http://physics.aps.org/synopsis-for/10.1103/PhysRevLett.116.073601
يۇقۇرقى رەسىم شەكىل نەزەريىسىنىڭ دولقۇن زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى،ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ،قاتارلىق ئالاقىدار ئىدىيىلىرىگە ئىسپات بولالايدۇ.بۇ بىر تەجرىبە نەتىجىسىكەن.سىفرال ھالەت ،كىۋانىت باغلانمىسى ئوربىتا بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى ئارقىلىق چۈشەندۆرۆلۈپتۇ.بىز ئوربىتا بولۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىنىڭ سىپىن-ئوقىدا ئايلىنىش ھەركەت مىقدارى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىغىنى بىلىمىز.
يۇقۇرقى رەسىم يەنە ئۆزىدىكى كۈچ ئىدىيىسىنىڭ مىكرۇ دۇنيادىكى ئىسپاتى.چۈنكى فۇتۇن سىفرالىنىڭ مەركىزىدە ئاللىقانداقتۇر بۇنداق ھەركەتكە سەۋەپ بولىۋاتقان بىرتاشقى كۈچ مەنبەسى يوق.
يۇقۇرقىچە سىفرال ئەگرىلىكىنى ئېينىشتېيىن ماكان ئەگرىلىكى ئىدىيىسى بىلەنمۇ ئەسلا چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ،سەۋەپ ئوخشاش،بۇ سىفراللارنىڭ مەركىزىدە ماكاننى ئەگرى قىلىپ ماس قەدەمدە ئىلگىرلەۋاتقان ئۆزگىرىشچان ماسسا مەنبەسى يوق.
تېمىدا بۇ تۆت فۇتۇننى تۆت گېزەك دەپ تەسۋىرلەپتۇ.مەن ئىلگىرى بۇنداق پەرەزنى قىلغان ۋە ئىنكاس قالدۇرغان ئىدىم.گېزەك پەرىزى ئورۇنلۇق بولسا ،كىۋانىت باغلىنىشى كەلتۆرۆپ بەرگەن قىيىنچىلىقلار ئاسان ھەل بولىدۇ.
بۇنداق بايقاشلار فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە موھىم رول ئوينايدۇ.سىپىن-ئوربىتا باغلىنىشى،دولقۇن-زەررىچىلىك خاراكتىر ۋەھاكازالارنى ماكرۇ دۇنياغا كېڭەيىتكىلى بولىدۇ.بۇنداق بىرلىككە كەلتۆرۈش تاشقى كۈچ ئىدىيىسىنىڭ مۇتلەق ھۆكۆمرانلىغىنى ئاياقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.فىزىكا نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىش شەرتى ئاساسىدا بىرلىككە كېلىدۇ.ئىنىرىتسىيىلىك ھالەت ۋە كۈچ مىكرودىن ماكرۇغىچە بولغان پۈتكۈل كائىناتنىڭ ماھىيىتى.
ھەركەت شەكلى ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرى نۇقتىسىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈش _ فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ قىسقا،ئەڭ ئۈنۈملۆك يولى.تەبىئەت دۇنياسى ماكرۇ دۇنيا بىلەن مىكرۇ دۇنياغا ئايرىم-ئايرىم ھەركەت شەكلى ۋە ھەركەت سەۋەبى لايىھىلىگەن ئەمەس.بىردانە فۇتون بىلەن يەرشارىدەك ماكرۇ رىياللىقنىڭ دولقۇنسىمان ھەركىتىدە شەكىل نۇقتىسىدا پىرىنسىپال پەرىق يوق.پەقەت پارامىترلىرىدا كونكىرىت مىقدار پەرىقلىرى بار.ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىشى ھەركەت شەكلىنىڭ ساقلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ،ھەركەت شەكلىگە ئىگە بولمىغان ھەركەت مىقدارى مەۋجۈت ئەمەس.
_______________