- تىزىملاتقان
- 2014-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12821
- نادىر
- 0
- يازما
- 1515
ئۆسۈش
  7.05%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sawda571 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-17 21:27
يەكەننىڭ پايتەخت بولغان تارىخى ئۇزۇن ، بۇ زىمىننىڭ نۇپۇس ئاساسى شۇ ۋاقىتلاردا تىكلەنگەن .
يەنە بىر تەرەپتىن يەكەنلىك كىشىلەر باشقا يۇرتلۇقلاردەك باشقىلارنى يەكلىمەيدۇ ، بەلكى ناھايىتى ئاسانلا قوينىغا ئالىدۇ . بىرەرسىگە ياردەم قىلماقچى بولسا ئاۋال يەكەنگە مۇساپىر ھىساپلىنىدىغان كىشىلەرنى تاللاپ شۇلارغا ياردەم قىلىدۇ .
ئىتىقادلىق ، ئەخلاقلىق ( بىراق ھازىر قانداقكى ) ھايالىق ، نىمىلا دىگەن بىلەن كونا پايتەخت ئەمەسمۇ . يەكەنلىكلەر ئىچىدە تىگى خوتەنلىكلەر بەك كۆپ . مىرزا ئابابەكرى يەكەننىڭ نۇپۇسىنى بەكلا ئازلىتىۋەتكەن . كېيىن سەئىدخان ئاساسلىقى خوتەندىن ئادەم كۆچۈرگەن .
بۇنى ھەممە ئادەم بىلسىمۇ ئۈستىدىكى « ئېرك ئوغۇل » دىگەن تورداشنىڭ قۇسۇر تېپىشىدىن ساقلانغىلى بۇلار دىگەن ئۈمۈتتە ، رىئال پاكىتتىن بىرنى كەلتۈرۈپ قۇياي .
خوتەن شىۋىسى خوتەندە قوللۇنۇلىدۇ ، خوتەندىن ئۆتۈپ قاغىلىققا بارساق ئاساسەن قەشقەر شىۋىسىدە سۆزلەيدۇ ، ئەمدى قاغىلىقتىن ئۆتۈپ يەكەنگە بارساق تىپىك خوتەن شىۋىسىدە سۆزلەيدۇ ، يەكەندىن ئۆتسەك يەنە قەشقەر شىۋىسىدە سۆزلەيدۇ . دىمەكچى ئىككى قەشقەر شىۋىسى قوللۇنىدىغان يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان يەكەنلىكلەر يىگانە ھالدا خوتەن شىۋىسىدە سۆزلەيدۇ . مانا بۇ يەكەن ئاھالىسى ئىچىدە خوتەنلىكلەرنىڭ چوڭ سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئەلۋەتتە بۇنىڭغا نەچچە يۈز يىل بولدى .
|
|