بۇنداق تارازىنى ياساش مۆمكىنمۇ؟
خالىغان تورداشلار قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا:
ئالەم سودىگىرى يەر شارىدىن 1توننا ئالما سېتىۋىلىپ،0ئېغىرلىق كۈچى موھىتى بولمىش ئالەم شەھىرىگە ئەپچىقىپ ساتماقچى بولدى.ئالەم شەھىرىنىڭ بازار باشقۇرۇش تارماقلىرى مىۋىلەرنى دانىلاپ سېتىشقا ئەسلا يول قويمايتى.ئادىل بولىشى ئۈچۈن پەقەت جىڭلاپ سېتىشقىلا يول قوياتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق تارازىلار ئالەمنىڭ ھەممە يېرىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان،ئالەم ئۆلچەم ئىدارىسى لايىھىلەپ بەرگەن ئادىل تارازا بولىشى تەلەپ قىلىناتتى.بۇ تارازىدا يەر شارىدا 1كىلوگىرام كەلگەن ئالما ئالەمنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئوخشاشلا بىر كىلوگىرام كېلىشى كىرەك ئىدى.ئېيتىڭلارچۇ،ئالەم ئۆلچەم ئىدارىسى لايىھىلەپ ياسىغان بۇ تارازا قايسى پىرىنسىپلارغا ئاساسەن ياسالغان؟ئەمەليەتتە مۇشۇنداق تارازىنى ياساش مۆمكىنمۇ؟
|