ئۆلۈم توغرىسىدا جۆيلۈمىلەر
سىتىۋېن كېيۋ
مېنىڭ بىر سوئالىم بار : ئاراڭلاردا كىم ئۆزىنىڭ ” مەن ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىدىكەنمەن “ دېگەن بۇ ھەقىقەتنى ئۆمىرىدە تۇنجى قېتىم ھېس قىلىپ يەتكەن ۋاقتىنى ئەسلىيەلەيدۇ ؟
مەن ئەسلىيەلەيمەن . ئەينى چاغدا مەن تېخى كىچىك ئىدىم ، بوۋام ئەمدىلا ئالەمدىن ئۆتكەنىدى . ئېسىمدە قىلىشىچە ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ، مەن كارىۋاتتا ياتقىنىمچە بوۋامغا يۈز بەرگەن ئىشنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم : ئۇ ئۆلدى ، بۇ زادى نېمە دېگەن گەپ ؟ ئۇ نەگە كەتتى ؟ خۇددى رېئاللىقتا ھالاكەتلىك قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن بىرسى ئېچىلىپ ئۇنى يۇتۇپ كەتكەندەكلا قىلاتتى . ئارقىدىنلا مېنى ھەقىقەتەنمۇ چۆچۈتكەن بىر ئوي كاللامغا كەلدى : ئەگەر ئۇنىڭ ئۆلۈشى مۇمكىن بولسا ، مەنمۇ شۇنداق بولارمەنمۇ ؟ ھالاكەت ئۆڭكۈرى ئېچىلىپ مېنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمۇ ؟ ئۇ ئۆڭكۈر مېنىڭ كارىۋىتىمنىڭ ئاستىدىنلا ئېچىلىپ ، مەن ئۇخلاۋاتقاندا مېنى يۇتۇپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق !
نىھايەت ، مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە ھەممە بالىلار ئۆلۈمنى بىلىپ يېتىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ خىل بىلىش ئوخشىمىغان شەكىلدە كېلىدۇ ، ھەم ئوخشىمىغان قاتلاملار بويىچە ئاستا-ئاستا چوڭقۇرلىشىدۇ ، بىزنىڭ ئۆلۈمگە بولغان قارىشىمىز يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چوڭقۇرلاپ بارىدۇ . ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلىمىڭىزنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىنى ئاختۇرسىڭىز ، سىز بەلكىم مەن بوۋام تۈگەپ كەتكەندە ھېس قىلغان نەرسىلەرنى ئەسلىيەلىشىڭىز مۇمكىن : مەنمۇ ئۆلىدىكەنمەن ، ھالاكەت بوشلۇقى مېنى كۈتمەكتە . بىزنىڭ بالىلىق دەۋرىمىزدىكى بۇ خىل تەرەققىيات بىز ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن . خۇددى كىچىك چىغىڭىزدىكى مەلۇم بىر ۋاقىت نۇقتىسىدا سىزنىڭ ئۆزىڭىز ۋە ۋاقىت توغرىسىدىكى تۇيغۇلىرىڭىز پىشىپ يېتىلىپ سىزگە ئۆلۈمنى بىلدۈرگەنگە ئوخشاشلا ، ئىنسانىيەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مەلۇم بىر نۇقتىدا ، بەزىبىر ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ۋە ۋاقىت توغرىسىدىكى ھېس-تۇيغۇسى ۋە بىلىملىرى يېتەرلىك دەرىجىدە پىشىپ يېتىلىپ ، تۇنجى قېتىم ئۇلارغا ” مەن ئۆلۈپ كېتىدىكەنمەن “ دېگەننى بىلدۈرگەن .
بۇ خىل بىلىش بولسا بىز ئىنسانلارغا تەگكەن بىر قارغىش ، ئۆزىمىزنىڭ شۇنچىۋالا ئەقىللىقلىقىمىز ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل . بىز ئۆزىمىزگە يۈز بىرىشى مۇمكىن بولغان ئەڭ يامان ئىشنىڭ ھامان بىر كۈنى چوقۇم يۈز بىرىدىغانلىقىنى بىلگەن ھالدا ياشايمىز . بىزنىڭ بارلىق پىلانلىرىمىز ، ئۇلۇغۋار غايىلىرىمىز ، ئارزۇيىمىز ، بىزنىڭ دۇنيايىمىز ھامان بىر كۈنى ئاياغلىشىدۇ . ھەر بىرىمىز ئۆز قىيامىتىمىزنىڭ شولىسى ئاستىدا ياشىماقتىمىز . نېمىدىگە دەھشەت ، نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق !
شۇنداق قىلىپ ، بىز بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدىدۇق . مەسىلەن ، مەن بەش ياش ۋاقتىمدا ئانامدىن سورىدىم . مەن ” بىز ئۆلگەندە نېمە يۈز بىرىدۇ ؟ “ دەپ سورىغىنىمدا ، ئەينى چاغدا ئەتراپىمدىكى چوڭلار ئوڭايسىزلىنىش ئىلكىدە تىپىك ئەنگىلىيەچە چالا خىرىستىئانىزمنىڭ جاۋابنى بەردى . ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ، بوۋام ئاسماندا بىزگە قاراپ تۇرىدىكەن ، ئەگەر مەنمۇ ئۆلسەم ، ئۇنداقتا مەنمۇ ئاسمانغا چىقىدىكەنمەن . بۇ خىل چۈشەندۈرۈش ئۆلۈمنى مەۋجۇتلۇقنىڭ لېفىتىغا ئايلاندۇرغانىدى . بۇ ئاڭلىماققا تازا قاملاشمىغاندەك قىلاتتى ، چۈنكى ئەينى چاغدا مەن دائىم ئۆسمۈرلەر خەۋەر پروگراممىسىنى كۆرەتتىم ، ئۇ چاغ ئاللىقاچان ئالەمنى ئىزدىنىدىغان دەۋرگە كىرگەنىدى ، ئاسمانغا راكىتالار ئۇچۇپ تۇراتتى . بىراق ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ بىرەرسىمۇ بوۋامنى تىلغا ئالمىدى ، ئۇلار ھەم باشقا ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ گىپىنىمۇ قىلمىدى . بىراق مەن يەنىلا قورقۇنچ ئىچىدە ئىدىم ، شۇڭا مەۋجۇتلۇق لېفىتىغا ئولتۇرۇپ ئاسمانغا چىقىپ بوۋام بىلەن كۆرۈشۈش ئۇخلاۋاتقاندا ھالاكەت قاراڭغۇلۇقىغا يەم بولغاندىن ياخشىراق تۇيۇلدى . شۇنداق قىلىپ ، قانداقلا بولمىسۇن ، ھەتتا قانچىلىك بىمەنە بولمىسۇن مەن يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشەندىم .
مەن ئەينى چاغدا ، شۇنداقلا كېيىن چوڭ بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئۇ خىل تەپەككۇر جەريانى پىسخىكىدا ” تەرەپلىمىلىك “ دەپ ئاتىلىدىكەن . تەرەپلىمىلىك بولسا بىزنىڭ سىستېمىلىق ھالدا شەيئىلەرگە خاتا قارايدىغان ، خاتا چوت سوقىدىغان ، خاتا ھېسابلايدىغان ، خاتا ھۆكۈم چىقىرىدىغان ، رېئاللىقنى بۇرمىلايدىغان ، ياكى ئۆزىمىز كۆرۈشنى خالىغاننىلا كۆرىدىغان بىر خىل روھىي ھالىتىمىز ۋە ئۇسۇلىمىزنى كۆرسىتىدۇ . مەن دەسلەپتە دەپ ئۆتكەن تەرەپلمىلىك بولسا مۇنداق يۈز بىرىدۇ : مەلۇم بىر ئادەمنى ئۇنىڭ ھامان بىر ئۆلىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتكە يۈزلەندۈرسىڭىزلا ، ئۇ ئادەم مۇشۇ ھەقىقەتنى ” يالغان “ دەيدىغان ، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەڭگۈ ياشىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ھەر قانداق ھېكايىگە چىنپۈتىدۇ ، ھەتتا بۇ مەن بايا دەپ ئۆتكەن لىفىتقا ئىشىنىشتىن دېرەك بەرسىمۇ شۇنداق قىلىدۇ .
بىزنىڭ بىلىشىمىزچە ، بۇ ئەڭ چوڭقۇر تەرەپلىمىلىك بولۇپ ، بۇ خىل تەرەپلىمىلىك 400دىن ئارتۇق تەجرىبە تەتقىقاتى ئارقىلىق ئېچىپ بىرىلگەن . بۇ تەتقىقاتلار ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن ئىلىپ بىرىلغان ، بىراق تولىمۇ ئاددىي . ئۇلار مۇنداق ئىلىپ بىرىلىدۇ : تەتقىقاتچىلار ئالاقىدار جەھەتلەردە ئاساسەن ئوخشاش بولغان ئىككى گۇرۇپپا ئادەمنى تېپىپ كېلىدۇ ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر گۇرۇپپا ئادەمگە ئۇلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ ، يەنە بىر گۇرۇپپىغا بولسا ئەسكەرتىلمەيدۇ ، ئاندىن بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتى سىلىشتۇرىلىدۇ .تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىنكى ھاسىل بولغان بىر تەرەپلىمىلىكنىڭ ئۇلارنىڭ ئىش ھەرىكىتىگە قانداق چوڭ تەسىرلەرنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر قېتىملىق تەجرىبىدە ، نەتىجە ئوپمۇ-ئوخشاش : ئۆلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن كىشىلەر ئەسكەرتىلمىگەن كىشىلەرگە قارىغاندا ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ۋە مەڭگۈ ياشاشقا ئالاقىدار ھېكايىلەرگە بەكرەك ئىشىنىدۇ . تۆۋەندىكىسى بۇ تەتقىقاتنىڭ بىر مىسالى : تەتقىقاتچىلار ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتقادى توغرىسىدا تېخى بىر قارارغا كېلىپ بولالمىغان بىلگىلى بولماسلىق تەرەپدارلىرىنى يىغىپ كىلىپ ، ئۇلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەردىن ئۆلۈم توغرىسىدا ئويلىنىشنى تەلەپ قىلغان ، يەنە بىر گۇرۇپپا كىشىلەردىن بولسا يالغۇزلۇق توغرىسىدا ئويلىنىشنى تەلەپ قىلغان . تەجرىبە ئاخىرلاشقاندا ، تەتقىقاتچىلار يەنە بىر قېتىم ئۇلاردىن دىنىي ئەقىدىسى توغرىسىدا سوئال سورىغان . نەتىجىدە ، ئۆلۈم توغرىسىدا ئويلىنىشى تەلەپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ تەڭرى ۋە ئەيسا پەيغەمبەرگە بولغان ئېتقادى يالغۇزلۇق توغرىسىدا ئويلىنىشى تەلەپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە چوڭقۇر بولۇپ چىققان ( ئېتقادنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى قانداق ئۆلچىگەنلىكى بۇ يەردە نامەلۇم —— تەرجىمە قىلغۇچىدىن ) . گەرچە تەجرىبىدىن ئىلگىرى ئىككى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلگىلى بولماسلىق تەرەپدارلىرىدىن بولسىمۇ ، بىراق ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاشلانغاندا ، ئۇلار ئەيسا پەيغەمبەرگە قاراپ يۈگۈرگەن .
بۇ شۇنى كۆرسىتدۇكى ، كىشىلەرنىڭ يادىغا ئۆلۈمنى سىلىش ئۇلارنى ئەمەلىيەتتىن ھالقىغان ، تەرەپلىمىلىككە تولغان ئېتقادقا باشلايدۇ ، بۇ خىل ئېتقاد دىنىي ئېتقاد بولۇپلا قالماستىن ، يەنە بىزگە ئۆلمەسلىكنى ۋەدە قىلىدىغان باشقا نۇرغۇن شەكىلدىكى ئىشەنچ - ئېتقاد بولۇشىمۇ مۇمكىن ، مەيلى ئۇ نام-ئاتاق بولسۇن ، پەرزەنتلەر بولسۇن ۋە ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك شەكىلىدە كەلسۇن . بۇ خىل تەرەپلىمىلىك ئىنسانىيەت تارىخىنى شەكىللەندۈرگەن . 400 دىن ئارتۇق تەجرىبە تەتقىقاتى ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلگەن بۇ خىل تەرەپلىمىلىكنىڭ ئارقىسىدىكى نەزەرىيە بولسا ۋەھىمىنى بىر تەرەپ قىلىق نەزەرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ ، بۇ نەزەرىيە تولىمۇ ئاددىي بولۇپ ، مەزمۇنى مۇنداق : بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆلۈم ۋەھمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ھازىر بىز ئىشىنىۋاتقان ھېكايىلەرنى سۆزلەپ ، ئۆزىمىزدە ھازىر بار بولغان دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن . بۇ خىل ئۆلمەسلىك ھېكايىلىرىنىڭ نەچچە مىڭ خىل ئىپادىلىنىش شەكىلى بار بولۇپ ، ئۇنى ئاساسلىقى تۆت خىل تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ . بۇ ھېكايىلەر تارىختىن بۇيان چەكسىز قېتىم تەكرارلانغان ، پەقەتلا ھەر قايسى دەۋرنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئانچە مۇنچە ئۆزگىرىشلەر بولغان ، ھەر بىر نۇسخىسىدا ئەينى دەۋرنىڭ تىنىقى پۇراپ تۇرىدۇ . مەن ھازىر ئۆلمەسلىك ھېكايىلىرىنىڭ بۇ تۆت خىل ئاساسلىق تۈرىنى چۈشەندۈرىمەن ، شۇنداقلا ئۇ ھېكايىلەرنىڭ ھەر قايسى دەۋر ، ھەر قايسى كۈلتۇر ( مەدەنىيەت ) دىكى ئوخشىمىغان ئىپادىلىنىش شەكىلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن .
بىرىنچى ھېكايە ئەڭ ئاددىي . بىز ئۆلمەسلىكنى ئارزۇ قىلىمىز ، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى تىنىمىز بىلەن ھازىرقى مۇشۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشاشنى ئۈمىد قىلىمىز . بۇ ئۆلمەسلىك ھېكايىسىنىڭ ئەڭ ئاددىيسى بولۇپ ، مۇنداقلا ئاڭلىماققا بىمەنىلىكتەك تۇيۇلىدۇ ، بىراق ھەر بىر مەدەنىيەتتە ئۆلمەسلىكنىڭ كۇمىلىچى ياكى ياشلىق بۇلىقى دېگەندەك نەرسىلەرگە ئالاقىدار ئەپسانە - رىۋايەتلەر تېپىلىدۇ . قەدىمكى مىسىر مەدەنىيىتىدە مۇشۇنداق رىۋايەت بار ، قەدىمكى بابىلون ، قەدىمكى ھىندىستان قاتارلىقلاردىمۇ بار . ياۋروپا تارىخىدا بىز ئۇلارنى كىمىياگەرلەرنىڭ كىتابىدىن تاپالايمىز . بىز بۇنىڭغا ھەتتا بۈگۈنمۇ ئىشىنىمىز . ئەلۋەتتە ، بىزنىڭ بۇ تۈردىكى ھېكايىمىز ھازىر ئىلىم-پەننىڭ تىلى ئارقىلىق ئېيتىلىدۇ . 100 يىل بۇرۇن ھورمۇن بايقالغاندىن كېيىن ، كىشىلەر ھورمۇن تېخنىكىسى تۈرلۈك كىسەللىكلەرنى شۇنداقلا قىرىلىقنى داۋالىسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىشتى ، ھازىر بىز بۇ ئۈمىدنى غول ھۈجەيرە ، گىن قۇرۇلۇشى ، نامو تېخنىكىسى قاتارلىقلارغا باغلاۋاتىمىز . بىراق ” ئىلىم-پەن ئۆلۈمگە تاقابىل تۇرالايدۇ “ دېگەن بۇ قاراش ئەمەلىيەتتە ئۆلمەسلىكنىڭ سىھىرلىك كۇمۇلىچىغا ئالاقىدار ھېكايىنىڭ بىر بابى خالاس ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى باشلانغاندىن تارتىپلا بۇ ھېكايە ئېيتىلىپ كەلگەن . بىراق مەڭگۈ ئۆلمەي تۇرۇش يولىدا سىھىرلىك كۇمىلاچنى تاۋلاپ چىقىش ئۈچۈن ھەممىنى دوغا تىكىۋېتىش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەستەك قىلىدۇ ، چۈنكى تارىختىن قارىغاندا ، كۇمىلاچ قاينىتىپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر ئۆلۈپ بولدى .
شۇڭا بىز ئىككىنچى پىلانغا مۇھتاج بولدۇق . بۇ پىلان بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى ۋەدە قىلدى ، ئۇ بولسىمۇ قايتا تېرىلىش . بۇ خىل قاراش كىشىلەرنىڭ ئۆلىدىغانلىقىدەك بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىدۇ ، ئەمما ئۇنىڭ دېيىشىچە ، گەرچە مەن بىر قېتىم ئۆلۈپ بولغان بولساممۇ ، بىراق مەن يەنە گۆردىن قوپۇپ چىقىپ تېرىلەلەيمەن . باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئەيسا پەيغەمبەر قىلغاننى مەنمۇ قىلالايمەن .ئەيسا پەيغەمبەر ئۆلگەندىن كېيىن ، قەبرىسىدە ئۈچ كۈن ياتتى ، ئاندىن ئۇ تېرىلىپ قوپۇپ داۋاملىق ياشىدى . تېرىلىشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئىدىيە خىرىستىئانلارنىڭلا ئەمەس ، بەلكى يەنە مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭمۇ تەۋرەنمەس ئىتقادى . بىراق بىزنىڭ بۇ ھېكايىگە ئىشىنىشكە بولغان ئارزۇيىمىز شۇنچىلىك كۈچلۈككى ، بىز ئۇنى ئىلىم-پەن دەۋرىگە ماسلىشىدىغان قىلىپ قايتىدىن يېزىپ چىقتۇق . مەسىلەن ، ئادەم تىنىنى توڭلىتىش . بۇنىڭدا ، سىز ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى توڭلىتىپ قويالايسىز ، كەلگۈسىدە ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىلىم-پەن قاتتىق تەرەققىي قىلىپ شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ، ئۆزىڭىزنى قايتىدىن ئېرىتىپ ئەسلىڭىزگە قايتالايسىز ، يەنى ، تېرىلەلەيسىز . شۇڭا ، بەزى كىشىلەر قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ ئۇلارنى تېرىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ، بەزى كىشىلەر بولسا قۇدرەتلىك ئىلىم-پەننىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ . بىراق يەنە بەزى كىشلەرگە نىسبەتەن ، قايتا تېرىلىش دېگەن بۇ خىل ئىدىيە خۇددى جەسەتلەرنىڭ مىڭىپ يۈرگىنىگە ئوخشاپ قالىدۇ ، سىسىپ چىرىپ كەتكەن بەدەننىڭ قايتا تېرىلىدىغانلىقىغا ئادەمنىڭ تازا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ .
شۇڭا ، ئۇلار ئۈمىدىنى ئۈچىنچى تۈردىكى ھېكايىگە باغلىدى . بۇ روھنىڭ ئۆلمەسلىكىگە ئالاقىدار بىر ھېكايە بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىشىچە ، بىزنىڭ روھىمىز تىنىمىزدىن ئايرىلغان ھالدا مەڭگۈ ياشايدۇ . يەر يۈزىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ بىر روھى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ . روھنى مەۋجۇت دەيدىغان بۇ ئىدىيە نۇرغۇن دىنلاردا يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدۇ . گەرچە ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى روھنىڭ ئۆلمەسلىكىگە ئالاقىدار ھېكايە كەڭ تارقالغان بولسىمۇ ، بىراق ، بىز ئۇنى ھازىرقى زامان رەقەم دۇنياسىغا ماسلاشقان قىلىپ قايتا يېزىپ چىقتۇق . مەسىلەن ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تىنىدىن ئايرىلغان ھالدا ئۆز روھىڭىزنى ، ماھىيىتىڭىزنى كومپيۇتېرغا يوللاپ قويالايسىز ، شۇنداق قىلىپ ، ئېفىردىكى ئاۋاتار شەكلىدە ياشىيالايسىز . بىراق ، بەزىلەر يەنىلا گۇمانلىنىدۇ . ئىلىم-پەن تەمىنلىگەن بەزى ئىسپاتلاردىن قارىغاندا ، سىزنىڭ روھىڭىز ، ماھىيىتىڭىز ، يەنى سىز ” مەن “ دەپ ئاتايدىغان ئۆزىڭىز بولسا بەدىنىڭىزنىڭ مەلۇم قىسمى بىلەن ، يەنى مېڭىڭىز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ .
بۇ خىلدىكى گۇمانخورلار ئۆلمەسلىكنىڭ تۆتىنچى خىل ھېكايىسىدىن تەسەللى ئىزدەيدۇ ، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى قالدۇرغان مىراس ئارقىلىق ئېرىشىلگەن مەڭگۈلۈك ھايات .ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ دۇنياغا قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىي مىراسلىرىڭىز ، نام-ئاتىقىڭىزغا تايىنىپ تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئېلىپ مەڭگۈگە ياشىيالايسىز . مەسىلەن ، يۇنانلىق قەھرىمان ئاكېللىسقا ئوخشاش، ئۇ ترويا ئۇرۇشىدا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ، شۇنىڭلىق بىلەن مەڭگۈلۈك ئۆچمەس نامغا مۇيەسسەر بولغان . نام-ئاتاقنى قوغلىشىش ھازىرمۇ خۇددى بۇرۇنقى ھەر قايسى دەۋرلەرگە ئوخشاشلا مودا . يەنە كېلىپ ، بىزنىڭ ھازىرقى رەقەم دەۋرىمىزدە ، نام-ئاتاققا ئېرىشمەكمۇ كۆپ ئاسانلىشىپ كەتتى ، نام-ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈن سىزنىڭ باتۇر جەڭچى ياكى قەھرىمان ، پادىشاھ بولۇشىڭىز كەتمەيدۇ ، پەقەت ئېنتىرنېت تورىغا چىقالىسىڭىزلا كۇپايە . ئەمما بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ، مەسىلەن پەرزەنتلىرى ئارقىلىق داۋاملىق ياشاشنى كۆزلەيدۇ ؛ يەنە بەزىلەر بولسا دۆلەت ، قەبىلە ياكى ئائىلە قاتارلىق چوڭراق گەۋدىنىڭ بىرەر قىسمى سۈپىتىدە داۋاملىق ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ . بىراق ، يەنىلا بەزىلەر ئۆزى قالدۇرغان مىراسنىڭ ئۆلۈش-ئۆلمەسلىكىگە بىر نېمە دېيەلمەيدۇ . مەسىلەن ، ۋۇدىي ئېلىن مۇنداق دېگەنىدى : ” مەن قېرىنداشلىرىمنىڭ قەلبىدە ئەمەس ، بەلكى ئۆز ئۆيۈمدە ياشاشنى خالايمەن . “
مانا بۇ ئۆلمەسلىككە ئالاقىدار ئاساسلىق تۆت تۈرلۈك ھېكايە . مەن ئۇلارنىڭ ھەر بىر دەۋر كىشىلىرى تەرىپىدىن ئۆز دەۋرىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانداقلارچە قايتا يېزىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تېرىشتىم . ئۆلمەسلىككە ئالاقىدار بۇ ئوخشىماس ھېكايىلەرنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ، ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان شەكىلدە قايتا-قايتا تەكرار ئېيتىلىشى بىزنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق بىرىنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلاندۇرىدۇ . قايتا تېرىلىشكە بولغان ئۈمىدنى بەزى كىشىلەرنىڭ قۇدرەتلىك تەڭرىگە باغلىشى ، بەزى كىشىلەرنىڭ بولسا ئىلىم-پەنگە باغلىشىدەك بۇ ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسىتدۇكى ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئېنىق بولغان ئىسپاتلار ئۈستىگە قۇرۇلمىغان ؛ ئەكسىچە ، بۇ ھېكايىلەرگە ئىشىنىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى ، بىز ئۆزىمىزدىكى بىر تەرەپلىمىلىك تەرىپىدىن شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغان ، چۈنكى بىز ئۆلۈمدىن شۇنچىلىك قورقىمىز .
شۇڭا ، بۇ يەردىكى مەسىلە بولسا ، بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان بۇ بىردىنبىر ھاياتنى قورقۇنچ ۋە بىر تەرەپلىمىلىك ئىچىدە ياشاپ تۈگىتىشكە بەنت قىلىنغانمۇ ، ياكى بىز بۇ خىل بىر تەرەپلىمىلىكنى يىڭەلەيمىزمۇ ؟ يۇنان پەيلاسوپى ئېپىكىيۇرېس دەيدۇكى ، بىز يىڭەلەيمىز . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئۆلۈمدىن قورقۇش تەبئىي ، بىراق ئەقلىي ئەمەس . ” ئۆلۈم بىزگە نىسبەتەن ھېچنېمە ئەمەس ، چۈنكى بىز بار چاغدا ئۆلۈم يوق ، ئۆلۈم يېتىپ كەلگەندە بولسا بىز ئاللىقاچان كېتىپ قالغان بولىمىز . “ دەيدۇ ئۇ . ئۇنىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزى تالاي قېتىملاپ نەقىل كەلتۈرۈلگەن ، بىراق ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس ، چۈنكى ” كېتىپ قىلىش “ دېگەننى تەسەۋۇر قىلىش تولىمۇ قىيىن . 2000 يىلدىن كېيىن ، يەنە بىر پەيلاسوپ ، لۇدىۋىك ۋېتگىنشىتېيىن ئۇ ئىدىيەنى مۇنداق بايان قىلىدۇ : ” ئۆلۈم بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى بىر ۋەقە ئەمەس . بىز ياشاۋىتىپ ئۆلۈمنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزمەيمىز “ . ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ : ” مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، ھاياتنىڭ ئاخىرى يوق “ . شۇڭا ، مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدا ھالاكەت قاراڭغۇلۇقىغا يەم بولۇشتىن قورققانلىقىم تەبئىي ، بىراق ئۇ ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى ئەمەس ، چۈنكى ھېچقايسىمىز ھايات تۇرۇپ ھالاكەت قاراڭغۇلۇقىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزەلمەيمىز .
يۇقرىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك ئۈستىدىن غالىب كىلىش ئاسان ئەمەس ، چۈنكى ئۆلۈم ۋەھىمىسى ھەر بىرىمىزدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان . بىراق ، ۋەھىمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتكىنىمىزدە ، شۇنداقلا شۇ ۋەھىمىنىڭ بىزدىكى بىر تەرەپلىمىكنى پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن يوللىرىنى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىققىنىمىزدا ، بىز ئۇنىڭ ھاياتىمىزغا كەلتۈرگەن تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيمىز .
مېنىڭچە ، ھاياتنى بىر كىتابقا ئوخشاتقان ھالدا ياشىغان ياخشى . بىر كىتاب ئۆزىنىڭ مۇقاۋىسى ئىچىدە ، باشلىنىشى بىلەن ئاخىرى ئارىسىدا چەكلەنگەنگە ئوخشاشلا ، بىزنىڭ ھاياتىمىزمۇ تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈشنىڭ دائىرسىدە چەكلىنىدۇ . گەرچە بىر كىتاب باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىش ئارىسىدا چەكلەنسىمۇ ، بىراق ئۇ يىراق-يىراق جايلارنى ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى ، ئاجايىپ-غارايىپ سەزگۈرەشتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ ؛ گەرچە بىر كىتاب باشلىنىش بىلەن ئاياغلىشىش ئارىسىدا چەكلەنسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئىچىدىكى پېرسوناژلارغا نىسبەتەن ئۇپۇقنىڭ چىكى يوق . ھەتتا كىتاب يېپىلغان تەقدىردىمۇ ، ئۇلار پەقەت ئۆز ھېكايىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاشۇ دەقىقىلەرنىلا بىلىدۇ : كىتابتىكى پېرسوناژلار كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىگە يېتىپ بىرىشىدىن قورقمايدۇ ، لوڭ جون سىلۋېر سىزنىڭ « ئۈنچە مەرۋايىت ئارىلى » دېگەن كىتابنى ئوقۇپ تۈگېتىۋىتىشىڭىزدىن قورقمايدۇ .
بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك . ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ كىتابىنى تەسەۋۇر قىلىڭ : ئۇنىڭ مۇقاۋىسىنى ، باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشىنى ، ئۆزىڭىزنىڭ تۇغۇلۇشىڭىز ۋە ئۆلۈشىڭىزنى تەسەۋۇر قىلىڭ . سىزنىڭ بىلىدىغىنىڭىز پەقەتلا ئوتتۇرىلىقتىكى ۋاقىتلار ۋە سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى تەشكىل قىلغۇچى دەقىقىلەر . ” كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى سىرتىدا نېمە باردۇ ؟ “ دەپ قورقۇپ يۈرۈش ئەخمىقانىلىق ، مۇقاۋىنىڭ سىرتىدىكىسى مەيلى سىزنىڭ تۇغۇلۇشىڭىزدىن بۇرۇنقى ۋاقىت بولسۇن ياكى ئۆلگەندىن كېيىنكى ۋاقىت بولسۇن ؛ كىتابنىڭ قانچىلىك ئۇزۇنلۇقىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ؛ ئۇ كىتاب بىر چاتما رەسىملىك كىتابچىمۇ ياكى داستانمۇ ، بۇنىڭدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق .
بۇ يەردە ئەڭ مۇھىمى ، سىز بۇ كىتابنى ياخشى يېزىڭ .
تەرجىمە قىلغۇچى: مەمتىمىن ئوبۇل
مەنبە:
http://v.163.com/movie/2014/4/R/K/M9MPLO58F_M9MRNLDRK.html
|