- تىزىملاتقان
- 2015-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 889
- نادىر
- 0
- يازما
- 46
ئۆسۈش
  77.8%
|
azheri يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 15:12 
ئەسسالام ئەلەيكۇم
دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ياخشى ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: ئەزھەرى ئەپەندىم.
بۇ رەددىيەلىرىڭىزنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئورنىنى تاپالمىغانلىقىنى ھىس قىلمىدىڭىزمۇ؟
بىلىمخۇمار ئەپەندى مۇشۇ ماقالىنى يىزىشتىن بۇرۇن يازغان بولسڭىز بولاتتى. يىڭى تالىپ، تالىپچاق يىزىشتىن بۇرۇن يازسىڭىزمۇ بولاتتى. ھىچ بولمىسا ھەمكارنىڭ ماقالىسىدە ئىنكاس شەكلىدە يازغان بولسىڭىزمۇ بولاتتى. مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن، سىلەر دوكتۇرلاردىن بۇ ھەقتە ئىلمىي بىر رەددىيەنىڭ چىقىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلغانىدىم، شۇنداقلا بۇ ئۈمىدىمنى ئەزھەرىيلەرنىڭ ئايرىم توپىدىمۇ ئىيىتقان ئىدىم.
ئەمدىلىكتە بىلىمخۇمار ئەپەندى جىدەل سوراش ئەمەس، جىدەلنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى يىزىپ ھەر ئىككى تەرەپتىكى توغرا-خاتالىقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئىلان قىلىپ بولغاندا، بىلىمخۇمار ئەپەندىگە گۈلەننىڭ ماقالىلىرىدىكى نۇقسانلارنى ئىچىپ بىرىشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى قالمىغان بولىدۇ.
مەن راستىنى ئىيىتقاندا بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ قەلەم تەۋرىتىپ قىلىشىنى ئويلىمىغان بولساممۇ، سىلەردىن بۇرۇن بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ ياراشتۇرغۇچى بولۇپ چىقىشىنى خالىمايتىم. بەلكى سىلەرنىڭ، سىلەر ئەزھەرىيلەردىن دوكتۇرلارنىڭ ياكى ماگىستىرلارنىڭ ئىلمىي رەددىيە يىزىپ، مۇنازىرىنى چىرايلىق، دوستانە نەتىجە بىلەن يىغىشتۇرۇشۇڭلارنى خالايتىم.
ئەپسۇس، مۇنازىرە ئاللىبۇرۇن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنى شەكىللەندۈرگەن، ئارىغا بىلىمخۇمار ئەپەندى كىرىپ مويسىپىتلىق سۈپىتى بىلەن سالا قىلىۋاتقاندا يەنە كونا خاماننى سورۇشنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ، ۋاقتى ئۆتكەن بولىدۇ.
كىچىك بولساممۇ، كۆپ بىلىمسىز بولساممۇ ئالدىڭىزدا ئاقساقاللىق قىلىپ قالدىم، كەچۈرۈڭ.
بۇ تېمىدىمۇ گۈلەننىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈپ، تەگەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن ياخشى ئەمەس.
|
|