- تىزىملاتقان
- 2015-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 220
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
73.33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulnur0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-4 02:44
دوستلار ياخشىمۇسىلەر،مەندىن سىلەرگە سالام.باغداشقا ئۇزۇندىن بۇرۇن ئەزا بولغان ئىدىم.ئەمما تۈزۈك كىرىپ باقماپتىمەن.شۇ بانىدا سلەرگە تۈۋەندىكى ھېكايىلەرنى سوغا قىلىمەن.
مەزكۈر ئەسىرىم ئەلكۈيى ۋە مىسرانىمدا چىققان،مېنىڭ رۇخسىتىمسىز باشقا توربەتلەردە ۋە سالونلاردا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەسسكەرتىش:ئۈشبۇ ئەسەرنى يۈرىكى ئاجىزلار ،يۈرك كېسلى تۇتقاق كېسىلى بارلار،كىچىك بالىلار ،ئاجىزلار ياشانغانلار ،ھامىلدارلار كۈرمەڭ.قىزىقىپ كۈرۈپ قويۇپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتلەرگە مەن ياكى مۇنبەر مەسئۇل بولمايدۇ.ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلدى.
1-قىسىم دادا جەمەت بوۋامنىڭ پەرىشتىلىرى
جەۋھەر:ھەرقانداق ئادەم مەيلى ئۇ قايسى مىللەت ئىرق ،قايسى مەزھەپ ،قايسى دىندىن بولسۇن،ئادەم كۈرۈشدىن ھالقىغان يەنە غايىپ تائىپىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشنىڭ.ئۇلاردىمۇ بىزگە ئوخشاش تۇيغۇلار مەۋجۇت،ئۇلارنى ھاقارەتلەشكە كەمسىتىشكە ھەم بولمايدۇ،خۇددى سىزنى كەمسىتسە ئاچچىقىڭىز كەلگەندەك.
ئاشۇ يىللىرى مەن سەككىز ياشلاردا بار ئىدىم.باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ئاجايىپ كەپسىز چاغلىرىم ئىدى.ياغلىقنى مۇرەمگە چىگىۋىلىپ خاسىيەتلىك ئادەم كىراكنى دوراپ تامدىن تامغا سەكرەپ يۈرەتتىم .ئەلۋەتتە بۇنداق كەپسىزلىكنى پەقەت يېزىلارغا تەتىل قىلىپ چىققاندا،بوۋاملارنىڭ موماملارنىڭ ئۈيىدىلا قىلالايتتىم.ئۈز ئۈيىمىز شەھەردە ھەم تولىمۇ ھەشەمەتلىك بولغاچقا مېىنىڭ ئاقسۈڭەك مىجەز ئاپام بۇنداق كەپسىزلىكەرنى قىلىشىمغا يول قويمايتتى.مۇشۇنداق بالىلىقتا ئۇيۇننىڭ قىزىقىغا مەستخۇش بۇلۇپ يېزىغا قانمايدىغان بىر تەتىل مەزگىلى يازلىق تەتىل خوشالىقىدا يەنە يېزىغا چىقتۇق.دادام ئەلۋەتتە سودا ئىشلىرى بىلەن بۇلۇپ يېنىمىزدا ئەمەستە ،شۇڭا ئاپام بىلەن ئالدى بىلەن داداملارنىڭ ئۈيىگە چىقتۇق.بوۋام تولىمۇ خۇشخۇي قىزىققچى ئادەم ئىدى.ئۇلارنىڭ ھويلىسىدا ئۇي بىلەن باغنىڭ ئىشىكى ئارلىقىدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۈزۈم باراڭلىرى بۇلۇپ ،ئاستى تولىمۇ سالقىن،بوۋام شۇڭا ئۇ يەرگە بىر كات قىلىۋالغان.
مۇشۇ كاتتىن ئايلىنىپ ئاندىن باغقا كېرەتتۇق.ئەمما كاتنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بىر قېرى سۈگەت بار ئىدى.بۇ سۈگەتنىڭ ئايلانمىسى ئۈچ ئادەم قوچىقى چىقاتتىيۇ ئەمما يەنە باغقا كىرىش ئىستىكى قۇرقۇپ تۇرساممۇ مۇشۇ سۈگەتتتىن ئۈتۈشكە مەجبۇر قىلاتتى.
بىر كۈنى باغدىن مېۋىلەرنى تەخسىگە ئۈزۈپ ئەچىقىپ كاتتا ئولتۇرۇپ يەۋەتاتتىم.دادامنىڭ سىڭلىسىنىڭ قىزى كىېرىپ كەلدى.ئۇلار قوشنا مەھەللىددە ئولتۇرۇاتتى.
-ئاچا ،قاچان كەلدىڭلار؟
-خېلى بولدى.كەلگىلى.نېمە بولدى؟
-كەلگەن ئادەم بىزنىڭ ئۈييگە كىرىپ چىقمايسىز.كىرسىڭىز بولمامدۇ؟
-ھوي خېنىم ،بوۋام تېخى ھايات تۇرسا ،سىلەرنىڭ ئۇيگە كېيىنچە كىرىۋالارمىز.يەنە كېلىپ بۇ ئۈيدەك مېۋىلەر جىق بولمىسا سىلەرنىڭ ئۇ تاز باش بېغىڭلاردا.
-ھې ھې ،مەنمۇ شۇ مېۋىلەردىن ئازراق ئۈزۈپ چىقىپ كېتەي دېگەن.-ئۇ شۇ گەپلە؛رنى قىلىپ بولۇپلا باغقا قاراپ ماڭدى.ياتقان يېرىمدىن تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئالدىنى تۇستۇم.
-نەگە بارىسەن؟
ئۇ مېنىڭ ياۋايى قىلىقىىمدىن قۇرقۇپ قالدى بولغاي:
-باغقىچۇ؟
-مەن كەلسەم شاپتۇللارنى قويماي يەپ بوپسەن ،مەن يەيدىغان شاپتۇل يوق.يەنە نېمە ئەچىقماقچىدىڭ؟داداڭ دېگەن ھۇرۇن تاز باغنى ئاق تاشۋەتكىچە مېۋە ققپ قۇيۇشساڭ بولمامدۇ؟
-نېمە دادامنى تىللايسەن؟سەنلا يالغۇز بۇ ئينىڭ نەۋرىسىمىدىڭ؟سەن دائىم تەتىلدە مىۋە پىشىشقا ئۈلگۈرۈپ كېلىسە.بىرەر قېتىم باغقا سۇ باشلاپ باقتىڭمۇ؟داداڭ بۇ ئۈينىڭ بالسى بولسا ،ئاپاممۇ بۇ ئۈينىڭ قىزى .ئۇقۇپ قوي.
-.............
-.........
ئۇ بىر نېمە دەپ مەن بىر نېمە دەپ بىز ئۇرۇشۇپ قالدۇق.يەنە كەېلىپ ئاشۇ قېرى سۈگەتىنىڭ يېنىدىلا.سىڭلىمنىڭ گەپلىرى جاندىن ئۈتكەننى ئازدەپ ،مەن ئامرراق ،پەقەت مەن بىلەن بىللە ئويناشقىلا يارالغان بۇ قىزنىڭ مۇشۇنچىلىك گەپلىرىنى دەپ داداڭ ئاپام دەپ كېتىشلىرىنى كاللامدىن ئۈتكۈزەلمەي،مېڭەم قىززىپ كېتىپ ئۇنىڭغا ئېتىلدىم دە،شاپلاق بىلەن ئىككىنى سالدىم.ئۇ يۈزىنى تۇتقىنىچە خەپ ئاپامغا دېمىسىەم دەپ يىغلاپ تۇرۇشغا ،تۇيۇقسىز بىر نېمە گىژژىدە قىلىپ قالدى.سىڭلىم ئىككىمىز تەڭلا ئاۋاز چىقققان تەرەپكە قارىدۇق.ئاۋازسۈگەتنىڭ كەينىدىن چىققان ئىدى.بەلكىم سۈگەتكە ئولشىپ ئۇۋىلاشقان قارا قوڭغۇز دۈلەت قۇڭغۇزى دېگەندەك ھاشارەتلەر بۇلۇشى مۇمكىن ،مەن شۇنداق .ئويلاپ يەنە سىڭلىمغا تىل سالاي دېيشىمگە ،‹‹ئاغزىڭنى يۇم››دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
بۇ ئاۋاز باشقا يەردىن ئەمەس،دەل سۈگتنىڭ كەينىدىن چىقىۋاتاتتى.سىڭلىممۇ يىغىسىنى توختىتىپ كۈزلىرىنى چوڭ ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى.بۇناق چاغدا يەنە كېلىپ كۈپكۈندۈزدە كىمدۇ سۈگەتنىڭ كەينىگە ئۈتىېىۋىلىپ ئادەمگە چاقچاق قىلغان.چوڭلارنىڭ ھەممىسى قوشنا كەنتتىكى تۇققانلارنىڭ ئۈيىگە كەتكەن.مەن بولسام ئاپامنىڭ ئاغرىپ قالسىز دېيىشلىرىدىن قورقماي مىۋە يەۋالدىغان بولدۇم دەپ ئۈيدە ئۈزۈم يالغۇز تۇرسام.تۇيۇقسىز سۈگەتكە يۈزلىنىپ تۇرغان سىڭلىمنىڭ كۈزلىرى چەكچىيىشكە باشلىدى.نېمە بولدۇڭ ؟دەپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشىمگە ئۇنىڭ چوڭراق نەپەس ئالاماي ئا...ئا.....دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىىدم.مەنمۇ بۇرۇلدۇم دە،ئۇ قارىغان يەرگە قارىدىميۇ ،قارىغىنىمغا پۇشايمەن قىلىپ ۋارقىرۋەتتىم.ئاااااااااااااااااااااا....
دەرەخنىڭ غولىدا سۇ ئېقىۋاتاتتى.سۇ دەرخننىڭ شاخلىرىدىن دەرەخنىڭ غولىغا قاراپ بىر قېىتمدا ئېقىپ كېىتۋاتاتتى.ئەمما يەرگە چۈشسىمۇ پەقەت يەر ھۈل بولمىغان ئىدى.ئاااااااااااجىن ......سىڭلىم ئىككىمىز قاتتىق ۋارقىرىشىپ ئۈيگە يۈگۈردۇق.ئىچكىرىكى ئۈي سەل غۇۋاراق ئىدى.سىڭلىم ئىككىمىز ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ ئۇرۇندۇقنى قۇيۇپ ،بىر بىرىمىزگە ئېسىلدۇق.ھۈۈۈۈھۈھ.....قاتتىق ۋارقىرىشىپ يىغلاپ مەھكەم ئېسلىپ تۇردۇق.تاكى سىرتتىن بوۋا م .ئاپام،تاغاملار كىرگىچە ..............چوڭلار كىرەەندىن كېيىن بىر بىرىمىزنى قۇچاقلىشىپ ئېسلىشىپ يىغلىشۋاتقان ئىككىمىزنى يەردىن ھوشىمىزدىن كەتكەن يەردىن كۈتۈرۈپ كارۋاتقا ياتقۇزۇپ ،ئىپتۇ.....خېلىدىن كېيىن ئاندىن كۈزىمىزنى ئېچىپتىمىز......
بۇ مېننىڭ ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم غەيرى ئەھۋالغا يۇلۇقۇشۇم.
|
|