- تىزىملاتقان
- 2015-12-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1118
- نادىر
- 0
- يازما
- 71
ئۆسۈش
11.8%
|
مەنمۇ بۇكىتاپنى ئۆزۋاختىدا يەنى 2005-يىللىرى كونا كىتاپپۇرۇشلاردىن سىتىۋالغان،ئەسلى باھاسى 12يۈەن ئىدى ،لىكىن مەن ئەللىك يۈەنگە سىتىۋالغان ئىدىم، بۇنداق دىسەم بەكمۇ ئەرزان كىتاپكەن دەپ ئويلاپ قالماڭلار،بۇنىڭ نەشىرى 80-يىللاردا چىققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئىدى،ھازىر 12يۈەن ئەمەس 120يۈەنگىمۇ تاپقىلى بولماس بولۇپ كەتتى،مەنمۇ بۇكىتاپنى بىر ئاغىنەمگە ئارىيەت بىرىپ تۇرغان ئىدىم،لىكىن كىم بىلسۇن خۇددى ئىشەك نىمە بىلەر كۈنجۈر-ناۋاتنىڭ قەدرىنى دىگەندەك ئۇ ئاغىنەمنىڭ دادىسى مەشكە تۇتاشتۇرىدىغانغا تۇترۇق قىلىۋىتىپتۇ،شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭغا بىرمۇ كىتاپ بىرىپ تۇرمىدىم،شۇنداق ئاچچىغىم كەلگەن،ھازىر ھىچيەردىن تاپالمىدىم،باشقا نەرسىنى بازاردىن تاپقىلى بولغان بىلەن ئۇنداق ياخشى نادىر كىتاپلارنى ئاسانلىقچە تاپقىلى بولمايدىكەن،بۇ كىتاپتا ئۇ پادىشاھنىڭ قانداق ھالەتتە ئۆلگەنلىكى،ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئەزرائىلنىڭ سۈرىتىنىڭ قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكى ،جىنىنى قانداق ئالغانلىقى،ئۆلۈشتىن بۇرۇن مەلەكۇل مەۋىتكە قانچىلىك يالۋۇرغانلىقى،ئۆلگەندىن كىيىن ئىككى يىشىل نۇردى يارلغان پەرىشتىلەر كىرىپ دۇنيادا قىلغان ئەتكەنلىرىنى بوينىغا ئىسىپ قويغانلىقى،يەنى ئۇ دۇنيادا قىلغان ئەتكەنلىرىڭنى ياز دىگەندە ،نىمە بىلەن يازىمەن دىگەنلىكى،پەرىشتىلەرنىڭ تۈكۈركىڭ دۈۋەت،بارمىقىڭ قەلەم، كىپىنىڭ قەغەز دىگەنلىكى ،ئۇنىڭ تىترەپ ئولتۇرۇپ دۇنيادا قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىنى يازغانلىقى،ئۇنىڭدىن كىيىن مۇنكىر-نىكىر پەرىشتىلەرنىڭ ‹‹ما رەببىكە،مادىنىكە،مانەبىكە››دەپ سورىغانلىقى،ئۇنىڭ بىلمەيمەن دەپ جاۋاپ بەرگەندە بىر توخماق بىلەن تىرىقتەك چىچىلىپ كەتكەنلىكى،ئۇنىڭدىن كىيىن ئەسلىگە كەلگەندە،بۇ ئاسىي بەندىنى دەۋزەخكە تاشلاڭلار دەپ غايىپتىن نىدا كەلگەنلىكى ،شۇنىڭ بىلەن گۆرىدىن بىر ئىشىك ئىچىلىپ گۆرىنى سىسىق بەتبۇي قاپلاپ كەتكەنلىكى،ئۇنىڭدىن كىيىن ئىشەكتەك-ئىشەكتەك سىرىق چايانلار چىقىپ ئۇنى چىقىشقا باشلىغانلىقى،ئۇنىڭدىن كىيىن دەۋزەختە ئوت دىڭىزىدا كۆيۈپ تىرىسى قايتا-قايتا يەڭگۈشلەنگەنلىكى،ئۇنىڭدىن كىيىن دەۋزەختىكى زەققۇم دەرىخىنىڭ مىۋىسىنى يەپ ئۈچەي باغرىلىرىنى ساڭگىلىتىپ يۈرگەنلىكى،يەتتە دەۋزەخنىڭ بايانى ۋە يەتتە دەۋزەخكە قايسى خىل ئادەملەرنىڭ چۈشكەنلىكى تەپسىلىي بايان قىلىنغان، يەنى شىئىرىي شەكىلدە يىزىلغان، بىركۇبلىتىنى يوللاپ قوياي. ئاۋۋالقى دەۋزەخنى ھاۋارىيە دەر، ئۇنىڭدا پاسىقلار جايىنى كۆردۈم . بىرىنچى ئىشىككە مىڭ يىلدا يىتەر ، ئۇنىڭدا مۇناپىقلار جايىنى كۆردۈم ، ئۇنىڭ ئاخىرى خىلى ئۇزۇن بولغاچقا ئىسىمدىن كۆتۈرلۈپ كىتىپتۇ يەنە ئەزرائىلنىڭ كەلگەن ۋاختىنى شىئىرىي شەكىلدە ئىدى بۇنىمۇ بىركۇپلىت يازاي، ئاسماندىن قاتتىق بىر ئاۋاز كەلدى، ھەيۋىتىدىن قامەتلىرىم تىترىدى، ئايا غاپىل جىنىڭنى ئالۇرمەن دىدى ، سۆز كەلمىدى زۇۋانىمغا بىر زامان، ئايا غاپىل جىنىڭنى ئالۇرمەن ، تەختى-بەختىڭنى زىرۇ-زەبەر قىلۇرمەن، مەن دىدىم ؛جنىم ئالماڭ ئەزرائىل مالىم بىرەيىن، قىرىق خەزىنەم باردۇر ئۇنى بىرەين، يەنە تاپسام يەنە ئىھسان قىلەيىن، سۆز كەلمىدى زابانىمغا بىر زابان، ماڭا سىنىڭ مىلىڭ كىرەك ئەمەستۇر، قىرىق خەزىنەڭ ماڭا كىرەك ئەمەستۇر، ماڭا سىنىڭ جىنىڭ كىرەكتۇر، سۆز كەلمىدى زابانىمغا بىر زابان، پەرىشتىلەر مىنى كىلىپ باستىلەر، قوللىرىمدىن ھالقا قىلىپ ئاستىلەر، تىللىرىمغا ئوتلۇق مۆھرىن باستىلەر، سۆز كەلمىدى زابانىمغا بىر زابان. ئەمدى ئەيسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئۇ پادىشاھقا جان تىلەپ قىلغان دۇئاسىدىن ئۈزۈندە؛ ئالەمنى ياراتقان قۇدرەتلىك رەھمان، قۇدرىتىڭدىن قىلدىڭ مىنى بىر ئىنسان. ھىممىتىڭدىن قىلغىن مىنى بىر خۇرسان، بۇ باشقا بىر زابان ئاتا ئەيلىگىن، 124مىڭ نەبى ھۆرمىتى، ئاي ۋە كۈن يۇلتۇزنىڭ يەنە ھۆرمىتى، ئاخىرى زامان پەيغەمبەرنىڭ يەنە ھۆرمىتى، بۇ باشقا بىر زابان ئاتا ئەيلىگىن، كومپىيوتىرنىڭ قۇر ئاتلاش كۇنۇپكىسى بۇزۇلۇپ قالغاچقا مۇشۇنداق چىقىپ قالدى.ئەسلىدە بىر كۇپلىت يازاي دىگەن يىزىش جەريانىدا ئىسىمگە كىلىپ قالدى، ھى ھى ھى ئىسىمدە قالغانلىرى مۇشۇنچىلىك ئىكەن،ئەگەر ئوقۇسا خىلى ئۇزۇن ھىكايەت بۇ، ھەراس بۇ كىتاپنىڭ ئىسمى ‹‹سۇلتانى جەمجىمە›› ئەمەس ،‹‹ئەمىر گۆر ئوغلى›› دىگەن كىتاپ. سۇلتانى جەمجىمەدىگەن مۇشۇ ھىكايەت شۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھىكايىلەرمۇ بار،بەلكىم بۇكىتاپنى ئوقۇغانلارمۇ خىلى باردۇ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالدىدا ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم يەنە بىر گەپ مەن بۇ ھىكايەتنى ئىچىمدىن توقۇپ چىقمىدىم ،پەقەت ئاشۇ كىتاپ بويىچە قىسقىچە مەزمۇنىنى يىزىپ قويدۇم،باشقىلارنىڭ ئوقۇپ خاتا چۈشىنىۋالماسلىقىنى قالايمىقان ئۇرۇش تالاش قىلماسلىقىنى،شۇنداقلا بۇ ھىكايەتنى بايان قىلىش جەريانىدا پىلپەتتىش يەرلىرى بولسا كەچۈرۋىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، چۈنكى بۇ كىتاپنى ئوقۇمىغىلى خىلى ئۇزۇن بولدى ئەمەسمۇ. چۈشكۈن بۇرادەرنىڭ ئۆلۈم توغرىسىدا جۆيلۈمىلەر دىگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ مەنمۇ ئازراق جۆيلۈپ قويدۇم. ھى ھى ھى . |
|