغلىرى ئىدى ،داچىنىڭ ئارقا باغچىسىدىكى گۈللەر ئېچىلىشقا باشلىدى، چىملار قىرىققۇدەك ئۆستى،بىزدىكى قارا شەھەرنىڭ پاشىلىرىدەك يۇغان پاشىلار چىملىقلاردا ۋىژىلداشتى، ياز پەسلى دىگەن مۇشۇ ئىدى...
ئەندى مەختۇمخانىمنىڭ كۈنلىرى بىر قىلىپقا چۈشكەن،ئەتتىگەن-كەچتە داچىنىڭ ئارقا باغچىسىغا تۇتاش چوڭ باغچىدا سەيلى قىلماق،كىچىك نەۋرە بانۇنى ئويناتماق،چۈشتە تاماق ئەتمەك ،ئىبادەت قىلماق...تەكرارلىنىۋاتاتتى،يۇرىتداشلارنىڭ قىچقىرىقلىرىغا قەدەم تەشرىپ قىلماق داۋام قىلىۋاتاتتى،بۇ يەردىكى بىرىنجى ئەۋلات ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى تېخى ئۇيغۇرچە ئۆرپى-ئادەتلەرنى ئۇنتۇمىغان،دوس-يارانلارنىڭ،خۇلىن-خوشنىلارنىڭ ئۈيىگە مىھمان كەلسە،داستىخان كۈتۈرۈپ ھال سۇراشقا كىلىشلەرنى،ئارقىدىن مىھمانغا چىللاشلارنى تاشلاشمىغان ئىدى،مىھماننى كۈتۈشلىرىمۇ،داستىخانغا تىزىدىغانلىرىمۇ ۋەتەندىكىگە ئوخشاش ئىدى،بۇ يەردىكى ھەشەم-پەشەملەرنى مىھماننىڭ ئېززىتى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىناتتى دەپ تەسۋېرلىسىمۇ بۇلاتتى،ئىشقىلىپ ۋەتەندىكىگە،قەشقەردىكىگە ،ئاتۇشتىكىگە ئوخشاش ئىدى،يەنە نىمىلەرنى دەيمىز؟ ۋاھالەنكى ئەشۇ ئۆرپى –ئادەتلەرنى مەختۇمخانىمنىڭ قىزى،كىيوئوغلى تېخى ئۇنتۇمىغان بىلەن،نەۋرىلىرى بىلمەيىتتى،نەۋرىلىرى ئۆرپى-ئادەت تۈگۈل تۈزۈگرەك ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشنىمۇ بىلمەيىتتى،ۋەتەندە-خۇتەندە توغۇلغان چوڭ نەۋرە بابۇر نىڭ بىلىدىغان ئۇيغۇرچە گەپلىرىنى سانىسا،100-150دىن ئاشماسلىقى مۇمكىن،ئۇ ھەر كۈنى ئەتتىگەندە دىيىلىدىغان «ئۇبدان قوپتىڭىزما؟»دىگەن بىر جۈملىنى ئاران دىيەلەيىتتى،شەرقى-جەنۇبى كانادادىكى ۋىنزىر دىگەن يەردە تۇغۇلۇپ ،بۇ يىل 13ياشقا قەدەم قويغان 2-نەۋرە بەرنانىڭ بىلىدىغان ئۇيغۇرچە گىپى بولسا ،ئىنىقكى؛ئاكىسىنىڭكىدىن ئاز ئىدى،ئۇمۇ ئارانلا «سەن بۇنى بىلمەيسەن»دىگەن جۈملىنى تەكرارلىيالايىتتى،
مۇشۇ كالىگارىيدا توغۇلۇپ،ئەندى ئۈچ ياشقا كىرگەن بانۇغا كەلسەك؛ئېيتىشلىرىچە،ئۇنىڭ تىلى ئەسلى ئۇيغۇرچە چىققان ئىكەن،كىيىن تىلىۋىزوردىن كارتۇن پىلىملىرىنى تۇلا كۈرۈپ،ئۆزلىگىدىن ئېنگىلىزچە سۆزلىيەلەيدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ،دىمىسىمۇ ئۇ ئاكا-ئاچىسى بىلەن سۆزلەشكەندە،قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ كىتەتتى، مۇمىسىغا گەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ بىرەتتى،لىكىن تېخى ئەندىلا ئۈچ ياش ئەمەسمۇ،بىلىدىغان گەپلىرى بەك ئاز ئىدى،ئۇ «I law you»( مەن سىنى ياخشى كۈرۈمەن )دىگەن سۆزنى بەك كۆپ تەكرارلايىتتى،
ئۈچ نەۋرىنىڭ ھەممىسى ئېنگىلىزچىنى بەك راۋان سۆزلەيىتتى،ئېنگىلىزلارنىڭ ئۈزىدەكلا كالدىرلاپ كىتەتتى،ئادەمنىڭ مەسلىگى كەلگۈدەك،ئاڭلىغانلار ھەۋەس قىلغۇدەك سۆزلەيىتتى،ئۇلارنىڭ ئېنگىلىزچە سۆزلىگەندىكى ئاۋازى خۇددى شىئېر دىكلاماتسىيە قىلغاندەك ئۇرغۇلۇق چىقاتتى، ئۇلارنىڭ ئېنگىلىزچە سۆزلەشلىرىدىن ئاتا –ئانىسىمۇ پەخىرلىنەتتى،تېخى ئۇلار «مۇشۇ بالىلارنى ياخشى تەربىيە مۇھىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈنلا مۇساپىر بۇلۇپ يات يەرلەردە جاپا چىكىۋاتىمىز ئەمەسمۇ» دەپمۇ قويۇشاتتى،خۇددى راستىنلا مۇشۇ بالىلار ئۈچۈنلا بۇ ياقلارغا كۈچۈپ كىلىشكەندەك.ۋاھالەنكى؛بالىلارنىڭ ئەشۇ گۈزەل ئاۋازى بوۋايغا ياقماي قالدى،بالىلارنىڭ ئەشۇ ياڭراق دىكلاماتسىيەلىرىنى مەختۇمخانىم چۈشەنمەي قالدى،ئۇلارنىڭچە،بالىلار ئۆز ئاناتىلىدا سۆزلىشى،ئانا تىلنى باشقا تىللاردىن ياخشى بىلىشى كىرەك ئىدى،ئۇلارنى ياخشى تەربىيە موھىتىغا ئىگە قىلىش-ھەرگىزمۇ ئۇلارنى  قوش قوللاپ باشقا مىللەتلەرگە قوشۇۋېتىش -ئۆتكۈزۈپ بىرىش بۇلۇپ قالماسلىغى كىرەك ئىدى،ھېچ بولمىغاندىمۇ ،ئۇلار ئۆيدە ئانا تىلدا سۆزلىشىشى كىرەكتى،باشقا تىللارنى ئۈگۈنۈپ،باشقا خەلىقلەردىن ئۆزلەشتۈرگەنلىرىنى يەنە شۇ ئانا خەلىققە خىزمەت قىلدۇرىشى لازىمتى،ئەپسۇسكى؛بۇيەردە ئىش ئۇنداق ئەمەستى،بالىلار ئانا تىلنى تۇلۇق بىلمەيىتتى،  ئانا يېزىقتىنمۇ ساۋاتسىز قالغانتى،ئانا يېزىقتىن ساۋاتسىز بولسا،ئانا تىلنى قانداق ئۈگۈنۈدۇ؟ مانا مۇشۇ مەسىلە يىراق ۋەتەندىن نەۋرىلەرنى كۆرگىلى كەلگەن مەختۇمخانىم بىلەن ئۇنىڭ بوۋېيى ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىدى،ئۇلار بۇنى ۋەتەندىكى چاغدىلا ئازىراق ھېس قىلغان،شۇڭا يولغا چىقىش ئالدىدا ئاتايىتەن ئىېلىپبە سېتىۋېلىپ ئالغاچمۇ كەلگەنتى،ئەندى مانا شۇ ئىسسىق ئىييۇننىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇلار تەتىل قىلىۋاتقان نەۋرىلەرگە كۇرىس ئاچتى،ئۇيغۇر يېزىقىدىن ساۋادىنى چىقىرىشقا كىرىشتى،ئەلبەتتە بۇ، بالىلارنىڭ ئاتىسى-ئانىسىنىڭ قوللىشى،بالىلارنىڭ قۇشۇلىشى  بىلەن بولدى،ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا،ئەگەر بۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ تارماقلىرى بۇنداق تەتىللىك كۇرىسلاردىن خەۋەر تېپىپ قالىدىغان بولسا،كۇرىس ئاچقۇچىلار ئەلبەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن سۈرۈشتە قىلىنماي قالمايىتتى،ھەيھات،ھەممەيلەن قوشۇلغان بولغاچقا،بۇ مەخپىي كۇرىس توغىرىسىدىكى خەۋەر مائارىپ تارماقلىرىنىڭ قولىقىغا يەتمەي قالدى،كۇرىس نۇرمال داۋاملاشتى،
بالىلارنىڭ ئەقلى جايىدا ،تېخى خېلىلا زىرەك دىگۈدەك ئىدى،ھەر كۈنى ئىككى سائەتلا ئۈتۈلگەن دەرىستە بەش –ئالتە ھەرىپنى ئۈگۈنۈۋالالايىتتى،ئۇلار ئالتە كۈن ئىچىدىلا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەممە ھەرىپلەرنى تۇلۇق ئۈگۈنۈپ بولدى،ھەر بىر ھەرىپنىڭ ھەممە شەكىللىرىنى پەرىقلەندۈرۈپلا قالماستىن ،يەنە ھەرىپلەرنى بىر –بىرىگە قوشۇپ ئوقۇيالايدىغان،قوشۇپ يازالايدىغان بولدى،بۇ جەرياندا يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرچە گەپلەرنىمۇ ئۈگەندى،ئۇيغۇرچە قۇشاق،ئۇيغۇرچە تىكىسىتلەرنى ياتلىدى،ئەندى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرسىلا ،داۋاملىق پىششىقلىسىلا ھەرىپلەرنى ئۇنتۇپ قالمايىتتى،داۋاملىق ئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈش مەخسىدىگە يىتەلەيىتتى،بالىلارغا ھەر كۈنى بىر قانچە بەت ئۇيغۇرچە كىتاپ ئوقۇش، كىتاپ ئوقۇش جەريانىدا ئۇچىرىغان ناتۇنۇش گەپلەرنى سۇراش تۇغىرىسىدا تاپشۇرۇقلار بىرىلدى،بوۋاي ئۇلار كىتاپ ئوقۇۋاتقاندا زىرىكمەي قاراپ ئولتۇراتتى،تۈزىتەتتى ۋە يىتەكچىلىك قىلاتتى...
مەختۇمخانىم يەنە بالىلارنىڭ ئەرەپچە ھەرىپلەرنى ئۈگۈنۈشىگە ،قۇرئانى كېرىم نى ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەگە يىتىشىگە يىتەكچىلىك قىلدى،ئېيتىشلىرىچە؛بۇ چوڭ نەۋرە بابۇرنىڭ 3-قېتىم قۇرئان ساۋادىنىڭ چىقىرىلىشى ئىكەن،ئالدىنقى ئىككى قېتىمدا ياخشى ئۈگەنگەن بولسىمۇ ،لىكىن تەكرارلاپ تۇرمىغان بولغاچقا ئۇنتۇپ قاپتۇ،ئۇنتۇپ قالغاننى قايتا ئەسكە ئالماق ،يىڭىدىن ئۈگۈنۈشكە قارىغاندا،كۆپ ئاسان بولسا كىرەك،بابۇرنىڭ تىزلا قۇرئان ساۋادى چىقتى،بەرنامۇ ئاكىسغا ئۇڭايلا يىتىشىۋالدى،تېخى قىسقا سۈرىلەرنى ياتلاپ نامازنىمۇ ئوقۇشقا كىرىشتى،ئەندىكى گەپ ئۇيغۇر يېزىقىغا ئوخشاشلا قانچىلىك تەكرارلاشتا ئىدى،تەكرارلىمىسا يەنە ئۇنتۇپ قالاتتى،سىرىتقى مۇھىتنىڭ،جەمىيەتنىڭ تەسىرى بەك چوڭ بۇلاتتى،ئۇلار ياشاۋاتقان جەمىيەت،گەرچە ئەركىن،دىمۇكىراتىك جەمىيەت دەپ ئاتالسىمۇ،لىكىن ئىسلامى جەمىيەت ئەمەس ئىدى،خۇتەن ،قەشقەرلەردىكىدەك يېرىم ئىسلامى جەمىيەتمۇ ئەمەس ئىدى،بۇ يەرلەردە ئىسلام جامائىتى،ئىسلامى ئەخلاق بولسىمۇ،لىكىن ئىسلامنى ئۈگۈنۈدىغان ئىسلامى مۇھىت يوق ئىدى،شۇ سەۋەپلىك بالىلار ئۈگەنگەن ئەرەپچە ھەرىپلەرنى يەنە ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى،بالىلارنى داۋاملىق تەكراارلىتىپ تۇرغاندىلا ئاندىن قايتا ئۇنتۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى...
داۋاملىق تەكرارلىتىش زادى قانداق بۇلىشى كىرەك؟داۋاملىق تەكرارلىتىپ تۇرغاندا راستىنلا نەتىجىگە ئىرىشكىلى بۇلامدۇ؟بۇنداق گەپلەرنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىلگىرى،تۈۋەندىكى بىر  ھىكايىگە قۇلاق تۇتۇپ باقايلى،
         ئىككى تەستەك ۋە سەئۇدىغا كۈچۈپ بېرىش
بۇ كونا كۆچمەن ئەھمىت ئابى توغىرىسىدىكى ھىكايە،تۈركىيەدىن كىلىپ ئامىرىكىدىكى قايسىدۇر بىر ئالىي مەكتەپنىڭ مۇھىت ئاسىراش كەسپىدە ئوقۇغان ۋە كىيىن كانادا ھۈكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسىراش تارماقلىرىدا خىزمەت قىلىپ پىنسىيەگە چىققان ئەھمىت ئابى ھازىر بىر گۆش بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خۇجايىنى ئىدى،كالىگارىيدىكى مۇسۇلمانلارنى،بۇلۇپمۇ تۈرىكلەرنى مۇسۇلمانچە-ھالال گۆش بىلەن تەمىنلەيىتتى،ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ ھىساۋات-بۇغالتىرلىق ئىشلىرىنى مەختۇمخانىمنىڭ كىيوئوغلى قىلىدىغان بولغاچ،بۇ ئۆيگە پات-پات كىلىپ تۇراتتى،بۇ ھىكايە ئەشۇ كىلىشلەرنىڭ بىرىدە سۆزلەنگەن بۇلىشى ۋە بۇ يەرگە يىڭى كەلگەنلەرنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن بۇلىشى مۇمكىن،بوۋاي بۇ ھىكايىگە ئۇبدانلا قىزىقىپ قالغان ئىدى،
ئەھمىت ئابى كانادادا يەرلىشىپ قالغاندىن كىيىن ،خۇتۇنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپتۇ.بالىلار بىر –بىرىدىن ئۇز،ساغلام ۋە زىرەك ئىكەن ،يەنى ئايدەك،كۈندەك ،يۇلتۇزدەك ئۇز.ئوغۇزخاندەك،ئالىپ ئەرتۇڭادەك،توغرۇل بەگدەك،سالجۇق بەگدەك،ئوسمانبەگدەك،پەتىھ سۇلتان مەھمەتتەك ساغلام.دەدە قورقۇتتەك،يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك،مەۋلانەدەك،كاتىپ چەلەبىيدەك زىرەك ئىكەن. بىر كۈندە بىر ئايلىقتەك،بىر ئايدا بىر يىللىقتەك،بىر يىلدا ئون ياشلىقتىكىدەك ئۆسۈشۈپ،باشلىرى ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بوي تارتىشىپتۇ،بۇ چاغدا ئۇلار نىڭ چوڭى 10-12ياشقا،كىچىكى7-8ياشقا كىرىپ قالغان ئىكەن،تىل-زۇۋانلىرى يىتىلىپ،بۇلبۇلدەك سايراشقا باشلاشقان ئىكەن،ئەمما نە زۇۋاندا؟بالىلار سۆزلەۋاتقان تىل مەخمۇت قەشقىرىنىڭ،ئەلشېىر ناۋايىنىڭ،يۇنۇس ئەمرىنىڭ،ياشار كامالنىڭ تىلى ئەمەسكەن،بۇ ھال ئەھمىت ئابىينىڭ ئىچىنى بەك ئېچىتىپتۇ،كۆڭلىنى بەك يېرىم قىپتۇ،ئەقلىنى بەك ئەپسۇسلاندۇرۇپتۇ،نىمە قىلماق كىرەك؟بۇنداق كىتىۋەرسە قانداق بولغىنى؟ئوغۇللىرىنى مىللەت ۋە دىننىڭ تارىخى دۈشمەنلىرىگە ھۆرمەت بىلەن قوش قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بەرگۈسى كەلمىگەن ئەھمىت ئابىي ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر ئائىلە جاسىېقىنى-تۈزۈمىنى ئىلان قىپتۇ:-ئۆيدە-ئائىلىدە چوقۇم تۈرىكچە سۆزلەش كىرەك،پەرەڭلەرنىڭ تىلىدا سۆزلەشكە بولمايدۇ.-بۇ جاساقنىڭ ئىجىرا تەلىۋى بەك قاتتىق –بەك چىڭ ئىكەن،قەتئىي خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىكەن،خىلاپلىق قىلغۇچى قاتتىق جازالىنىدىكەن،بۇ جاساقنى ئىجىرا قىلغۇچى-ئەھمىت ئابىينىڭ ئوغۇللىرى،ئىجىرانى نازارەت قىلغۇچى-ئەھمىت ئابىي بىلەن يىگىتلەرنىڭ ئانىسى ئىكەن،جاساق رەسمىي ئىجىرا باسقۇچىغا كىرگەندىن كىيىن ،ئوغۇللارنىڭ ئەھۋالى بەك ئېغىرلىشىپ كىتىپتۇ،ئۇلارنىڭ تەنقىتلەنمىگەن،جازالانمىغان كۈنلىرى بولماپتۇ، يۈزلىرىدىن كۆك ،ئالقانلىرىدىن قىزىل سىزىق،تاپانلىرىدىن قاپارىتقۇ يۇقالمايدىغان بۇپتۇ، ھەتتا بىر كۈنى، ئەھمىت ئابىي مۇشۇ ھىكايېنى سۆزلىگۈچىنىڭ ئالدىدىلا، ئېنگىلىزچە سۆزلەپ سالغان ئوغلىنىڭ كاچىتىغا ئىككى تەستەك ساپتۇ،مېھمان ئالدىدا ھۆرمەتسىزلىك بۇلىشىدىنمۇ قورىقماپتۇ،چۈنكى،ئەھمىت ئابىي قانۇن ئىجىرا قىلىشتا بەك رەھمىسىز ئىكەن،ۋاھالەنكى،ئۇ قانچىلىك رەھمىسىزلىك قىلمىسۇن،يەنلا جاساققا خىلاپلىق قىلىشلارنى تۇسالماپتۇ،بالىلارنىڭ ئاغىزىدىن يۇنۇس ئەمرەنىڭ غەزەللىرىنى ئاڭلىيالماپتۇ،مەۋلانەنىڭ ھۆكمەتلىرىنى تىڭلىيالماپتۇ،ئەكسىچە،بالىلار يەنىلا شىكىسپېرنىڭ ،مارىك تۇۋىننىڭ ناخشىلىرىغا توۋىلاپ يۈرۈيدىكەن،سىرىتتىلا ئەمەس،مەكتەپتىلا ئەمەس،ئۆيدىمۇ شۇ زۇۋاندا غىڭشىپ يۈرۈيدىكەن،تىللاپ- ئۇرۇپ تۇرسىمۇ ئاغىزى يەنىلا شۇ زۇۋانغا كىتىپ قالىدىكەن، ئىنىق بۇپتۇكى،بەزى ئىشلاردا ئائىلەنىڭ تىرىشچانلىغى-جەمىيەتنىڭ تەسىرىگە تەڭ كىلەلمەيدىكەن،مەكتەپنىڭ تەسىرىگە تەڭ كىلەلمەيدىكەن...ئەندى نىمە قىلماق كىرەك؟شۇ كۈنلەردە ئەھمىت ئابىي يەنە شۇنى سىزىپ قاپتۇكى؛بالىلار ئېنگىلىزلىشىشتىن ھالقىپ ناسارالىشىشقىمۇ باشلاپتۇ،ئۇلارنىڭ قولىدا قۇرئانى كېرىم ئەمەس بەلكى ئىنجىل تۇرغۇدەك،ئاخىرقى پەيغەمبەر ھەققىدە ئەمەس ئەيسا ئەلەيھىسالام ھەققىدە پاراڭلىشىپ يۈرگۈدەك،ئەڭ ئاخىرقى قېتىم نازىل بولغان ۋەھىيلەرنى ئەمەس مەنسۇخ بولغان ۋەھىيلەر نى ياتلاپ يۈرگۈدەك،ئۈزنىڭ ناسارالارنى 500يىل مۇۋەپپىقىيەتلىك توسۇپ تۇرغان بۈيۈك ئەژدادلىرىنى ئەمەس ئەكسىچە ناسارا ۋە جوھۇتلارنى ماختاپ يۈرگۈدەك...بۇ بەرھەقكى؛چىكىنىش ئىدى،بۇنداق چىكىنىشكە يول قويۇشقا بولمايىتتى، ھەممە ئىشقا يول قويۇشقا بۇلاتتىكى ،ئىماندىن ئېزىشقا يول قويۇشقا بولمايىتتى،ئەھمىت ئابىي دەرھال ئاتا يۇرتىغا قايىتماق نىيىتىگە كەپتۇ،كىچىكسە ئىش ئوڭشۇغىلى بولمايدىغان يەرگە يىتىپ قالىدىكەن،تۇمۇرىدا تۈرىك قېنى ئېقىۋاتقان ئۈچ ئوغۇل ئېنگىلىز ناسارالىرىدىن بۇلۇپ كىتىدىكەن،بۇنداق بۇلۇپ قالسا،ئۆز ۋاختىدا پەرەڭلەرنى دىر-دىر تىتىرەتكەن بۈيۈك ئاتا-بوۋىلارغا قانداقمۇ يۈز كەلگىلى بولسۇن؟ ئۇ نەرسە –كىرەكلەرنى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشىپتۇ،ياخشى نىيەتكە خۇدا مەدەتكار ئىكەن،ياخشى نىيەتلىك ئادەمنىڭ ئىشىنى خۇدا ئۈزى ئوڭشايدىكەن،شۇ ئارىدا ئەھمىت ئابىيگە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىزمەت تەكلىپى كىلىپ قاپتۇ،بۇ نىمە دىگەن ياخشى پۇرسەت –ھە،خۇدايىم بەردى دىگەن مانا شۇ،ئۇ دەرھال ئائىلىسنى باشلاپ سەئۇدىغا كۈچۈپتۇ،سەئۇدىدا بىر بارغانچە ئون يىل تۇرۇپتۇ،ئون يىلدىن كىيىن تۇپرېقى كەڭ،ئاسمىنى كەڭ، قوينى كەڭ مۇشۇ كاناداغا قايتىپ كەلگەندە،تۈرىكچىنى،ئەرەپچىنى،ئېنگىلىزچىنى راۋان سۆزلەيدىغان ،ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلغان،ئېمانلىق  ئۈچ تۈرىك يىگىت بىللە كەپتۇ،بۇلار ئەھمىت ئابىينىڭ ئەشۇ يىللىرى ياتلىشىپ كەتكىلى تاسماس قالغان ئوغۇللىرى ئىكەن...
ئەھمىت ئابىي ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى توغىرىسىدىكى ھىكايە تۈگىدى،لىكىن بۇ بالىلارغا ئانا تىلنى قانداق تەكرارلىتىش توغىرىسىدىكى ھىكايە ئەمەس،بەلكى كانادا،ئامىرىكا،ئاۋېستىرالىيەلەرگە كۈچۈپ بارغان ھەر بىر يىڭى كۆچمەن ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى دۈچ كىلىدىغان كەچمىشلەر ھەققىدىكى ھىكايە.ۋاھالەنكى؛ھەر بىر كۆچمەنگە ئەھمىت ئابىيگە كەلگەن ئامەت-سەئۇدىغا كۈچۈپ بېرىش نۈسرىتى-نىسىپ بۇلىۋەرمەيدۇ،شۇڭا ئۇلارغا قالغان يول پەقەت بىرلا:يەنى ئانا تىلنى ۋە دىنىمىزنىڭ ئەقىدە-پىرىنسىپلىرىنى توختاۋسىز تەكرارلىتىش،بۇنىڭسىز بالىلار بەربىر جەمىيەتنىڭ چوڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ كىتىۋىرىدۇ ۋە ياتلىشىشتىن ساقلىنالمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانالىرىنىڭ ياخشى تەربىيەلەش مۇھىتى دىگىنى باشقىلارغا قوش قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بىرىش مۇھىتى بۇلۇپ قالىدۇ.
  ئىييۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا داۋاملىق ۋەتەندىكى بالىلار بىلەن تىلىفۇنلىشىپ تۇرۇلدى،تېخى 20 كۈن بولماستىن سېغىنىشلار باش كۈتۈرۈشكە كىرىشكەن،تىلىفۇندىن يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىغان ئىدى،نىمە دەيمىز؟ بۇنى گەرچە بوۋاي ئاجىز تۇيغۇلارغا بىرىلگەنلىك دەپ مەڭسىتمىسىمۇ،لىكىن بۇ بەرىبىر ئىنسان كۆڭلىدىكى تەبىي مەۋجۇت ھالەت ئىدى،بۇ پەقەت قايتا كۈرۈشكەندىلا بېسىقاتتى،
  15- ئىييۇن كۈنى كالىگارىيدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوۋەتتتىكى يىغىلىشى بولدى،پات-پات كۈرۈشۈپ تۇرۇش ئمكانىيىتى يارىتىش ئۈچۈن ،ئىككى يىل بۇرۇن كالىگارىيلىق ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق بىر قەرەللىك يىغىلىشنى تەسىس قىلىشقان ۋە ھەر ئايدا بىر قېتىم جەم بۇلۇشقا قارارلاشقان ئىكەن،ئۇلار بۇنداق يىغىلىشنى fik nic )دالا تامىغى يىيىش) دەپ ئاتايدىكەن،يىغىلىش ياز كۈنلىرى باغ،تاغ،دەريا –كۆل بويلىرى قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلاردا،قىشتا ئىجارىگە ئېلىنغان زاللاردا ئۆتكۈزۈلىدىكەن،ھەر قېتىمقى يىغىلىشقا ئىككى ئائىلە ئاساسلىق مەسئۇل بۇلىدىكەن،ئۇلار يىغىلىش ئورنىنى بىكىتىش،كاۋاپ پۇشۇرۇشقا كىرەكلىك نەرسىلەرنى تەييارلاش،ئاساسى تاماقنى تەييارلاشقا مەسئۇل بۇلىدىكەن،باشقا ئائىلىلەرمۇ ئۈزى خالىغانچە تاماقلارنى پۇشۇرغاچ كىلىدىكەن،ئۇلار شۇ بىر كۈنى يىغىلىشتا ئازادە يەپ- ئىچىپ كۈڭۈللۈك ئوينايدىكەن،بىر ئاي يىغىلىپ قالغان پاراڭلارنى قىلىشىدىكەن،يىڭىلىقلارنى يەتكۈزىشىدىكەن،ئۆزلىرىنى خۇددى بوغدا كۈلى بويىدا،جەنۇبىي تاغدىكى قازاق ئاۋۇللىرىدا، ئېرەنلىكتە ۋە ئېلى دەريا بويلىرىدا، بويلۇق ۋە يار يېزىسىدىكى  كارىز بويلىرىدا،باش ئەگىمدىكى تاھىر-زۆھرە قەبرىسى يېنىدا، قىزىل مىڭ ئۆي ۋە مۇزات دەريا ساھىللىرىدا، قىرمىش ئاتام مازىرى سەيلىگاھىدا، توققۇز بۇلاقتا،سۇيۇتقۇدا،ئاغۇدىكى بۇلاق بويلىرىدا،تۈمەن ۋە قىزىل ساھىللىرىدىكى بوستانلىقلاردا، «كوھمارىم» ۋە«سەھۋالىم»دا ئويناۋاتقاندەك ھېس قىلىشىپ،ۋەتەن سېغىنىشىنى بېسىشىدىكەن،بىر كۈن ئانا تىلدا سۆزلىشىپ،دوس-يارانلىرىنى ئەسلىىشىدىكەن،ئاخىرىدا ئۇيۇشتۇرغۇچى بەرگەن ھىساۋاتقا ئاساسەن پۇل تاپشۇرۇشۇپ،نەخ مەيداندىلا قەرىزنى بالانىس قىلىۋېتىشىدىكەن،،،
بۈگۈنكى يىغىلىش شەھەرنىڭ شەرقىي-شىمالىي تەرىپىدىكىnorthe glenmore park (جەنۇبىي گىلېنمور باغچىسى)دا ئۆتكۈزۈلدى،بۇ - دەرەخلىك،چىملىق چىرايلىق باغچە ئىكەن،بوۋ(ياي)دەرياسى نىڭ ئېقىنىنى توسۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئوزۇنچاق كۆل بويىدا ئىكەن،كۆلنىڭ نېرىسى مۇشۇ يەرلەرنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان tsu tina nation دىگەن ئىندىيان قەبلىسىنىڭ يەرلىرى ئىكەن،(بۇ قەبلە ۋە باشقا ئىندىيان قەبلىلىرى ئەلبەتتە ئايرىم بىر تىيما)باغچىدا مەخسۇس دالا تامىقى ئىتىلىدىغان ئۇرۇنلار،ئولتۇرۇدىغان ئورۇندۇق ،شىرەلەر تەييارلانغان ئىكەن، دەم ئېلىش كۈنلىرى كۆپلىگەن كالىگارىيلىقلار مۇشۇنداق باغچىلارغا چېقىپ،دالا تامىقى يەپ،كۈڭۈل ئاچىدىكەن، ئېيتىشلىرىچە؛كالىگارىيدا بۇنداق باغچىلار كۆپمىش....
   بۈگۈنكى تەشكىللىگۈچى يىغىلىش خەۋىرىنى ئۇختۇرغاندا ،بالىلار مەختۇمخانىملارنىڭ ۋەتەندىن كەلگەنلىگىنى ئېيىتقان بولسا كىرەك،ئۇلار بىللە ئېلىپ كىلىشنى تاپىلاپتۇ،شۇڭا بالىلار مەختۇم خانىملارنىمۇ بىللە ئېلىپ باردى،ئۇلار قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرغان    northe glenmore parkقا سائەت 11لەردە يىتىپ باردى،بۇ چاغدا تېخى بەزىلەر كەلگەن،بەزىلەر كىلىپ بولالمىغان ئىدى،ئۇلارنىڭ ۋاخىت قارىشى كۆپ يىڭىلانغان بولسا كىرەك ،ھايالىشمايلا ھەممىسى يىغىلىپ بولدى،  20-25 ئائىلىدەك ئۇيغۇر كەلدى،چوڭ-كىچىك 100دەك ئادەم ئىدى،بۇلارنىڭ ئىچىدە خۇتەنلىكلەر ئالتە ئائىلە-ئۈمەرجان ئائىلىسى،غەيرەتجان ئائىلىسى،مەتتۇرسۇن ئاخۇن ئائىلىسى،ئابدۇللاخۇن ئائىلىسى،ئابدۇرازاق ئاخۇن ئائىلىسى،ئانارگۈل ئائىلىسى بار ئىدى،ئۇيەرگە غۇلجىلىقلاردىن نۇرىمۇھەممەت ئاخۇن ئائىلىسى،تۈيغۈنجان ئائىلىسى،دىلشات مۇئەللىم ئائىلىسى،دىلشات ھاجىم ئائىلىسى،ئىلىزات ئائىلىسى كەلگەنتى،ئۈرۈمچىلىكلەر دىن پەرھات تۇردىيۇۋ ئائىلىسى،ياشار –زولپىيەلەر ئائىلىسى،ئابدىرىشىت ئائىلىسى قاتارلىقلار كەلگەنتى،يەنە تۇرپانلىقلار،ئاقسۇلىقلار،قەشقەرلىقلەر بار ئىدى،بۈگۈنكى ساھىپخان ئېلىزات ۋە يەنە نامەلۈم بىرسى ئىدى،مەختۇمخانىمنىڭ قىزى ۋە كىيوئوغلى مەختۇمخانىملارغا كەلگەن ۋە كىلىۋاتقان كىشىلەرنى بىر-بىرلەپ تۇنۇشتۇرۇۋاتاتتى ،ئۇلارنىڭ نام-شەرىپلىرىنى،ئەسلى يۇرىتلىرىنى،كەچمىشلىرىنى تۇنۇشتۇرۇۋاتاتتى،بۇلار ئىچىدە غولجىلىق نۇرى مۇھەممەت ئاخۇن يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم ئىدى،خۇتەن يۇرۇڭقاشلىق بىر تىجارەتچى ئادەمنىڭ بۇ ئوغلى 1950-يىلدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ،كىيىن تىيەنجىندە چوڭ بولغان،70-يىللاردا قايتا تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن ئېچكىردىن يېنىپ چىقىپ،غولجىدا ماكانلاشقان ئىدى،ئورتا بوي،بۇغداي ئۆڭ،ساپ ئۇيغۇر چىراي،تۇلىمۇ ساغلام كۈرۈنىدىغان بۇ ئادەم مىنكاۋخەن ئىدى،مىنكاۋخەن دىگىنى بۇرۇنلاردىكى قىپچاق،ئارغۇن،پىرىۋوتكا،ئېرجىۋەنزى دىگەنلەرگە ئوخشىمايىتتى،نەسلى جەھەتتىن باشقا خەخلەر بىلەن قان ئارىلاشمىغان،لىكىن خەنچە مەكتەپلەردە ئوقۇغانلار ئەشۇنداق ئاتىلاتتى،مەنىسى خەنچە ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇر دىگەنلىك بۇلاتتى، ئۇلار توغىرىسىدا ئىشەنچىلىك تەتقىقات ماقالىلىرى كۈرۈلمىگەن بولسىمۇ،لىكن ئۇلارنى زۇۋانى،ئىتقادى،ئۆرپىي-ئادىتى ئۇيغۇرلىقتىن ياتلاشقان،خەنلەرگە قېتىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر دەپ گۇمان قىلىدىغانلار بار ئىدى،ئەمما نۇرى مۇھەممەت ئاخۇن ئۇنداق ئەمەس ئىدى، ئۇ ئۇزۇن يىل تەرجىمانلىق خىزمىتى ئىشلىگەچكە خەنچىنى ناھايىتى ياخشى سۆزلەپلا قالماستىن،ئاتا-ئانىسىنىڭ تىلىدىمۇ خېلى سەۋىيەلىك ئىدى،ئۇيغۇرچە ئۆرپىي-ئادەتلەرگە پىششىق ۋە شۇ بويىچە تۇرمۇش ئۆتكۈزەتتى،ئىككى ئوغلى قاتارغا قېتىلىپ،ئۆي-ئۇچاقلىق بولغان،ئۇلارمۇ مۇشۇ كالىگارىيدا ئىشلەيىتتى،ئايېلى خەرنىسا مۇ خەنچە ئوقۇغانلاردىن بۇلۇپ،بۇ يىل يازدا ۋەتەنگە تۇققان يوقلىغىلى كەتكەنتى،بۇ ئائىلە كالىگارىيدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى،باشقىلارغا يول كۆرسىتەلەيىتتى ۋە مەسلىھەت بىرەلەيىتتى،باشقىلارغا ياردەملىشىشنىمۇ خۇشاللىق دەپ بىلەتتى،ئۇلار 2004-يىلى كاناداغا كۈچۈپ كەلگەندىن كىيىن ،مونتىرىيالدا بىر مەزگىل تۇرۇدۇ ۋە كىيىن ئىش- خىزمەت تاپماق ئۇڭايراق بولغان مۇشۇ كالىگارىيغا كۈچۈپ كىلىدۇ،مۇشۇ يەردىن ئۆي سېتىۋالىدۇ،ئەندى مانا مۇشۇ يەردە ماكانلىشىپ قالغانتى،
ئەشۇ بىرەر يۈزچە ئۇيغۇرنىڭ كالىگارىيدىكى جەنۇبىي گىلەنمور باغچىسىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان يىغىلىشى ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن،تاماق تارتىلغان ،پاراڭلار قىززىپ كەتكەنتى،بالىلار چىملىقتا يۈگرۈشۈپ ئوينىشىۋاتاتتى،ياڭراتقۇدىن مۇڭلۇق ئېلى خەلىق ناخشىلىرى ياڭراپ،يىراق تارىخى دەرىتلەرنى ئەسكە سېلىۋاتاتتى،كاۋاپداندىن تارقىغان كاۋاپ پۇرىغى ئشتەيلەرگە ئوت يېقىۋاتاتتى ،بۇنداق شادىمانە دالا سەيلىسىنىڭ ھەر يىلى باش باھارداقىززىپ كىتىدىغان  نۇرۇز سەيلىلىرىدىن نەرى كەم بولسۇن؟
4-ئايدىكى قۇم سەيلىلىرىدىن،يازدىكى باغ ،تاغ ۋە دەريا بويى سەيلىلىرىدىن،كۈزدىكى كۈزلەگ سەيلىلىرىدىن نەرى كەم بولسۇن؟ئەپسۇسكى،بۇ  ئادەمنىڭ ئىسىگە ئەشۇ يىراق ئانا دىياردا قالغا ن ئەسلىمىلەرنى سېلىپ،يەنە دەرىت قوزغايىتتى،ئاھ،ئانا يۇرىت،سىنىڭ ئورنىڭنى گۈزەل گلەنمور باغچىسى باسالىسۇنمۇ؟ئاھ تارىم،بوۋ دەرياسى ساڭا ئوخشىيالىسۇنمۇ؟ ئاھ،خانتەڭرى ۋە قارا قۇرۇم،روك مۇنتايىن تاغ تىزمىلىرى ساڭا تەڭلىشەلىسۇنمۇ؟...
ئەشۇ جەنۇبىي گلەنمور باغچىسى سەيلىسىدە ،ئاق سېرىق بىر ئادەم مەختۇم خانىمنىڭ ئېرىگە يېقىنلىشىپ،سالامبەردى ۋە ئۈزىنى تۇنۇشتۇردى،
-مەنمۇ خۇتەندە توغۇلغان،ئىسمىم پەرھات،دادامنى بەلكىم سىللى تۇنۇشلىرى مۇمكىن،ئىسمى مۇتەللىپ تۇردىيۇۋ...
مەختۇم خانىمنىڭ ئېرى بىردىن ھاياجانلىنىپ كەتتى،ئۇ مەرھۇم دادىسىنىڭ ئەشۇ كونا ئاغىينىسىنى بىلمىسۇنمۇ؟ئىسىگە ئالدى، 1944-يىلى 11-ئايدا قوزغۇلۇپ،تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئىتەكلىرىنى ئازات قىلىشقا مۇيەسسەر بولغان ئەشۇ ئىنقىلاپتا ،ئاۋال بايانداي ھەربىي مەكتىۋىدە كاپىتان ئۈنىۋانلىق ئىنىستىرىكتور بولغان،1950 –يىلدىن كىيىن كېرىيە ناھىيسىگە 3-4 يىل ھاكىم بولغان  ئەشۇ مۇتەللىپ تۇردىيۇۋ ،تېخىمۇ كىينرەك خۇتەن ناھىيسىدە بىر مەزگىل پارتىيكوم مۇئاۋېن سىكىرتارى بولغان ئادەم ئىدى،بوۋاينىڭ دادىسى بىلەن خىزمەتداش ئىدى،بوۋاينىڭ ئۈزىمۇ ئەشۇ بۇغداي ئۆڭ،قاراماتاق،چىھرىدە ئازىراق چىچەك ئىزى بار  گەۋرى ئادەمنى بىر قېتىم كۆرگەنتى،ئون ياشلاردىن ھالقىغان،راسا زىرەك چاغلىرى ئەمەسمۇ،ئەشۇ پىشقەدەمنىڭ چىراي-تۇرقى ئىسىدە ئەينەن ساقلىنىپ قالغانتى،مانا ئەشۇ ئىشلاردىن 50يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ  ئۇنىڭ چىراي –تۇرقىنى تۇلۇق ئەسكە ئېلىۋاتاتتى،
مۇتەللىپ تۇردىيۇۋ بوۋاينىڭ دادىسى بىلەن خېلىلا يېقىن ئۆتكەن بولسا كىرەك،ئۇ كىشىنىڭ گىپىنى كۆپ قىلاتتى،ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئۈرۈمچى تەرەپكە يۆتكۈلۈپ،ئاۋتۇنۇم رايۇنلۇق بانكىدا بانكا باشلىغى بولغان مۇتەللىپ تۇردىيۇۋ بىلەن بوۋاينىڭ دادىسى دەسلەپكى چاغلاردا ئالاقىلىشىپ تۇرغان بولسىمۇ ،كىيىنكى سىياسى ھەركەتلەر ئۇلارنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويىدۇ،بوۋاينىڭ دادىسى مۇتەللىپ تۇردىيۇۋ توغىرىسىدا تامامەن خەۋەرسىز قالىدۇ،سۈرۈشتۈرۈش ئەپسىز بۇلىدۇ،شۇنداق قىلىپ بوۋاينىڭ دادىسى،بۇ ئاغىنىسىنىڭ گىپىنى قىلا-قىلا ئاخىرى ئۇمۇ 2002-يىلى باقى ئالەم سەپىرىگە كىتىدۇ،بوۋايغا دادىسىنىڭ ئەشۇ گەپلىرى،ئەسلىمىلىرى بەك چوڭقۇر تەسىر قىلغانمۇ ،ئىشقىلىپ،ئۇنىڭ ئىسىدىمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ،ئۈزىمۇ مۇتەللىپ تۇردىيۇۋنى پات-پات ئەسلەپ تۇرۇدۇ،ئۇنىڭ قىزىقىدىغىنى ئەشۇ ئادەمنىڭ كىيىنكى تەقدىرى ئىدى،ئۇنىڭ قىزىقىشىغا لايىق ئەشۇ ئادەم توغىرىسىدىكى تارىخى ماتىرىياللارمۇ ئۇنىڭغا پات-پات ئۇچىراپ تۇرۇدۇ، كېرىيە تارىخى ماتىرىياللىرىدا،ئىلى تارىخى ماتىرىياللىرىدا ئۇچىرايدۇ،ھەتتا ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى «دۆلەت مەنپەتى ھەممىدىن ئەلا » دىگەن خەنچە كىتاپتىمۇ ئۇچىرايدۇ،ئەندى مانا قاراڭ،ۋەتەندىن 15مىڭ كىلومىتىر يىراق بىر يەردە،ئەشۇ ئادەمنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئۇچىراپ قالغىنى نىمىسى؟ بۇ خۇددى تەقدىر بوۋاينى ئەشۇ ئادەم توغىرىسىدىكى ماتىرىياللار بىلەن ئاتايىتەن ئۇچۇراشتۇرۇۋاتقاندەك بىر تەسىرات بەرمەي قالمايىتتى،قارىغاندا ،تەقدىرنىڭ  ئاشۇ ئادەم توغىرىسىدىكى ھەممە ئىشلارنى بوۋايغا ئۇقتۇرغۇسى باردەكمۇ قىلاتتى،ئاتايىتەن سۇراپ يۈرۈش كەتمىدى،مۇتەللىپ تۇردىيۇۋنىڭ كانادادا ئۇچرىغان بۇ ئوغلى بەك پاراڭچى چىقتى،ئۇمۇ ھەممە خەنزۇۋان ئۇيغۇرلاردەك،سۆزلىرى ئارىسىغا خەنچە گەپلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىسىمۇ،لىكىن تىلى بەكلا راۋان ئىدى،مەخسەتنى ئىنىق ئۇقتۇرالايىتتى،ئۇنىڭ ئەشۇ جەنۇبىي گلەنمور باغچىسىدا كاۋاپ يەپ ئولتۇرۇپ دىگەن سۆزلىرىدىن مەلۇم بولدىكى؛ئۇنىڭ يەتتە سۇ تەرەپتىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە توغۇلغان سۈيۈملۈك ئاتىسى 1957-يىلدىكى ئوڭچى-يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى ھەركەتتىن،1961- يىلدىكى رېۋىزونىىزىمغا-چەتئەلگە باغلانغانلارغا قارشى ھەركەتتىن؛1965-يىلدىكى كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلارغا  قارشى سوتسىيالىستىك تەربىيە  ھەركىتىدىن  ساق-سالامەت ئۈتۈۋالغان بولسىمۇ،لىكىن 1966-يىلدىكى بالايى-ئاپەتلىك مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدا ئاخىرى تۇتۇلۇپ قاپتۇ،يىڭى تۆھمەت كونا ھىساپنى ئېلىشقا بانا بۇپتۇ،ئۇنى شۇنداق قىيىن –قىستاقلارغا ئېلىشىپتۇكى؛بۇنىڭغا ئىنسان بالىسى چىدىمىسا،باشقا مەخلۇقلارنىڭ چىدىشى مۇمكىن ئەمەسكەن،سابىق ئىنقىلاپچى ئەشۇ قىيىن-قىستاقلاردا ئۈلۈپ كىتىشىمۇ مۇمكىن ئىكەنۇ،لىكىن شۇ ئەسنادا باشلىنىپ قالغان تەرەپبازلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچىكى ئۇرۇشى ئۇنىڭ قۇتۇلۇپ قېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ قاپتۇ،ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىىتىتى قۇروسىغا قېچىپ چىقىۋېلىپ،تەرەپباز تەشكىلاتلارنىڭ قانىتى ئاستىغا كىرىپ پانالىنىپتۇ،ئۇ يەرلەردە ئىككى –ئۈچ يىل يۈرگەن بولسا كىرەك،بالايى-ئاپەتلىك ئىنقىلاپنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باسقاندا،ئۇنىڭغا يەنە يىڭى تۆھمەتلەرنى چاپلىشىپ چىقىشىپتۇ،بىچارە ھەپسىگە كىرىپ قاپتۇ،ھەپسىگە بىر كىرىپ قالغانچە ئون نەچچە يىل يېتىپ قاپتۇ،ساقچى نازارىتىدە ئىشلەيدىغان ئايالى ۋە بالىلىرى ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئامال قىلالماپتۇ،لىكىن ئۇلار توختاپ قالماپتۇ،1982-يىلغا كەلگەندە،شۇ ۋاخىتتىكى ئاپتۇنۇم رايۇن رەئىسى ئىسمايىل ئەھمەتكە دات ئېيتىپتۇ،بۇ كىشى ئەشۇ 1950- يىللاردا ،خۇتەندە،خوشنا ناھىيىەدە ئىشلىگەن مۇتەللىپ تۇردىيۇۋنى ياخشى تونۇيدىغان ئادەم ئىدى،تالاي قېتىم بىللە يىغىنلارغا قاتنىشىشقان ،ھەمتاماق ،ھەمخىزمەت بولۇشقانتى،شۇ تۇنۇشلۇقنىڭ يۈزىنى قىلدىمۇ،ياكى ئالەم ئازىراق سۈزۈلۈۋاتامتى،ئىسمايىل ئەھمەت مۇتەللىپ تۇردىيۇۋنى قۇيۇۋېتىش توغىرىسىدىكى ئىلتىماسنى شۇ چاغدىكى ئاپتۇنۇم رايۇن سىكىرتارى ۋاڭ فىڭ دىگەنگە تەستىقلىتىپ بىرىدۇ،شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرغان كىشى تەستىق سالغان ئىكەن،مۇتەللىپ تۇردىيۇۋنى ئەلبەتتە قويۇۋېتىشلىرى كىرەكتى،لىكىن مۇتەللىپ تۇردىيۇۋنىڭ بالا –چاقىلىرى تەستىق خەتنى كۈتۈرۈپ ساقچى نازارىتىگە بارغاندا،مۇتەللىپ تۇردىيۇۋ تۇرمىدا يوق بۇلۇپ چىقىدۇ،سۈرۈشتۈرۈشلەر،ئارخىپ ئاختۇرۇشلار باشلىنىپ كىتىدۇ،مەلۇم بولىدىكى،ھۆرمەتلىك بانكا باشلىغى بىر نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا روھى كىسەللەر دۇختۇرخانىسىغا ئاپىرىۋىتىلگەن ئىكەن،بالا-چاقىلىرى ئۇنى ئەشۇ ساراڭلار سۇلاپ قويۇلىدىغان يەردىن تاپىدۇ،تۈنجى كۈرۈشكەندە ئۇ كىشى بالا-چاقىلىرىنى،بالا-چاقىلىرى ئۇ كىشىنى تۇنۇمايدۇ،چۈنكى ئۇ كىشى ئەشۇ ئون نەچچە يىل جەريانىدا ئۇرۇقلاپ،بىر تىرە-بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان،جىن-ئەرۋاھقىلا ئوخشاپ قالغانتى،روھى،ئەقلى ۋە سىزىمىدىنلا ئەمەس بەلكى جىسمانىي شەكلىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان ئىدى،كۈزىدە غەلىتە بىر نۇر پىلدىرلاپ تۇراتتى،چېھرىدە ھېس-تۇيغۇدىن ئەسەر قالمىغانتى،ئەشۇ يەردىكى ئاق خالات كىيىۋالغان كىشىلەر « مۇتەللىپ تۇردىيۇۋ دىگەن مۇشۇ»دەپ قاراپ تۇرۇشۇدۇ،مۇتەللىپ تۇردىيۇۋنىڭ بالا-چاقىلىرى ئاخىرى ئەشۇ ئەرۋاھنى ئۆيىگە ياندۇرۇپ كىلىشىدۇ،بىر مەزگىل كۈڭۈل قۇيۇپ باققاندىن كىيىن،ئەرۋاھتا ئۆزگۈرۈشلەر كۈرۈلىدۇ،بەدىنىگە ئازىراق گۆش قۇنۇپ ئادەم سىياقى پەيدا بۇلىدۇ،بۇ كىشى راستىنلا مۇتەللىپ تۇردىيۇۋنىڭ ئۈزى ئىدى،مۇتەللىپ تۇردىيۇۋنىڭ جىسمانى شەكلى ئەسلىگە كىلىشكە باشلايدۇ،لىكىن ئۇنىڭ ئەقلى ،ھېس-تۇيغۇلىرى ئەسلىگە كەلمەيدۇ،بالا-چاقىلىرى ئۇنى يىتىلەپ، ھەر كۈنى سىرىتقا ئاچىقىپ ئايلاندۇرۇپ كىلىدۇ،سەيلى قىلدۇرۇدۇ،بۇرۇنقى تۇنۇش يەرلەرنى قايتا كۆرسىتىدۇ،ئۇلار ئۈمىت قىلىشىدىكى،پەدەر-بۇزۇرۇكنىڭ ئەقلى بىر كۈنلىرى ئەسلىگە كىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،ساقىيىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا لايىق بىمارنىڭ ھەركىتىدىمۇ ياخشى ئىلگىرلەشلەر كۈرۈلىدۇ،ئۆي ئەتىراپىدىكى كۇچىلارنى ئايلىنىپ يەنە ئۆيگە قايتىپ كەلگۈدەك بۇلۇپ قالىدۇ،تىل زۇۋانىمۇ ئەسلىگە كىلىپ،بەزى سۆزلەرنى قىلالىغۇدەك بۇلۇدۇ،ئۇ توختىماي «غولجا،غولجا،غولجا...»دەپ تەكرارلايىتتى،بالا-چاقىلىرى  ئەشۇ سۈزىدىن ئۇنىڭ ئانا يۇرىتنى سېغىنغانلىغىنى، ئۈسۈپ-چوڭ بولغان مەھەللىلەرگە تارتىشىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلىشاتتى،ئەشۇ ئانا باغرىدەك ئىسسىق ماكانلارنى بىر ئۇپ ئەتسە،كىسىلى ساقىيىپ قالىدىغانلىغىنىمۇ پەرەز قىلىشاتتى، لىكىن ئامال يوق ئىدى،ئۆيدىن 200 مىتىر يىراققا بارماقچى بولسا،ئىجازەت ئېلىش كىرەك ئىدى،ئىجازەت ئالماق ئىتنىڭ چىچمىقىدىنمۇ تەس ئىدى،بىچارە بوۋاي ئۆي ئەتىراپىدىكى كۇچىلارنى چۆرگىلەشلىرىنى،«غولجا،غولجا،غولجا...»دەپ تەكرارلاشلىرىنى داۋام ئەتتۈرۈدۇ،ئۇ ھەر كۈنى ئىككى –ئۈچ قېتىم سىرىتقا چىقىپ،ئايلىنىپ قايتىپ كىلەتتى،ئەندى بالا-چاقىلىرى بىللە ئايلاندۇرۇشقا چىقمايدىغان بولۇشقانتى،ئۇلار سەل خاتىرجەم بۇلۇپ قالغانتى،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،ئايلىنىشقا چىقىپ كەتكەن بوۋاي قايتىپ كەلمەيدۇ،ئۇنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىگىنى ھېس قىلىشقاندا،خېلى ۋاخىتلار ئۈتۈپ كەتكەنتى،ئىزدەشكە كىرىشىدۇ،1955-يىلى خۇتەندىكى ھىمىت دامۇللا ئىسىيانىغا قاتناشقانلارنى سۇراق قىلىشقا بارغان خانىم ئىزدەيدۇ،ئىككى ئوغۇل،ئىككى قىز ئىزدەيدۇ،ئۆي جايلاشقان ئاق قوۋۇقنىڭ ئەتىراپنى،دۆڭ كۆۋرۈكنىڭ  ئەتىراپىنى،شىمالى قۇۋۇقنىڭ  ئەتىراپىنى،قىزىل تاغنىڭ ئەتىراپىنى...ئىزدىشىدۇ،ئىزدىمىگەن يەر قالمايدۇ،

0

تېما

0

دوست

3452

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34908
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1078
توردىكى ۋاقتى: 305
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1
11#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 16:24:29 |ئايرىم كۆرۈش
يولۇچىلار ئايرۇپىلانى 11200 كېلومېتر ئىگىزلىكتە ئۇچالامدۇ ؟؟؟

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57211
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-29
12#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 17:01:05 |ئايرىم كۆرۈش
MIH يوللىغان ۋاقتى  2016-2-29 16:24
يولۇچىلار ئايرۇپىلانى 11200 كېلومېتر ئىگىزلىكتە ئۇچالام ...

ئۇچىدۇ، بولۇپمۇ يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا

قارىغاندا بۇنى يازغۇچى بوۋاي ئادەم ئوخشايدۇ، مىتىرنى كىلومىتىر دەپ خاتا يېزىپ قويغان ئوخشايدۇ
uyghuray

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57211
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-29
13#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 17:07:53 |ئايرىم كۆرۈش
تىما ئېگىسى بۇنىڭ داۋامى يەنە بار ئوخشىمامدۇ؟

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6221
توردىكى ۋاقتى: 1647
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1
14#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 17:18:33 |ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ قوللاشنى بېسىپ ،بۇ يازمىنى يازغان يازغۇچىغا قايىللىقىمنى ئىپادىلىدىم. مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلار ئىكەن.

0

تېما

3

دوست

219

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56229
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
15#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 19:18:31 |ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت.رۇخسەت قىلىنغان ئورۇنلارنىڭ رەسىمى بىللە يولانغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.

0

تېما

0

دوست

226

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   75.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56529
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
16#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 00:28:21 |ئايرىم كۆرۈش
بەك تەپسېلى يېزىلغان ساياھەت خاتىرىسى ئىكەن،ئىشقىلىپ شارائىت بولسا كاناداغا بىرىپ ساياھەت قىلىپ كەلسە ئەرزىگۈدەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )