«ئۇزىدىكى كۈچ»ئۇقۇمىنى كىرگۆزۆشنىڭ نەزەريىۋى ئاساسلىرى
قاسىم سىدىق
ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى: كىلاسسىك "كۈچ"ئۇقۇمى زەررىچە ياكى جىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزئارا تەسىرنى تەسۋىرلەش ئاساسىدا تۇرغۇزۇلغان.ھازىرقى زامان فىزىكىسى كۈچ ئۇقۇمىنىڭ ئۇز ئىچىگە ئالغان دائىرىسىنىڭ چەكلىمىلىكلىگى سەۋەبىدىن بىر مۇنچە قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتى.بۇ قىيىنچىلىقلارنى كىلاسسىك كۈچ ئۇقۇمىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئارقىلىق تامامەن ھەل قىلغىلى بولاتتى.نىيوتۇننىڭ ئىنىرىتسىيە قانونىنىڭ بايانىدىكى بەزى زىدىيەت ۋە ئىنىقسىزلىقلارنى تۆزۆتۆپ ،ئۇنى مۆمكىن بولغان ،تەبىئەت دۇنياسىدا ئۇچرايدىغان ھەممە ھالەت ۋە ھەركەت شەكىللىرىنى ئۇز ئىچىگە ئالىدىغان قىىلىپ قايتا بايان قىلىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ئىدى.ھالبۇكى،ئىلىم دۇنياسى گەرچە نىيوتۇن ئىنىرىتسىيە قانونىدىكى چەكلىمىلىكلەرنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ ،ھازىرغىچە ئۇنى تولۇقلاش،قايتا بايان قىلىش قەدىمىنى باسمىدى.مۇبادا ئىنىرىتسىيە قانونىنى قايتا تولۇقلاپ بايان قىلىش تەشەببۇسلىرى دىققەتكە سازاۋەر بولمىسا ،ئۇنداقتا،بۇ قانچىكى ئورنىنى تاپمىغان تىرىشچانلىق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، "ئۇزىدىكى كۈچ"تىن ئىبارەت يېڭى ئۇقۇمنى كىرگۆزۆش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئالاقىدار قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۈم،"كۈچ"تىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا فىزىكىدا جىسىم ۋە زەررىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇز ئارا تەسىر،دەپ ئىنقلىما بېرىلىپ كەلگەن.
يۇقۇرقى ئىنىقلىما ۋە ئۇقۇمنى قانائەتلەندۆرۆش ئۈچۈن كەم بولغاندىمۇ ئىككى زەررىچە ياكى جىسىم بولىشى كىرەك.ئۇلارنىڭ ئۇز ئارا مۇناسىۋەتلىرى بىر - بىرسىگە نىسبەتەن "تاشقى كۈچ" سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ.
فىزىكىدا گەرچە "ئىچكى كۈچ"ئۇقۇمى تۇرغۇزۇلغان بولسىمۇ ،بۇ ئۇقۇم يەنىلا بىر سىستىما ئىچىدىكى تەركىپلىگۆچىلەرنىڭ ئۇزئارا تەسىرلىرىنى تەسۋىرلەش،چۈشۆنۆش مەقسىدىدە تۇرغۇزۇلغان.يەككە جىسىم ياكى زەررىچىدە"كۈچ"بار دەپ پەرەز قىلىش،ئۇنىڭ خاس ھەركىتىنى "كۈچ"نۇقتىسىدىن چۈشەندۆرۆش ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا بىر ئاق نۇقتا دىسەك خاتالاشمايمىز.نەتىجىدە،ئۇقۇم ۋە ئىدىيە چەكلىمىسى تۈپەيلى ھازىرقى زامان فىزىكىسى بىر مۇنچە قىيىنچىلىققا يولۇقتى،بۇ قىيىنچىلىقلار كەم دىگەندىمۇ:
1.«غەيرى نۇقتا» ئۇزىنى ۋە «غەيرى نۇقتا» دىكى غايەت چوڭ تارتىش كۈچى بىلەن،ئۇنىڭ«پارتىلىشى» ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلمەسلىك.
2. 29-تىئورمىچە ئېغىشنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلمەسلىك. 3.بىر پۈتۆن ئېينىشتېيىن ئالىمىنى «كۈچ»نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەسلىك.
4. 0-ئىلىمىنىتنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلمەسلىك.
"سەرگەردان يۇلتۇز"لارنىڭ ھەركىتى ۋە مەۋجۆتلىگىنى چۈشەندۆرۆپ بىرەلمەسلىك.
6.ۋە باشقىلار...
يۇقۇرقىدەك بىر يۆرۆش قىيىنچىلىقلارنى(يۇقۇرقىلاردىن باشقا قىيىنچىلىقلارمۇ بار) ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئۇقۇم _ "ئۇزىدىكى كۈچ" ئۇقۇمىنى كىرگۆزۆشنى تەشەببۇس قىلىمەن.
"ئۇزىدىكى كۈچ"نىڭ ئىنىقلىمىسى:
ئۇزىدىكى كۈچ ___ مۇئەييەن جىسىم ياكى زەررىچىدە ئىپادىلىنىۋاتقان ،ئۇزىنىڭ بىز كۇزىتىۋاتقان پەيىتتىكى ئىنىرىتسىيىلىك ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقدارلاردىن ئىبارەت.
"ئۇزىدىكى كۈچ"ئۇقۇمىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى:
"ئۇزىدىكى كۈچ"ئۇقۇمى"ئىچكى كۈچ"ئۇقۇمىنىڭ ئەكسىچە، جىسىم ياكى زەررىچىنىڭ تەركىپلىگۆچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلمايدۇ ۋە ئۇلارغا تەدبىقلانمايدۇ.بىر پۆتۆن جىسىمنىڭ تاشقى شەكلى ۋە ھەركەت شەكلى،تىزلىكى قاتارلىقلارغا تەدبىقلىنىدۇ.
"ئۇزىدىكى كۈچ"ئۇقۇمىنىڭ ئاساسلىرى
1.«كۈچنىڭ سوبىكتى»بولمىسا،«كۈچ»ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ.مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا «كۈچ»ئالدى بىلەن يەككىلىكتە ئىپادىلىنىدۇ.گەرچە«ئۈز ئاراتەسىر»كەم دىگەندىمۇ ئىككى يەككىلىكنى،ئىككى نىسبى مۇستەقىل سوبىكىتنى شەرىت قىلسىمۇ.بۇ يەردە بىز يەنە«كۈچ»ئۇقۇمى بىلەن «ئۆز ئارا تەسىر» ئۇقۇمىنىڭ پەرىق - خاسلىقلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئېلىشىمىز كېرەك.
ھەركەت بىلەن كۈچنىڭ مۇناسىۋىتى مۇئەييەنلەشتۆرۆلگەن ئەھۋال ئاستىدا بىزيەككىلىك ھەركىتىنىڭ «كۈچ»نىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئىكەنلىگىنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز.چۈنكى تەبىئەت دۇنياسىدا ھەركەت قىلمايدىغان زەررىچە ياكى جىسىم(يەككىلىك)مەۋجۈت ئەمەس. ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ئۆزىدىن يۇقۇرقىچە خۇلاسە كەلتۈرۈپ چىقارغىلى،«ئۇزىدىكى كۈچ»ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.«كۈچ»ئۇقۇمىنى ئىچكى تۆزۆلۈشكە ئىگە بولمىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە ـ «ئېن»غىچە كىڭەيتىپ تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ.بۇنداق تىرىشچانلىقتىن قولغا كېلىدىغان نەتىجە نىمە؟،جاۋاپ شۇكى،بۇ ھالدا بىز29-تىئورمىچە ئېغىش،«ئېن»، «غەيرى نۇقتا»ۋە بىر پۇتۇن فىزىكىلىق ئالەمنى «ئۇزىدىكى كۈچ»ئۇقۇمى ئارقىلىق تەسۋىرلەش،چۈشۈنۈش مەقسىدىگە يىتەلەيمىز.
ھازىر مەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياكى ئىنىرىتسىيە قانۇنىڭ بايانىنى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق «ھالەت»لەرنى ئۇزئىچىگە ئالىدىغان قىلىپ تولۇقلاش،ياكى «ئۈزىدىكى كۈچ»ئۇقۇمىنى ئېلىپ كىرىش كېرەك ئىكەن دىگەن قاراشقا كەلدىم.مىنىڭچە،ئىنىرىتسىيە قانۇنىنى قايتا بايان قىلىش ئاقىلانە تاللاش بولسىمۇ ،"ئۇزىدىكى كۈچ"ئۇقۇمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۇرۇش ھەر خىل ئېھتىماللىقلارنى نەزەردە تۇتقان يەنە بىرخىل تاللاش.
2.«كۈچ»نىڭ نۇۋەتتىكى قىسقىچە چۇشەندۈرۈلىشى:كۈچ-ماددىلار ئوتتۇرىسىدا ئومۇمىيۈزلۆك مەۋجۈت بولىدىغان ئۇز ئاراتەسىر،ئۇنىڭ ئۇنۇمى جىسىمنىڭ ھەركەت ھالىتىدە ياكى شەكلىدە ئۇزگىرىش پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت،جىسىمنىڭ ھەركەت ھالىتىدە ئۇزگىرىش پەيدا بولغان چاغدا،جىسىم تىزلىنىشكە ئىرىشىدۇ،شۇڭا كۈچنى جىسىمنى تىزلىنىشكە ئىگە قىلىدىغان ئۇز ئاراتەسىردەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ(ف.ل735-بەت)."ئۇنىڭ ئۇنۇمى جىسىمنىڭ ھەركەت ھالىتىدە ياكى شەكلىدە ئۇزگىرىش پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت"دىگەن بۇ بايان بىزنىڭ "ئۇزىدىكى كۈچ"ئۇقۇمىنى كىرگۆزىشىمىزگە يول قويۇدۇ.
3.ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە بار دەپ قارالسا،بۇنداق زەررىچىلەر بىر-بىرىگە نىسبەتەن مۇستەقىل سوبىكىت بولۇپ ھېساپلىنىشى،ئالەمدىكى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەر سانىنىڭ ئازراق ياكى كۆپرەك بولىشىنىڭ كارائىتى چاغلىق بولىشى كىرەك.كۋانىت ئۇقۇمى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە مەۋجۆت دىگەن ئىدىيەنى ئاساس قىلىدۇ.ھەقىقى مەنىدىكى زەررىچىلەر يەنە ئۇزىدىن كۈچ توشىغۇچى زەررىچە قويۇپ بەرمەيدىغانلىغى ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇز ئاراتەسىرنى پەقەت ئۇز ئارا سوقۇلۇشتىن ئىبارەت بىرلا تەسىرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.مۇشۇ بىر تەسىر مۇستەسنا قىلىنغىنىدا ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەرنىڭ ھەركىتى ۋە ھالىتى ئەسلى ئۇزىدە بار بولغان،سىتىخىيىلىك ھەركەت ۋە ھالەت دەپ قارىماي چارە يوق.بىزنىڭ بۇنداق زەررىچىلەرنىڭ ئىچكى تەركىپلىگۆچىلىرى ۋە بۇ تەركىپلىگۆچىلەرنىڭ ئۇز ئارا تەسىرى ھەققىدە تەپەكككۆر قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ.
4.نۇۋەتتىكى فىزىكابىر پۆتۆن فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ھەركىتىگە تەسىر قىلىدىغان تاشقى تەسىرلەشكۆچى ماددى رىياللىق،بۇ ئالەمگە تەسىر كۇرسىتىدىغان تاشقى كۈچ تەسەۋۋۇرىغا ئىگە ئەمەس.گەرچە ھازىر "كۇپ ئالەم"قاراشلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ ،بۇ ئالەملەرنى ماھىيەت جەھەتتىن بىرلا ئالەمگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.خۇددى بىز ھازىرغىچە گالاكتىكىلارنى بىر پۆتۆن ئالەمنىڭ تەركىپلىگۆچىسى دەپ قاراپ كەلگەنگە ئوخشاش،بۇ "كۇپ ئالەم"لەر يەنىلا بىر پۆتۆن ئالەمنىڭ تەركىپلىگۆچىسى بولۇپ قالىدۇ.
5.مۇ ئەييەن ماددى مەۋجۆتلۆك ۋە ئۇنىڭ ھالىتى يىتەرلىك كۈچ تەسىر قىلمىغىچە ئۆزگەرمەيدۇ.مانا بۇ شۇ مەۋجۆتلۆك ئۇزنىڭ مۇ ئەييەن كۈچنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.بۇ يەردىكى تەسىر قىلدۇرولغان «تاشقى كۈچ»ئۇز نۇۋىتىدە يەنە بۇ «تاشقى كۈچ»تەسىر قىلغان جىسىمنىڭ «ئۇزىدىكى كۈچ»نىڭ مىقدارىنى ئۇلچەيدىغان ئۇلچەملىك رولىنى ئوينايدۇ.
2013.9.3
پايدىلانمىلار:
0号元素
- 维基百科,自由的百科全书
力与运动的关系
قاسىم سىدىق:بەشىنجى نامزات - ئىنىرىتسىيە كۈچى
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=13721&extra=page%3D1
|